15
تىرىلىش
ئەمما، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرگە ئەسلىدە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى بايان قىلماقچىمەن؛ سىلەر بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋاتىسىلەر؛ مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر بولغان كالامدا چىڭ تۇرغان بولساڭلار، ــ (ئىشەنگىنىڭلار بىكارغا كەتمىگەن بولسا) ــ سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇۋاتىسىلەر. «ئىشەنگىنىڭلار بىكارغا كەتمىگەن بولسا...» ــ ئادەمنىڭ خۇش خەۋەرگە ئىشىنىشى «بىكارغا كېتىش»ىمۇ مۇمكىنمۇ؟ بۇ بابتا بىر مىسال كۆرسىتىلىدۇ؛ بىرسى خۇش خەۋەرنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسىنى قوبۇل قىلمىغان بولسا (بۇ نۇقتا ئۇنىڭغا ياقمىغان، ياكى ئۇ ئۇنى ئۆگىنىشنى خالىمىغان بولسا)، ئۇنداقتا بۇ خۇش خەۋەرنى ئىنكار قىلغانغا باراۋەر؛ دېمەك، شۇ ئىشەنگۈچى ئادەم، گەرچە «ئىشەنگەن بولسىمۇ»، تولۇق ئىشەنمىگەچكە، ئىشىنىش يولى بىكارغا كېتىدۇ. شۇڭا ئاخىردا ھېچقانداق نەتىجە چىقمايدۇ.   رىم. 1‏:16؛ 1كور. 1‏:21.
چۈنكى مەن ئۆزۈمگە ئامانەت قىلىنغانلىرىنى ئەڭ زۆرۈر ئىش سۈپىتىدە سىلەرگىمۇ تاپشۇردۇم؛ يەنى، تەۋرات-زەبۇردا ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك، مەسىھ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلدى؛ يەش. 53‏:7؛ دان. 9‏:24،26؛ 1كور. 5‏:7؛ 1پېت. 2‏:24. ئۇ دەپنە قىلىندى؛ ۋە ئۈچىنچى كۈنى يەنە تەۋرات-زەبۇردە ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك تىرىلدۈرۈلدى؛ زەب. 16‏:10؛ يەش. 53‏:8، 9؛ يۇن. 2‏:1؛ مات. 12‏:40 ئۇ كېفاسقا، ئاندىن ئون ئىككىيلەنگە كۆرۈندى؛ «كېفاس» ــ يەنى روسۇل بولغان سىمون پېترۇس. «ئون ئىككىيلەنگە» ــ ئون ئىككى روسۇلغا كۆرۈنگەن، دېمەكچى. «ئون ئىككىيلەن» بەلكىم ماتتىيانى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن («روس.» 26:1).   لۇقا 24‏:34؛ يـۇھ. 20‏:19؛ روس. 10‏:41. ئاندىن ئۇ بىر سورۇندا بەش يۈزدىن ئارتۇق قېرىنداشقا كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك، ئەمما بەزىلىرى ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتىدۇ؛ ئۇ ياقۇپقا، ئاندىن روسۇللارنىڭ ھەممىسىگە كۆرۈندى؛ «ئۇ ياقۇپقا ... كۆرۈندى» ــ ياقۇپ مەسىھ ئەيسانىڭ چوڭ ئىنىسى، كېيىن ئۇ روسۇل بولغان. ئىنجىل «يۇھ.» 7:5نى كۆرۈڭ). ھەممىسىدىن كېيىن ئۇ خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى. «خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان ماڭا...» ــ « ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان مەن...» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.   روس. 9‏:3،17؛ 23‏:11؛ 1كور. 9‏:1؛ 2كور. 12‏:2. چۈنكى مەن روسۇللار ئارىسىدىكى ئەڭ تۆۋىنىمەن، روسۇل دەپ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ جامائىتىگە زىيانكەشلىك قىلغانمەن. ئ‍ەف. 3‏:8؛ روس. 8‏:3؛ 9‏:1؛ 22‏:4؛ 26‏:9؛ گال. 1‏:13؛ 1تىم. 1‏:13. 10 لېكىن ھازىر نېمىلا بولسام خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدۇم؛ ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن شۇ مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ خىزمىتىدە بارلىق روسۇللاردىن بەكرەك جاپالىق ئىشلىگەنمەن؛ ئەمەلىيەتتە ئىشلىگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى مەن بىلەن بىللە بولغان خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدۇر. 2كور. 11‏:23؛ 12‏:11. 11 دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا روسۇللار بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر.
