□6:1 «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆزئارا ئارازلىق ئىش بولسا، ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماي، ھەققانىيسىزلارنىڭ ئالدىدا دەۋالىشىشقا پېتىنالامسىلەر؟» ــ «پېتىنالامسىلەر؟» ــ خۇدانىڭ بۇ ئىشلارغا قاراتقان غەزىپىگە يۈزلىنىشكە پېتىنالامسىلەر؟، دېمەك.
■6:2 مات. 19:28؛ لۇقا 22:30.
□6:3 «مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ دۇنيا ئۈستىدىن سوراق قىلىشى ... (2-ئايەت) ... پەرىشتىلەر ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم چىقىرىشى» ــ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
□6:4 «جامائەت ئارىسىدا تۆۋەن دەپ قارالغانلارنى ئۇنى ھەل قىلىشقا سالمامسىلەر؟» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنى ھەل قىلىشقا جامائەتتە ھېچ ئورنى يوقلارنى سالامسىلەر؟». لېكىن 5-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.
■6:7 پەند. 20:22؛ مات. 5:39؛ رىم. 12:17؛ 1تېس. 5:15؛ 1پېت. 3:9.
■6:9 گال. 5:19؛ ئەف. 5:5؛ ۋەھ. 22:15.
■6:11 ئەف. 2:2؛ كول. 3:7؛ تىت. 3:3؛ ئىبر. 10:22.
□6:12 «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر» ــ بۇ سۆز-ئىبارە بەلكىم كورىنتلىقلار ئۈچۈن ئىنجىلدىكى يېمەك-ئىچمەكلەر توغرۇلۇق بولغان تەلىملەرنىڭ بىر قىسقارتىلمىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقىقەتكە يېقىن بولغىنى بىلەن، پاۋلۇس ھازىر ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەكلەر توغرۇلۇق باشقا تەرەپلەردىنمۇ ئويلاش كېرەك، دەپ تەلىم بەرمەكچى.
■6:12 1كور. 10:23.
□6:13 «يېمەكلىكلەر ئاشقازان ئۈچۈن، ئاشقازان بولسا يېمەكلىكلەر ئۈچۈندۇر» ــ باشقىچە ئېيتقاندا: «يېمەكلىكلەر قورساقنى تويدۇرۇش ئۈچۈن، قورساق بولسا يېمەكلىكلەرنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن». كورىنتلىقلاردىن بەزىلىرى بۇ گەپنى باشقا ئىشلارغا تەتبىقلاپ، «تېنىمىزنىڭ ھەرقانداق ئېھتىياجلىرى ياكى ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى خالىغانچە قاندۇرۇۋەرسەك بولىدۇ» دەپ ئويلايتتى. لېكىن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا كەلسەك بۇ توغرا ئەمەس، ئەلۋەتتە. «رەب تەن ئۈچۈندۇر» ــ ئادەمنى ھەيران قىلارلىق بۇ بايان توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■6:14 رىم. 8:11؛ 2كور. 4:14.
□6:16 «ئەر-ئايال ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» ــ بۇ خۇدانىڭ ئادەمئاتىمىز ۋە ھاۋائانىمىز توغرۇلۇق بولغان سۆزى («يار.» 24:2)؛ بۇ سۆز ھەربىر ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
■6:16 يار. 2:24؛ مات. 19:5؛ مار. 10:8؛ ئەف. 5:31.
■6:17 ئەز. 36:26-28؛ 1كور. 12:13؛ يار. 2:24
□6:18 «ئىنسانلارنىڭ ھەربىر سادىر قىلغان گۇناھى ئۆز تېنىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ!» ــ بەزى ئالىملار، بۇ سۆزلەرنى پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنىڭكى، دەپ قارايدۇ؛ ئەمما باشقا گۇناھلىرىمىز (مەسىلەن، نەپسانىيەتچىلىك، ھاراقكەشلىك)مۇ تېنىمىزگە يامان تەسىر يەتكۈزمەمدۇ؟ يەتكۈزىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا بىزنىڭچە بۇ سۆزلەرنى كورىنتلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭكى خاتا كۆزقارىشى دەپ ئويلايمىز؛ ئۇلار بۇ سۆزنى بۇزۇقلۇق (ۋە باشقا «جىسمانىي» گۇناھلارنى) قىلىشقا باھانە قىلاتتى. پاۋلۇس ئۇنى ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ خاتا كۆزقاراشلىرىنى توغرىلىماقچى بولۇۋاتاتتى.
□6:19 «خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان» ــ بىزنىڭچە «سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان» دېگەنلىك «مۇقەددەس روھ»نى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقمۇ مۇمكىنچىلىك باركى، ئۇ بۇ ئايەتتىكى «سىلەرنىڭ تېنىڭلار» ياكى «ئىبادەتخانا»نى كۆرسىتىدۇ.
■6:19 1كور. 3:16؛ 2كور. 6:16؛ ئەف. 2:21؛ ئىبر. 3:6؛ 1پېت. 2:5.
■6:20 1كور. 7:23؛ گال. 3:13؛ ئىبر. 9:12؛ 1پېت. 1:18.