■3:1 يەر. 15:16؛ 2:8؛ ۋەھ. 10:9
■3:3 زەب. 19:10-11؛ 119:103؛ ۋەھ. 10:10
■3:4 يەر. 1:17
■3:8 يەر. 1:18؛ مىك. 3:8
■3:9 يەر. 1:8،17؛ 5:3؛ ئەز. 2:6؛ 1پېت. 3:14
■3:11 ئەز. 2:5، 7
□3:12 «شۇنىڭ بىلەن روھ مېنى كۆتۈردى،...» ــ «روھ»، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ روھى.
■3:12 ئەز. 8:3
□3:14 «مەن قاتتىق ئازاب، روھىمدىكى غەزەپ بىلەن باردىم،...» ــ ئەزاكىيالنىڭ دەرد-ئەلىمى ۋە روھىنىڭ ئاچچىقلىقى نېمە ئۈچۈن؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆز خەلقىنىڭ قاتتىق كۆڭۈللۈكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئىنتايىن ئازابلانغان ۋە ئۇلارنىڭ خۇداغا بولغان ۋاپاسىزلىقىغا قاتتىق غەزەپلەنگەن.
■3:15 ئايۇپ 2:13
■3:17 يەش. 62:6؛ ئەز. 33:7؛ 1تىم. 3:1
□3:18 «شۇ رەزىل ئادەم ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئىككى بىسلىق سۆز. بىرىنچى مەنىسى: «ئۇ ئۆز قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلىدۇ». ئىككىنچى مەنىسى: «ئۇ ئۆز قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىنمىغان ھالدا ئۆلىدۇ» ــ دېمەك، ئۇ خۇدانىڭ دوستلۇقىدىن ئايرىلغان ھالدا ئۆلىدۇ. بىزنىڭچە ئىككىنچى ئىمكانىيەت بەلكىم توغرىدۇر. بەرىبىر ھەممىمىز ئۆلىمىز؛ بىراق خۇدادىن ئايرىلغان ھالدا ئۆلۈش، ھەقىقىي ھەم قورقۇنچلۇق ئۆلۈمدۇر.
■3:18 ئەز. 33:8
■3:20 ئەز. 18:24؛ 33:12،13
□3:21 «ئۇ چاغدا ئۇ جەزمەن ھايات قالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاگاھقا كۆڭۈل قويدى» ــ بەزى ئالىملار، خۇدانىڭ بۇ سۆزىنى پەقەت جىسمانىي جەھەتتىكى «ئۆلۈم» ۋە «ھايات» دەپ قارايدۇ. خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىل بىلەن بېكىتكەن ئەھدىسى بويىچە، ئىسرائىللار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدا يۈرگەن بولسا، ئومۇمەن ئېيتقاندا، كۆپ بەختلىك، ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولىدۇ. بىراق بىز بۇ سۆزلەر بەلكىم جىسمانىي تەرەپتىن بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، روھىي تەرەپتىنمۇ ئېيتىلغان، دەپ قارايمىز. دېمەك، سۆزلەر مەڭگۈلۈك ھايات ۋە مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە قارىتىلغان. ئۇنداق بولمىسا ھەققانىي ئادەم توغرۇلۇق «ئۇنىڭ قىلغان ھەققانىي ئىشلىرى ئەسلەنمەيدۇ» دېگەن ئاگاھ سۆزنىڭ نېمە قورقۇنچلۇقى بولسۇن؟
□3:22 «ئۇ ماڭا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، تۈزلەڭلىككە بارغىن، مەن شۇ يەردە سەن بىلەن سۆزلىشىمەن، ــ دېدى» ــ خۇدا ئەزاكىيال بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر خىلۋەت جاي («تۈزلەڭلىك» ياكى «جىلغا»)غا چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
■3:23 ئەز. 1:3
■3:24 ئەز. 2:2
□3:25 «ئۇلار ئارغامچىلارنى ئۈستۈڭگە سېلىپ، ئۇلار بىلەن سېنى باغلايدۇ» ــ «ئۇلار» زادى كىم؟ باشقا ئايەتلەرگە قارىغاندا ئەزاكىيالنى «باغلىغانلار» ئەل-يۇرتتىكىلەر ئەمەس؛ شۇڭا بىز شۇنداق قارايمىزكى، بۇ «ئۇلار» پەرىشتىلەردىن ئىبارەت. خۇدا پەرىشتىلەر ئارقىلىق «غايىب ئارغامچىلار» ياكى «روھىي ئارغامچىلار» بىلەن ئەزاكىيال پەيغەمبەرنى ئورنىدىن تۇرالمايدىغان قىلىدۇ: 4-باب، 8-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.
□3:26 «مەن سېنى گاچا قىلىپ، تىلىڭنى تاڭلىيىڭغا چاپلاشتۇرىمەن» ــ بۇ «گاچىلىق» ئادەتتىكى گەپ-سۆزنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئارىلىقتا بەرىبىر خۇدا بەرگەن بېشارەتلەرنى ئېيتىش مەسئۇلىيىتى بار ئىدى. شۇڭا خۇدانىڭ مۇشۇ بۇيرۇقى بىلەن ئەزاكىيال خەقلەر بىلەن ھېچ سالاملاشمايتتى، ئادەتتىكىدەك گەپلەرنىمۇ قىلالمايتتى. بۇ گاچىلىق بەش يىلدىن كېيىن، 27:24-ئايەتتە تۈگەيدۇ.
■3:26 ئەز. 2:5
□3:27 «مەن سەن بىلەن سۆزلەشكىنىمدە، ئاغزىڭنى ئېچىپ، سەن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ!» دەيسەن...» ــ بۇ ئىككى ئايەت (26-27)كە قارىغاندا، خۇدا ئۆزى پەيغەمبەرنىڭ «گاچىلىقى»نى گاھى-گاھى ئۈزىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئەزاكىيال خەلقكە سۆز قىلىدۇ. باشقا ۋاقىتلاردا ئۇ ھېچ گەپ قىلالمايتتى.
■3:27 ئەز. 2:5، 7