3
لېكىن مەن، ئى قېرىنداشلار، روھقا تەۋە كىشىلەرگە سۆز قىلغاندەك سىلەرگە سۆز قىلالماي كېلىۋاتىمەن؛ ئەكسىچە سىلەرنى ئەتكە تەۋە كىشىلەر، مەسىھدە بولغان بوۋاق ھېسابلاپ سىلەرگە سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم. «ئەتكە تەۋە كىشىلەر» ــ (ياكى «ئەتلىك كىشىلەر») توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»غا بەرگەن «كىرىش سۆز»دىكى «ئەت» توغرۇلۇق سۆزىمىزنى كۆرۈڭ. «ئەتلىك كىشى» ئاساسەن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغىنى بىلەن تېخى ئۆز گۇناھلىرىنىڭ كۈچىدىن ئازاد بولمىغان كىشىدۇر. مەن سىلەرگە سۈت ئىچكۈزدۈم، گۆشنى يېگۈزمىدىم؛ چۈنكى سىلەر گۆشنى ھەزىم قىلالمايتتىڭلار، شۇنداقلا ھازىرمۇ تېخى ھەزىم قىلالمايسىلەر؛ ئىبر. 5‏:12؛ 1پېت. 2‏:2. چۈنكى سىلەر يەنىلا ئەتكە تەۋەدۇرسىلەر. ئاراڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە تالاش-تارتىشلار بار بولغاچقا، سىلەر ئەتكە تەۋە ئەمەسمۇ، ئىنسانلارچە مېڭىۋاتمامسىلەر؟ «سىلەر ئەتكە تەۋە ئەمەسمۇ، ئىنسانلارچە مېڭىۋاتمامسىلەر؟» ــ «ئىنسانلارچە» خۇدانىڭ يولىدا ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭ يولىدا.   1كور. 1‏:11؛ گال. 5‏:19؛ ياق. 3‏:16. چۈنكى بىرسى «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، باشقا بىرسى «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى» دېسە، سىلەر پەقەت ئىنسانلارنىڭ يولىدا ماڭغان بولۇپ قالمامسىلەر؟ «پەقەت ئىنسانلارنىڭ يولىدا ماڭغان بولۇپ قالمامسىلەر؟» ــ دېمەك، خۇدانى تونۇمىغان، روھتىن تۇغۇلمىغان، تېخىچە ئادەمئاتىمىزنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان، ئادەتتىكى گۇناھكار ئىنسانلارغا ئوخشاش.   1كور. 1‏:12.
ئاپوللوس دېگەن كىم؟ پاۋلۇس كىم ئىدى؟ بىز پەقەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارغا ۋاسىتىچى بولدۇق، خالاس؛ ھەربىرىمىز پەقەت رەب بىزگە تەقسىم قىلغىنى بويىچە ۋەزىپە ئادا قىلىدىغان خىزمەتكارلار، خالاس، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ روس. 18‏:24؛ 1كور. 1‏:12؛ 16‏:12. مەن تىكتىم، ئاپوللوس سۇغاردى؛ ئەمما ئۆستۈرگۈچى بولسا خۇدادۇر. «... ئاپوللوس سۇغاردى» ــ كورىنت شەھىرىدىكى جامائەت پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغانىدى؛ كېيىن ئاپوللوس كورىنت شەھىرىگە بېرىپ ئىشەنگۈچىلەرنى تەۋرات-زەبۇر توغرىسىدىكى بىلىملىرى ئارقىلىق زور دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرگەنىدى («روس.» 18-باب).   روس. 18‏:26؛ 19‏:1. شۇڭا تىككۈچى ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، سۇغارغۇچىمۇ ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، پەقەت ئۆستۈرگۈچى خۇدا ئۆزى ھەممىدۇر. ئەمما تىككۈچى ۋە ئوسا قىلغۇچى بولسا بىر مەقسەتتىدۇر؛ شۇنداقتىمۇ ھەربىرى ئۆز ئەجرى بويىچە ئىنئامىنى قوبۇل قىلىدۇ. «بىر مەقسەتتىدۇر» ــ گرېك تىلىدا «بىردۇر».   زەب. 62‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:12؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ ۋەھ. 2‏:23؛ 22‏:12. چۈنكى بىز خۇداغا تەۋە مېھنەتداشتۇرمىز؛ سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ باغ-ئېتىزى، خۇدانىڭ قۇرۇلۇشىسىلەر. «بىز خۇداغا تەۋە مېھنەتداشتۇرمىز» ــ باشقا بىرخىل چۈشەندۈرۈلۈشى: «بىز خۇدا بىلەن مېھنەتداشتۇرمىز» («2كور.» 20:5، 1:6نىمۇ كۆرۈڭ).   2كور. 6‏:1؛ ئ‍ەف. 2‏:20؛ كول. 2‏:7؛ 1پېت. 2‏:5.
10 خۇدانىڭ ماڭا تەقسىم قىلغان مېھىر-شەپقىتى بويىچە، خۇددى ئۇستا مېماردەك ئۇل سالدىم، ئاندىن باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ھەربىر قۇرغۇچى قانداق قۇرۇۋاتقانلىقىغا ئېھتىيات قىلسۇن.
