5
(داۋامى)
1‏-2 شۇڭا خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىڭلار؛ ھەمدە مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار. يـۇھ. 13‏:34؛ 15‏:12؛ گال. 2‏:20؛ 1تېس. 4‏:9؛ تىت. 2‏:14؛ 1پېت. 3‏:18؛ ئىبر. 8‏:3؛ 9‏:14؛ 1يۇھ. 3‏:23؛ 4‏:21 ئەمما مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق ھالدا، بۇزۇقلۇق، ھەرقانداق پاسكىنىلىق ياكى نەپسانىيەتچىلىك ئاراڭلاردا ھەتتا تىلغىمۇ ئېلىنمىسۇن؛ مار. 7‏:21؛ ئ‍ەف. 4‏:29؛ كول. 3‏:5. شۇنداقلا ئىپلاسلىق، ئەخمىقانە پاراڭلار ياكى چاكىنا چاقچاقلارمۇ تىلىڭلارغا ئېلىنمىسۇن ــ بۇلارمۇ مۇۋاپىق ئەمەستۇر ــ بەلكى ئاغزىڭلاردىن تەشەككۈرلەر چىقسۇن.
چۈنكى شۇنىڭدىن خەۋەردارسىلەركى، ھەرقانداق بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، ناپاك بولغۇچى ياكى نەپسانىيەتچى كىشى (بۇنداق كىشى ئەمەلىيەتتە بىر بۇتپەرەسكە باراۋەر) مەسىھ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولالمايدۇ. 1كور. 6‏:10؛ گال. 5‏:19؛ كول. 3‏:5؛ ۋەھ. 22‏:15. ھېچكىمگە ئۆزۈڭلارنى قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئالداتماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. يەر. 29‏:8؛ مات. 24‏:4؛ مار. 13‏:5؛ لۇقا 21‏:8؛ كول. 2‏:4،18؛ 2تېـس. 2‏:3؛ 1يۇھ. 4‏:1.
شۇڭا ئۇلارغا مۇشۇ ئىشلاردا شېرىك بولماڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئەسلى قاراڭغۇلۇق ئىدىڭلار، لېكىن ھازىر رەبدە يورۇقلۇقسىلەر؛ يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق مېڭىڭلار 1تېس. 5‏:4. (چۈنكى يورۇقلۇقنىڭ مېۋىسى تولۇق مېھرىبانلىق، ھەققانىيلىق ۋە ھەقىقەتتىن تەركىب تاپقاندۇر)، گال. 5‏:22. 10 نېمە ئىشلارنىڭ رەبنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ ئىسپاتلاڭلار. 11 قاراڭغۇلۇقتىكى مېۋىسىز ئىشلار بىلەن چېتىلىپ قالماڭلار؛ ئەكسىچە، ئۇلارنى ئېچىپ ئەيىبلەڭلار؛ مات. 18‏:17؛ 1كور. 5‏:8؛ 10‏:20؛ 2كور. 6‏:14؛ 2تېـس. 3‏:14. 12 چۈنكى ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنچە ئىشلىگەنلىرىنى ھەتتا تىلغا ئېلىشمۇ نومۇس ئىشتۇر. 13 ئەمما يورۇقلۇق بىلەن ئەيىبلەپ ئاشكارىلىغان ھەرقانداق نەرسە ئوچۇق كۆرۈنىدۇ؛ يورۇقلۇق ئاشكارىلانغان ھەممە نەرسە يورۇقلۇققا ئايلىنىدۇ. يـۇھ. 3‏:20،21. 14 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ
«ئويغان، ئەي ئۇيقۇچى!
تىرىل ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن!
ۋە مەسىھ سېنى پارلاپ يورىتىدۇ». «ئويغان، ئەي ئۇيقۇچى! تىرىل ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن! ۋە مەسىھ سېنى پارلاپ يورىتىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر تەۋراتتىكى بېشارەت ئەمەس، بەلكى تەۋراتتىكى بىرنەچچە بېشارەتلەرنىڭ بىرخىل يەكۈنى ياكى ئىنجىل دەۋرىدىكى نامەلۇم پەيغەمبەرنىڭ كۈي-مەدھىيە سۆزلىرىدىن ئېلىنغان سۆزلەر بولۇشى مۇمكىن.   رىم. 13‏:11؛ 1تېس. 5‏:6.
15 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېڭىۋاتقان يولۇڭلارغا ئېھتىيات بىلەن دىققەت قىلىڭلار؛ يولۇڭلار نادانلارنىڭكىدەك ئەمەس، دانالارنىڭكىدەك بولسۇن؛ كول. 4‏:5. 16 ۋاقىت-پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تۇتۇۋېلىڭلار؛ چۈنكى مۇشۇ دەۋر رەزىلدۇر. «ۋاقىت-پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تۇتۇۋېلىڭلار...» ــ گرېك تىلىدا «مۇشۇ كۈنلەرنى غەنىيمەت بىلىپ تۇتۇۋېلىڭلار...».   رىم. 13‏:11. 