11
ئېتىقاد-ئىشەنچ ــ ئۆتكەنكى گۇۋاھچىلار
ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسى ۋە كۆرۈنمەيدىغان شەيئىلەرنىڭ دەلىلىدۇر. «ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسى» ــ ياكى «ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ مۇتلەق خاتىرجەملىكى». دېمىسەكمۇ، ئىنجىلدا «ئۈمىد» دائىم دېگۈدەك مۈجمەل بىر ئارزۇ ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە چىڭ باغلانغان ئىشتۇر. چۈنكى بۇرۇنقى مۆتىۋەرلىرىمىز قەدىمدە مانا شۇ ئېتىقاد بىلەن خۇدادىن كەلگەن ياخشى گۇۋاھلىقنى ئالغان. «چۈنكى بۇرۇنقى مۆتىۋەرلىرىمىز قەدىمدە مانا شۇ ئېتىقاد بىلەن خۇدادىن كەلگەن ياخشى گۇۋاھلىقنى ئالغان» ــ «بۇرۇنقى مۆتىۋەرلىرىمىز» دېگەنلىك گرېك تىلىدا «ئاقساقاللىرىمىز». دېمەك، ئىبرانىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئېتىقاد تەرىپىدە ئۈلگىلەر ۋە يول باشلىغۇچى بولغانلار.
بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامى بىلەن ئورنىتىلغانلىقىنى، شۇنداقلا بىز كۆرۈۋاتقان مەۋجۇداتلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان شەيئىلەردىن چىققان ئەمەسلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. «بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامى بىلەن ئورنىتىلغانلىقىنى ... چۈشىنەلەيمىز» ــ ياكى «بىز ئېتىقاد ئارقىلىق دەۋر-زامانلارنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامى بىلەن ئورنىتىلغانلىقىنى ... چۈشىنەلەيمىز.».   يار. 1‏:1؛ زەب. 33‏:6؛ يـۇھ. 1‏:10؛ رىم. 4‏:17؛ ئ‍ەف. 3‏:9؛ كول. 1‏:16.
ئېتىقادى بولغاچقا ھابىل قابىلنىڭكىدىنمۇ ئەۋزەل بىر قۇربانلىقنى خۇداغا ئاتىغان؛ ئېتىقادى بولغاچقا خۇدا ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىنى تەرىپلەپ، ئۇنىڭغا ھەققانىي دەپ گۇۋاھلىق بەردى. گەرچە ئۆلگەن بولسىمۇ، ئېتىقادى بىلەن ئۇ يەنىلا بىزگە گەپ قىلماقتا. يار. 4‏:4؛ مات. 23‏:35.
ئېتىقادى بولغاچقا، ھانوخ ئۆلۈمنى كۆرمەيلا ئەرشكە كۆتۈرۈلدى؛ خۇدا ئۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتكەچكە، ئۇ يەر يۈزىدە ھېچ تېپىلمىدى. سەۋەبى ئۇ ئېلىپ كېتىلىشتىن ئىلگىرى، خۇدانى خۇرسەن قىلغان ئادەم دەپ تەرىپلەنگەنىدى. يار. 5‏:22،24. ئەمدىلىكتە ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان كىشى ئۇنىڭ بارلىقىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىزدىگەنلەرگە ئەجرىنى قايتۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك.
ئېتىقادى بولغاچقا، نۇھ تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، ئىخلاسمەنلىك قورقۇنچى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يوغان بىر كېمە ياسىدى؛ ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى، شۇنداقلا ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىققا مىراسخور بولدى. «ئېتىقادى بولغاچقا، نۇھ .. . ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يوغان بىر كېمە ياسىدى» ــ «يوغان كېمە» گرېك تىلىدا «ساندۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى كېمە ساندۇق شەكلىدە ئىدى («يار.» 6-7-بابنى كۆرۈڭ).   يار. 6‏:13.
ئېتىقادى بولغاچقا، خۇدا ئىبراھىمنى ئۇنىڭغا مىراس سۈپىتىدە بەرمەكچى بولغان زېمىنغا بېرىشقا چاقىرغاندا، ئۇ ئىتائەت قىلدى؛ ئۇ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى. يار. 12‏:4. ئېتىقادى بولغاچقا ئۇ ۋەدە قىلىنغان زېمىندا، خۇددى ياقا يۇرتتا تۇرغاندەك مۇساپىر بولۇپ چېدىرلارنى ماكان قىلىپ ياشىدى. خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ ئورتاق مىراسخورلىرى بولغان ئىسھاق ۋە ياقۇپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىڭغا ئوخشاش ياشىدى. 10 ئىبراھىمنىڭ شۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئۇللىرى مۇستەھكەم بولغان شەھەرنى كۈتكەنىدى؛ شەھەرنىڭ لايىھىلىگۈچى ھەم قۇرغۇچىسى خۇدا ئۆزىدۇر.