11 چۈنكى سېلىنغان ئۇلنى، يەنى ئەيسا مەسىھدىن باشقا ھېچقانداق ئۇلنى سېلىشقا بولمايدۇ. يەش. 28‏:16؛ مات. 16‏:18. 12 ئەمدى بىرسى بۇ ئۇل ئۈستىگە ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەتلىك تاشلار، ياغاچ، چۆپلەر، سامان سالسا، «بىرسى بۇ ئۇل ئۈستىگە... قىممەتلىك تاشلار .. سالسا» ــ «قىممەتلىك تاشلار» دېگەن ئوخشىتىشنىڭ مۇشۇ يەردە ئومۇمىي كۆرسەتكىنى بەلكىم ياقۇت-گۆھەرلەرنى ئەمەس، بەلكى ئويۇلغان، بىنانى پۇختا قىلىدىغان قاتتىق چىداملىق تاشلارنى كۆرسەتسە كېرەك. پاۋلۇس بۇنىڭ كۆچمە مەنىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئويلىنىشىغا قالدۇرىدۇ! 13 ھەربىرىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قانداقلىقى كۆرۈنىدۇ؛ چۈنكى شۇ كۈنى ئۇنى ئاشكارە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ماھىيىتى ئوتتا كۆرۈلىدۇ؛ ئوت ھەربىر كىشىنىڭ ئەجرىنى، قانداق ماھىيەتتىن بولغانلىقىنى سىنايدۇ. «شۇ كۈنى ئۇنى ئاشكارە قىلىدۇ» ــ «شۇ كۈنى» مەسىھ ئەيسا زېمىنغا قايتىدىغان كۈنىدۇر.   يەش. 8‏:20؛ 48‏:10؛ يەر. 23‏:29؛ 1پېت. 1‏:7؛ 4‏:12. 14 بىرسىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قۇرغان ئىشى پۇختا ساقلىنىپ قالسا، ئۇ ئىنئامغا ئېرىشىدۇ؛ «بىرسىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قۇرغان ئىشى پۇختا ساقلىنىپ قالسا...» ــ دېمەك، «بىر كىشىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قويغان ماتېرىياللىرى ئوتقا بەرداشلىق بېرەلىسە،...». 15 بىرسىنىڭ قۇرغىنى كۆيۈپ كەتسە، ئۇ زىيان تارتىدۇ؛ ئۇ ئۆزى قۇتۇلىدۇ، ئەمما گويا ئوتتىن ئۆتۈپ قۇتۇلغان بىرسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. 16 ئەجەبا، ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ 1كور. 6‏:19؛ 2كور. 6‏:16؛ ئىبر. 3‏:6؛ 1پېت. 2‏:5. 17 بىرسى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى خاراب قىلسا، خۇدا ئۇنى خاراب قىلىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى پاك-مۇقەددەستۇر، سىلەر دەل شۇنداقسىلەر.
18 ھېچكىم ئۆز-ئۆزىنى ئالدىمىسۇن؛ بىرسى ئۆزىنى بۇ دەۋردە دانا دەپ سانىسا، نادان بولۇپ قالسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ دانا بولىدۇ. «بىرسى ئۆزىنى بۇ دەۋردە دانا دەپ سانىسا، نادان بولۇپ قالسۇن» ــ مەسىھنىڭ «مات.» 1:18-4دە ۋە «ماركا» 13:10-16دە ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆرۈڭ.   پەند. 3‏:7؛ يەش. 5‏:21. 19‏-20 چۈنكى بۇ دۇنيادىكى دانالىق خۇداغا نىسبەتەن ئەخمەقلىقتۇر؛ چۈنكى: ــ «ئۇ دانىشمەنلەرنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىنىڭ تۇزىقىغا ئالىدۇ»، دەپ ۋە يەنە: «رەب دانىشمەنلەرنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ» دەپ پۈتۈكلۈكتۇر. «ئۇ دانىشمەنلەرنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىنىڭ تۇزىقىغا ئالىدۇ» ــ «ئايۇپ» 13:5. «رەب دانىشمەنلەرنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ» ــ «زەب.» 11:94.   ئايۇپ 5‏:13؛ زەب. 94‏:11.
21 شۇڭا ھېچكىم ئىنسان دېگەنلەرنى پەخىرلىنىپ داڭلىمىسۇن؛ چۈنكى ھەممە مەۋجۇداتلار سىلەرگە تەۋەدۇر؛ 22 پاۋلۇس بولسۇن، ئاپوللوس بولسۇن، كېفاس بولسۇن، دۇنيا-جاھان بولسۇن، ھايات بولسۇن، ئۆلۈم بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار بولسۇن، كەلگۈسى ئىشلار بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە مەنسۇپتۇر؛ 23 سىلەر بولساڭلار مەسىھنىڭ، مەسىھ بولسا خۇدانىڭكىدۇر.
 
