بۇ خۇدانىڭ بىرىنچى قېتىم زېمىننى ئىبراھىمنىڭ نەسلىگىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىبراھىمغىمۇ بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلىشى ئىدى. لېكىن ئەمەلىيەتتە، ئىبراھىم ئۆمرىدە پەلەستىن زېمىنىدىن پەقەت بىر پارچە يەرلىكلا سېتىۋالغان (23-باب)؛ شۇڭا خۇدانىڭ بۇ ۋەدىسى ئىبراھىمنىڭ تىرىلغاندا، زېمىنغا مىراسخور بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر بېشارەت بولسا كېرەك. ■ يار. 12:7؛ 15:7،18؛ 17:8؛ 26:4؛ قان. 34:4؛ روس. 7:5. 16 سېنىڭ نەسلىڭنى يەردىكى توپىدەك كۆپ قىلىمەن؛ شۇنداقكى، ئەگەر بىرسى يەردىكى توپىنى ساناپ چىقالىسا، سېنىڭ نەسلىڭنىمۇ ساناپ چىقالىشى مۇمكىن بولىدۇ.■ يار. 15:5؛ 17:4؛ قان. 10:22؛ يەر. 33:22؛ رىم. 4:17،18؛ ئىبر. 11:12. 17 ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ زېمىننى ئۇزۇنلۇقى ۋە ڭەڭلىكى بويىچە ئايلىنىپ چىققىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى ساڭا ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى.
■13:3 يار. 12:8.
■13:4 يار. 4:26؛ 12:8.
■13:6 يار. 36:7.
□13:7 «ئۇ ۋاقىتتا قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر شۇ زېمىندا تۇراتتى» ــ «قانائانىيلار ۋە پەرىززىيلەر»نىڭ تىلغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم (1) ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىدە ئىچكى جېدەل بولسا، ئەتراپىدىكى بۇتپەرەسلەر ئالدىدا ئىبراھىمنىڭ خۇدا توغرۇلۇق بەرگەن گۇۋاھلىقىغا داغ چۈشەتتى؛ (2) ئىچكى جېدەل ئائىلىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى قەبىلىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.
■13:7 يار. 12:6.
■13:9 يار. 20:15؛ 34:10.
□13:10 «بارلىق تۈزلەڭلىك.... سۈيى ئىنتايىن مول ئىدى» ــ بۇ يەرلەر ھازىر «ئۆلۈك دېڭىز» ئەتراپىدىكى قۇپقۇرۇق قاغجىراق جايلاردۇر. «پەرۋەردىگارنىڭ بېغى» ــ دېمەك، ئېرەم بېغى. «مىسىر زېمىنىدەك» ــ مىسىر زېمىنى، بولۇپمۇ نىل دەرياسى ئەتراپى تولىمۇ مۇنبەت، سۈيى مول زېمىندۇر.
■13:13 يار. 18:20؛ ئەز. 16:49.
□13:15 «سەن ھازىر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق زېمىننى ساڭا ... بېرىمەن» ــ ئۇ كۆرۈۋاتقان زېمىن لۇت تاللىۋالغان ئىئوردان ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ خۇدانىڭ بىرىنچى قېتىم زېمىننى ئىبراھىمنىڭ نەسلىگىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىبراھىمغىمۇ بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلىشى ئىدى. لېكىن ئەمەلىيەتتە، ئىبراھىم ئۆمرىدە پەلەستىن زېمىنىدىن پەقەت بىر پارچە يەرلىكلا سېتىۋالغان (23-باب)؛ شۇڭا خۇدانىڭ بۇ ۋەدىسى ئىبراھىمنىڭ تىرىلغاندا، زېمىنغا مىراسخور بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر بېشارەت بولسا كېرەك.
■13:15 يار. 12:7؛ 15:7،18؛ 17:8؛ 26:4؛ قان. 34:4؛ روس. 7:5.
■13:16 يار. 15:5؛ 17:4؛ قان. 10:22؛ يەر. 33:22؛ رىم. 4:17،18؛ ئىبر. 11:12.
■13:18 يار. 14:13.