11 ئېتىقادى بولغاچقا ساراھ گەرچە ياشىنىپ قالغان، تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى؛ چۈنكى ئۇ ۋەدە قىلغان خۇدانى ئىشەنچلىك دەپ قارايتتى. «ئېتىقادى بولغاچقا ساراھ گەرچە ياشىنىپ قالغان، تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى؛ چۈنكى ئۇ ۋەدە قىلغان خۇدانى ئىشەنچلىك دەپ قارايتتى» ــ بەزى تەرجىمىلىرىدە بۇ جۈملىدە كۆزدە تۇتۇلغان ئېتىقاد ئىگىسى ساراھ ئەمەس، بەلكى ئىبراھىم دەپ قارىلىدۇ. بىرنەچچە سەۋەبلەردىن (جۈملىدىن بالا تۇغۇشتا كۈچ، يەنى ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارى كېرەك بولغىنى ئەر كىشى ئەمەس، بەلكى ئايال كىشى بولغانلىقىدىن!)، كۆرسىتىلگەن ئېتىقادچىنى ساراھ دەپ قارايمىز. ئۇ خۇدانىڭ سۆزىدىن گۇمانلانغاندىن كېيىن، ئەيىبلەنگەن بولۇپ ئاندىن چىڭ ئېتىقادتا تۇرغان بولۇشى مۇمكىن («يار.» 1:18-15نى كۆرۈڭ).   يار. 17‏:19؛ 21‏:2؛ لۇقا 1‏:36. 12 بۇنىڭ بىلەن بىرلا ئادەمدىن، يەنى ئۆلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالغان بىر ئادەمدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سانسىز ئەۋلادلار بارلىققا كەلدى. يار. 15‏:5؛ 22‏:17؛ رىم. 4‏:18.
13 بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولماي تۇرۇپلا ئېتىقادى بولغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتتى. بىراق ئۇلار ھايات ۋاقتىدا بۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپ، قۇچاق ئېچىپ خۇرسەنلىك بىلەن كۈتكەن ۋە ئۆزلىرىنى يەر يۈزىدە مۇساپىر ۋە يولۇچى دەپ ئاشكارە ئېيتقانىدى. يار. 23‏:4؛ 47‏:9؛ يـۇھ. 8‏:53. 14 بۇ بۇنداق سۆزلەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ بىر ۋەتەننى تەشنا بولۇپ ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. 15 دەرۋەقە، ئۇلار ئۆز يۇرتىنى سېغىنغان بولسا، قايتىپ كېتىش پۇرسىتى چىققان بولاتتى. 16 لېكىن ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل، يەنى ئەرشتىكى بىر ماكاننى تەلپۈنۈپ ئىزدىمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىشىدىن نومۇس قىلمايدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر شەھەر ھازىرلىغان. مىس. 3‏:6؛ مات. 22‏:32؛ روس. 7‏:32.
17‏-18 ئىبراھىم خۇدا تەرىپىدىن سىنالغىنىدا، ئېتىقادى بولغاچقا ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىدى؛ گەرچە ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىلىرىنى، جۈملىدىن «سېنىڭ نامىڭنى داۋاملاشتۇرىدىغان نەسلىڭ بولسا ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگىنىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىردىنبىر ئوغلىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇردى. يار. 22‏:10؛ يار. 21‏:12؛ رىم. 9‏:7؛ گال. 3‏:29. 19 چۈنكى ئۇ ھەتتا ئىسھاق ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىسھاقنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەندەك قايتىدىن تاپشۇرۇۋالدى.
20 ئېتىقادى بولغاچقا، ئىسھاق ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرىغا خەيرلىك تىلەپ دۇئا قىلدى. يار. 27‏:28،39.
