19
ئىسرائىل شاھزادىلىرىگە بىر مەرسىيە
1 ــ «ئەمدى سەن، ئىسرائىل شاھزادىلىرىگە بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ مۇنداق دەپ ئوقۇغىن: ــ
2 «شىرلار ئارىسىدا ئاناڭ قانداق بىر چىشى شىر ئىدى!
ئۇ ياش شىرلار ئارىسىدا ياتقان، ئۇ ئارسلانلىرىنى بېقىپ قۇۋۋەتلىدى.
3 ئۇ ئارسلانلىرىدىن بىرىنى چوڭ قىلدى، ئۇ ياش شىر بولۇپ چىقتى؛
ئۇ ئوۋنى تۇتۇپ يىرتىشنى ئۆگەندى؛
ئۇ ئادەملەرنىمۇ يەۋېتەتتى.
4 ئەللەر ئۇنىڭدىن خەۋەر ئاڭلىدى؛
ئۇ ئۇلارنىڭ ئورا توزىقىدا تۇتۇۋېلىندى؛
ئۇلار ئۇنىڭ بۇرنىغا ئىلمەكنى سېلىپ،
مىسىر زېمىنىغا ئېپكەتتى.■ 2پاد. 23:33؛ يەر. 22:11
5 چىش شىر ئۆزىنىڭ ئارمىنىنى بىكار كۈتكىنىنى،
ئۈمىدنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرۈپ،
ئۇ باشقا بىر ئارسلىنىنى ئېلىپ،
ئۇنى بېقىپ ياش شىر قىلدى؛
6 ئۇ شىرلار ئارىسىدا ئۇيان-بۇيان كەزدى؛
ئۇ ياش شىر بولۇپ،
ئوۋنى تۇتۇپ يىرتىشنى ئۆگەندى؛
ئۇ ئادەملەرنىمۇ يەۋېتەتتى.
7 ئۇ ئۇلارنىڭ ئىستىھكاملىرىنى بۇزۇپ،
ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى خارابە قىلىۋەتتى؛
زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەممىسى ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازى بىلەن دەككە-دۈككىگە چۈشتى.
8 ئاندىن ئەللەر ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن كېلىپ ئۇنىڭغا قارشى چىقتى؛
ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە تورىنى يېيىپ تاشلىدى؛
ئۇ ئۇلارنىڭ ئورا توزىقىدا تۇتۇۋېلىندى.
9 ئۇلار بۇرنىغا ئىلمەك سېلىپ قەپەسكە سولىدى؛
ئۇنى بابىلنىڭ پادىشاھىغا ئاپاردى؛
ئۇلار ئۇنى تورلىرىغا ئېلىۋالدى؛
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازى ئىسرائىل تاغلىرىدا قايتىدىن ئاڭلانمايدۇ.■ 2تار. 36:6
10 سېنىڭ ئاناڭ ئۈزۈمزارىڭدا بىر ئۈزۈم تېلى ئىدى؛
ئۇ سۇ بويىدا تىكلەنگەنىدى؛
سۇلارنىڭ موللۇقىدىن،
ئۇ ئىنتايىن مېۋىلىك، كۆپ شاخلىك بولدى.
11 ئۇنىڭ كۈچلۈك شاخلىرى بار ئىدى،
ھۆكۈم سۈرگۈچىلەرنىڭ شاھانە ھاسىلىرىغا لايىق ئىدى؛
ئۇنىڭ بويى بۇلۇتلاردىنمۇ ئېگىز كۆككە تاقاشتى،
ئۇ ئېگىزلىكى ۋە شاخلىرىنىڭ نۇرغۇنلىقى بىلەن كۆرۈنەرلىك ئىدى؛
12 بىراق ئۇ قەھر بىلەن يۇلۇندى،
ئۇ يەرگە تاشلاندى،
شەرق شامىلى مېۋىسىنى قۇرۇتىۋەتتى؛
ئۇنىڭ كۈچلۈك شاخلىرى سۇندۇرۇلدى، قاغجىراپ كەتتى؛
ئوت ئۇلارنى يۇتۇۋالدى.
13 ھازىر ئۇ چۆل-باياۋاندا،
چاڭقاق، سۇسىز بىر يەردە تىكىلدى؛
14 ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ بىرسىدىن ئوت چىقىپ،
ئۇنىڭ بىخلىرى ھەم مېۋىسىنى يۇتۇۋالدى؛
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ھۆكۈمدارنىڭ شاھانە ھاسىسى بولغۇدەك كۈچلۈك شېخى قالمىدى.
بۇ سۆزلەر مەرسىيەدۇر، بۇلار پەقەت مەرسىيە ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ».□ «ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ بىرسىدىن ئوت چىقىپ، ئۇنىڭ بىخلىرى ھەم مېۋىسىنى يۇتۇۋالدى...» ــ بۇ «شاخ» («شاخلاردىن بىرسى») زەكەرىيا پادىشاھ بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ خۇداغا ئىشەنمەسلىكى ھەم ئەخمەقلىقى ئىسرائىلنىڭ بېشىغا كۆپ بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈردى («2پاد.» 17:24تىن 17:25-ئايەتكىچە كۆرۈڭ).
■19:4 2پاد. 23:33؛ يەر. 22:11
■19:9 2تار. 36:6
□19:14 «ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ بىرسىدىن ئوت چىقىپ، ئۇنىڭ بىخلىرى ھەم مېۋىسىنى يۇتۇۋالدى...» ــ بۇ «شاخ» («شاخلاردىن بىرسى») زەكەرىيا پادىشاھ بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ خۇداغا ئىشەنمەسلىكى ھەم ئەخمەقلىقى ئىسرائىلنىڭ بېشىغا كۆپ بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈردى («2پاد.» 17:24تىن 17:25-ئايەتكىچە كۆرۈڭ).