17 بۇ سەۋەبتىن نادان بولماڭلار، بەلكى رەبنىڭ ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگۈچى بولۇڭلار؛ رىم. 12‏:2؛ 1تېس. 4‏:3. 18 ھاراق-شاراب ئىچىپ مەست بولماڭلار؛ شۇنداق قىلىق ئادەمنى شاللاقلاشتۇرىدۇ؛ بۇنىڭ ئورنىغا روھقا تولدۇرۇلغۇچى بولۇڭلار، «ھاراق-شاراب ئىچىپ مەست بولماڭلار؛ شۇنداق قىلىق ئادەمنى شاللاقلاشتۇرىدۇ؛ بۇنىڭ ئورنىغا روھقا تولدۇرۇلغۇچى بولۇڭلار..» ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھ.   پەند. 23‏:29؛ يەش. 5‏:11،22؛ لۇقا 21‏:34؛ روس.2‏:4 19 بىر-بىرىڭلارغا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلار ئېيتىشىپ، قەلبىڭلاردا ناخشا-نەغمىلەر ياڭرىتىپ رەبنى مەدھىيىلەڭلار؛ «بىر-بىرىڭلارغا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلار ئېيتىشىپ، قەلبىڭلاردا ناخشا-نەغمىلەر ياڭرىتىپ رەبنى مەدھىيىلەڭلار» ــ «زەبۇر-نەغمىلەر» بەلكىم سازغا تەڭكەش قىلىنىپ ئېيتىلىدىغان ناخشىلار؛ «مەدھىيە كۈيلىرى» بەلكىم سازسىز ناخشىلار؛ «روھىي ناخشىلار» بەلكىم ستىخىيىلىكتىن، ئۆزلىكىدىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن ئېيتىلغان ناخشىلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («1كور.» 15:14نى ۋە ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ).   كول. 3‏:16. 20 ھەردائىم ھەممە ئىشلار ئۈچۈن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا خۇدا ھەم ئاتا بولغۇچىغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىڭلار، كول. 3‏:17؛ 1تېس. 5‏:18. 21 مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. «مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار» ــ بۇ ئىشلار ۋە قالغان جېكىلەشلەر ئاساسەن ھەممىسى «مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇش»نىڭ نەتىجىسىدۇر.
«مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار» ــ «مەسىھتىن ئەيمىنىش» بىرىنچى ئورۇندا بولۇش كېرەك؛ جامائەتتىكى مەلۇم بىر قېرىندىشىغا بويسۇنۇش مەسىھنىڭ ئەمرلىرىگە ئۇيغۇن كەلمىسە ئۇ چاغدا ئۇ قېرىندىشىغا بويسۇنماسلىق كېرەكتۇر.
22 سىلەر ئاياللار، رەبكە بويسۇنغاندەك ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛ يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ كول. 3‏:18؛ تىت. 2‏:5؛ 1پېت. 3‏:1. 23 چۈنكى مەسىھ جامائەتنىڭ بېشى بولغاندەك، ئەر ئايالنىڭ بېشىدۇر؛ مەسىھ يەنە تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر. «چۈنكى مەسىھ جامائەتنىڭ بېشى بولغاندەك، ئەر ئايالنىڭ بېشىدۇر؛ مەسىھ يەنە تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر» ــ «تەن» مۇشۇ يەردە «جامائەت»نى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن روسۇل پاۋلۇس مۇشۇ يەردە «مەسىھ تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر» دېگەن سۆزى بىلەن، ئەرنىڭ ئۆز ئايالىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئايالىنىڭ تېنىنى ئاسراش مەسئۇلىيىتى بار، دېگەننى پۇرىتىدۇ.   رىم. 12‏:5؛ 1كور. 11‏:3؛ 12‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:22،23؛ 4‏:12،15؛ كول. 1‏:18،24. 24 ئەمدىلىكتە جامائەت مەسىھكە بويسۇغاندەك، ئاياللار ئەرلىرىگە ھەممە ئىشتا بويسۇنسۇن.