12 ئەمما مەسىھ ئۆلگەنلەر ئىچىدىن تىرىلدۈرۈلگەن دەپ جاكارلانغان بولسا، قانداقمۇ ئاراڭلاردىكى بەزىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش، دەيدۇ؟ 13 ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش بولسا، مەسىھنىڭ تىرىلىشىمۇ يوق ئىش بولغان بولاتتى. 14 شۇنىڭدەك ئەگەر مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولمىسا، جاكارلىغان خەۋىرىمىز بىھۇدە بولغان، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارمۇ بىھۇدە بولغان بولاتتى. 15 ھەتتا بىزمۇ خۇدا توغرىسىدىكى يالغان گۇۋاھچىلار بولغان بولاتتۇق ــ چۈنكى بىز خۇدانىڭ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردۇق. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، خۇدا مەسىھنىمۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمىگەن بولاتتى. 16 چۈنكى ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلدۈرۈلمىسە، مەسىھمۇ تىرىلمىگەن بولاتتى. 17 مۇبادا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، ئېتىقادىڭلار كېرەكسىز بولغان، سىلەر تېخىچە گۇناھلىرىڭلاردا يۈرۈۋاتقان بولاتتىڭلار، 18 شۇنداقلا مەسىھتە ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقانلارمۇ ھالاكەتكە يۈز تۇتقان بولاتتى. 19 ئەگەر ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئۈچۈنلا مەسىھگە باغلىغان بولساق، بىز ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ بىچارە ئادەملەردىن بولغان بولىمىز. «ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئۈچۈنلا مەسىھگە باغلىغان بولساق...» ــ ياكى «ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىلا مەسىھگە باغلىغان بولساق...».
20 ئەمما ئەمەلىيەتتە، مەسىھ ئۆلۈمدە ئۇخلىغانلار ئىچىدە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» بولۇپ، ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر؛ «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» ــ ئالدىن پىشقان مېۋە يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنمۇ، باشقا مېۋىلەرنىڭ چوقۇم پىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغىنىدەك، مەسىھنىڭ تىرىلىشى ئىمان-ئىشەنچتە بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭمۇ ھەققانىيلىقتا قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. تەۋرات بويىچە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» خۇداغا ئالاھىدە ئاتىلاتتى (بېغىشلىناتتى) («لاۋ.» 23-باب، «قان.» 4:18).   كول. 1‏:18؛ 1پېت. 1‏:3؛ ۋەھ. 1‏:5. 21 چۈنكى بىر ئىنسان ئارقىلىق ئۆلۈم ئالەمدە پەيدا بولغىنىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلىشمۇ بىر ئىنسان ئارقىلىق ئالەمدە پەيدا بولدى. يار. 2‏:17؛ 3‏:6؛ رىم. 5‏:12،18؛ 6‏:23. 22 ئادامئاتىمىزدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغانلىقىغا ئوخشاش، مەسىھدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ. 23 ئەمما ھەممەيلەن ئۆز نۆۋەت-قاتارىدا تىرىلىدۇ؛ تۇنجى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى بولغان مەسىھ بىرىنچى؛ ئىككىنچىلەر بولسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كەلگىنىدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلار. 24 ئاندىن ئاخىرەت بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ بارلىق ھۆكۈمرانلىقنى، بارلىق ھوقۇق ۋە ھەرخىل كۈچلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پادىشاھلىقنى خۇدا-ئاتىغا تاپشۇرىدۇ. «ئاندىن ئاخىرەت بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ بارلىق ھۆكۈمرانلىقنى، بارلىق ھوقۇق ۋە ھەرخىل كۈچلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پادىشاھلىقنى خۇدا-ئاتىغا تاپشۇرىدۇ» ــ بۇ مۇھىم ئايەت ۋە تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 25 چۈنكى ئۇ بارلىق دۈشمەنلەرنى مەغلۇپ قىلىپ ئايىغى ئاستىدا قىلغۇچە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەكتۇر؛ زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ ئ‍ەف. 1‏:20؛ كول. 3‏:1؛ ئىبر. 1‏:13؛ 10‏:12. 