9
كونا ئەھدە دەۋرىدىكى ئىبادەت
بىرىنچى ئەھدىدە مۇناسىۋەتلىك ئىبادەت بەلگىلىمىلىرى ۋە يەر يۈزىگە تەۋە بولغان بىر مۇقەددەس ئىبادەت جايى بار ئىدى. بۇنىڭغا بىر ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەنىدى؛ ئۇنىڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان بىرىنچى بۆلۈمىدە چىراغدان، شىرە ھەم شىرە ئۈستىدە رەتلەنگەن نانلار بولاتتى. مىس. 26‏:1؛ 36‏:1؛ لاۋ. 24‏:5. ئۇنىڭ ئىككىنچى، يەنى ئىچكى پەردىسىنىڭ كەينىدە ئەڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان يەنە بىر چېدىر بۆلۈمى بار ئىدى. «ئەڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان يەنە بىر چېدىر بۆلۈمى» ــ «مۇقەددەس جاي» گرېك تىلىدا «مۇقەددەسلەرنىڭ مۇقەددىسى». شۇ يەرگە تەۋە بولغان ئالتۇن خۇشبۇيگاھ ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى بار ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخ سۈرگەن ھاسىسى ۋە ئىككى ئەھدە تاش تاختىسى بار ئىدى. «ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك» ــ «ماننا» خۇدا چۆل-باياۋاندا ئىسرائىللارغا بەرگەن «ئاسماندىكى نان» ــ «مىس.» 31:16كە قارالسۇن. «ھارۇننىڭ بىخ سۈرگەن ھاسىسى» ــ خۇدا ھارۇننى يېتەكچى قىلىپ تاللىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھاسىسىنى بىخلاتقانىدى («چۆل.» 16-17-بابنى كۆرۈڭ. «ئىككى ئەھدە تاش تاختىسى» ــ بۇلارنىڭ ئۈستىگە «ئون پەرمان» ياكى «ئون پەرھىز» يېزالغانىدى («مىس.» 18:31 ۋە 28:34نى كۆرۈڭ.   مىس. 25‏:10؛ 34‏:29؛ چۆل. 17‏:25؛ 1پاد. 8‏:9؛ 2تار. 5‏:10. ساندۇق ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىگە شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى. ئەمدى بۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي توختىلىشنىڭ ھازىر ۋاقتى ئەمەس. «كافارەت تەختى» ــ ياكى «رەھىمگاھ» ياكى «رەھىم كۆرسىتىدىغان تەخت». «مىس.» 22:25-34نى كۆرۈڭ. ««كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىگە شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى» ــ بۇ ئىشلار توغرىسىدا «مىس.» 10:25-22، 6:37-9نى كۆرۈڭ. «ئەمدى بۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي توختىلىشنىڭ ھازىر ۋاقتى ئەمەس» ــ بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇ ئېلىپ بارغان نىجاتتىن «بېشارەت بېرىدىغان كۆلەڭگە» ئىدى. بۇ ئايەتتىكى سۆزلەرگە ۋە 5:8كە قارىغاندا، شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، ھەتتا بۇ كونا ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىچىككىنە تەپسىلاتلىرىمۇ «بېشارەتلىك كۆلەڭگە» ياكى «سىمۋول» ئىدى. «ماننا» ئۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. «يۇھ.» 30:6-35دە ئەيسانىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆرۈڭ («رىم.» 4:14، «كول.» 16:2-17نىمۇ كۆرۈڭ). خۇدا بۇيرۇسا بۇ ئۇلۇغ ۋە قىزىق نۇقتىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىدىغان كىتابچىنى كېيىن چىقارماقچىمىز.   مىس. 25‏:22.
بۇ نەرسىلەر مانا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنلا، كاھىنلار چېدىرنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە (يەبى «مۇقەددەس جاي»غا) ھەردائىم كىرىپ، ئىبادەت خىزمىتىنى قىلىدۇ. چۆل. 28‏:3. بىراق، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش كاھىن يىلدا بىر قېتىملا كىرىدۇ. كاھىن ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقتىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىق قېنىنى ئالماي كىرمەيدۇ. مىس. 30‏:10؛ لاۋ. 16‏:2،34؛ ئىبر. 9‏:25. بۇ ئىشلار ئارقىلىق مۇقەددەس روھ شۇنى كۆرسىتىپ بەرمەكتىكى، بۇ بىرىنچى ئىبادەت چېدىرىدىكى تۈزۈم ئىناۋەتلىك بولۇپ تۇرسىلا، ئەڭ مۇقەددەس جايغا بارىدىغان يول يەنىلا ئېچىلمايدۇ. «بۇ بىرىنچى ئىبادەت چېدىرىدىكى تۈزۈم ئىناۋەتلىك بولۇپ تۇرسىلا» ــ «بىرىنچى ئىبادەت چېدىرى» دېگەن سۆز چېدىرنىڭ ئۆزىنى، شۇنداقلا ئۇ ۋەكىللىك قىلغان ئىبادەت خىزمەتلىرى (ئۇنىڭدا سۇنۇلغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار قاتارلىقلار)نى كۆرسىتىدۇ.   يـۇھ. 14‏:6. مانا بۇلار رەسىمدەك ھازىرقى زاماننى روشەنلەشتۈرىدىغان بىر خىل ئوبراز، خالاس. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ چېدىردا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار ئىبادەت قىلغۇچىنى ۋىجدانىدا پاك-كامىل قىلالمايدۇ. 10 ئۇلار پەقەت يېمەك-ئىچمەكلەر ۋە بويىنى سۇغا سېلىشنىڭ تۈرلۈك رەسمىيەتلىرىگە باغلىق بولۇپ، قانۇن-تۈزۈم تۈزۈتۈلۈش ۋاقتى كەلگۈچىلىك كۈچكە ئىگە قىلىنغان، ئىنسانلارنىڭ ئەتلىرىگىلا باغلىق بولغان بەلگىلىمە-نىزاملاردۇر. لاۋ. 11‏:2؛ چۆل. 19‏:7-22.
