47
ھاياتلىق دەرياسى
ھېلىقى كىشى مېنى ئۆينىڭ دەرۋازىسىغا قايتا ئاپاردى. مانا، ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىدىن سۇلار شەرققە قاراپ ئېقىپ چىقىۋاتاتتى؛ چۈنكى ئۆينىڭ ئالدى شەرققە قارايتتى. سۇلار ئۆينىڭ ئاستىدىن، ئوڭ تەرىپىدىن، قۇربانگاھنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن ئېقىپ چۈشەتتى. «ئۆينىڭ دەرۋازىسى» ــ «ئۆي» مۇشۇ يەردە پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ.   زەك. 14‏:8 ئۇ مېنى شىمالغا قارايدىغان دەرۋازىسىدىن چىقاردى؛ ئۇ مېنى ئايلاندۇرۇپ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىنىڭ سىرتىغا ئاپاردى؛ مانا، سۇلار ئوڭ تەرىپىدىن ئېقىپ تۇراتتى.
ھېلىقى كىشى قولىدا ئۆلچىگۈچ تانىنى تۇتۇپ، شەرققە قاراپ ماڭدى؛ ئۇ مىڭ گەز ئۆلچىدى، ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ ئوشۇقىغا چىقاتتى.
ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ تىزلىرىغا يەتتى. ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ بېلىگە چىقاتتى. ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئۇ مەن ئۆتەلمەيدىغان دەريا بولۇپ چىقتى؛ چۈنكى سۇلار ئۆرلەپ كەتتى؛ ئۇنىڭدا سۇ ئۈزگىلى بولاتتى، ئۇ ئۆتكىلى بولمايدىغان دەريا بولۇپ چىقتى. ئۇ مەندىن: «ئىنسان ئوغلى، بۇنى كۆرگەنسەن؟» دەپ سورىدى؛ ئاندىن مېنى دەريانىڭ قىرغىقىغا قايتۇرۇپ ئاپاردى.
قىرغاققا قايتتىم، مانا، دەريانىڭ قىرغىقىدا، ئۇ ۋە بۇ قېتىدا، ئىنتايىن كۆپ دەرەخلەر بار ئىدى. ۋەھ. 22‏:2
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «بۇ سۇلار يۇرتنىڭ شەرقىگە چىقىدۇ؛ شۇ يەردىن ئۇلار ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چۈشۈپ، ئاندىن دېڭىزغا كىرىدۇ. ئۇلار دېڭىزغا ئېقىپ كىرىشى بىلەن، دېڭىز سۇلىرى ساقايتىلىدۇ. «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى» ــ خەرىتىنى كۆرۈڭ. «ئاراباھ» دېگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ جىلغىسى. «دېڭىز» بولسا «ئۆلۈك دېڭىز» ــ بۈگۈنگە قەدەر ئۇ دېڭىز ئىنتايىن تۇزلۇق بولغاچقا، ئۇنىڭدا ھېچقانداق جانىۋار ياشىمايدۇ. بىراق بۇ سۇلار بىلەن ئۇنىڭ سۇلىرى ئاقار سۇ بولۇپ، نۇرغۇن بېلىق-ھايۋانلار ئۇلاردا ياشايدۇ. ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بۇ «جۈپ دەريا» قايسى يەرگە ئېقىپ كەلسە، شۇ يەردىكى بارلىق سۇ ئۈزىدىغان جانىۋارلار ياشايدۇ؛ دېڭىزدا نۇرغۇن بېلىقلار بولىدۇ؛ چۈنكى سۇلار شۇ يەرگە ئېقىپ كېلىدۇ، ۋە دېڭىز سۇلىرى ساقايتىلىدۇ؛ دەريا نەگە ئاقسا، شۇ يەرنىڭ ھەممىسى ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. «جۈپ دەريا» ــ يۇقىرىقى ئايەتلەردە «بىر دەريا» تەسۋىرلەنگەندىن كېيىن، نېمىشقا «جۈپ دەريا» دېيىلىدۇ؟ بۇنىڭ سىرلىق مەنىسى پەقەت تەۋراتتىكى «زەك.» 8:14-ئايەتتە يېشىلىدۇ. چۈنكى يەنە بىر دەريا ئىبادەتخانىدىن چىقىپ غەربىي تەرەپكىمۇ ئېقىپ «ئوتتۇرا دېڭىز»غا كىرىدۇ. «يو.» 18:3نىمۇ كۆرۈڭ. 10 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بېلىقچىلار دېڭىز بويىدا تۇرىدۇ؛ ئەن-گەدىدىن ئەن-ئەگلائىمگىچە ئۇلارنىڭ تورلىرى يېيىلىدىغان جايلىرى بولىدۇ؛ دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ «ئوتتۇرا دېڭىز»دىكىدەك بەك كۆپ سورتلىرى بولىدۇ؛ 11 بىراق ئۇنىڭ زەي-سازلىقلىرى ساقايتىلمايدۇ؛ ئۇلار شورلۇق بولۇشقا تاپشۇرۇلىدۇ.
12 دەريا بويىدا، ئۇ ۋە بۇ قېتىدا، ئوزۇق بولىدىغان ھەرخىل دەرەخلەر ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى سولاشمايدۇ، ئۇلار مېۋىسىز قالمايدۇ؛ ئۇلار ھەر ئايدا يېڭىدىن مېۋىلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇنى سۇغىرىدىغان سۇلار مۇقەددەس جايدىن چىقىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مېۋىسى ئوزۇق، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دورا-دەرمانلار بولىدۇ. ۋەھ. 22‏:2
 
