18
سائۇلنىڭ داۋۇتتىن ھەسەت قىلىشى
1 داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئاياغلاشقاندا، يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتنىڭ كۆڭلىگە شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيدى. 2 سائۇل بولسا ئۇ كۈنى ئۇنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ، ئۇنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتقىلى قويمىدى.
3 يوناتان داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلىشتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيەتتى. 4 يوناتان ئۇچىسىدىكى توننى سېلىپ داۋۇتقا بەردى، يەنە جەڭ كىيىملىرىنى، جۈملىدىن ھەتتا قىلىچى، ئوقياسى ۋە كەمىرىنىمۇ ئۇنىڭغا بەردى. 5 سائۇل داۋۇتنى نەگىلا ئەۋەتسە ئۇ شۇ يەرگە باراتتى، شۇنداقلا ئىشلارنى جايىدا قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سائۇل ئۇنى لەشكەرلەرنىڭ ئۈستىگە قويدى. بۇ ئىش بارلىق خەلققە ۋە ھەم سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىغىمۇ ياقتى.
6 داۋۇت فىلىستىينى ئۆلتۈرۈپ كۆپچىلىك بىلەن يانغاندا ئىسرائىلنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدىكى قىز-ئاياللار سائۇلنى ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ قارشى ئالغىلى چىقتى؛ ئۇلار خۇشلۇق ئىچىدە داپ ۋە ئۈچتار بىلەن نەغمە چېلىشتى. 7 قىز-ئاياللار نەغمە چالغاندا: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، دەپ ئوقۇشاتتى.■ مىس. 15:21؛ 1سام. 21:11؛ 29:5
8 بۇنى ئاڭلاپ سائۇل ناھايىتى خاپا بولدى؛ بۇ سۆز ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەگدى. ئۇ: ــ داۋۇتقا ئون مىڭلاپ ھېسابلاندى، ئەمما ماڭا پەقەت مىڭلاپ ھېسابلاندى؛ ئەمدى پادىشاھلىقتىن باشقا ئۇنىڭغا ھېچنەرسە كەم ئەمەس، دېدى. 9 شۇ كۈندىن تارتىپ سائۇل داۋۇتنى كۆزلەپ يۈردى.
10 ئەتىسى خۇدا تەرىپىدىن قاباھەتلىك بىر روھ سائۇلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە ئۇ ئۆيىدە قالايمىقان جۆيلىگىلى تۇردى. ئەمدى داۋۇت باشقا ۋاقىتتىكىدەك قولى بىلەن چىلتار چالدى؛ سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى. □ «ئەتىسى خۇدا تەرىپىدىن قاباھەتلىك بىر روھ سائۇلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە ئۇ ئۆيىدە قالايمىقان جۆيلىگىلى تۇردى» ــ ئىبرانىي تىلىدا مۇشۇ ئايەتتىكى «جۆيلۈش» «ئۇرغۇپ چىقىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. باشقا ئەھۋالدا بۇ سۆز «بېشارەت بېرىش»نى كۆرسىتىدۇ. 11 سائۇل: ــ داۋۇتنى تامغا نەيزە بىلەن قادىۋېتىمەن دەپ، نەيزىنى ئاتتى؛ لېكىن داۋۇت ئىككى قېتىم ئۆزىنى دالدىغا ئالدى.
12 پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت بىلەنلا بولۇپ، ئۆزىدىن يىراقلاپ كەتكىنى ئۈچۈن سائۇل داۋۇتتىن قورقاتتى. 13 شۇنىڭ ئۈچۈن سائۇل داۋۇتنى ئۆز يېنىدىن ئايرىپ، ئۇنى لەشكەرلەرگە مىڭبېشى قىلىپ قويدى؛ ئۇ لەشكەرلەرنى ئېلىپ جەڭگە چىقىپ تۇراتتى.□ «ئۇ لەشكەرلەرنى ئېلىپ جەڭگە چىقىپ تۇراتتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ لەشكەرلەر (خەلق) ئالدىدا چىقىپ كىرەتتى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
14 داۋۇت بولسا ھەممە ئىشلارنى پەم بىلەن قىلاتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. 15 سائۇل ئۇنىڭ پەملىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن بەك قورقاتتى.
16 ئەمما پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدا خەلقى داۋۇتنى سۆيەتتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى يېتەكلەپ جەڭگە چىقاتتى. □ «چۈنكى ئۇ ئۇلارنى يېتەكلەپ جەڭگە چىقاتتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «چۈنكى ئۇ ئۇلار ئالدىدا چىقىپ كىرەتتى». 17 سائۇل داۋۇتقا: ــ مانا، چوڭ قىزىم مېراب ــ مەن ئۇنى ساڭا خوتۇنلۇققا بەرگۈم بار. سەن پەقەت خىزمىتىمگە جان-پىدا بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ جەڭلىرىدە كۈرەش قىلغىن، دېدى. چۈنكى سائۇل ئىچىدە: ــ ئۇ مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيلەرنىڭ قولى بىلەن يوقىتىلسۇن، دەپ خىيال قىلغانىدى.