11 لېكىن مەسىھ بولسا كەلگۈسىدىكى كارامەت ياخشى ئىشلارنى ئېلىپ بارغۇچى باش كاھىن بولۇپ، ئادەم قولى بىلەن ياسالمىغان، بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغان، تېخىمۇ ئۇلۇغ ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل ئىبادەت چېدىرىغا كىردى. ئىبر. 3‏:1؛ 4‏:14؛ 6‏:20؛ 8‏:1. 12 ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ قۇربانلىق قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ئۇ ئۇ (ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىگەن بولۇپ) بىر يولىلا مەڭگۈگە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىدى. «ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ئۇ (ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىگەن بولۇپ) بىر يولىلا مەڭگۈگە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىردى» ــ «مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجات» بولسا گۇناھلاردىن بولغان ئازادلىق-نىجاتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىھنىڭ ئىگىلىگىنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بارلىق ئىنسانلار (ئېتىقاد قىلغان بولسا) ئۈچۈن، ئەلۋەتتە.   روس. 20‏:28؛ ئ‍ەف. 1‏:7؛ كول. 1‏:14؛ ئىبر. 10‏:10؛ 1پېت. 1‏:19؛ ۋەھ. 1‏:5؛ 5‏:9 13  كونا ئەھدە دەۋرىدە ئۆچكە ۋە بۇقىلارنىڭ قېنى ھەم ئىنەكنىڭ كۈللىرى ناپاك بولغانلارنىڭ ئۈستىگە سېپىلسە، ئۇلارنى ئەت جەھەتىدىن تازىلاپ پاك قىلغان يەردە، لاۋ. 16‏:14؛ چۆل. 19‏:4؛ ئىبر. 10‏:4. 14 ئۇنداقتا، مەڭگۈلۈك روھ ئارقىلىق ئۆزىنى غۇبارسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىغان مەسىھنىڭ قېنى ۋىجدانىڭلارنى ئۆلۈك ئىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! «ئۇنداقتا، مەڭگۈلۈك روھ ئارقىلىق ئۆزىنى غۇبارسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىغان مەسىھ...» ــ «مەڭگۈلۈك روھ» مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى.   لۇقا 1‏:74؛ رىم. 6‏:13؛ گال. 1‏:4؛ 2‏:20؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ تىت. 2‏:14؛ 1پېت. 4‏:2؛ 1يۇھ. 1‏:7؛ ۋەھ. 1‏:5.
15 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. بۇنىڭ بىلەن (ئىنسانلارنىڭ ئاۋۋالقى ئەھدە ئاستىدا سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئازادلىق بەدىلى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئۆلۈم بولغانىكەن) خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. «ئىنسانلارنىڭ ئاۋۋالقى ئەھدە ئاستىدا سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئازادلىق بەدىلى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئۆلۈم بولغانىكەن» ــ «شۇنداق بىر ئۆلۈم» ــ مەسىھنىڭ ئۆلۈمى، ئەلۋەتتە.   رىم. 5‏:6؛ 1پېت. 3‏:18.
16 ئەگەر ۋەسىيەت قالدۇرۇلسا، ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆلۈشى تەستىقلانغۇچە، ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 17 چۈنكى ۋەسىيەت پەقەت ئۆلۈمدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھاياتلا بولسا، ۋەسىيىتىنىڭ ھېچقانداق كۈچى بولمايدۇ. «17-16-ئايەت» ــ ياكى «چۈنكى ئەھدە تۈزۈلسە، ئەھدە تۈزۈلگۈچى قۇربانلىق ئۆلۈشى كېرەك. ئەھدە قۇربانلىقى قىلىنغۇچى ئۆلىسە، ئەھدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ قۇربانلىق تېخى ھاياتلا بولسا، ئەھدە ھېچقانداق كۈچكە ئىگە بولمايدۇ».   گال. 3‏:15. 18 شۇنىڭغا ئوخشاش، دەسلەپكى ئەھدىمۇ قان ئېقىتىلغاندىلا، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولغان. 