زېمىننى قەبىلىلەر ئۈچۈن بۆلۈش
13 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ تۆۋەندە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە زېمىن مىراس سۈپىتىدە بۆلۈنۈپ تەقسىم قىلىنىپ چېگرالار ئايرىلىدۇ؛ يۈسۈپنىڭ قەبىلىسىگە ئىككى ئۈلۈش بۆلۈنىدۇ. «يۈسۈپنىڭ قەبىلىسىگە ئىككى ئۈلۈش بۆلۈنىدۇ» ــ لاۋىي قەبىلىسى زېمىنغا ئىگە بولمايدۇ. يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلى، ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ، ئىككى قەبىلە ھېسابلىنىدۇ («يار.» 17:48-20نى كۆرۈڭ). 14 مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم ئىچكەندەك، سىلەر بىر-بىرىڭلارغا باراۋەرلىك بىلەن زېمىننى مىراس بولۇشقا بۆلىسىلەر؛ ئۇ سىلەرگە مىراس بولىدۇ. يار. 12‏:7؛ 17‏:8؛ 26‏:3؛ 28‏:13
15 زېمىننىڭ تۆت تەرىپىنىڭ چېگراسى مۇنداق: شىمالىي تەرىپى، «ئوتتۇرا دېڭىز»دىن باشلىنىپ خەتلوننىڭ يولىنى بويلاپ، زەداد شەھىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغىچە بولىدۇ؛ 16 ئۇ خامات، بېروتاھ، سىبرائىم (دەمەشق بىلەن خاماتنىڭ چېگرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا)، ھاۋراننىڭ چېگرىسىدا بولغان خازار-ھاتتىكون شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 17 شۇنىڭدەك «ئوتتۇرا دېڭىز»دىن باشلانغان چېگرا ھازار-ئېنانغىچە سوزۇلىدۇ؛ ئۇ دەمەشقنىڭ چېگرىسىنى بويلاپ، خاماتنىڭ شىمالىي رايونىنىڭ چېگراسىغا تۇتىشىدۇ؛ بۇ بولسا شىمالىي تەرىپى بولىدۇ.
18 شەرق تەرىپىنىڭ چېگرىسى، ھاۋران بىلەن دەمەشقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلىنىپ، گىلېئاد ۋە ئىسرائىل زېمىنىنى بۆلۈپ تۇرىدىغان ئىئوردان دەرياسى بولىدۇ. سىلەر بۇنىڭدىن «ئۆلۈك دېڭىز»غىچە مىراسلارنى بۆلۈپ ئۆلچەيسىلەر. بۇ بولسا شەرق تەرىپى بولىدۇ. ««ئۆلۈك دېڭىز»غىچە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شەرقىي دېڭىزغىچە». «شەرق تەرىپىنىڭ چېگرىسى، ھاۋران بىلەن دەمەشقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلىنىپ، گىلېئاد ۋە ئىسرائىل زېمىنىنى بۆلۈپ تۇرىدىغان ئىئوردان دەرياسى بولىدۇ. سىلەر بۇنىڭدىن «ئۆلۈك دېڭىز»غىچە مىراسلارنى بۆلۈپ ئۆلچەيسىلەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىلەر شەرقىي چېگرىسىدىن، يەنى ھاۋران بىلەن دەمەشقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، گىلېئاد ۋە ئىسرائىل زېمىنىدىن ۋە ئىئوردان دەرياسىدىن «ئۆلۈك دېڭىز»غىچە مىراسلارنى بۆلۈپ ئۆلچەيسىلەر». 19 جەنۇبىي تەرىپى بولسا، تامار شەھىرىدىن مېرىباھ-قەدەش دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىغىچە، ئاندىن مىسىر ۋادىسىدىن «ئوتتۇرا دېڭىز»غىچە سوزۇلىدۇ. بۇ جەنۇبىي چېگرا بولىدۇ. 20 غەربىي تەرىپى بولسا «ئوتتۇرا دېڭىز»نىڭ ئۆزى، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە بولىدۇ؛ بۇ غەربىي چېگرىسى بولىدۇ.
21 سىلەر بۇ زېمىننى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىسى بويىچە ئۆز-ئاراڭلاردا ئۈلۈشۈشۈڭلار كېرەك. 22 شۇنداق بولۇش كېرەككى، سىلەر ئۆز-ئاراڭلار ۋە ئاراڭلاردا ئولتۇراقلاشقان، ئاراڭلاردا بالىلىق بولغان مۇساپىرلارغا ئۇنى مىراس بولۇشقا چەك تاشلاپ بۆلىسىلەر؛ ئۇلار سىلەرگە نىسبەتەن ۋەتىنىدە تۇغۇلغان ئىسرائىللارغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ئۇلار سىلەر بىلەن تەڭ چەك تاشلاپ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىن مىراس ئالسۇن.
23 مۇساپىر قايسى قەبىلە ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بولسا، سىلەر شۇ يەردىن ئۇنىڭغا مىراس تەقسىم قىلىسىلەر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
 