25 ئەرلەر ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلەر، خۇددى مەسىھنىڭمۇ جامائەتنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغىنىدەك سۆيۈڭلار؛ گال. 1‏:4؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ كول. 3‏:19. 26  مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، «(مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن) شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر» ــ «جامائەتنى» گرېك تىلىدا «ئۇنى». بۇ ئايەتتىكى «ئۇ» جامائەتنى كۆرسەتكەندە، گرېك تىلىدىكى «ئايالچە رود»تا ئىپادىلىنىدۇ. ئايەتتىكى ئوخشىتىش دەل شۇكى، يىگىتنىڭ تويدا ئۆزىگە ياتلىق بولىدىغان سۆيۈملۈك قىزنى ئۆزىگە ھازىر قىلغىنىدەك، مەسىھ جامائەتنى ئۆزىگە ھازىر قىلىدۇ. توي بولسا جەننەتتە بولىدۇ («ۋەھ.» 7:19-9، 9:21-10نى كۆرۈڭ). «... «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر» ــ «داسنىڭ سۈيى» تەۋرات دەۋرىدىكى زامانلاردا كاھىنلار ئىبادەتخانىدا خۇداغا ھەرقېتىم يېقىنلاشقاندا، پۈتكۈل تەنلىرىنى چوڭ داس («دېڭىز») ئىچىدە يۇيۇشى كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش يولدا خۇداغا يېقىنلاشقىنىمىزدا، بىزدە نالايىق بىرەر ئىشلار بولسا، ئۇنىڭ سۆز-كالامى بىزگە پاكلاندۇرۇش يولىنى (دېمەك، گۇناھنى ئىقرار قىلىپ، توۋا قىلىش، ئەيسانىڭ قېنى ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىپ پاكلاندۇرۇلۇش يولىنى) كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ.   تىت. 3‏:5؛ 1پېت. 3‏:21. 27 شۇنىڭدەك جامائەتنى شەرەپلىك ھالدا ئۆزىگە ھازىر قىلىپ، ئۇنى ھېچ داغ، قورۇق ياكى بۇلارغا ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىلەردىن خالىي قىلىپ، تولۇق مۇقەددەس ۋە ئەيىبسىز قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. كول. 1‏:22. 28 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەكتۇر؛ ئۆز ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر. 29 چۈنكى ھېچكىم ئەسلا ئۆزىنىڭ ئېتىدىن نەپرەتلەنگەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ھەم ئاسرايدۇ؛ بۇ خۇددى مەسىھنىڭ جامائەتنى ئوزۇقلاندۇرىدىغىنىغا ھەم ئۇنى ئاسرايدىغىنىغا ئوخشايدۇ. 30 چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز: ــ «چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز: ــ» ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە: «چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز؛ بىز ئۇنىڭ ئەتلىرىدىن، ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىدىن بولغانمىز» دېيىلىدۇ («يار.» 23:2نى كۆرۈڭ).   رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27.
31 «شۇ سەۋەبتىن ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىدۇ؛ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ». «شۇ سەۋەبتىن ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىدۇ؛ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» ــ «يار.» 23:2.   يار. 2‏:24؛ مات. 19‏:5؛ مار. 10‏:7؛ 1كور. 6‏:16.
32 بۇ سىر ئىنتايىن چوڭقۇردۇر؛ ئەمما مەن ھازىر مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىمەن. «بۇ سىر ئىنتايىن چوڭقۇردۇر؛ ئەمما مەن ھازىر مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىمەن» ــ ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىپ بىر تەن بولۇشى دەرھەقىقەت چوڭقۇر بىر سىر؛ مەسىھنىڭ جامائەتكە باغلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن بىر تەن بولۇشى تېخىمۇ چوڭقۇر بىر سىردۇر. 33 ئەمما سىلەرمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار؛ ئايال بولسا، ئېرىدىن ئەيمىنىپ، ئۇنى ھۆرمەتلىسۇن.
 
