بۇ 14-15-ئايەتنى: «ئاياللار ئەرلەرگە تەلىم بېرىش، ئەرلەر ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشتە ئەمەس، بەلكى بالا تۇغۇش ۋە ئۇنى بېقىش جەريانىدا، ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشىدىغان قۇتقۇزۇلۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ» دېگەن باشقا بىر مەنىدە چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. ئايەتنىڭ: «بىراق ئاياللار ھاۋائانىنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ» دېگەن يەنە بىر چۈشەنچىسى ئەينى تېكىستكە ئانچە يېقىن كەلمەيدۇ، دەپ قارايمىز.
■2:2 يەر. 29:7.
■2:4 ئەز. 18:23؛ 2پېت. 3:9.
□2:5 «چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر» ــ ياكى «چۈنكى خۇدا بىردۇر» ــ «قان.» 4:6 («پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، پەرۋەردىگار بىر بىرلىكتۇر») ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
■2:5 يـۇھ. 17:3؛ رىم. 3:30؛ گال. 3:19؛ ئىبر. 9:15.
□2:6 «ئۇ (مەسىھ) بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى» ــ بۇ «ھۆر قىلىش» گۇناھنىڭ ۋە شەيتاننىڭ ئىلكىدىن. «شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇ ئۇلۇغ ئىشقا (يەنى مەسىھنىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشى) بېكىتىلگەن ۋاقتى-سائىتىدە گۇۋاھلىق بېرىلدى». لېكىن بىزنىڭچە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۆزى شۇ «گۇۋاھلىق»تۇر ــ دېمەك، ئەيسانىڭ قۇربانلىقى خۇدانىڭ چەكسىز مۇھەببەت ۋە نىجاتلىق پىلانى توغرۇلۇق بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئاشكارىلاندى.
■2:6 مات. 20:28؛ ئەف. 1:7؛ كول. 1:14.
■2:7 روس. 9:15؛ 13:2؛ 22:21؛ رىم. 1:9؛ 9:1؛ گال. 1:16؛ 2:8؛ ئەف. 3:8؛ 2تىم. 1:11.
■2:8 زەب. 134:1-2؛ يـۇھ. 4:21.
■2:9 تىت. 2:3؛ 1پېت. 3:3.
□2:11 «جامائەت سورۇنلىرىدا، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن» ــ يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرى بويىچە ئايال كىشىلەر خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئۆگەنمەسلىك كېرەك ئىدى، شۇڭا روسۇلنىڭ بۇ سۆزى چوڭ بىر يېڭىلىق ئىدى.
□2:12 «لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن» ــ بۇ تەلىم توغرۇلۇق، شۇنداقلا ئاچا-سىڭىللارغا ئاتا قىلىنغان ئىلتىپاتلار توغرۇلۇق «1كور.» 34:14-35 ۋە «كورىنتلىقلار (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.
■2:12 يار. 3:16؛ 1كور. 14:34؛ ئەف. 5:24.
■2:13 يار. 1:27؛ 2:22.
■2:14 يار. 3:6.
□2:15 «لېكىن ئاياللار ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەت ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە سالماقلىق بىلەن تۇرىدىغانلا بولسا، ئۇلار تۇغۇتتا ساق-سالامەت قۇتۇلىدۇ» ــ دېمەك، «ئاياللار خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن تۇغۇتى قىيىن ۋە خەتەرلىك بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ». بۇ 14-15-ئايەتنى: «ئاياللار ئەرلەرگە تەلىم بېرىش، ئەرلەر ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشتە ئەمەس، بەلكى بالا تۇغۇش ۋە ئۇنى بېقىش جەريانىدا، ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشىدىغان قۇتقۇزۇلۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ» دېگەن باشقا بىر مەنىدە چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. ئايەتنىڭ: «بىراق ئاياللار ھاۋائانىنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ» دېگەن يەنە بىر چۈشەنچىسى ئەينى تېكىستكە ئانچە يېقىن كەلمەيدۇ، دەپ قارايمىز.