شۇڭا مۇمكىنچىلىكى باركى، ئايەتنىڭ بىرىنچى جۈملىسى (سەن... تۈپەيلىدىن..) مىسىرغا ئېيتىلغان. بىراق جۈملە مۇشۇ ئايەتتە تۈگىمەيدۇ؛ مىسىرنى كۆرسەتكەن بولسا پەقەت 18-ئايەتكە كەلگەندە تۈگىشى كېرەك. 11-18-ئايەتلەر يەنىلا ئاسۇرىيەگە ئېيتىلغان. 11 ئەمدى مەن ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇستەبىتنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ مەن ئۇنى رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ھەيدەپ چەتكە قاققانىدىم. 12 يات ئادەملەر، يەنى ئەللەر ئارىسىدىكى ئەڭ ۋەھشىلەر ئۇنى كېسىپ تاشلىدى. شاخلىرى تاغلار ۋە بارلىق جىلغالارغا يىقىلىپ، ئۇنىڭ شاخچىلىرى زېمىندىكى بارلىق جىرالارغا سۇندۇرۇلۇپ ياتىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى خەلقلەر ئۇنىڭ سايىسىدىن چىقىپ ئۇنىڭدىن نېرى كەتتى. ■ ئەز. 28:7؛ 30:11 13 ئۇنىڭ يىقىلغان غولى ئۈستىگە ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار قونۇپ ياشايدۇ؛ دالادىكى بارلىق جانىۋارلار شاخلىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ.
□31:2 «ئەمدى سەن بۈيۈكلۈكۈڭدە كىم سەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟» ــ خۇدانىڭ بۇ سوئالى «كىممۇ سەن بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ؟» دېگەنگە ئوخشىغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە شۇنداق مەنىدە ئەمەس. 3-14-ئايەتلەردىن قارىغاندا، خۇدانىڭ مىسىرغا ئېيتقان سۆزى «سەن ئاسۇرىيەدىن ھېچ بۈيۈك ئەمەسسەن، ئاسۇرىيەگە ئوخشاش يەرنىڭ تېگىگىچە تۆۋەن قىلىنىسەن» دېگەنگە باراۋەر.
□31:3 «ئاسۇرىيەمۇ لىۋاندىكى بىر كېدىر دەرىخى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئورمانلىققا سايە بەرگەن گۈزەل شاخلىرى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئېگىز بويلۇق ئىدى...» ــ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى بۇ بېشارەتتىن 25 يىل ئىلگىرى، يەنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 612-يىلى بابىل تەرىپىدىن ھالاك بولغان.
■31:3 دان. 4:7
■31:6 دان. 4:9
■31:8 يار. 2:8
□31:10 «چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرۇپ ئۇزارتقانلىقى، ئېگىزلىكىدىن كۆڭلىنىڭ تەكەببۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئايەتنىڭ شەكلى: «چۈنكى سەن ئۆزۈڭنى ئېگىز كۆتۈرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرۇپ ئۇزارتقانلىقى، ئېگىزلىكىدىن كۆڭلىنىڭ تەكەببۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن...». شۇڭا مۇمكىنچىلىكى باركى، ئايەتنىڭ بىرىنچى جۈملىسى (سەن... تۈپەيلىدىن..) مىسىرغا ئېيتىلغان. بىراق جۈملە مۇشۇ ئايەتتە تۈگىمەيدۇ؛ مىسىرنى كۆرسەتكەن بولسا پەقەت 18-ئايەتكە كەلگەندە تۈگىشى كېرەك. 11-18-ئايەتلەر يەنىلا ئاسۇرىيەگە ئېيتىلغان.
■31:12 ئەز. 28:7؛ 30:11
□31:16 «مەن ئۇنى ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە تەھتىساراغا تاشلىۋەتكىنىمدە... ... ياخشى سۇغىرىلغان ھەممە دەرەخلەر يەر تېگىلىرىدە تۇرۇپ تەسەللى تاپقان» ــ دېمەك، ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىدىن ئىلگىرى غۇلىغان ئىمپېرىيەلەر ئاسۇرىيەنىڭ غۇلاپ كېتىشىگە قاراپ «بىزدىن ئۇلۇغ بولغان ئىمپېرىيەمۇ دەرۋەقە غۇلىدى» دەپ تەسەللى تاپىدۇ.
■31:16 يەش. 14:9
□31:17 «ئۇنىڭ سايىسىدە تۇرغانلار ... ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تەھتىساراغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن» ــ «...قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى بەلكىم شۇكى، رەسمىي دەپنە قىلىنماي تەھتىسارادا پەس دەپ قارالغان، ياكى بولمىسا تەھتىسارادا ئەڭ تۆۋەن جايدا تۇرىدىغان. ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خۇدا پىرەۋن، مىسىر ۋە قوشۇنلىرىنىڭ رەسمىي دەپنە قىلىنماسلىقى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن رەنجىگەنلىكىنى باشقا ئەللەرگە كۆرسىتىدۇ.
□31:18 «قېنى ئېيتە، ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ قايسىسى شان-شەرەپ ۋە گۈزەللىكتە سەن مىسىرغا تەڭ كېلەلەيتتى؟ .... مانا بۇ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نېسىۋىسىدۇر» ــ بېشارەتنىڭ بۇ ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسى، يەنى 18-ئايەت مىسىر ۋە پادىشاھى پىرەۋنگە ئېيتىلىدۇ. ئىلگىرىكى 2-17-ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەيدۇ؛ مىسىرنىڭ ئاقىۋىتى ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ.
■31:18 ئەز. 28:10