19 چۈنكى مۇسا تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەربىر ئەمرىنى پۈتۈن خەلققە ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، موزاي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ سۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان قېنىنى قىزىل يۇڭ يىپتا باغلانغان زوفا بىلەن قانۇن دەستۇرىغا ۋە پۈتۈن خەلققە سېپىپ، ئۇلارغا: 20 «مانا، بۇ خۇدا سىلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىڭلارغا ئەمر قىلغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر» ــ دېدى. «مانا، بۇ خۇدا سىلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىڭلارغا ئەمر قىلغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر» ــ دېمەك، ئەھدە بۇ قان ئارقىلىق كۈچكە ئىگە قىلىنغان. «مىس.» 5:24-8نى كۆرۈڭ.   مىس. 24‏:8؛ مات. 26‏:28. 21 ئۇ يەنە ئوخشاش يولدا ئىبادەت چېدىرىغا ۋە چېدىردىكى ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل سايمانلارنىڭ ئۈستىگە قان سەپتى. 22 دەرۋەقە، تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەممە نەرسە دېگۈدەك قان بىلەن پاكلىنىدۇ؛ قۇربانلىق قېنى تۆكۈلمىگۈچە، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.
23 خوش، ئەرشتىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇ بۇيۇملار مۇشۇنداق قۇربانلىقلار بىلەن پاكلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق ئەرشتىكى نەرسىلەرنىڭ ئۆزى بۇلاردىن ئېسىل قۇربانلىقلار بىلەن پاكلىنىشى كېرەك. 24 چۈنكى مەسىھ ئەرشتىكى ھەقىقىي ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە ۋەكىللىك قىلىپ ھازىر بولۇش ئۈچۈن ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىرىپ بولدى. «ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جاي» ــ «مۇقەددەس جاي» گرېك تىلىدا «مۇقەددەس جايلار» دېيىلىدۇ ــ «مۇقەددەس جاي» ئاندىن «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دېمەكچى.
25  يەر يۈزىدىكى باش كاھىننىڭ يىلمۇيىل ئۆز قېنىنى ئەمەس، بەلكى قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنى ئېلىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا قايتا-قايتا كىرىپ تۇرغىنىدەك، ئۇ قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆزىنى قايتا-قايتا ئاتاش ئۈچۈن كىرگىنى يوق. مىس. 30‏:10؛ لاۋ. 16‏:2،34؛ ئىبر. 9‏:7. 26 ئەگەر شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولغان بولسا، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى ئۇنىڭ قايتا-قايتا ئازاب چېكىشىگە توغرا كېلەتتى. لېكىن ئۇ مانا زامانلارنىڭ ئاخىرىدا گۇناھنى يوق قىلىش ئۈچۈن، بىر يولىلا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئوتتۇرىغا چىقتى. 27 ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەنگە ئوخشاش، 28 مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن بىرلا قېتىم قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنى تەلپۈنۈپ كۈتكەنلەرگە گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ. «مەسىھ... ئۆزىنى تەلپۈنۈپ كۈتكەنلەرگە گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ» ــ «گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا» گرېك تىلىدا «گۇناھ يوق ھالدا». بىزنىڭچە «گۇناھ يوق ھالدا» دېگەن ئىبارە مەسىھنىڭ ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن دېيىلگەن ئەمەس (چۈنكى ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقى ئېنىق)، بەلكى ئۇنىڭ گۇناھنىڭ ئۆزىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشىنى تۈگىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز.
«گۇناھ يوق ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ» دېگەنلىك توغرىسىدىكى يەنە بىر چۈشەنچىسى: «(مەسىھنىڭ ئىككىنچى قېتىمكى كېلىشى) ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە قۇربان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ» دېگەندەك.
   رىم. 5‏:6، 8؛ 1پېت. 3‏:18.
 
