□2:4 «ئۇلارنىڭ ساختىلىقلىرى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرۇپ قويدى» ــ «ساختىلىقلىرى» كېيىنكى گەپلەرگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ياسىغان بۇتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
□2:7 «ئاتا-بالا ئىككىسى مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغاپ، ئوخشاش بىر قىزنىڭ يېنىغا تەڭ بارىدۇ» ــ بۇ ئىش پاھىشىۋازلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ بۇتىغا، يەنى «بائال»غا بىرخىل چوقۇنۇش پائالىيىتى ھېسابلىناتتى.
□2:8 «ئۇلار قىزلارنى ھەممە قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، قەرزگە رەنىگە قويغان كىيىم-كېچەكلەر ئۈستىدە ئۇلار بىلەن ياتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىلاھىنىڭ ئۆيىدە جەرىمانە بىلەن ئالغان شارابنى ئىچمەكتە» ــ بۇ جۈملىدە ئاموس ئۇلارنىڭ، بولۇپمۇ بايلارنىڭ تۆت گۇناھىنى كۆرسىتىدۇ: ــ (1) ئۇلارنىڭ (بۇتلارغا ئاتاپ بېغىشلىغان) كۆپ قۇربانلىقلىرى بار ئىدى؛ (2) ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزلىرىگە قەرزدار بولغان نامراتلاردىن كىيىم-كېچەكلىرىنى تارتىۋالىدۇ («مىس.» 26:22، «قان.» 12:24-17-نى كۆرۈڭ)؛ (3) ئۇلار بۇتخانىلارنى سېلىپ، بۇتلارنى ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى دەپ ئېتىراپ قىلغان؛ (4) ئۇلار ھارام يولدا خەقتىن جەرىمانە ئالىدۇ ــ ئۇ گۇناھلار بەلكىم 6-ئايەتتە ئېيتىلغان «ئۈچ گۇناھى، تۆت گۇناھى»نى ئېنىق تولۇقلاپ كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن.
■2:9 چۆل. 21:24؛ قان. 2:31؛ يە. 24:8
□2:10 «سىلەرنى ... قىرىق يىل ... يېتەكلىدىم» ــ «مىسىردىن چىقىش» ۋە «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر» بويىچە ئۇلار چۆل-باياۋاندا كۆپ قېتىم خۇداغا ئىتائەتسىزلىك، ئاسىيلىقمۇ قىلغان. خۇدانىڭ شۇ كۈنلەردە ئۇلارنى تاشلىۋەتمىگەنلىكى ئۇنىڭ مېھرى-شەپقىتىگە ئىنتايىن زور ئىسپات بەردى ۋە بېرىدۇ.
■2:10 مىس. 12:51
□2:11 «نازارىي» ــ بۇ ئادەملەر ئالاھىدە يول بىلەن (جۈملىدىن شاراب ئىچمەي، چاچلىرىنى چۈشۈرمەي) ۋاقىتلىق ياكى ئۆمۈرۋايەت ئۆزىنى خۇداغا ئاتاپ بېغىشلىغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى خەقلەرگە باقىي دۇنيانى ئەسلىتىپ تۇراتتى («چۆل.» 6-بابنى كۆرۈڭ).
■2:12 ئام. 7:12، 13