قانداقلا بولمىسۇن، مەلۇم جامائەتتىكى ئىشەنگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كورىنت جامائەتتەك «روهقا تەۋە» ئەمەس، بەلكى «ئەتكە تەۋە»، «ئەتىقادتا بوۋاقلار» بولسا، ئۇنداقتا «بۆلۈنۈشلەر» پەيدا بپولماي قالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھەقىقەتەن رەبنىڭ يولىنى ئىزدىگۈچىلەرگە كۆپرەك بېسىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ روھتا ئۆستۈرۈلۈشىگە مۇھىم بىر تۈرتكە بولىدۇ. ■ مات. 18:7؛ لۇقا 17:1؛ روس. 20:30؛ 1يۇھ. 2:19.
22 يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار يوقمۇ؟ خۇدانىڭ جامائىتىنى كۆزگە ئىلماي، يوقسۇللارنى خىجالەتكە قويماقچىمۇسىلەر؟ سىلەرگە نېمە دېسەم بولار؟ سىلەرنى تەرىپلەمدىمەن؟ ياق، سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن.□ «يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار يوقمۇ؟ خۇدانىڭ جامائىتىنى كۆزگە ئىلماي، يوقسۇللارنى خىجالەتكە قويماقچىمۇسىلەر؟» ــ بەزى ئېتىقادچىلار جەم بولۇپ ئولتۇرغان سورۇنلاردا كۆپ غىزالارنى ئېلىپ كېلىپ يېسە، غىزاسىز قېرىنداشلىرى ئەلۋەتتە خىجىل بولۇپ قالىدۇ.
■11:1-2 1كور. 4:16؛ فىل. 3:17؛ 1تېس. 1:6؛ 2تېـس. 3:9.
□11:3 «ئايال (ياكى قىز)نىڭ بېشى ئەردۇر» ــ توي قىلغاندا ئۇنىڭ بېشى ئۆز ئېرى، ئەلۋەتتە؛ تۇرمۇشقا چىقمىغان بولسا ئۇنىڭ ئاتىسى؛ تەنھا، تۇل ياكى ئاجراشقان قىز-ئاياللار بولسا، ئۇلارنىڭ بېشى (بار بولسا) جامائەتتىكى ئاقساقاللار بولىدۇ.
■11:3 يـۇھ. 14:28؛ 1كور. 3:23؛ 15:27؛ ئەف. 5:23.
□11:4 «ئىبادەتكە قاتناشقاندا، ھەرقانداق ئەر بېشىغا بىرنەرسە ئارتقان ھالدا ... بېشارەت بەرسە» ــ «بېشارەت بەرسە» ــ «خۇدانىڭ ۋەھىيىسىنى يەتكۈزسە»، ياكى «پەيغەمبەرلىك سۆز قىلسا...» دېگەنلىك. «ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىق قىلىدۇ» ــ دېمەك، مەسىھگە بىھۆرمەتلىك قىلىدۇ.
□11:5 «...ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ» ــ دېمەك، ئۆز ئېرىگە ياكى جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ. «بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، رەسۋا قىلىنغان ئايالدىن پەرقى يوقتۇر» ــ كونا زامانلاردا ئاياللار بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، ئۇلارنى جازالاش ئۇسۇلى ئايالنى رەسۋا قىلىپ چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىشتىن ئىبارەت ئىدى.
■11:6 چۆل. 5:18؛ قان. 22:5.
□11:7 «چۈنكى ئەر كىشى بولسا بېشىنى ياپماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى ۋە شان-شەرىپىدۇر؛ ئەمما ئايال كىشى بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىدۇر» ــ بۇ ئايەتتىن (ۋە شۇنداقلا 4-6-ئايەتلەردىن) پاۋلۇسنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋاللار ئەمەس، بەلكى ئىبادەت سورۇنلىرى توغرۇلۇق سۆزلەۋاتقانلىقى ئېنىق تۇرىدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ ئەرلەرگە تالاغا چىققاندا ھەرقانداق بۆكلەرنى كىيىشىنى مەنئى قىلغىنى ئەمەس! ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدە ئاياللارنىڭ تالادا يۈرگەندە رومال-ياغلىق ئارتىش-ئارتماسلىقى توغرىسىدىمۇ گەپ يوق.
■11:7 يار. 1:26،27؛ 5:1؛ 9:6؛ كول. 3:10.
□11:8 «چۈنكى ئەر بولسا ئايالدىن ئەمەس، بەلكى ئايال ئەردىندۇر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا ھاۋا ئانىمىزنى ئادەمئاتىمىزنىڭ تېنىدىن قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ ياسىغان. «يار.» 2-بابنى كۆرۈڭ.
■11:8 يار. 2:18، 21.
□11:10 «پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئايال كىشى بېشىدا ھوقۇقنىڭ بەلگىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك» ــ «پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. بىز بۇ ئايەتلەر (1-16)نى تەپسىلىي ھالدا شەرھلەيمىز.
■11:16 1تىم. 6:4.