 

47:1 «ئۆينىڭ دەرۋازىسى» ــ «ئۆي» مۇشۇ يەردە پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ.

47:1 زەك. 14‏:8

47:7 ۋەھ. 22‏:2

47:8 «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى» ــ خەرىتىنى كۆرۈڭ. «ئاراباھ» دېگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ جىلغىسى. «دېڭىز» بولسا «ئۆلۈك دېڭىز» ــ بۈگۈنگە قەدەر ئۇ دېڭىز ئىنتايىن تۇزلۇق بولغاچقا، ئۇنىڭدا ھېچقانداق جانىۋار ياشىمايدۇ. بىراق بۇ سۇلار بىلەن ئۇنىڭ سۇلىرى ئاقار سۇ بولۇپ، نۇرغۇن بېلىق-ھايۋانلار ئۇلاردا ياشايدۇ.

47:9 «جۈپ دەريا» ــ يۇقىرىقى ئايەتلەردە «بىر دەريا» تەسۋىرلەنگەندىن كېيىن، نېمىشقا «جۈپ دەريا» دېيىلىدۇ؟ بۇنىڭ سىرلىق مەنىسى پەقەت تەۋراتتىكى «زەك.» 8:14-ئايەتتە يېشىلىدۇ. چۈنكى يەنە بىر دەريا ئىبادەتخانىدىن چىقىپ غەربىي تەرەپكىمۇ ئېقىپ «ئوتتۇرا دېڭىز»غا كىرىدۇ. «يو.» 18:3نىمۇ كۆرۈڭ.

47:12 ۋەھ. 22‏:2

47:13 «يۈسۈپنىڭ قەبىلىسىگە ئىككى ئۈلۈش بۆلۈنىدۇ» ــ لاۋىي قەبىلىسى زېمىنغا ئىگە بولمايدۇ. يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلى، ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ، ئىككى قەبىلە ھېسابلىنىدۇ («يار.» 17:48-20نى كۆرۈڭ).

47:14 يار. 12‏:7؛ 17‏:8؛ 26‏:3؛ 28‏:13

47:18 ««ئۆلۈك دېڭىز»غىچە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شەرقىي دېڭىزغىچە». «شەرق تەرىپىنىڭ چېگرىسى، ھاۋران بىلەن دەمەشقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلىنىپ، گىلېئاد ۋە ئىسرائىل زېمىنىنى بۆلۈپ تۇرىدىغان ئىئوردان دەرياسى بولىدۇ. سىلەر بۇنىڭدىن «ئۆلۈك دېڭىز»غىچە مىراسلارنى بۆلۈپ ئۆلچەيسىلەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىلەر شەرقىي چېگرىسىدىن، يەنى ھاۋران بىلەن دەمەشقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، گىلېئاد ۋە ئىسرائىل زېمىنىدىن ۋە ئىئوردان دەرياسىدىن «ئۆلۈك دېڭىز»غىچە مىراسلارنى بۆلۈپ ئۆلچەيسىلەر».