26 ئەڭ ئاخىرقى يوقىتىلىدىغان دۈشمەن بولسا ئۆلۈم ئۆزىدۇر. 27 چۈنكى زەبۇردا «خۇدا پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا بويسۇندۇرغان» دەپ پۈتۈكلۈكتۇر. ئەمما «پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان» دېيىلگىنىدە، روشەنكى، شۇ «پۈتكۈل» دېگەن سۆز «ھەممىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرغۇزغۇچى»نىڭ ئۆزىنى ئىچىگە ئالغان ئەمەستۇر. «چۈنكى زەبۇردا «خۇدا پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا بويسۇندۇرغان» دەپ پۈتۈكلۈكتۇر» ــ «زەب.» 6:8.   زەب. 8‏:6؛ مات. 11‏:27؛ 28‏:18؛ ئ‍ەف. 1‏:22؛ ئىبر. 2‏:8. 28 ئەمما ھەممە ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوغۇل ھەممىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچىغا بويسۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدا ھەممىنىڭ ھەممىسى بولىدۇ. 29 ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۆلگەنلەر زادى تىرىلمىسە، كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن نېمە دەپ چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟ «كىشىلەر ...ئۆلگەنلەر ئۈچۈن نېمە دەپ چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟» ــ چۈشىنىش قىيىن بولغان بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 30 بىزلەر نېمە دەپ ھەر كۈنى ھەر سائەتتە خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىپ يۈرىمىز؟ 31 رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا سىلەردىن پەخىرلىنىشىم راست بولغاندەك، ئى قېرىنداشلىرىم، مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىمەن. «مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىمەن» ــ گرېك تىلىدا «مەن ھەركۈنى ئۆلىمەن».
تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى: «مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتىمەن. بۇ راست! قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا (شۇنداق كۆپ ئىشلارنى) قىلغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگىنىمنىڭ راستلىقىغا ئوخشاش، بۇ سۆزۈمنىڭمۇ ھەرگىز يالغان يېرى يوقتۇر».
32 ئەگەر ئىنسانلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېيتقاندا «ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم، ئۆلگەنلەر ئۆلۈمدىن تىرىلمىسە، بۇنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولمامتى؟ ««ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم...» ــ پاۋلۇس ئەفەسۇس شەھىرىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزگەندە، بەزى ئادەملەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ۋەھشىي ھايۋانلاردەك ھۇجۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن. «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» ــ «يەش.» 13:22.   يەش. 22‏:13؛ 56‏:12. 33 ئالدانماڭلار؛ چۈنكى «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ». «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر گرېك شائىرى مەناندەرنىڭكىدىن ئېلىنغان. 34 ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن ئويغىنىڭلار، گۇناھدىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى بەزىلىرىڭلاردا خۇدا توغرۇلۇق خەۋەر يوقتۇر ــ بۇنى ئېيتسام سىلەر ئۈچۈن ئۇيات ئەمەسمۇ؟
 
