باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مۇنىڭدىن باشلاپ ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭلىتىش مەقسىتىدە باشقا خەزىنىچىلەردىن پۇل ئالماڭلار». 8-ئايەت بىزنىڭ تەرجىمىمىزگە ماسراق كېلىدۇ.
□12:1 «يەھوئاش» ــ «يوئاش»نىڭ باشقا شەكلى.
□12:2 «يەھوئاش يەھويادا كاھىن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ تۇرغان بارلىق كۈنلەردە، ... دۇرۇس بولغاننى قىلدى.» ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا يوئاش يەھويادا ئۆلگەندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن چىقىپ كەتتى؛ ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولدى («2تار.» 17:24-27نى كۆرۈڭ).
□12:3 «يۇقىرى جايلار» ــ تەۋراتتىكى «قان.» 5:12-14دە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك يەرلەردە، خۇدا ئىسرائىللارغا: بىرسى ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلسا، پەقەت «ئۆزۈم تاللىغان جاي»دا قۇربانلىق قىلسۇن، دەپ تاپىلايدۇ. ئىسرائىلنىڭ تارىخىدا خۇدا مۇشۇنداق قۇربانلىق قىلىدىغان بىرنەچچە جاينى بېكىتكەنىدى (بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا جاينى بېكىتەتتى). بىراق ئىسرائىللار بەلكىم ئۆز قولايلىقىنى كۆزلەپ (ۋە بەلكىم بۇتپەرەسلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى دوراپ) خۇدانىڭ ئەمرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلىپ تاغ چوققىلىرى قاتارلىق يۇقىرى جايلاردا خۇداغا ئىبادەت قىلىپ قۇربانلىق قىلاتتى. بۇنىڭ شۇنداق بىر خەتىرى بار ئىدىكى، ئۇلار ئەتراپىدىكى بۇتپەرەسلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ يەردە ھەرخىل بۇتلارغىمۇ چوقۇنۇپ، ھەتتا بۇتپەرەسلەرگە ئەگىشىپ «ئىنسان قۇربانلىق»لارنىمۇ قىلىشى مۇمكىن ۋە دەرۋەقە كۆپ ۋاقىتلاردا شۇنداق قىلاتتى (مەسىلەن، «ئەز.» 21:16، 26:20نى كۆرۈڭ).
□12:4 «رويخەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەر كىشىنىڭ باج پۇلى، قەسەم ئىچكەنلەرنىڭ پۇلى» ــ «مىس.» 11:30-16، «لاۋ.» 27-بابنى كۆرۈڭ.
■12:4 2پاد. 22:3-21
□12:5 «كاھىنلار خەزىنىچىلەردىن...» ــ ياكى «كاھىنلار ئۆز تونۇشلىرىدىن...». «كاھىنلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەربىر كاھىن...» دېيىلىدۇ ــ دېمەك، ھەربىر كاھىننىڭ بۇ ئىشقا بولغان ئايرىم مەسئۇلىيىتى بارلىقى سەل تەكىتلىنىدۇ.
□12:7 «...مۇندىن كېيىن خەزىنىچىلەردىن پۇل ئالماڭلار ۋە ئۆزۈڭلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭلاتماڭلار» ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا كاھىنلار ھېچ بولمىغاندا ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىش خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولسا كېرەك. بۇ سۆزلەردىن ئۇلار مۇشۇ پۇللارنى خىيانەت قىلغانلىقى ناتايىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مۇنىڭدىن باشلاپ ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭلىتىش مەقسىتىدە باشقا خەزىنىچىلەردىن پۇل ئالماڭلار». 8-ئايەت بىزنىڭ تەرجىمىمىزگە ماسراق كېلىدۇ.
□12:12 «تاشتىراشلار» ــ يەنى تاش نەقىشچىلەر ئىدى.
■12:17 2پاد. 8:12؛ 13:25؛ 2تار. 24:23
■12:18 2پاد. 18:15
□12:19 «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» ــ بۇ كىتاب تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە» ئەمەس، بىراق شۈبھىسىزكى، تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە» ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇچۇرلار ئالغانىدى.
■12:20 2پاد. 14:5