 

9:2 مىس. 26‏:1؛ 36‏:1؛ لاۋ. 24‏:5.

9:3 «ئەڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان يەنە بىر چېدىر بۆلۈمى» ــ «مۇقەددەس جاي» گرېك تىلىدا «مۇقەددەسلەرنىڭ مۇقەددىسى».

9:4 «ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك» ــ «ماننا» خۇدا چۆل-باياۋاندا ئىسرائىللارغا بەرگەن «ئاسماندىكى نان» ــ «مىس.» 31:16كە قارالسۇن. «ھارۇننىڭ بىخ سۈرگەن ھاسىسى» ــ خۇدا ھارۇننى يېتەكچى قىلىپ تاللىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھاسىسىنى بىخلاتقانىدى («چۆل.» 16-17-بابنى كۆرۈڭ. «ئىككى ئەھدە تاش تاختىسى» ــ بۇلارنىڭ ئۈستىگە «ئون پەرمان» ياكى «ئون پەرھىز» يېزالغانىدى («مىس.» 18:31 ۋە 28:34نى كۆرۈڭ.

9:4 مىس. 25‏:10؛ 34‏:29؛ چۆل. 17‏:25؛ 1پاد. 8‏:9؛ 2تار. 5‏:10.

9:5 «كافارەت تەختى» ــ ياكى «رەھىمگاھ» ياكى «رەھىم كۆرسىتىدىغان تەخت». «مىس.» 22:25-34نى كۆرۈڭ. ««كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىگە شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى» ــ بۇ ئىشلار توغرىسىدا «مىس.» 10:25-22، 6:37-9نى كۆرۈڭ. «ئەمدى بۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي توختىلىشنىڭ ھازىر ۋاقتى ئەمەس» ــ بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇ ئېلىپ بارغان نىجاتتىن «بېشارەت بېرىدىغان كۆلەڭگە» ئىدى. بۇ ئايەتتىكى سۆزلەرگە ۋە 5:8كە قارىغاندا، شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، ھەتتا بۇ كونا ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىچىككىنە تەپسىلاتلىرىمۇ «بېشارەتلىك كۆلەڭگە» ياكى «سىمۋول» ئىدى. «ماننا» ئۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. «يۇھ.» 30:6-35دە ئەيسانىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆرۈڭ («رىم.» 4:14، «كول.» 16:2-17نىمۇ كۆرۈڭ). خۇدا بۇيرۇسا بۇ ئۇلۇغ ۋە قىزىق نۇقتىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىدىغان كىتابچىنى كېيىن چىقارماقچىمىز.

9:5 مىس. 25‏:22.

9:6 چۆل. 28‏:3.

9:7 مىس. 30‏:10؛ لاۋ. 16‏:2،34؛ ئىبر. 9‏:25.

9:8 «بۇ بىرىنچى ئىبادەت چېدىرىدىكى تۈزۈم ئىناۋەتلىك بولۇپ تۇرسىلا» ــ «بىرىنچى ئىبادەت چېدىرى» دېگەن سۆز چېدىرنىڭ ئۆزىنى، شۇنداقلا ئۇ ۋەكىللىك قىلغان ئىبادەت خىزمەتلىرى (ئۇنىڭدا سۇنۇلغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار قاتارلىقلار)نى كۆرسىتىدۇ.

