بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. ■ 1تېس. 2:14؛ يەھ. 6. 6-7 شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟■ زەك. 2:12؛ 1تېس. 4:16. 8 شۇ چاغدا ئۇ خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ.□ «شۇ چاغدا ئۇ (مەسىھ) خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ» ــ «يەر.» 25:10، «زەب.» 6:79 ۋە «يەش.» 15:66نى كۆرۈڭ. ■ يەر.» 10:25؛ زەب. 79:6؛ يەش. 66:15؛ رىم. 2:8؛ 2پېت. 3:7. 9 بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ. □ «بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ» ــ ياكى بولمىسا: «بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇردىن بولغان مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ». ■ يەش. 2:19. 10 ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىدە ئۇلۇغلىنىپ، شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە (سىلەر دەرۋەقە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزغا ئىشەنگەندۇرسىلەر) ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ.□ «ئۇ (مەسىھ) ... شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە ... ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ» ــ «ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلىنىش» ــ گرېك تىلىدا بۇ بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.
«ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىدە... ئىشەنگەنلەردە...». بۇ ئىبارىنىڭ مەنىسى: (1) «رەب ئەيسانىڭ گۈزەللىكى ۋە پەزىلىتى ئۆز بەندىلىرى، يەنى ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەملىرىگە بىرىنچى بولۇپ كۆرۈنىدۇ» ۋە: (2) «ئۇنىڭ بۇ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە، يەنى ئۇلار ئارقىلىق پۈتكۈل ئالەمگە كۆرۈنىدۇ» دېگەنلىك بولسا كېرەك. ■ روس. 1:11؛ 1تېس. 1:10؛ ۋەھ. 1:7.
□1:1 «تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام» ــ «تېسالونىكا شەھىرى» ــ قەدىمكى گرېتسىيەدىكى بىر شەھەر ئىدى، بۇ شەھەرنىڭ ھازىرقى نامى «سالونىكا» بولۇپ، ئۇ تۈركىيىدە.
■1:2 1كور. 1:3؛ 1تېس. 1:1؛ 1پېت. 1:2.
□1:3 «سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ...، ئى قېرىنداشلار، ــ چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا» ــ پاۋلۇسنىڭ بىرىنچى خېتىدىكى دۇئاسى ھەم ئۆتۈنۈشلىرى ھازىر ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ؛ «1تېس.» 12:3، 10:4نى كۆرۈڭ.
■1:3 ئەف. 1:15؛ فىل. 1:3؛ كول. 1:3؛ 1تېس. 1:2.
■1:4 1تېس. 2:19.
□1:5 «بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر» ــ «بۇ ئىشلار» ــ ئېتىقادچىلارغا قارشى چىققانلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشلىرى ھەم تېسالونىكادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ سەۋر-تاقەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■1:6-7 زەك. 2:12؛ 1تېس. 4:16.
□1:8 «شۇ چاغدا ئۇ (مەسىھ) خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ» ــ «يەر.» 25:10، «زەب.» 6:79 ۋە «يەش.» 15:66نى كۆرۈڭ.
■1:8 يەر.» 10:25؛ زەب. 79:6؛ يەش. 66:15؛ رىم. 2:8؛ 2پېت. 3:7.
□1:9 «بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ» ــ ياكى بولمىسا: «بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇردىن بولغان مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ».
■1:9 يەش. 2:19.
□1:10 «ئۇ (مەسىھ) ... شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە ... ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ» ــ «ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلىنىش» ــ گرېك تىلىدا بۇ بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. «ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىدە... ئىشەنگەنلەردە...». بۇ ئىبارىنىڭ مەنىسى: (1) «رەب ئەيسانىڭ گۈزەللىكى ۋە پەزىلىتى ئۆز بەندىلىرى، يەنى ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەملىرىگە بىرىنچى بولۇپ كۆرۈنىدۇ» ۋە: (2) «ئۇنىڭ بۇ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە، يەنى ئۇلار ئارقىلىق پۈتكۈل ئالەمگە كۆرۈنىدۇ» دېگەنلىك بولسا كېرەك.
■1:10 روس. 1:11؛ 1تېس. 1:10؛ ۋەھ. 1:7.