35 بەلكىم بىرسى: «ئۆلۈكلەر قانداق تىرىلدۈرىلەر؟ ئۇلار قانداق تەن بىلەن تىرىلەر؟» ــ دەپ سورىشى مۇمكىن. ئ‍ەز. 37‏:3. 36 ئى ئەخمەق كىشى، سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆلمەي تۇرۇپ قايتىدىن تىرىلمەيدۇ. «... قايتىدىن تىرىلمەيدۇ» ــ گرېك تىلىدا «... جانلاندۇرۇلمايدۇ».   يـۇھ. 12‏:24. 37 ھەم سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆسۈملۈكنىڭ تېنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يالىڭاچ دېنى ــ مەسىلەن، بۇغداينىڭ ياكى باشقا بىرەر زىرائەتنىڭ دېنى، خالاس. 38 ۋە كېيىن خۇدا ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇنىڭغا مەلۇم بىر تەننى بېرىدۇ؛ شۇنداقلا ئۇرۇق دانلىرىنىڭ ھەربىرىگە ئۆزىنىڭ تېنىنى ئاتا قىلىدۇ. 39 جانىۋارلارنىڭ ئەتلىرى بولسا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ئۇچار-قاناتلارنىڭمۇ بار، بېلىقلارنىڭمۇ بار. 40 ئاسماندا جىسىملار بار، يەر يۈزىدىمۇ جىسىملار بار؛ ئەمما ئاسماندىكىسىنىڭ جۇلا-شەرىپى باشقىچە، يەر يۈزىدىكىسىنىڭمۇ باشقىچە بولىدۇ؛ 41 قۇياشنىڭ شان-شەرىپى بىر خىل، ئاينىڭ شەرىپى يەنە بىر خىل، يۇلتۇزلارنىڭ شان-شەرىپى يەنە بىر خىلدۇر؛ چۈنكى يۇلتۇزلار شان-شەرەپلىرىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. 42 ئۆلۈمدىن تىرىلىش ھەم شۇنداقتۇر. تەن چىرىش ھالىتىدە تېرىلىدۇ، چىرىماس ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ «قۇياشنىڭ شان-شەرىپى بىر خىل، ئاينىڭ شەرىپى يەنە بىر خىل، يۇلتۇزلارنىڭ شان-شەرىپى يەنە بىر خىلدۇر؛ چۈنكى يۇلتۇزلار شان-شەرەپلىرىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ (41-ئايەت). ئۆلۈمدىن تىرىلىش ھەم شۇنداقتۇر» ــ دېمەك، تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىنكى تېنىمىز ئۆلگەندىن كېيىنكى تېنىمىزگە ئوخشىمايدۇ.   دان. 12‏:3؛ مات. 13‏:43. 43 ئۇياتلىق ھالەتتە تېرىلىدۇ، شان-شەرەپ بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئاجىز ھالەتتە تېرىلىدۇ، ئەمما كۈچ-قۇدرەت بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ. 44 ئۇ تەبىئەتكە تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە تېرىلىدۇ؛ روھقا تەۋە بىر تەن بولۇپ تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئەسلىدە تەبىئەتكە تەۋە بىر «جانلىق» تەن بولغان بولسا، ئەمدى روھىي بىر تەن بولىدۇ. «تەبىئەتكە تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە» ــ گرېك تىلىدا «جانغا تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە» ياكى «جانلىق بىر تەن سۈپىتىدە» دېيىلىدۇ؛ «جان» مۇشۇ يەردە ئىنساننىڭ زېھنى، ئوي-پىكىرلىرى ۋە ھېسسىياتلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 45 شۇڭا تەۋراتتا مۇنداق پۈتۈلگەنكى: «تۇنجى ئىنسان ئادەمئاتىمىز تىرىك بىر جان قىلىپ يارىتىلدى»؛ ئەمما «ئاخىرقى ئادەمئاتا» بولسا ھاياتلىق بەرگۈچى روھ بولدى. «تۇنجى ئىنسان ئادەمئاتىمىز تىرىك بىر جان قىلىپ يارىتىلدى» ــ «يار.» 7:2. «ئەمما «ئاخىرقى ئادەمئاتا» بولسا ھاياتلىق بەرگۈچى روھ بولدى» ــ «ئاخىرقى ئادەمئاتا» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.   يار. 2‏:7. 46 ئەمما ئاۋۋال كەلگىنى روھىي ئادەم ئەمەس، بەلكى «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ئادەم ئىدى، كېيىن «روھىي ئادەم» كەلدى. «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ــ گرېك تىلىدا «جانغا تەۋە بولغۇچى». 44-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ئادەم ئىدى، كېيىن «روھىي ئادەم» كەلدى» ــ (گرېك تىلىدا: ««جانغا تەۋە بولغۇچى» ئاۋۋال كەلگەن، كېيىن «روھقا تەۋە بولغۇچى» كەلگەن») ــ بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 47 دەسلەپكى ئىنسان بولسا يەردىن، تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغان؛ ئىككىنچى ئىنسان بولسا ئاسماندىن كەلگەندۇر؛ «دەسلەپكى ئىنسان بولسا يەردىن، تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغان» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بار بولسا كېرەك، ئىبرانىي تىلىدا «ئادەم» دېگەن سۆز «تۇپراق»، «توپا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ («يار.» 7:2نى كۆرۈڭ). 