 

5:1‏-2 يـۇھ. 13‏:34؛ 15‏:12؛ گال. 2‏:20؛ 1تېس. 4‏:9؛ تىت. 2‏:14؛ 1پېت. 3‏:18؛ ئىبر. 8‏:3؛ 9‏:14؛ 1يۇھ. 3‏:23؛ 4‏:21

5:3 مار. 7‏:21؛ ئ‍ەف. 4‏:29؛ كول. 3‏:5.

5:5 1كور. 6‏:10؛ گال. 5‏:19؛ كول. 3‏:5؛ ۋەھ. 22‏:15.

5:6 يەر. 29‏:8؛ مات. 24‏:4؛ مار. 13‏:5؛ لۇقا 21‏:8؛ كول. 2‏:4،18؛ 2تېـس. 2‏:3؛ 1يۇھ. 4‏:1.

5:8 1تېس. 5‏:4.

5:9 گال. 5‏:22.

5:11 مات. 18‏:17؛ 1كور. 5‏:8؛ 10‏:20؛ 2كور. 6‏:14؛ 2تېـس. 3‏:14.

5:13 يـۇھ. 3‏:20،21.

5:14 «ئويغان، ئەي ئۇيقۇچى! تىرىل ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن! ۋە مەسىھ سېنى پارلاپ يورىتىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر تەۋراتتىكى بېشارەت ئەمەس، بەلكى تەۋراتتىكى بىرنەچچە بېشارەتلەرنىڭ بىرخىل يەكۈنى ياكى ئىنجىل دەۋرىدىكى نامەلۇم پەيغەمبەرنىڭ كۈي-مەدھىيە سۆزلىرىدىن ئېلىنغان سۆزلەر بولۇشى مۇمكىن.

5:14 رىم. 13‏:11؛ 1تېس. 5‏:6.

5:15 كول. 4‏:5.

5:16 «ۋاقىت-پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تۇتۇۋېلىڭلار...» ــ گرېك تىلىدا «مۇشۇ كۈنلەرنى غەنىيمەت بىلىپ تۇتۇۋېلىڭلار...».

5:16 رىم. 13‏:11.

5:17 رىم. 12‏:2؛ 1تېس. 4‏:3.

5:18 «ھاراق-شاراب ئىچىپ مەست بولماڭلار؛ شۇنداق قىلىق ئادەمنى شاللاقلاشتۇرىدۇ؛ بۇنىڭ ئورنىغا روھقا تولدۇرۇلغۇچى بولۇڭلار..» ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھ.

5:18 پەند. 23‏:29؛ يەش. 5‏:11،22؛ لۇقا 21‏:34؛ روس.2‏:4

5:19 «بىر-بىرىڭلارغا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلار ئېيتىشىپ، قەلبىڭلاردا ناخشا-نەغمىلەر ياڭرىتىپ رەبنى مەدھىيىلەڭلار» ــ «زەبۇر-نەغمىلەر» بەلكىم سازغا تەڭكەش قىلىنىپ ئېيتىلىدىغان ناخشىلار؛ «مەدھىيە كۈيلىرى» بەلكىم سازسىز ناخشىلار؛ «روھىي ناخشىلار» بەلكىم ستىخىيىلىكتىن، ئۆزلىكىدىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن ئېيتىلغان ناخشىلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («1كور.» 15:14نى ۋە ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ).

5:19 كول. 3‏:16.

5:20 كول. 3‏:17؛ 1تېس. 5‏:18.

