■1:5 روس. 13:41
□1:6 «مەن ھېلىقى مىجەزى ئوسال ھەم ئالدىراقسان ئەل كالدىيلەرنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن،... ئۇلار يەر يۈزىنىڭ كەڭرى جايلىرىنى بېسىپ ماڭىدۇ» ــ كالدىيلەر پەقەت 20 يىل ئىچىدىلا نەزەرسىز بىر ئەلدىن، بابىل شەھىرىنى (كېيىن كالدىيلەر «بابىللىقلار» دەپ ئاتالغان)، نىنەۋە شەھىرىنى ۋە مىسىرنى ئىشغال قىلغان قورقۇنچلۇق بىر ئىمپېرىيەگە ئايلاندى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 615-595-يىللار). «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.
□1:7 «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلىدۇ ھەم ئۆزىنى خالىغانچە يۇقىرى تۇتىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى تېكىستتىن مۇشۇ ئايەتنى چۈشىنىش سەل تەس. ئەسلى جۈملىنى سۆزمۇسۆز ئالساق «ئۇلاردىن چىققان ھۆكۈم ۋە ھەيۋە ئۆزلىكىدىندۇر» ــ يەنى خۇدادىن ئەمەس دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار خۇدادىن ھېچ قورقماي، نېمىنى خالىسام شۇنداق قىلىمەن، دەيدىغانلار.
□1:9 «ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى يۈزلىرىنى ئالدىغا بېكىتىپ، ئالغا باسىدۇ،... » ــ ياكى «ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى «شەرق شامىلى»دەك ئالغا باسىدۇ،...». بۇ جۈملىنىڭ يەنە بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار.
□1:10 «ئۇ ھەممە ئىستىھكاملارنى مەسخىرە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ توپا-تۇپراقلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىدۇ» ــ دېمەك، ئۇلار سېپىلنىڭ يېنىغا چوڭ بىر دۆڭ ياساپ سېپىلدىن ئارتىلىپ بۆسۈپ كىرىدۇ. بابىللىقلارنىڭ ئەمگەك كۈچى كۆپ بولغاچقا، مۇشۇ ئاددىي ئۇسۇلنى كۆپ قوللانغان.
□1:11 «شۇنداق قىلىپ ئۇ شامالدەك غۇيۇلداپ ئۆتىدۇ، ھەددىدىن ئېشىپ گۇناھكار بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنداق قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ روھى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؛ ئۇ شۇ يەرلەردىن ئۆتۈپ، گۇناھكار بولىدۇ».
□1:12 «سەن ئۇنى جازايىڭنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېكىتكەنسەن» ــ ياكى «ئۇنى جازايىڭغا ئۇچراشقا بېكىتكەنسەن».
□1:14 «سەن ئادەملەرنى خۇددى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك، خۇددى ئۆزلىرى ئۈستىدە ھېچ يېتەكلىگۈچىسى يوق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش قىلىسەن» ــ ئەسلىدە خۇدا ئىنساننى ياراتقاندا، ئىنسان توغرۇلۇق «ئۇلار دېڭىزدىكى بېلىقلار... ئۆمۈلىگۈچى ھايۋانلارنى... باشقۇرسۇن» دېگەنىدى. ھازىر خۇدا زالىملارنىڭ ئىنسانلارنى بېلىقلارنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈشىگە يول قويۇۋاتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
□1:15 «شۇ كالدىي كىشى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىكىغا ئىلىندۇرىدۇ» ــ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئەسىرلەرنى كالپۇكلىرىدىن ئىلمەك (ياكى چاڭگاك) ئۆتكۈزۈپ، يېتىلەپ ماڭىدىغان رەھىمسىز ئادىتى بار ئىدى؛ كېيىنكى ئىمپېرىيە (بابىل)نىڭ پادىشاھلىرى بەلكىم ئوخشاش ئادەتتە بولغان بولسا كېرەك.