48 تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغىنى قانداق بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن بولغان «تۇپراقلىق»لارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ ئاسماندىن كەلگىنى قانداق بولسا، ئۇنىڭدىن بولغان «ئاسمانلىقلار»مۇ شۇنداق بولىدۇ. 49 بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولالايمىز. «بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولالايمىز» ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە: «بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولايلى» دېيىلىدۇ.   2كور. 4‏:11. 50 ئەمما شۇنى ئېيتىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ئەت ۋە قاندىن تۆرەلگەنلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ چىرىگۈچى چىرىمايدىغانغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. «... چىرىگۈچى چىرىمايدىغانغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ» ــ بۇ چىرىگۈچى تېنىمىز ئۆلىدۇ، پەقەت روھىمىز ئۆزگەرمەس ھالەتتە باقىي ئالەمگە كېتىدۇ. خۇدانىڭ بىز مۆمىن بەندىلىرى تىرىلدۈرۈلگەندە چىرىماس تېنىمىزنىڭ «چىرىگۈچى» تېنىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. خۇدا ئېتىقادچىلارغا پۈتۈنلەي يېڭى بىر تەن ئاتا قىلىدۇ.   يـۇھ. 1‏:13.
51 مانا، مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرىمەن؛ بىز ھەممىمىزلا ئۆلۈمدە ئۇخلايدىغانلاردىن بولمايمىز؛ بىراق ھەممىمىز ئۆزگەرتىلىمىز! «مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرىمەن» ــ «سىر» توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»نى كۆرۈڭ.   1تېس. 4‏:16. 52 بىر دەقىقىدىلا، كۆزنى بىر يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا ئۆزگەرتىلىمىز؛ چۈنكى كاناي چېلىنسىلا ئۆلگەنلەر چىرىماس ھاياتقا تىرىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتىلىمىز؛ «...ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا ئۆزگەرتىلىمىز» ــ «ئەڭ ئاخىرقى كاناي» ــ ئىنجىل، «مات.» 31:24، «1تېس.» 16:4، «ۋەھ.» 7:10 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ.   مات. 24‏:31؛ 1تېس. 4‏:16. 53 چۈنكى بۇ چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيىۋېلىشى، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيىۋېلىشى كېرەك؛ 54 ئەمما چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيگەندە، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيگەندە، شۇ چاغدا بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!». «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!» ــ «يەش.» 8:25 (LXX تەرجىمىسىدىن).   يەش. 25‏:8. 55 «ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» «ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» ــ «ھوش.» 14:13. «ھوشىيا»دىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمى «ئاھ، تەھتىسارا، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» («تەھتىسارا» ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاي).   ھوش. 13‏:14؛ ئىبر. 2‏:14. 56 ئۆلۈمدىكى نەشتەر ــ گۇناھتۇر، گۇناھنىڭ كۈچى بولسا، تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ. «گۇناھنىڭ كۈچى بولسا، تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ» ــ دېمەك، ئىنسانلار قانۇنسىز يۈرگەندە گۇناھ ئېڭى بولمايدۇ. لېكىن تەۋرات قانۇنىدىكى يۇقىرىقى تەلەپلەرنى بىلىپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدۇ، لېكىن ئەمەل قىلالمىغانلىقىدىن گۇناھنىڭ ھەقىقىي دەھشەتلىك كۈچلۈك بىرنەرسە ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ. 57 لېكىن بىزنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچى خۇداغا تەشەككۈر! «بىزنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچى خۇداغا تەشەككۈر!» ــ «غەلىبە» دېگەن سۆز ئۆلۈم ۋە گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.   1يۇھ. 5‏:5.
58 شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، چىڭ تۇرۇپ تەۋرەنمەس بولۇڭلار، رەبنىڭ خىزمىتىدىكى ئىشلىرىڭلار ھەمىشە كەڭ زىيادىلەشسۇن؛ چۈنكى رەبدە بولغان ئەجىر-جاپايىڭلار ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.
 