 

3:1 «ئەتكە تەۋە كىشىلەر» ــ (ياكى «ئەتلىك كىشىلەر») توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»غا بەرگەن «كىرىش سۆز»دىكى «ئەت» توغرۇلۇق سۆزىمىزنى كۆرۈڭ. «ئەتلىك كىشى» ئاساسەن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغىنى بىلەن تېخى ئۆز گۇناھلىرىنىڭ كۈچىدىن ئازاد بولمىغان كىشىدۇر.

3:2 ئىبر. 5‏:12؛ 1پېت. 2‏:2.

3:3 «سىلەر ئەتكە تەۋە ئەمەسمۇ، ئىنسانلارچە مېڭىۋاتمامسىلەر؟» ــ «ئىنسانلارچە» خۇدانىڭ يولىدا ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭ يولىدا.

3:3 1كور. 1‏:11؛ گال. 5‏:19؛ ياق. 3‏:16.

3:4 «پەقەت ئىنسانلارنىڭ يولىدا ماڭغان بولۇپ قالمامسىلەر؟» ــ دېمەك، خۇدانى تونۇمىغان، روھتىن تۇغۇلمىغان، تېخىچە ئادەمئاتىمىزنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان، ئادەتتىكى گۇناھكار ئىنسانلارغا ئوخشاش.

3:4 1كور. 1‏:12.

3:5 روس. 18‏:24؛ 1كور. 1‏:12؛ 16‏:12.

3:6 «... ئاپوللوس سۇغاردى» ــ كورىنت شەھىرىدىكى جامائەت پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغانىدى؛ كېيىن ئاپوللوس كورىنت شەھىرىگە بېرىپ ئىشەنگۈچىلەرنى تەۋرات-زەبۇر توغرىسىدىكى بىلىملىرى ئارقىلىق زور دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرگەنىدى («روس.» 18-باب).

3:6 روس. 18‏:26؛ 19‏:1.

3:8 «بىر مەقسەتتىدۇر» ــ گرېك تىلىدا «بىردۇر».

3:8 زەب. 62‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:12؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ ۋەھ. 2‏:23؛ 22‏:12.

3:9 «بىز خۇداغا تەۋە مېھنەتداشتۇرمىز» ــ باشقا بىرخىل چۈشەندۈرۈلۈشى: «بىز خۇدا بىلەن مېھنەتداشتۇرمىز» («2كور.» 20:5، 1:6نىمۇ كۆرۈڭ).

3:9 2كور. 6‏:1؛ ئ‍ەف. 2‏:20؛ كول. 2‏:7؛ 1پېت. 2‏:5.

3:11 يەش. 28‏:16؛ مات. 16‏:18.

3:12 «بىرسى بۇ ئۇل ئۈستىگە... قىممەتلىك تاشلار .. سالسا» ــ «قىممەتلىك تاشلار» دېگەن ئوخشىتىشنىڭ مۇشۇ يەردە ئومۇمىي كۆرسەتكىنى بەلكىم ياقۇت-گۆھەرلەرنى ئەمەس، بەلكى ئويۇلغان، بىنانى پۇختا قىلىدىغان قاتتىق چىداملىق تاشلارنى كۆرسەتسە كېرەك. پاۋلۇس بۇنىڭ كۆچمە مەنىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئويلىنىشىغا قالدۇرىدۇ!

3:13 «شۇ كۈنى ئۇنى ئاشكارە قىلىدۇ» ــ «شۇ كۈنى» مەسىھ ئەيسا زېمىنغا قايتىدىغان كۈنىدۇر.

3:13 يەش. 8‏:20؛ 48‏:10؛ يەر. 23‏:29؛ 1پېت. 1‏:7؛ 4‏:12.

3:14 «بىرسىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قۇرغان ئىشى پۇختا ساقلىنىپ قالسا...» ــ دېمەك، «بىر كىشىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قويغان ماتېرىياللىرى ئوتقا بەرداشلىق بېرەلىسە،...».

3:16 1كور. 6‏:19؛ 2كور. 6‏:16؛ ئىبر. 3‏:6؛ 1پېت. 2‏:5.

3:18 «بىرسى ئۆزىنى بۇ دەۋردە دانا دەپ سانىسا، نادان بولۇپ قالسۇن» ــ مەسىھنىڭ «مات.» 1:18-4دە ۋە «ماركا» 13:10-16دە ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆرۈڭ.

3:18 پەند. 3‏:7؛ يەش. 5‏:21.

3:19‏-20 «ئۇ دانىشمەنلەرنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىنىڭ تۇزىقىغا ئالىدۇ» ــ «ئايۇپ» 13:5. «رەب دانىشمەنلەرنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ» ــ «زەب.» 11:94.

3:19‏-20 ئايۇپ 5‏:13؛ زەب. 94‏:11.