بۇ ئايەتلەردە «ھەققانىيلىق» (ئىنساننىڭ ھەققانىيلىقى) ئادەمنىڭ ئۆزلىكىدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئادەمنىڭ خۇدانىڭ ئۆزىگە تايانغانلىقىنىڭ بىر مېۋىسى، دەپ ئىسپاتلىنىدۇ. «ھەققانىي ئادەم» «ئۆز ھەققانىيلىقى»غا تايانسا (دېمەك، ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇداغا ئەمەس، ئۆزىگە بولسا) تۈگىشىدۇ. ■ ئەز. 24:23 11 ئۇلارغا سۆزۈمنى يەتكۈزۈپ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن رەزىل ئادەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ھېچ خۇرسەنلىكىم يوقتۇر؛ پەقەت ئۇلارنى رەزىل يولىدىن يېنىپ ھاياتقا ئېرىشسۇن دەيمەن؛ رەزىل يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار، يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆلگۈڭلار كېلىدۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟!» ــ دېگىن.■ ئەز. 18:23، 32
بۇ ئايەتلەردە «ھەققانىيلىق» (ئىنساننىڭ ھەققانىيلىقى) ئادەمنىڭ ئۆزلىكىدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئادەمنىڭ خۇدانىڭ ئۆزىگە تايانغانلىقىنىڭ بىر مېۋىسى، دەپ ئىسپاتلىنىدۇ. «ھەققانىي ئادەم» «ئۆز ھەققانىيلىقى»غا تايانسا (دېمەك، ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇداغا ئەمەس، ئۆزىگە بولسا) تۈگىشىدۇ.
21:33-1:32دىكى بېشارەتلەر 29-31بابلاردىكى مىسىر توغرۇلۇق بېشارەتلەردىن خېلى بۇرۇن بېرىلگەن. لېكىن بېشارەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى مىسىر توغرۇلۇق بولغاچقا، بۇرۇن بېرىلگەن بېشارەتلەرمۇ 29-31-بابلاردىكى بېشارەتلەرگە ئۇلاپ بايان قىلىنغان.
■33:7 ئەز. 3:1
□33:8 «ئى رەزىل ئادەم، سەن چوقۇم ئۆلىسەن» ــ بۇ ئاگاھ پەقەت جىسمانىي جەھەتنىلا كۆرسەتمەيدۇ، دەپ قارايمىز. ھەربىر ئادەم ئىلگىرى-كېيىن (ئادەمئاتىمىزنىڭ گۇناھىنىڭ سەۋەبىدىن) ئۆلىدۇ. مۇشۇ يەردە كۆرسىتىلگەن ئۆلۈش خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىن، بەرىكەتلىرىدىن ئايرىلىشتىن ئىبارەت دەپ قارايمىز (11-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).
□33:10 «ئەمدى بىز قانداقمۇ ھاياتقا ئېرىشىمىز؟» ــ ياكى «ئەمدى قانداق ياشايمىز؟». بۇ ئايەتلەردە «ھەققانىيلىق» (ئىنساننىڭ ھەققانىيلىقى) ئادەمنىڭ ئۆزلىكىدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئادەمنىڭ خۇدانىڭ ئۆزىگە تايانغانلىقىنىڭ بىر مېۋىسى، دەپ ئىسپاتلىنىدۇ. «ھەققانىي ئادەم» «ئۆز ھەققانىيلىقى»غا تايانسا (دېمەك، ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇداغا ئەمەس، ئۆزىگە بولسا) تۈگىشىدۇ.
■33:10 ئەز. 24:23
■33:11 ئەز. 18:23، 32
■33:12 ئەز. 18:24
□33:13 «ئەكسىچە ئۇ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەكسىچە ئۇ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭدا ئۆلىدۇ». بۇ ئايەتلەردە «ھەققانىيلىق» (ئىنساننىڭ ھەققانىيلىقى) ئادەمنىڭ ئۆزلىكىدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئادەمنىڭ خۇدانىڭ ئۆزىگە تايانغانلىقىنىڭ بىر مېۋىسى، دەپ ئىسپاتلىنىدۇ. «ھەققانىي ئادەم» «ئۆز ھەققانىيلىقى»غا تايانسا (دېمەك، ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇداغا ئەمەس، ئۆزىگە بولسا) تۈگىشىدۇ.
■33:17 ئەز. 18:25، 29؛ 33:20
□33:20 «ئى ئىسرائىل جەمەتى، مەن ھەرقايسىڭلارغا ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ئۈستۈڭلەرگە ھۆكۈم چىقىرىمەن!» ــ بۇ مۇھىم بابتىكى 1-20 ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 21:33-1:32دىكى بېشارەتلەر 29-31بابلاردىكى مىسىر توغرۇلۇق بېشارەتلەردىن خېلى بۇرۇن بېرىلگەن. لېكىن بېشارەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى مىسىر توغرۇلۇق بولغاچقا، بۇرۇن بېرىلگەن بېشارەتلەرمۇ 29-31-بابلاردىكى بېشارەتلەرگە ئۇلاپ بايان قىلىنغان.
□33:21 «سۈرگۈن بولغان ئون ئىككىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنى... » ــ بۇ ۋاقىت شەھەرنىڭ ئىشغال بولغىنىدىن 18 ئاي كېيىنكى ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن. يېرۇسالېمدىن بابىلغا ماڭىدىغان يول ئادەتتە 4 ئايلىق بولاتتى («ئەزرا 9:7نى كۆرۈڭ). تېكىستنىڭ بەزى كۆچۈرمىلىرىدە «ئون بىرىنچى يىل» دېيىلىدۇ؛ بىراق بىر قىسىم ئالىملار «ئون ئىككىنچى يىل» دېيىش توغرا دەپ قارايدۇ؛ چۈنكى يەنە ئىمكانىيەت باركى، ئىسرائىل ۋە بابىل پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان كالېندارنى ئىشلەتكەن. بىز بۇ پىكىرگە مايىلمىز.
■33:21 2پاد. 25؛ ئەز. 24:26
□33:22 «ئەمدى قاچقان ئادەمنىڭ يېتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمىدا پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قونغانىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاغزىمنى ئېچىپ قويدى؛ ئاغزىم ئېچىلىپ، مەن يەنە گاچا بولمىدىم» ــ بۇ گاچىلىق تەخمىنەن ئالتە يىل ئىلگىرى باشلانغان (26:3-ئايەتنى ئىزاھىتى بىلەن ۋە 32:24-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).
□33:24 «ئىبراھىم پەقەت بىر ئادەم تۇرۇپمۇ بۇ زېمىنغا مىراس بولغانىدى؛ بىراق بىز كۆپ ئادەممىز؛ ئەمدى زېمىن بەرىبىر بىزگە تەقدىم قىلىندى» ــ بابىلدىكىلەر قانائاندا (پەلەستىندە) تۇرغان يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆلتۈرگەن ياكى سۈرگۈن قىلغانىدى. زېمىندا قالدۇرۇلغان ئاز قىسىم ئادەملەر (تېخى ھېچ توۋا قىلمىغان) تەكەببۇرلىشىپ شۇنداق سۆز قىلىدۇ.
■33:25 يار. 9:4؛ لاۋ. 3:17
□33:28 «مەن زېمىننى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىمەن» ــ ياكى «مەن زېمىننى ۋەيرانە ۋە (ئادەمنى قورقۇتقۇچى) بىر ۋەھشەت قىلىمەن».
□33:31 «ئۇلار ئاغزى بىلەن ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ، بىراق كۆڭلى ھارام مەنپەئەتكە تارتىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئاغزىدا ئېيتقان شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ، كۆڭلى ھارام مەنپەئەتكە تارتىدۇ».
■33:31 ئەز. 14:1-3؛ 20:1-3
□33:33 «ئەمدى بۇنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدا ... ئۇلار بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ» ــ شۈبھىسىزكى، يېرۇسالېمدىن قاچقان ئادەم كېلىپ شەھەرنىڭ خەۋىرىنى ئېيتىشى بىلەن، خەلق ئەزاكىيالنى ئۇلۇغ پەيغەمبەر دەپ بىلىپ يەتتى. ئەپسۇس، ئۇلار ئەزاكىيالنىڭ سۆزلىرىنى پەقەت قۇلاق تۈۋىدىلا ئاڭلاپ، ئۈزۈل-كېسىل توۋا قىلمىغان. شۇڭا 24-29-ئايەتتە ئالدىن ئېيتىلغان بالايىئاپەتلەرمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلۈشى كېرەك.