 

15:2 «ئىشەنگىنىڭلار بىكارغا كەتمىگەن بولسا...» ــ ئادەمنىڭ خۇش خەۋەرگە ئىشىنىشى «بىكارغا كېتىش»ىمۇ مۇمكىنمۇ؟ بۇ بابتا بىر مىسال كۆرسىتىلىدۇ؛ بىرسى خۇش خەۋەرنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسىنى قوبۇل قىلمىغان بولسا (بۇ نۇقتا ئۇنىڭغا ياقمىغان، ياكى ئۇ ئۇنى ئۆگىنىشنى خالىمىغان بولسا)، ئۇنداقتا بۇ خۇش خەۋەرنى ئىنكار قىلغانغا باراۋەر؛ دېمەك، شۇ ئىشەنگۈچى ئادەم، گەرچە «ئىشەنگەن بولسىمۇ»، تولۇق ئىشەنمىگەچكە، ئىشىنىش يولى بىكارغا كېتىدۇ. شۇڭا ئاخىردا ھېچقانداق نەتىجە چىقمايدۇ.

15:2 رىم. 1‏:16؛ 1كور. 1‏:21.

15:3 يەش. 53‏:7؛ دان. 9‏:24،26؛ 1كور. 5‏:7؛ 1پېت. 2‏:24.

15:4 زەب. 16‏:10؛ يەش. 53‏:8، 9؛ يۇن. 2‏:1؛ مات. 12‏:40

15:5 «كېفاس» ــ يەنى روسۇل بولغان سىمون پېترۇس. «ئون ئىككىيلەنگە» ــ ئون ئىككى روسۇلغا كۆرۈنگەن، دېمەكچى. «ئون ئىككىيلەن» بەلكىم ماتتىيانى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن («روس.» 26:1).

15:5 لۇقا 24‏:34؛ يـۇھ. 20‏:19؛ روس. 10‏:41.

15:7 «ئۇ ياقۇپقا ... كۆرۈندى» ــ ياقۇپ مەسىھ ئەيسانىڭ چوڭ ئىنىسى، كېيىن ئۇ روسۇل بولغان. ئىنجىل «يۇھ.» 7:5نى كۆرۈڭ).

15:8 «خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان ماڭا...» ــ « ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان مەن...» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

15:8 روس. 9‏:3،17؛ 23‏:11؛ 1كور. 9‏:1؛ 2كور. 12‏:2.