□11:19 «ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەر پەيدا بولماي قالمايدۇ...» ــ ئاز بولمىغان ئالىملار پاۋلۇسنىڭ بۇ جۈملىسى كىنايىلىك، كورىنتلىقلارنى تەنقىد قىلىدىغان ئالاھىدە سۆزلەر، دەپ قارايدۇ. بىزمۇ مۇشۇ كۆزقاراشقا مايىلمىز؛ چۈنكى ئىنجىلدا تىلغا ئېلىنغان باشقا جامائەتلەر ئارىسىدا ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس ئىدى؛ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ بىرلىكى خېلى كۈچلۈك ئىدى (مەسىلەن، فىلىپپى شەھىرىدىكى جامائەتتە). قانداقلا بولمىسۇن، مەلۇم جامائەتتىكى ئىشەنگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كورىنت جامائەتتەك «روهقا تەۋە» ئەمەس، بەلكى «ئەتكە تەۋە»، «ئەتىقادتا بوۋاقلار» بولسا، ئۇنداقتا «بۆلۈنۈشلەر» پەيدا بپولماي قالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھەقىقەتەن رەبنىڭ يولىنى ئىزدىگۈچىلەرگە كۆپرەك بېسىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ روھتا ئۆستۈرۈلۈشىگە مۇھىم بىر تۈرتكە بولىدۇ.
■11:19 مات. 18:7؛ لۇقا 17:1؛ روس. 20:30؛ 1يۇھ. 2:19.
■11:20 لۇقا 22:14-20.
□11:21 «چۈنكى يېگىنىڭلاردا ھەربىرىڭلار باشقىلارنىڭ يېيىشىنى كۈتمەيلا ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن غىزانى يەۋېرىسىلەر-دە، بىرسى ئاچ قالىدۇ، يەنە بىرسى مەست بولۇپ كېتىدۇ» ــ روسۇلنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، كورىنت ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ يىغىنلىرىدا پات-پات «ئورتاق زىياپەت»نى تۇتاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «رەبنىڭ زىياپىتى»نى يېيەتتى («يەھ.» 12نى كۆرۈڭ). لېكىن باي قېرىنداشلار ئۆز مول تاماقلىرى ئالغاچ ئۆزىنىڭ بايلىقلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ كۆرسىتەتتى، باشقا كەمبەغەل قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلاشمايتتى. «زىياپەت» قالايمىقان بولغاچقا، «رەبنىڭ زىياپىتى»نىڭ ئۆزى كۆزگە ئىلىنماي بولۇپ قېلىپ، رەبنىڭ نامىغا نومۇس كەلتۈرگەنىدى.
□11:22 «يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار يوقمۇ؟ خۇدانىڭ جامائىتىنى كۆزگە ئىلماي، يوقسۇللارنى خىجالەتكە قويماقچىمۇسىلەر؟» ــ بەزى ئېتىقادچىلار جەم بولۇپ ئولتۇرغان سورۇنلاردا كۆپ غىزالارنى ئېلىپ كېلىپ يېسە، غىزاسىز قېرىنداشلىرى ئەلۋەتتە خىجىل بولۇپ قالىدۇ.
■11:23 مات. 26:26؛ مار. 14:22؛ لۇقا 22:19.
□11:25 «... مانا، بۇ جامدىكى شاراب قېنىمدا بولغان «يېڭى ئەھدە»دۇر» ــ «يېڭى ئەھدە» تەۋرات، «يەر.» 31:31-34دە بېشارەت بېرىلگەن.
■11:26 يـۇھ. 14:3؛ روس. 1:11.
■11:27 چۆل. 9:10،13؛ يـۇھ. 6:51،63،64؛ 13:27؛ 1كور. 10:21.
■11:28 2كور. 13:5.
□11:29 «... رەبنىڭ تېنىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپ يېگۈچى ۋە ئىچكۈچى ھەركىم ئۆزىگە ھۆكۈم-جازانى يەتكۈزۈپ يەپ-ئىچىدۇ» ــ «رەبنىڭ تېنىنى پەرق ئەتمەسلىك» دېگەنلىكنىڭ بەلكىم ئىككى خىل تەرەپلىمىسى بولۇشى مۇمكىن: (1) ئۆزىنى «مەن رەبنىڭ تېنىدىكى بىر ئەزا، باشقا قېرىنداشلارمۇ شۇنداق» دەپ بىلىپ يەتمەي، «رەبنىڭ تېنى»دىكى قېرىنداشلارنى كۆزگە ئىلماسلىق (21-22-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ)؛ (2) «رەبنىڭ زىياپىتى رەببىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان قىلغان تېنىنى ئىپادىلەيدۇ» دەپ بىلىپ يەتمەسىلىك.
□11:30 «ھەتتا خېلى بىر قىسمى ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالدى» ــ «ئۇخلاپ قالدى» دېگەن سۆز ئۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئىنجىل بويىچە ئېتىقادچىلارغا نىسبەتەن ئۆلۈش پەقەت ۋاقىتلىق ئۇخلاش، خالاس.
■11:31 زەب. 32:5؛ پەند. 18:17.