18 ئەمما داۋۇت سائۇلغا: ــ مەن كىم ئىدىم، مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتى ئىسرائىل ئارىسىدا نېمە ئىدى، مەن قانداقمۇ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولاي؟ ــ دېدى.
19 لېكىن سائۇلنىڭ قىزى مېراب داۋۇتقا بېرىلىدىغان ۋاقىتتا، ئۇ مەھولاتلىق ئادرىئەلگە خوتۇنلۇققا بېرىلدى. 20 ئەمما سائۇلنىڭ قىزى مىقالنىڭ كۆڭلى داۋۇتقا چۈشكەنىدى. باشقىلار بۇنى سائۇلغا ئېيتتى، بۇ ئىشتىن سائۇل خۇش بولدى. 21 سائۇل: ــ قىزىمنى داۋۇتقا بېرەي، ئۇ ئۇنىڭغا بىر سىرتماق بولۇپ، فىلىستىيلەرنىڭ قولىدا يوقىتىلسۇن، دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتقا: ــ بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم كۈيئوغلۇم بولىسەن، دېدى.
22 سائۇل ئۆز غۇلاملىرىغا: ــ داۋۇتقا ئاستىرتىن: ــ مانا، پادىشاھ سەندىن سۆيۈنىدۇ، ۋە ھەممە غۇلاملىرى ساڭا ئامراق. شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولغىن، دەپ ئېيتىڭلار، دەپ تاپىلىدى. 23 سائۇلنىڭ غۇلاملىرى بۇ سۆزلەرنى داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى. لېكىن داۋۇت: ــ نەزىرىڭلاردا پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش كىچىك ئىشمۇ؟ مەن بولسام بىر كەمبەغەل ۋە ئەتىۋارسىز ئادەممەن ــ دېدى.
24 سائۇلنىڭ غۇلاملىرى سائۇلغا داۋۇتنىڭ دېگەنلىرىنى ئۆز ئەينى يەتكۈزدى.
25 سائۇل: ــ سىلەر داۋۇتقا: ــ پادىشاھ ساڭا باشقا تويلۇق ئالغۇزمايدۇ، پەقەت پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن يۈز فىلىستىينىڭ خەتنىلىكىنىلا ئالىدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، دېدى (سائۇلنىڭ مەقسىتى بولسا داۋۇتنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدا يوقىتىش ئىدى).
26 غۇلاملار بۇ سۆزلەرنى داۋۇتقا يەتكۈزدى؛ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش داۋۇتقا يېقىپ قالدى. ئەمدى بېكىتىلگەن مۆھلەت توشمايلا، 27 داۋۇت تۇرۇپ ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ ئىككى يۈز فىلىستىينى ئۆلتۈردى. داۋۇت ئۇلارنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ ئېلىپ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھقا تاپشۇردى. سائۇل قىزى مىقالنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى.■ 2سام. 3:14
28 سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆز قىزى مىقالنىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرۈپ 29 داۋۇتتىن تېخىمۇ قورقتى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئۈزلۈكسىز داۋۇتقا دۈشمەن بولدى.
30 فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى دائىم سوقۇشقا چىقاتتى؛ ئەمما ھەر قېتىم چىقسىلا داۋۇتنىڭ ئىشلىرى سائۇلنىڭ ھەممە خىزمەتكارلىرىنىڭكىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى خالايىق تەرىپىدىن تولىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولاتتى.
■18:7 مىس. 15:21؛ 1سام. 21:11؛ 29:5
□18:10 «ئەتىسى خۇدا تەرىپىدىن قاباھەتلىك بىر روھ سائۇلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە ئۇ ئۆيىدە قالايمىقان جۆيلىگىلى تۇردى» ــ ئىبرانىي تىلىدا مۇشۇ ئايەتتىكى «جۆيلۈش» «ئۇرغۇپ چىقىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. باشقا ئەھۋالدا بۇ سۆز «بېشارەت بېرىش»نى كۆرسىتىدۇ.
□18:13 «ئۇ لەشكەرلەرنى ئېلىپ جەڭگە چىقىپ تۇراتتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ لەشكەرلەر (خەلق) ئالدىدا چىقىپ كىرەتتى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
□18:16 «چۈنكى ئۇ ئۇلارنى يېتەكلەپ جەڭگە چىقاتتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «چۈنكى ئۇ ئۇلار ئالدىدا چىقىپ كىرەتتى».
■18:27 2سام. 3:14