15:9 ئ‍ەف. 3‏:8؛ روس. 8‏:3؛ 9‏:1؛ 22‏:4؛ 26‏:9؛ گال. 1‏:13؛ 1تىم. 1‏:13.

15:10 2كور. 11‏:23؛ 12‏:11.

15:19 «ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئۈچۈنلا مەسىھگە باغلىغان بولساق...» ــ ياكى «ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىلا مەسىھگە باغلىغان بولساق...».

15:20 «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» ــ ئالدىن پىشقان مېۋە يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنمۇ، باشقا مېۋىلەرنىڭ چوقۇم پىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغىنىدەك، مەسىھنىڭ تىرىلىشى ئىمان-ئىشەنچتە بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭمۇ ھەققانىيلىقتا قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. تەۋرات بويىچە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» خۇداغا ئالاھىدە ئاتىلاتتى (بېغىشلىناتتى) («لاۋ.» 23-باب، «قان.» 4:18).

15:20 كول. 1‏:18؛ 1پېت. 1‏:3؛ ۋەھ. 1‏:5.

15:21 يار. 2‏:17؛ 3‏:6؛ رىم. 5‏:12،18؛ 6‏:23.

15:24 «ئاندىن ئاخىرەت بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ بارلىق ھۆكۈمرانلىقنى، بارلىق ھوقۇق ۋە ھەرخىل كۈچلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پادىشاھلىقنى خۇدا-ئاتىغا تاپشۇرىدۇ» ــ بۇ مۇھىم ئايەت ۋە تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.

15:25 زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ ئ‍ەف. 1‏:20؛ كول. 3‏:1؛ ئىبر. 1‏:13؛ 10‏:12.

15:27 «چۈنكى زەبۇردا «خۇدا پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا بويسۇندۇرغان» دەپ پۈتۈكلۈكتۇر» ــ «زەب.» 6:8.

15:27 زەب. 8‏:6؛ مات. 11‏:27؛ 28‏:18؛ ئ‍ەف. 1‏:22؛ ئىبر. 2‏:8.

15:29 «كىشىلەر ...ئۆلگەنلەر ئۈچۈن نېمە دەپ چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟» ــ چۈشىنىش قىيىن بولغان بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.

15:31 «مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىمەن» ــ گرېك تىلىدا «مەن ھەركۈنى ئۆلىمەن». تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى: «مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتىمەن. بۇ راست! قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا (شۇنداق كۆپ ئىشلارنى) قىلغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگىنىمنىڭ راستلىقىغا ئوخشاش، بۇ سۆزۈمنىڭمۇ ھەرگىز يالغان يېرى يوقتۇر».

15:32 ««ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم...» ــ پاۋلۇس ئەفەسۇس شەھىرىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزگەندە، بەزى ئادەملەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ۋەھشىي ھايۋانلاردەك ھۇجۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن. «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» ــ «يەش.» 13:22.

15:32 يەش. 22‏:13؛ 56‏:12.

15:33 «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر گرېك شائىرى مەناندەرنىڭكىدىن ئېلىنغان.

15:35 ئ‍ەز. 37‏:3.

15:36 «... قايتىدىن تىرىلمەيدۇ» ــ گرېك تىلىدا «... جانلاندۇرۇلمايدۇ».

15:36 يـۇھ. 12‏:24.

15:42 «قۇياشنىڭ شان-شەرىپى بىر خىل، ئاينىڭ شەرىپى يەنە بىر خىل، يۇلتۇزلارنىڭ شان-شەرىپى يەنە بىر خىلدۇر؛ چۈنكى يۇلتۇزلار شان-شەرەپلىرىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ (41-ئايەت). ئۆلۈمدىن تىرىلىش ھەم شۇنداقتۇر» ــ دېمەك، تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىنكى تېنىمىز ئۆلگەندىن كېيىنكى تېنىمىزگە ئوخشىمايدۇ.

