□11:1 «نانلىرىڭنى سۇلارغا ئەۋەت... ئۇنى قايتىدىن تاپىسەن» ــ بۇ ئايەت بەلكىم دېڭىز سودىسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ تەۋەككۈلچىلىڭ قانچە چوڭ بولسا، پايدىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ گەپنىڭ يەنە ھەرخىل كۆچمە مەنىلىرى بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نېنىڭنى سۇلار (دېڭىزلار) ئۈستىگە تاشلا».
□11:2 «بىر ئۈلۈشنى يەتتە كىشىگە، سەككىزىگىمۇ بەرگىن؛ چۈنكى يەر يۈزىدە نېمە يامانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن» ــ بەزى ئالىملار، بۇ ئايەتمۇ سودا-تىجارەتنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىرنەچچە كۆچمە مەنىلىرىمۇ بولسا كېرەك.
■11:2 2كور. 9:10
□11:5 «شامالنىڭ يولى...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شامال» ۋە «روھ» بىر سۆز بولۇپ، سۇلايمان مۇشۇ ئايەتتە ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدا ئاپىرىدە بولىدىغانلىقى، ئۆسىدىغانلىقىنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنى پۇرىتىپ كۆرسىتىدۇ (ئىنجىل، «يۇھ.» 1:3-8نىمۇ كۆرۈڭ).
■11:5 يـۇھ. 3:8