9:8 يـۇھ. 14‏:6.

9:10 لاۋ. 11‏:2؛ چۆل. 19‏:7-22.

9:11 ئىبر. 3‏:1؛ 4‏:14؛ 6‏:20؛ 8‏:1.

9:12 «ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ئۇ (ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىگەن بولۇپ) بىر يولىلا مەڭگۈگە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىردى» ــ «مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجات» بولسا گۇناھلاردىن بولغان ئازادلىق-نىجاتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىھنىڭ ئىگىلىگىنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بارلىق ئىنسانلار (ئېتىقاد قىلغان بولسا) ئۈچۈن، ئەلۋەتتە.

9:12 روس. 20‏:28؛ ئ‍ەف. 1‏:7؛ كول. 1‏:14؛ ئىبر. 10‏:10؛ 1پېت. 1‏:19؛ ۋەھ. 1‏:5؛ 5‏:9

9:13 لاۋ. 16‏:14؛ چۆل. 19‏:4؛ ئىبر. 10‏:4.

9:14 «ئۇنداقتا، مەڭگۈلۈك روھ ئارقىلىق ئۆزىنى غۇبارسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىغان مەسىھ...» ــ «مەڭگۈلۈك روھ» مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى.

9:14 لۇقا 1‏:74؛ رىم. 6‏:13؛ گال. 1‏:4؛ 2‏:20؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ تىت. 2‏:14؛ 1پېت. 4‏:2؛ 1يۇھ. 1‏:7؛ ۋەھ. 1‏:5.

9:15 «ئىنسانلارنىڭ ئاۋۋالقى ئەھدە ئاستىدا سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئازادلىق بەدىلى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئۆلۈم بولغانىكەن» ــ «شۇنداق بىر ئۆلۈم» ــ مەسىھنىڭ ئۆلۈمى، ئەلۋەتتە.

9:15 رىم. 5‏:6؛ 1پېت. 3‏:18.

9:17 «17-16-ئايەت» ــ ياكى «چۈنكى ئەھدە تۈزۈلسە، ئەھدە تۈزۈلگۈچى قۇربانلىق ئۆلۈشى كېرەك. ئەھدە قۇربانلىقى قىلىنغۇچى ئۆلىسە، ئەھدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ قۇربانلىق تېخى ھاياتلا بولسا، ئەھدە ھېچقانداق كۈچكە ئىگە بولمايدۇ».

9:17 گال. 3‏:15.

9:20 «مانا، بۇ خۇدا سىلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىڭلارغا ئەمر قىلغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر» ــ دېمەك، ئەھدە بۇ قان ئارقىلىق كۈچكە ئىگە قىلىنغان. «مىس.» 5:24-8نى كۆرۈڭ.

9:20 مىس. 24‏:8؛ مات. 26‏:28.

9:24 «ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جاي» ــ «مۇقەددەس جاي» گرېك تىلىدا «مۇقەددەس جايلار» دېيىلىدۇ ــ «مۇقەددەس جاي» ئاندىن «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دېمەكچى.

9:25 مىس. 30‏:10؛ لاۋ. 16‏:2،34؛ ئىبر. 9‏:7.

9:28 «مەسىھ... ئۆزىنى تەلپۈنۈپ كۈتكەنلەرگە گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ» ــ «گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا» گرېك تىلىدا «گۇناھ يوق ھالدا». بىزنىڭچە «گۇناھ يوق ھالدا» دېگەن ئىبارە مەسىھنىڭ ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن دېيىلگەن ئەمەس (چۈنكى ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقى ئېنىق)، بەلكى ئۇنىڭ گۇناھنىڭ ئۆزىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشىنى تۈگىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. «گۇناھ يوق ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ» دېگەنلىك توغرىسىدىكى يەنە بىر چۈشەنچىسى: «(مەسىھنىڭ ئىككىنچى قېتىمكى كېلىشى) ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە قۇربان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ» دېگەندەك.

9:28 رىم. 5‏:6، 8؛ 1پېت. 3‏:18.