دانىيال ــ «خۇدا مېنىڭ سوت قىلغۇچۇمدۇر»
بەلتەشاسار ــ «بەل (بىر مەبۇد) ئۇنىڭ ھاياتىنى قوغدىسۇن»
ھانانىيا ــ «پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىكتۇر»
شادراك ــ «ئاكۇ (بىر مەبۇد)نىڭ بۇيرۇقى»
مىشائېل ــ «خۇداغا كىم ئوخشىيالىسۇن؟»
مىشاك ــ «ئاكۇ (بىر مەبۇد)غا كىم ئوخشىيالىسۇن؟»
ئازارىيا ــ «پەرۋەردىگار ياردەمچىمدۇر»
ئەبەدنېگو ــ «نېگو (نۇر چاچىدىغان مەبۇد)نىڭ قۇلى»
■1:1 2پاد. 24:2، 3؛ 2تار. 36:6
□1:2 «خۇدانىڭ ئۆيى» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانا، ئەلۋەتتە.
□1:3 «باش ئاغۋات غوجىدارى ئاشپىناز» ــ «ئاغۋات» پادىشاھ سارايىدىكى كېنىزەكلەرگە قارايدىغان، پىچىلغان ئەر كىشى. ئۇلارنىڭ باشقا ۋەزىپىلىرى بار بولۇشى مۇمكىن. مۇمكىنچىلىكى يەنە باركى، مۇشۇ يەردە «باش ئاغۋات غوجىدارى» پادىشاھلارنىڭ بارلىق ئەمەلدارلارنىڭ بېشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مۇشۇ توغرا بولسا «باش ئەمەلدار» دەپ تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
■1:3 يەش. 39:7
□1:4 «يەنە كېلىپ كالدىيلەرنىڭ ئىلىم-پەنلىرىنى ھەم تىلىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى ــ «كالدىيە» بابىل ئىمپېرىيەسىدىكى مۇھىم بىر ناھىيە ئىدى، شۇ يەردىكىلەر «ئالىيجاناپ كىشىلەر» دەپ قارىلاتتى. بابىل ئوردىسىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئاساسەن مۇنەججىملەر شۇ تەبىقىدىكى ئادەملەردىن بولۇشى كېرەك ئىدى.
□1:7 «ئاغۋات بېشى ئۇلارغا يېڭى ئىسىملار، يەنى دانىيالغا بەلتەشاسار، ھانانىياغا شادراك، مىشائېلغا مىشاك، ئازارىياغا ئەبەدنېگو دېگەن ئىسىملارنى قويدى» ــ بۇ قويغان ئىسمىلار، ئاساسەن بۇتپەرەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسلى ۋە يېڭى ئىسمىلىرىنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىدەك: ــ دانىيال ــ «خۇدا مېنىڭ سوت قىلغۇچۇمدۇر» بەلتەشاسار ــ «بەل (بىر مەبۇد) ئۇنىڭ ھاياتىنى قوغدىسۇن» ھانانىيا ــ «پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىكتۇر» شادراك ــ «ئاكۇ (بىر مەبۇد)نىڭ بۇيرۇقى» مىشائېل ــ «خۇداغا كىم ئوخشىيالىسۇن؟» مىشاك ــ «ئاكۇ (بىر مەبۇد)غا كىم ئوخشىيالىسۇن؟» ئازارىيا ــ «پەرۋەردىگار ياردەمچىمدۇر» ئەبەدنېگو ــ «نېگو (نۇر چاچىدىغان مەبۇد)نىڭ قۇلى»
□1:8 «دانىيال پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەر ۋە شاھانە شارابلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇدا ئالدىدا ناپاك قىلماسلىققا بەل باغلىدى» ــ دانىيال يەھۇدىي بولغاچقا، مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن «مۇقەددەس قانۇن»غا ئاساسەن، بەزى گۆشلەر، مەسىلەن چوشقا، تۆگە، توشقان گۆشىنى يېيىشكە بولمايتتى. قان چىقارماي بوغۇپ ئۆلتۈرگەن بولسا، يېيىشكە بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بابىل ئوردىسىدىكىلەر يېگەن گۆشلەر ۋە ئىچكەن شارابلار مەبۇدلارغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئاشۇ مەبۇدلارنى مەدھىيىلەش ئۈچۈن يەپ-ئىچىلەتتى.
■1:8 لاۋ. 15:1-35؛ 17:12؛ قان. 14:3-21؛ 1كور. 8:4؛ 8-10
□1:18 «پادىشاھ بەلگىلىگەن مۇددەت توشقىنىدا...» ــ يەنى ئۈچ يىل (5-ئايەتنى كۆرۈڭ).
□1:21 «دانىيال پارس پادىشاھى قورەش تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلغىچە ئوردىدا داۋاملىق تۇردى» ــ پارس پادىشاھى قورەش 66 يىلدىن كېيىن بابىل ئىمپېرىيەسىنى ئىستېلا قىلدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى).