(1) ئۇ خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان.
(2) ئۇنىڭ ئېرەم باغچىسىدا ئالاھىدە مۇھاپىزەتچىلىك قىلىدىغان خىزمىتى بار ئىدى.
(3) ئۇ ئەسلى ئىنتايىن چىرايلىق ۋە كۈچلۈك كېرۇب (پەرىشتە) ئىدى.
(4) ئۇ ئېرەم باغچىسىدا بولغان ۋاقىتتا خۇداغا قارشى چىققان.
(5) شۇ گۇناھى تۈپەيلىدىن ئۇ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىن ھەيدىۋېتىلگەن.
■28:2 يەش. 31:3
□28:3 «مانا، سەن دانىيالدىن داناسەن» ــ شۇ ۋاقىتتا دانىيال پەيغەمبەر ئاللىقاچان بابىل ئوردىسىدا بىرنەچچە يىل باش ۋەزىر بولغان.
■28:7 يەر. 6:23
□28:10 «سەن يات ئادەملەرنىڭ قولىدا خەتنە قىلىنمىغانلارغا لايىق بولغان ئۆلۈم بىلەن ئۆلىسەن» ــ تۇردىكىلەر ئادەتتە «خەتنە قىلىنمىغان»لاردىندۇر. «ئەزاكىيال پەيغەمبەر» دېگەن كىتابتا، «خەتنە قىلىنمىغان پېتىدا ئۆلۈش» دېگەن سۆز «خۇدادىن ئايرىلغان پېتىدا ئۆلۈش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز «خەتنە» دېگەن تېما ئۈستىدە توختىتىلىمىز.
□28:12 «سەن، كامالەتنىڭ جەۋھىرى بولغان» ــ ياكى «سەن، كامالەتنىڭ مۆھۈرى بولغان».
■28:12 ئەز. 27:3
□28:14 «سەن بولساڭ مەسىھلەنگەن مۇھاپىزەتچى كېرۇب ئىدىڭسەن» ــ «كېرۇب» توغرۇلۇق 3:9-ئايەتتىكى ئىزاھات، «يار.» 24:3 ۋە »تۆبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. «كېرۇب»لار كۈچلۈك پەرىشتىلەردۇر. «مەسىھلىنىش» ياكى «مەسىھ قىلىنىش» ــ تەۋراتتىكى بەلگىلىمىدە، يېڭى پادىشاھ، «باش كاھىن» ھەم بەزى چاغلاردا پەيغەمبەرلەرنى تىكلەش ئۈچۈن «مەسىھ قىلىنىش» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلەتتى. مۇراسىمدا بېشىغا پۇراقلىق ماي قۇيۇلاتتى. بۇ «مەسىھلەش» دەپ ئاتالغان. بىراق مۇشۇ يەردە بىر كېرۇب (پەرىشتە) «مەسىھ قىلىنغان»؛ خۇدا ئۆزى ئۇنى ئالاھىدە بىر خىزمەت قىلىشقا تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنى مەسىھلىگەن بولسا كېرەك.
□28:15 «سەن يارىتىلغان كۈندىن بېرى، سەندە قەبىھلىك پەيدا بولغۇچە، يوللىرىڭدا مۇكەممەل بولۇپ كەلگەنىدىڭ» ــ ئوقۇرمەنلەر بەلكىم ھازىر كۆرىدۇكى، ئەزاكىيال پەيغەمبەر تۇر پادىشاھىغا ئەمەس، بەلكىم ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان روھىي كۈچكە سۆز قىلىۋاتىدۇ. ئالدىدىكى 1-10 ئايەتلەر «تۇرنىڭ شاھشزادىسى» توغرۇلۇق ئىدى؛ ھازىر تېما «تۇرنىڭ پادىشاھى»غا ئۆزگەتىلىدۇ. بىزدە ھېچ گۇمان يوقكى، ئۇ شەيتانغا گەپ قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇ يەردە شەيتان توغرۇلۇق بىرنەچچە مۇھىم خەۋەرلەر بار: ــ (1) ئۇ خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان. (2) ئۇنىڭ ئېرەم باغچىسىدا ئالاھىدە مۇھاپىزەتچىلىك قىلىدىغان خىزمىتى بار ئىدى. (3) ئۇ ئەسلى ئىنتايىن چىرايلىق ۋە كۈچلۈك كېرۇب (پەرىشتە) ئىدى. (4) ئۇ ئېرەم باغچىسىدا بولغان ۋاقىتتا خۇداغا قارشى چىققان. (5) شۇ گۇناھى تۈپەيلىدىن ئۇ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىن ھەيدىۋېتىلگەن.
□28:17 «... مەن سېنى يەرگە تاشلىۋەتتىم؛ پادىشاھلار سېنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن مەن سېنى ئۇلار ئالدىدا تۇرغۇزدۇم» ــ مۇشۇ 17- ۋە كېيىنكى ئايەتلەردە، ئەزاكىيال ھەم شەيتانغا ھەم تۇر پادىشاھى (ئىتتوبال II)غا سۆز قىلىدۇ. تۇر پادىشاھى شەيتانغا ئىنتايىن ئوخشاپ كەتكەن.
□28:21 «زىدون» ــ تۇر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق رايون ئىدى.
■28:26 يەر. 31:5