15:42 دان. 12‏:3؛ مات. 13‏:43.

15:44 «تەبىئەتكە تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە» ــ گرېك تىلىدا «جانغا تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە» ياكى «جانلىق بىر تەن سۈپىتىدە» دېيىلىدۇ؛ «جان» مۇشۇ يەردە ئىنساننىڭ زېھنى، ئوي-پىكىرلىرى ۋە ھېسسىياتلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

15:45 «تۇنجى ئىنسان ئادەمئاتىمىز تىرىك بىر جان قىلىپ يارىتىلدى» ــ «يار.» 7:2. «ئەمما «ئاخىرقى ئادەمئاتا» بولسا ھاياتلىق بەرگۈچى روھ بولدى» ــ «ئاخىرقى ئادەمئاتا» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

15:45 يار. 2‏:7.

15:46 «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ــ گرېك تىلىدا «جانغا تەۋە بولغۇچى». 44-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ئادەم ئىدى، كېيىن «روھىي ئادەم» كەلدى» ــ (گرېك تىلىدا: ««جانغا تەۋە بولغۇچى» ئاۋۋال كەلگەن، كېيىن «روھقا تەۋە بولغۇچى» كەلگەن») ــ بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

15:47 «دەسلەپكى ئىنسان بولسا يەردىن، تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغان» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بار بولسا كېرەك، ئىبرانىي تىلىدا «ئادەم» دېگەن سۆز «تۇپراق»، «توپا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ («يار.» 7:2نى كۆرۈڭ).

15:49 «بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولالايمىز» ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە: «بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولايلى» دېيىلىدۇ.

15:49 2كور. 4‏:11.

15:50 «... چىرىگۈچى چىرىمايدىغانغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ» ــ بۇ چىرىگۈچى تېنىمىز ئۆلىدۇ، پەقەت روھىمىز ئۆزگەرمەس ھالەتتە باقىي ئالەمگە كېتىدۇ. خۇدانىڭ بىز مۆمىن بەندىلىرى تىرىلدۈرۈلگەندە چىرىماس تېنىمىزنىڭ «چىرىگۈچى» تېنىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. خۇدا ئېتىقادچىلارغا پۈتۈنلەي يېڭى بىر تەن ئاتا قىلىدۇ.

15:50 يـۇھ. 1‏:13.

15:51 «مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرىمەن» ــ «سىر» توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»نى كۆرۈڭ.

15:51 1تېس. 4‏:16.

15:52 «...ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا ئۆزگەرتىلىمىز» ــ «ئەڭ ئاخىرقى كاناي» ــ ئىنجىل، «مات.» 31:24، «1تېس.» 16:4، «ۋەھ.» 7:10 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ.

15:52 مات. 24‏:31؛ 1تېس. 4‏:16.

15:54 «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!» ــ «يەش.» 8:25 (LXX تەرجىمىسىدىن).

15:54 يەش. 25‏:8.

15:55 «ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» ــ «ھوش.» 14:13. «ھوشىيا»دىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمى «ئاھ، تەھتىسارا، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» («تەھتىسارا» ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاي).

15:55 ھوش. 13‏:14؛ ئىبر. 2‏:14.

15:56 «گۇناھنىڭ كۈچى بولسا، تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ» ــ دېمەك، ئىنسانلار قانۇنسىز يۈرگەندە گۇناھ ئېڭى بولمايدۇ. لېكىن تەۋرات قانۇنىدىكى يۇقىرىقى تەلەپلەرنى بىلىپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدۇ، لېكىن ئەمەل قىلالمىغانلىقىدىن گۇناھنىڭ ھەقىقىي دەھشەتلىك كۈچلۈك بىرنەرسە ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ.

15:57 «بىزنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچى خۇداغا تەشەككۈر!» ــ «غەلىبە» دېگەن سۆز ئۆلۈم ۋە گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

15:57 1يۇھ. 5‏:5.