ئاموس بۇ يەردە سۆز ئويۇنى قىلىدۇ، «گىلگال ئەسىرگە چۈشىدۇ» دەيدۇ. بۇ ئىبرانىي تىلىدا «گىلگال گالاھ-گالاھ» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «بەيت-ئەل يوققا چىقىدۇ» دېگەننىڭ «بەيت-ئەل «يوق» (يوققا باراۋەر بولغان) بىر بۇتقا ئوخشاپ قالىدۇ» دېگەن ئىچكى مەنىسى بار. ■ ئام. 4:4
باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «نامراتلاردىن ئېغىر ئىجارە ھەققى ئېلىپ،...». ■ زەف. 1:13
□5:5 «بەيت-ئەلنى ئىزدىمەڭلار، گىلگالغىمۇ بارماڭلار، بەئەر-شېباغا سەپەر قىلماڭلار» ــ بەيت-ئەل، گىلگال ھەم بەئەر-شېبا ئىسرائىللار ئۈچۈن ئۈچ تاۋابگاھقا ئايلانغانىدى. بۇ ئۈچ جايغا بېرىپ قۇربانلىق قىلىش قاتارلىقلار «تاۋاپ قىلىش»تەك «ساۋابلىق ئىش» دەپ قارالغان. بۇ ئۈچ جاي ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ، يەشۇئا قاتارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان جايلاردۇر. تەۋراتتا، بۇنداق «تاۋاب قىلىش» ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى خوراپىليلىق دەپ قارىلىدۇ. ئاموس بۇ يەردە سۆز ئويۇنى قىلىدۇ، «گىلگال ئەسىرگە چۈشىدۇ» دەيدۇ. بۇ ئىبرانىي تىلىدا «گىلگال گالاھ-گالاھ» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «بەيت-ئەل يوققا چىقىدۇ» دېگەننىڭ «بەيت-ئەل «يوق» (يوققا باراۋەر بولغان) بىر بۇتقا ئوخشاپ قالىدۇ» دېگەن ئىچكى مەنىسى بار.
■5:5 ئام. 4:4
□5:7 «ئى ئادالەتنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغۇچى» ــ «ئەمەن» دېگەن ئاچچىق بىر ئۆسۈملۈك بولغاچقا، مۇشۇ يەردە ئادەملەرگە قايغۇ-ھەسرەتنى ئېپكېلىدىغان ئادالەتسىزلىكنى بىلدۈرىدۇ.
■5:8 ئايۇپ 9:9؛ 38:31؛ ئام. 9:6
□5:10 «شۇ ئىسرائىللار شەھەر دەرۋازىسىدا تەنبىھ بېرىدىغانلارغا ئۆچ،...» ــ «شەھەر دەرۋازىسى» شەھەردىكى ئاقساقاللار ئولتۇرىدىغان، ئەرز-دەۋالارنى ئاڭلايدىغان، سوراق قىلىدىغان جاي.
□5:11 «ئەمدى سىلەر نامراتلارنى ئېزىپ،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەمدى سىلەر نامراتلارنى دەسسەپ،...». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «نامراتلاردىن ئېغىر ئىجارە ھەققى ئېلىپ،...».
■5:11 زەف. 1:13
□5:13 ««پەملىك ئادەم» سۈكۈت قىلىدۇ» ــ مۇشۇ «پەملىك ئادەم» بەلكىم «ئۆز بىخەتەرلىكى ياكى مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرىدىغان ئادەم» دېگەن مەنىدە. يۇقىرىقى 10-، 12-ئايەتنى كۆرۈڭ. بۇنىڭغا قارىغاندا، ئاموس پەيغەمبەرنىڭ «ئېپى يوق» ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇ ئوپئوچۇق ھالدا رەزىل ھۆكۈمدارلارغا، بايلارغا تەنبىھ بەرمەكتە.
□5:15 «... خۇدا بەلكىم يۈسۈپنىڭ قالدىسىغا شاپائەت كۆرسىتەر» ــ «يۈسۈپنىڭ قالدىسى» شىمالىي پادىشاھلىق بولغان «ئىسرائىل»دىن قالدۇرۇلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. يۈسۈپتىن تۆرۈلگەن ئەفرائىم ۋە ماناسسەھدىن ئىسرائىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قەبىلىلەر چىققان.
■5:15 زەب. 34:14-15؛ 97:10؛ رىم. 12:9
□5:17 «مەن ئۆزۈم ئاراڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن» ــ «مىس.» 12:12دە، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا «مەن مىسىرنى كېزىپ ئۆتىمەن» دەپ مىسىرلىقلارغا ئۆلۈم جازاسىنى يۈرگۈزگەنلىكىگە ئوخشاش، ئۇ ھازىر ئۆز خەلقى ئارىسىدىن «ئۆتۈپ كېتىپ»، ئۆز جازاسىنى ئېلىپ بارىدۇ.
□5:18 «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىگە تەقەززار بولغان سىلەرگە ۋاي!» ــ ئاموس دەۋرىدىكىلەر تەۋراتتىكى «ئوبادىيا» ھەم «يوئېل» پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»نى خاتا چۈشىنىپ، بەلكىم «خۇدا ھەممە «كاپىر ئەجنەبىي» ئەللەرنى قاتتىق ئۇرىدۇ، «خۇدانىڭ خەلقى بولغان بىزلەر» كۆتۈرۈلىمىز» دېگەن ئىرقچى، بىمەنە كۆز-قاراشتا بولغانىدى. ئاموس بۇ كۈن بولسا، گۇناھتىن توۋا قىلمىغان ھەربىر ئادەمگە جازا ئېلىپ كېلىدۇ، دەيدۇ.
■5:18 يەر. 30:7؛ يو. 2:2؛ زەف. 1:15
■5:21 يەش. 1:11؛ يەر. 6:20
□5:25 «سىلەر چۆل-باياۋاندىكى قىرىق يىلدا قىلغان قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنى ماڭا ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟!» ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە چۆل-باياۋاندا بولغان دەۋردە، ئىسرائىللار چۆل-باياۋاندا قۇربانلىقلارنى قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئايەتتىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئۇلار بۇ قۇربانلىقلارنى خۇدا ئۈچۈن ئاتىغان ئەمەس («ماڭا ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟»)؛ بۇ ئىشلار پەقەتلا بىر «دىنىي پائالىيەت» يۇسۇنىدا ئېلىپ بېرىلغان، خالاس.
■5:25 روس. 7:42
□5:26 «بەرھەق، سىلەر ... «يۇلتۇز ئىلاھى»ڭلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار!» ــ پۈتكۈل ئايەتنىڭ تەرجىمىلىرى كۆپ خىل. بىراق ئاساسىي مەنىسى ئوخشاش، ئىسرائىل مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدىن تارتىپ كۆڭلىدىكى بۇتپەرەسلىكنى ھېچ تاشلىمىغان. ئايەتتە ئېيتىلغان بۇتلار ئاساسەن مېسوپوتامىيە، يەنى بابىل رايونىدىكى بۇتلاردۇر. شۇڭا خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى (27-ئايەت) ئۇلارنى بابىلغا ئەسىر قىلدۇرۇپ، شۇ يەرگە سۈرگۈن قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ.