40
يېڭى ئىبادەتخانىنى ئايان قىلىدىغان ئالامەت كۆرۈنۈش •••• سخېمىلارنى كۆرۈڭ
بىزنىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىمىزنىڭ يىگىرمە بەشىنچى يىلى، يىلنىڭ بېشىدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە، يەنى شەھەر بۆسۈلگەندىن ئون تۆت يىل كېيىن ــ دەل ئاشۇ كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قوندى، ۋە ئۇ مېنى شەھەرگە ئاپاردى. «بىزنىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىمىزنىڭ يىگىرمە بەشىنچى يىلى...پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قوندى، ۋە ئۇ مېنى شەھەرگە ئاپاردى» ــ ئەسكەرتىش: بۇ 40-44 بابلاردا تەرجىمىمىزنىڭ بەزى يەرلىرىدە ئوقۇرمەنلەرگە ياردىمى بولسۇن دەپ بەزى ئايەتلەرگە سۆز قوشتۇق. ئۇلار ئەسلىدىكى تېكىستنىڭ بىر قىسمى بولمىسىمۇ، ئۇلار تېكىستنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بىز ئادەتتىكىدەك بۇنداق سۆزلەرنى «سۇس قىلدۇق». «بىزنىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىمىزنىڭ يىگىرمە بەشىنچى يىلى، يىلنىڭ بېشىدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە..» ــ بۇ ئالامەت كۆرۈنۈش بىرىنچى كۆرۈنۈشتىن 19 يىل كېيىن ئىدى.   ئ‍ەز. 33‏:21 خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىدە ئۇ مېنى ئىسرائىل زېمىنىغا ئاپىرىپ، ئىنتايىن ئېگىز تاغ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى؛ تاغنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە شەھەردەك بىر قۇرۇلۇش تۇراتتى. «شەھەردەك بىر قۇرۇلۇش تۇراتتى» ــ ياكى «بىر شەھەرنىڭ قارىسى تۇراتتى». ئۇ مېنى شۇ يەرگە ئاپاردى؛ مانا قولىدا كاناپ تانىسى ۋە ئۆلچەم خادىسىنى تۇتقان، مىسنىڭ كۆرۈنۈشىدە بولغان بىر كىشى؛ ئۇ دەرۋازىدا تۇراتتى. بۇ كىشى ماڭا: «ئىنسان ئوغلى، كۆزلىرىڭ بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلۈڭنى مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان بارلىق ئىشلارغا باغلىغىن؛ چۈنكى بۇنىڭ ساڭا كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن سەن مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىندىڭ. ئىسرائىل جەمەتىگە بارلىق كۆرگىنىڭنى ئايان قىل».
ۋە مانا، ئىبادەتخانىنىڭ ھەممە تەرىپىدە تام بار ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئالتە گەزلىك ئۆلچەم خادىسى بار ئىدى؛ شۇ چاغدىكى «بىر گەز» بىر گەز بىر ئالىقانغا توغرا كېلەتتى. ئۇ تامنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، بىر «خادا» چىقتى؛ ئېگىزلىكى بولسا، بىر «خادا» چىقتى. «ئىبادەتخانا» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «ئۆي» دېيىلىدۇ. مۇشۇ يەردە «ئىبادەتخانا» «مۇقەددەسخانا» (41-باب) ۋە ئۇنىڭ ھويلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئالتە گەزلىك ئۆلچەم خادىسى بار ئىدى» ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز» ئادەمنىڭ قولىنىڭ جەينەكتىن بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقى (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) ئىدى. «شۇ چاغدىكى «بىر گەز» بىر گەز بىر ئالىقانغا توغرا كېلەتتى» ــ شۇڭا بۇ بابلاردا ئىشلىتىلگەن «گەز» ئۇنىڭدىن ئۇزۇن، تەخمىنەن 53 سانتىمېتر ھېسابلىناتتى.
دەرۋازىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، توۋەندىكى «كېلىچەكتىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانا»نى كۆرسىتىدىغان سخېمىلەرنى كۆرۈڭ. «ئۇ تامنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، بىر «خادا» چىقتى؛ ئېگىزلىكى بولسا، بىر «خادا» چىقتى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، بىر «خادا» ئالتە گەز ئىدى.
ئۇ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پەلەمپەيلىرىگە چىقتى؛ ئۇنىڭ بوسۇغىسىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، ئۇ بىر خادا چىقتى. يەنە بىر تەرىپىنىڭ كەڭلىكى بىر خادا چىقتى. دەرۋازىنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر «ئويۇق ئۆي»نىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر خادا، كەڭلىكى بىر خادا ئىدى؛ ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقى بەش گەز ئىدى؛ دەرۋازىنىڭ ئىچىدىكى بوسۇغا، يەنى ئىچكىرىگە قارايدىغان دەھلىزنىڭ ئالدىدىكى بوسۇغىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئايرىم-ئايرىم بىر «خادا» چىقتى؛ «ئويۇق ئۆي» ــ دېمەك، ئالدىنقى تېمى يوق ئۆي. «ئويۇق ئۆي»لەرنىڭ ئالدى كارىدور (دەھلىز) بولاتتى. ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىچكىرىگە قارايدىغان دەھلىزنى ئۆلچىدى، ئۇزۇنلۇقى بىر خادا چىقتى.
ئۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، سەككىز گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ كېشىكىنىڭ يېنىدىكى تامنىڭ قېلىنلىقى ئىككى گەز چىقتى. مۇشۇ دالان ئىچكىرىگە قارايتتى.
10 شەرققە قارىغان دەرۋازىنىڭ ئىچىدە، ئۇ تەرىپىدە ئۈچتىن، بۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆيلەر بار ئىدى. ئۈچىلىسى ئوخشاش ئۆلچەمدە ئىدى؛ ئۈچ ئۆينىڭ ئىككى يان تېمى ئوخشاش قېلىنلىقتا ئىدى. 11 ئۇ دەرۋازىنى ئۆلچىدى، كەڭلىكى ئون گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى ئون ئۈچ گەز ئىدى. «ئۇ دەرۋازىنى ئۆلچىدى» ــ مۇشۇ يەردە دەرۋازىنىڭ «كىرىش ئېغىزى»نىڭ سىرتقى تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋازانىڭ ئۆزى خېلى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇنىڭ «كىرىش ئېغىزى»ى، دەھلىزى (كارىدورى) ۋە «دالان»ى بار ئىدى. سخېمىنىمۇ كۆرۈڭ. «ئۇنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى» ــ سىرتقى تام ۋە پەلەمپەينى ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك. 12 بۇ ياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر گەز قېلىنلىقتىكى بىر توسما تام بار ئىدى، ۋە ئۇ ياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر گەز قېلىنلىقتا بىر توسما تام بار ئىدى؛ ھەرياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز ئىدى.
13 ئۇ دەرۋازىنىڭ جەمئىي كەڭلىكىنى، يەنى بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ ئارقا لېۋىدىن ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ ئارقا لېۋىغىچە يىگىرمە بەش گەز چىقتى؛ بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىلەن ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىر-بىرىگە قارىشاتتى. «بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىلەن ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىر-بىرىگە قارىشاتتى» ــ بۇ يەردىكى «ئىشىك»نىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بەزى ئالىملار «بالا تام» ياكى «كۈنگۈرە» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.
14 ئۇ ئىچكى ھويلىغا كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈكلەرنى ئۆلچىدى؛ ئۇلارنىڭ ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز چىقتى؛ دەرۋازا تېمى بۇ ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى ئوراپ تۇرغانىدى. «كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈكلەر» ــ ياكى «كىرىش ئېغىزىدىكى مۇنارلار». «ئۇلارنىڭ (تۈۋرۈكلەرنىڭ) ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز چىقتى؛ دەرۋازا تېمى بۇ ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى ئوراپ تۇرغانىدى» ــ بۇ ئىككى تۈۋرۈك ئىنتايىن ئېگىزدۇر.
بەزى ئالىملار ئايەتنى «ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىچكى «توسما تام»لىرىغا ئۇلارنىڭ ئارىلىق تاملىرىنى قوشۇپ جەمئىي ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، جەمئىي بولۇپ ئاتمىش گەز ئىدى» دېگەن مەنىدە چۈشىنىدۇ. بىراق (ئۇنداق بولسا) بۇ ئۆلچەم ئىككى تەرەپتىكى ئىچكى «توسما تام»لىرىنىڭ ئارىلىقلىرى بىلەن جەمئىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ قوشۇلمىسى بولاتتى. مۇنداق ئۆلچەشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟
15 دەرۋازىنىڭ تۈۋىدىن دالاننىڭ ئىچكى ئېغىزىغىچە ئەللىك گەز چىقتى. 16 ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇدۇل تېمىدا، شۇنداقلا ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقىدا، دالاننىڭ يېنىدا ئوخشاشلا روجەكلەر بار ئىدى؛ مۇشۇ روجەكلەر سىرتىغا قاراپ تارىيىپ ماڭغان ئىدى؛ ھەربىر ئارىلىقتىكى تام-تۈۋرۈكلەرگە پالما دەرەخلىرى نەققىشلەنگەنىدى.
 
سىرتقى ھويلا ــ سخېمىنى كۆرۈڭ
17 ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا ئاپاردى؛ مانا، كىچىك خانىلار، ۋە سىرتقى ھويلىنى چۆرىدەپ ياسالغان تاش تاختايلىق سۇپا؛ سۇپىنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇز كىچىك خانا سېلىنغان. 18 بۇ تاش تاختايلىق سۇپا ھويلىدىكى دەرۋازىلارغا تۇتاشقان، ئۇنىڭ كەڭلىكى ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا باراۋەر ئىدى؛ بۇ «پەس تاش سۇپا» ئىدى. 19 ئۇ تۆۋەنكى دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدىن ئىچكى ھويلىنىڭ سىرتقى تېمىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆلچىدى؛ شەرق ۋە شىمال تەرەپلەرنىڭمۇ يۈز گەز چىقتى. «تۆۋەنكى دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدىن...» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، «تۆۋەنكى» مۇشۇ يەردە «جەنۇبىي» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. چۈنكى تۆۋەندە «شەرقىي دەرۋازا» ۋە «شىمالىي دەرۋازا» تىلغا ئېلىنىدۇ، بىراق ئايەتتە «جەنۇبىي دەرۋازا» تىلغا ئېلىنمايدۇ.
 
باشقا ئىككى دەرۋازىسى
20 ئاندىن سىرتقى ھويلىغا كىرىدىغان، شىمالغا قارايدىغان دەرۋازىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۆلچىدى. 21 ئۇنىڭ بۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆي، ئۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆي بار ئىدى؛ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى، دالانلىرى بىرىنچى دەرۋازىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز. 22 ئۇنىڭ دېرىزىلىرى، دالانلىرى، پالما دەرەخ نەقىشلىرى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ كىشىلەر ئۇنىڭ يەتتە باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بىلەن چىقاتتى؛ ئۇنىڭ دالىنى ئىچكىرىگە قارايتتى. «ئۇنىڭ دېرىزىلىرى...» ــ «دېرىزىلىرى» مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ «روجەك»لىرى، ياكى «روجەكلىك دېرىزە»لىرىنى كۆرسىتىدۇ (16-ئايەتنى كۆرۈڭ). 23 ئىچكى ھويلىدا شىمال ۋە شەرقتىكى دەرۋازىلارغا ئۇدۇل بىردىن دەرۋازە تۇراتتى؛ ئۇ دەرۋازىدىن دەرۋازىغىچە ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى.
24 ئۇ مېنى جەنۇب تەرەپكە ئاپاردى؛ مانا، جەنۇبقىمۇ قارايدىغان بىر دەرۋازا بار ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى، دالانلىرىنى ئۆلچىدى، ئۇلار باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. 25 دەرۋازىنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپىدىكى دېرىزىلەر باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. 26 ئۇنىڭغا چىقىدىغان يەتتە باسقۇچ بار ئىدى؛ ئۇنىڭ دالىنى ئىچكىرىگە قارايتتى؛ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىدە پالما دەرىخىنىڭ نەقىشى بار ئىدى، ئۇ تەرەپتە بىرى، بۇ تەرەپتە بىرى بار ئىدى.
27 ئىچكى ھويلىغا كىرىدىغان، جەنۇبقا قارايدىغان بىر دەرۋازا بار ئىدى؛ ئۇ جەنۇبىي تەرەپتە دەرۋازىدىن دەرۋازىغا ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. 28 ئۇ مېنى ئىچكى ھويلىغا جەنۇبىي دەرۋازىدىن ئەكىردى؛ ۋە جەنۇبىي دەرۋازىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقا دەرۋازىلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. 29 ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالىنىنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپلىرىدا دېرىزىلەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. 30 ئەتراپىدا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز ئەتراپىدا دالىنى بار ئىدى. «ئەتراپىدا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز ئەتراپىدا دالىنى بار ئىدى» ــ ئەينى تېكستىنى چۈشىنىش تەس. 31 ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئىككى يان تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى.
32 ئۇ مېنى ئىچكى ھويلىدا شەرق تەرەپكە ئاپاردى؛ ئۇ تەرەپتىكى دەرۋازىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. 33 ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالىنىنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپلىرىدا دېرىزىلەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. 34 ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى.
35 ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازىغا ئاپاردى، ۋە ئۇنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. 36 ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالانلىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى؛ ئەتراپىدا دېرىزىلەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. 37 ئۇنىڭ دالىنىدىكى تۈۋرۈكلەر سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئىككى يان تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى. «ۇنىڭ دالىنىدىكى تۈۋرۈكلەر ...» ــ ياكى «ئۇنىڭ كېشەكلىرى ...». 38 ھەربىر دەرۋازا ئىككى تۈۋرۈكىنىڭ يېنىدا ئىشىكلىك كىچىك ئۆي بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ ئۆيلەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى يۇياتتى.
39 دەرۋازىنىڭ دالىنىدا ئۇياندا ئىككىدىن شىرە، بۇياندا ئىككىدىن شىرە بار ئىدى؛ ئۇلار شىرەلەرنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، گۇناھ قۇربانلىقى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى سويىدۇ. 40 شىمالىي دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەلەمپەينىڭ بىر يېنىدا ئىككى شىرە بار ئىدى؛ دالاننىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يەنە بىر يېنىدا ئىككى شىرە بار ئىدى. 41 شۇنىڭدەك دەرۋازىنىڭ ئۇ يېنىدا تۆت شىرە، بۇ يېنىدا تۆت شىرە بار ئىدى ــ جەمئىي سەككىز جوزا بار ئىدى؛ ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قۇربانلىقلارنى سويىدۇ.
42 يەنە تاشتىن يونۇپ ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر گەز كېلىدىغان تۆت شىرە بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدىغان قورال-ئەسۋابلار قويۇلىدۇ. «يەنە تاشتىن يونۇپ ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر گەز كېلىدىغان تۆت شىرە بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدىغان قورال-ئەسۋابلار قويۇلىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇ تۆت شىرە يونۇلغان تاشتىن ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر گەز؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگىمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدىغان قورال-ئەسۋابلار قويلىدۇ». بىراق بۇنداق جوزىلار قوي-كالىلارنىڭ جەسىتىنى قويغۇدەك دەرىجىدە چوڭ ئەمەس. 43 دەرۋازا ئىچىدە، تاملىرى ئۈستىگە بىر ئالىقان ئۇزۇنلۇقتىكى جۈپ ئىلمەكلىك كانارلار بېكىتىلگەن. شىرەلەر ئۈستىگە قۇربانلىق گۆشلىرى قويۇلىدۇ. «دەرۋازا ئىچىدە... كانارلار بېكىتىلگەن. شىرەلەر ئۈستىگە قۇربانلىق گۆشلىرى قويۇلىدۇ» ــ بەزى ئالىملار بۇ شىرەلەر پەقەت شىمالىي دەرۋازىسىدىلا قويۇلغان، دەپ قارايدۇ. بىراق 38-ئايەت «دەرۋازىلار»نى كۆرسىتىدۇ.
 
كاھىنلارنىڭ ئۆيلىرى
44 ئىچكى ھويلا ئىچىدە ۋە ئىچكى دەرۋازىنىڭ سىرتىدا مەدھىيە ناخشىچىلىرى ئۈچۈن ئىككى كىچىك ئۆي بار ئىدى؛ بىرى شىمالىي دەرۋازىنىڭ يېنىدا، جەنۇبقا يۈزلەنگەن؛ يەنە بىرى جەنۇبىي دەرۋازىنىڭ يېنىدا، شىمالغا يۈزلەنگەنىدى. 45 ئۇ ماڭا: «جەنۇبقا يۈزلەنگەن ئۆي كاھىنلار، يەنى ئىبادەتخانىغا مەسئۇللار ئۈچۈندۇر. 46 جەنۇبقا يۈزلەنگەن ئۆي كاھىنلار، يەنى قۇربانگاھ ۋەزىپىسىگە مەسئۇللار ئۈچۈندۇر. بۇلار بولسا زادوكنىڭ جەمەتىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى؛ شۇلارلا لاۋىي جەمەتىدىلەر ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا خىزمىتىدە بولۇشقا كىرەلەيدۇ» ــ دېدى. «شۇلارلا لاۋىي جەمەتىدىلەر ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا خىزمىتىدە بولۇشقا كىرەلەيدۇ» ــ زادوكلارنىڭ شۇ ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش سەۋەبى 15:44دە ئېيتىلىدۇ.
47 ئۇ ھويلىنى ئۆلچىدى؛ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، كەڭلىكى يۈز گەز، تۆت چاسىلىق ئىدى؛ قۇربانگاھ بولسا مۇقەددەسخانا ئالدىدا تۇراتتى. «قۇربانگاھ بولسا مۇقەددەسخانا ئالدىدا تۇراتتى» ــ «مۇقەددەسخانا» ھويلا ئىچىدە تۇرىدىغان ئۆي؛ ئۇ «مۇقەددەس جاي» ۋە «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 
مۇقەددەس جاينىڭ دالىنى •••• سخېمىنى كۆرۈڭ
48 ئۇ مېنى مۇقەددەسخانىنىڭ دالىنىغا ئاپاردى؛ ئۇ دالان ئېغىزىنىڭ ئىككى يېنىدىكى تاملارنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى؛ بىر تەرەپتىكىسى بەش گەز، يەنە بىر تەرەپتىكىسى بەش گەز چىقتى؛ دالان ئېغىزىنىڭ ئۆزى ئون تۆت گەز ئىدى؛ دالان ئېغىزىدىكى تامنىڭ ئىچكى تەرىپىنىڭ كەڭلىكى بۇ تەرىپى ئۈچ گەز، ئۇ تەرىپى ئۈچ گەز ئىدى. «دالان ئېغىزىنىڭ ئۆزى ئون تۆت گەز ئىدى» ــ بۇ جۈملە بەزى كونا تېكىستلەردە (بولۇپمۇ كونا گرېك تىلىدىكى LXX تەرجىمىسىدە) تېپىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بايانلىرىنىڭ تولۇق بولۇشى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر جۈملە بولۇشى كېرەك ئىدى. 49 دالاننىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز، ئۇزۇنلۇقى ئون بىر گەز ئىدى؛ ئۇنىڭغا چىقىدىغان پەلەمپەي بار ئىدى؛ تۈۋرۈكىمۇ بار ئىدى، ئۇ يېنىدا بىرى، بۇ يېنىدا بىرى بار ئىدى. «دالاننىڭ ... ئۇزۇنلۇقى ئون بىر گەز ئىدى» ــ بەزى كونا تېكىستلەردە «ئون ئىككى گەز» دېيىلىدۇ.  
 
 

40:1 «بىزنىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىمىزنىڭ يىگىرمە بەشىنچى يىلى...پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قوندى، ۋە ئۇ مېنى شەھەرگە ئاپاردى» ــ ئەسكەرتىش: بۇ 40-44 بابلاردا تەرجىمىمىزنىڭ بەزى يەرلىرىدە ئوقۇرمەنلەرگە ياردىمى بولسۇن دەپ بەزى ئايەتلەرگە سۆز قوشتۇق. ئۇلار ئەسلىدىكى تېكىستنىڭ بىر قىسمى بولمىسىمۇ، ئۇلار تېكىستنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بىز ئادەتتىكىدەك بۇنداق سۆزلەرنى «سۇس قىلدۇق». «بىزنىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىمىزنىڭ يىگىرمە بەشىنچى يىلى، يىلنىڭ بېشىدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە..» ــ بۇ ئالامەت كۆرۈنۈش بىرىنچى كۆرۈنۈشتىن 19 يىل كېيىن ئىدى.

40:1 ئ‍ەز. 33‏:21

40:2 «شەھەردەك بىر قۇرۇلۇش تۇراتتى» ــ ياكى «بىر شەھەرنىڭ قارىسى تۇراتتى».

40:5 «ئىبادەتخانا» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «ئۆي» دېيىلىدۇ. مۇشۇ يەردە «ئىبادەتخانا» «مۇقەددەسخانا» (41-باب) ۋە ئۇنىڭ ھويلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئالتە گەزلىك ئۆلچەم خادىسى بار ئىدى» ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز» ئادەمنىڭ قولىنىڭ جەينەكتىن بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقى (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) ئىدى. «شۇ چاغدىكى «بىر گەز» بىر گەز بىر ئالىقانغا توغرا كېلەتتى» ــ شۇڭا بۇ بابلاردا ئىشلىتىلگەن «گەز» ئۇنىڭدىن ئۇزۇن، تەخمىنەن 53 سانتىمېتر ھېسابلىناتتى. دەرۋازىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، توۋەندىكى «كېلىچەكتىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانا»نى كۆرسىتىدىغان سخېمىلەرنى كۆرۈڭ. «ئۇ تامنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، بىر «خادا» چىقتى؛ ئېگىزلىكى بولسا، بىر «خادا» چىقتى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، بىر «خادا» ئالتە گەز ئىدى.

40:7 «ئويۇق ئۆي» ــ دېمەك، ئالدىنقى تېمى يوق ئۆي. «ئويۇق ئۆي»لەرنىڭ ئالدى كارىدور (دەھلىز) بولاتتى.

40:11 «ئۇ دەرۋازىنى ئۆلچىدى» ــ مۇشۇ يەردە دەرۋازىنىڭ «كىرىش ئېغىزى»نىڭ سىرتقى تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋازانىڭ ئۆزى خېلى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇنىڭ «كىرىش ئېغىزى»ى، دەھلىزى (كارىدورى) ۋە «دالان»ى بار ئىدى. سخېمىنىمۇ كۆرۈڭ. «ئۇنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى» ــ سىرتقى تام ۋە پەلەمپەينى ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك.

40:13 «بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىلەن ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىر-بىرىگە قارىشاتتى» ــ بۇ يەردىكى «ئىشىك»نىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بەزى ئالىملار «بالا تام» ياكى «كۈنگۈرە» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.

40:14 «كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈكلەر» ــ ياكى «كىرىش ئېغىزىدىكى مۇنارلار». «ئۇلارنىڭ (تۈۋرۈكلەرنىڭ) ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز چىقتى؛ دەرۋازا تېمى بۇ ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى ئوراپ تۇرغانىدى» ــ بۇ ئىككى تۈۋرۈك ئىنتايىن ئېگىزدۇر. بەزى ئالىملار ئايەتنى «ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىچكى «توسما تام»لىرىغا ئۇلارنىڭ ئارىلىق تاملىرىنى قوشۇپ جەمئىي ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، جەمئىي بولۇپ ئاتمىش گەز ئىدى» دېگەن مەنىدە چۈشىنىدۇ. بىراق (ئۇنداق بولسا) بۇ ئۆلچەم ئىككى تەرەپتىكى ئىچكى «توسما تام»لىرىنىڭ ئارىلىقلىرى بىلەن جەمئىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ قوشۇلمىسى بولاتتى. مۇنداق ئۆلچەشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟

40:19 «تۆۋەنكى دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدىن...» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، «تۆۋەنكى» مۇشۇ يەردە «جەنۇبىي» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. چۈنكى تۆۋەندە «شەرقىي دەرۋازا» ۋە «شىمالىي دەرۋازا» تىلغا ئېلىنىدۇ، بىراق ئايەتتە «جەنۇبىي دەرۋازا» تىلغا ئېلىنمايدۇ.

40:22 «ئۇنىڭ دېرىزىلىرى...» ــ «دېرىزىلىرى» مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ «روجەك»لىرى، ياكى «روجەكلىك دېرىزە»لىرىنى كۆرسىتىدۇ (16-ئايەتنى كۆرۈڭ).

40:30 «ئەتراپىدا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز ئەتراپىدا دالىنى بار ئىدى» ــ ئەينى تېكستىنى چۈشىنىش تەس.

40:37 «ۇنىڭ دالىنىدىكى تۈۋرۈكلەر ...» ــ ياكى «ئۇنىڭ كېشەكلىرى ...».

40:42 «يەنە تاشتىن يونۇپ ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر گەز كېلىدىغان تۆت شىرە بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدىغان قورال-ئەسۋابلار قويۇلىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇ تۆت شىرە يونۇلغان تاشتىن ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر گەز؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگىمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدىغان قورال-ئەسۋابلار قويلىدۇ». بىراق بۇنداق جوزىلار قوي-كالىلارنىڭ جەسىتىنى قويغۇدەك دەرىجىدە چوڭ ئەمەس.

40:43 «دەرۋازا ئىچىدە... كانارلار بېكىتىلگەن. شىرەلەر ئۈستىگە قۇربانلىق گۆشلىرى قويۇلىدۇ» ــ بەزى ئالىملار بۇ شىرەلەر پەقەت شىمالىي دەرۋازىسىدىلا قويۇلغان، دەپ قارايدۇ. بىراق 38-ئايەت «دەرۋازىلار»نى كۆرسىتىدۇ.

40:46 «شۇلارلا لاۋىي جەمەتىدىلەر ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا خىزمىتىدە بولۇشقا كىرەلەيدۇ» ــ زادوكلارنىڭ شۇ ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش سەۋەبى 15:44دە ئېيتىلىدۇ.

40:47 «قۇربانگاھ بولسا مۇقەددەسخانا ئالدىدا تۇراتتى» ــ «مۇقەددەسخانا» ھويلا ئىچىدە تۇرىدىغان ئۆي؛ ئۇ «مۇقەددەس جاي» ۋە «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

40:48 «دالان ئېغىزىنىڭ ئۆزى ئون تۆت گەز ئىدى» ــ بۇ جۈملە بەزى كونا تېكىستلەردە (بولۇپمۇ كونا گرېك تىلىدىكى LXX تەرجىمىسىدە) تېپىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بايانلىرىنىڭ تولۇق بولۇشى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر جۈملە بولۇشى كېرەك ئىدى.

40:49 «دالاننىڭ ... ئۇزۇنلۇقى ئون بىر گەز ئىدى» ــ بەزى كونا تېكىستلەردە «ئون ئىككى گەز» دېيىلىدۇ.