5:21 «مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار» ــ بۇ ئىشلار ۋە قالغان جېكىلەشلەر ئاساسەن ھەممىسى «مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇش»نىڭ نەتىجىسىدۇر. «مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار» ــ «مەسىھتىن ئەيمىنىش» بىرىنچى ئورۇندا بولۇش كېرەك؛ جامائەتتىكى مەلۇم بىر قېرىندىشىغا بويسۇنۇش مەسىھنىڭ ئەمرلىرىگە ئۇيغۇن كەلمىسە ئۇ چاغدا ئۇ قېرىندىشىغا بويسۇنماسلىق كېرەكتۇر.

5:22 يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ كول. 3‏:18؛ تىت. 2‏:5؛ 1پېت. 3‏:1.

5:23 «چۈنكى مەسىھ جامائەتنىڭ بېشى بولغاندەك، ئەر ئايالنىڭ بېشىدۇر؛ مەسىھ يەنە تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر» ــ «تەن» مۇشۇ يەردە «جامائەت»نى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن روسۇل پاۋلۇس مۇشۇ يەردە «مەسىھ تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر» دېگەن سۆزى بىلەن، ئەرنىڭ ئۆز ئايالىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئايالىنىڭ تېنىنى ئاسراش مەسئۇلىيىتى بار، دېگەننى پۇرىتىدۇ.

5:23 رىم. 12‏:5؛ 1كور. 11‏:3؛ 12‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:22،23؛ 4‏:12،15؛ كول. 1‏:18،24.

5:25 گال. 1‏:4؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ كول. 3‏:19.

5:26 «(مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن) شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر» ــ «جامائەتنى» گرېك تىلىدا «ئۇنى». بۇ ئايەتتىكى «ئۇ» جامائەتنى كۆرسەتكەندە، گرېك تىلىدىكى «ئايالچە رود»تا ئىپادىلىنىدۇ. ئايەتتىكى ئوخشىتىش دەل شۇكى، يىگىتنىڭ تويدا ئۆزىگە ياتلىق بولىدىغان سۆيۈملۈك قىزنى ئۆزىگە ھازىر قىلغىنىدەك، مەسىھ جامائەتنى ئۆزىگە ھازىر قىلىدۇ. توي بولسا جەننەتتە بولىدۇ («ۋەھ.» 7:19-9، 9:21-10نى كۆرۈڭ). «... «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر» ــ «داسنىڭ سۈيى» تەۋرات دەۋرىدىكى زامانلاردا كاھىنلار ئىبادەتخانىدا خۇداغا ھەرقېتىم يېقىنلاشقاندا، پۈتكۈل تەنلىرىنى چوڭ داس («دېڭىز») ئىچىدە يۇيۇشى كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش يولدا خۇداغا يېقىنلاشقىنىمىزدا، بىزدە نالايىق بىرەر ئىشلار بولسا، ئۇنىڭ سۆز-كالامى بىزگە پاكلاندۇرۇش يولىنى (دېمەك، گۇناھنى ئىقرار قىلىپ، توۋا قىلىش، ئەيسانىڭ قېنى ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىپ پاكلاندۇرۇلۇش يولىنى) كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

5:26 تىت. 3‏:5؛ 1پېت. 3‏:21.

5:27 كول. 1‏:22.

5:30 «چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز: ــ» ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە: «چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز؛ بىز ئۇنىڭ ئەتلىرىدىن، ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىدىن بولغانمىز» دېيىلىدۇ («يار.» 23:2نى كۆرۈڭ).

5:30 رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27.

5:31 «شۇ سەۋەبتىن ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىدۇ؛ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» ــ «يار.» 23:2.

5:31 يار. 2‏:24؛ مات. 19‏:5؛ مار. 10‏:7؛ 1كور. 6‏:16.

5:32 «بۇ سىر ئىنتايىن چوڭقۇردۇر؛ ئەمما مەن ھازىر مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىمەن» ــ ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىپ بىر تەن بولۇشى دەرھەقىقەت چوڭقۇر بىر سىر؛ مەسىھنىڭ جامائەتكە باغلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن بىر تەن بولۇشى تېخىمۇ چوڭقۇر بىر سىردۇر.