21 ئېتىقادى بولغاچقا، ياقۇپ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلدى. «ئېتىقادى بولغاچقا، ياقۇپ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلدى» ــ «يار.» 31:47 (گرېك تىلىدىكى «سەپتۇئاگىنت» (LXX) دېگەن تەرجىمىسى)نى كۆرۈڭ.   يار. 47‏:31؛ 48‏:15. 22 ئېتىقادى بولغاچقا، يۈسۈپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇستىخانلىرى توغرۇلۇقمۇ ئەمر قىلدى. «ئېتىقادى بولغاچقا، يۈسۈپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇستىخانلىرى توغرۇلۇقمۇ ئەمر قىلدى» ــ يۈسۈپنىڭ ئەمرى بولسا «سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا مېنىڭ ئۇستىخانلىرىمنى ئېلىپ كېتىڭلار» دېگەنلىك ئىدى. «يار.» 24:50 ۋە «مىس.» 19:18نى كۆرۈڭ.   يار. 50‏:24.
23 ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى؛ چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ يېقىملىق بىر بالا ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى. «ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى؛ چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ يېقىملىق بىر بالا ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى» ــ «يېقىملىق بىر بالا» بۇ سۆز چوقۇم مۇسانىڭ بىر ئالاھىدىلىكىنى، ئۇنىڭ خۇداغا ياقىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك («روس.» 20:7نىمۇ كۆرۈڭ).   مىس. 2‏:2؛ روس. 7‏:20. 24 ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا چوڭ بولۇپ ئۇلۇغ زات بولغاندىن كېيىن، «پىرەۋننىڭ قىزىنىڭ ئوغلى» دېگەن ئاتاقتا تۇرىۋېرىشنى رەت قىلىپ، 25 گۇناھ ئىچىدىكى لەززەتلەردىن ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە ئازاب چېكىشنى ئەۋزەل كۆردى. زەب. 84‏:10 26 ئۇ مەسىھكە قارىتىلغان ھاقارەتكە ئۇچراشنى مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىقلارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى. چۈنكى كۆزلىرىنى ئەرشتىكى ئىنئامغا تىكىۋاتاتتى. «ئۇ (مۇسا) مەسىھكە قارىتىلغان ھاقارەتكە ئۇچراشنى مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىقلارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى...» ــ «مەسىھكە قارىتىلغان ھاقارەت» دېگەن سۆز بەلكىم مەسىھنىڭ ھەردائىم (ھەتتا دۇنياغا كېلىشىدىن ئىلگىرى) ئۆز خەلقى بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاجايىب ئىبارە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 27 ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ پادىشاھنىڭ غەزىپىدىنمۇ قورقماي مىسىردىن چىقىپ كەتتى. جاپا-مۇشەققەتكە چىدىدى، چۈنكى كۆزگە كۆرۈنمىگۈچى ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك ئىدى. 28 ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ «تۇنجى ئوغلىنىڭ جېنىنى ئالغۇچى» پەرىشتىنىڭ ئىسرائىللارغا تەگمەسلىكى ئۈچۈن تۇنجى «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قاننى بۇيرۇلغىنى بويىچە سېپىپ-سۈركىدى. «ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ «تۇنجى ئوغلىنىڭ جېنىنى ئالغۇچى» پەرىشتىنىڭ ئىسرائىللارغا تەگمەسلىكى ئۈچۈن تۇنجى «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قاننى بۇيرۇلغىنى بويىچە سېپىپ-سۈركىدى» ــ بۇ ۋەقەلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن «مىس.» 12-بابقا قارالسۇن.   مىس. 12‏:21.
29 ئېتىقادى بولغاچقا، ئىسرائىللار قىزىل دېڭىزدىن خۇددى قۇرۇقلۇقتا ماڭغاندەك مېڭىپ ئۆتتى. بىراق ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەن مىسىرلىقلار ئۆتمەكچى بولغاندا سۇغا غەرق بولدى. مىس. 14‏:22.
30 ئېتىقادى بولغاچقا، خەلق يەتتە كۈن يېرىخو شەھىرىنىڭ سېپىلىنى ئايلانغاندىن كېيىن سېپىل ئۆرۈلدى. «ئېتىقادى بولغاچقا، خەلق يەتتە كۈن يېرىخو شەھىرىنىڭ سېپىلىنى ئايلانغاندىن كېيىن سېپىل ئۆرۈلدى» ــ يېرىخو شەھىرى ئىسرائىللار مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدا بېرىشكە ۋەدە قىلغان قانائان زېمىنىدا جەڭ قىلمايلا ئىگىلىگەن تۇنجى شەھەر. «يەشۇئا» 6-بابنى كۆرۈڭ.   يە. 6‏:20.
31 ئېتىقادى بولغاچقا، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالغاچقا، ئىتائەتسىزلەر بولغان ئۆز شەھىرىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ھالاك بولمىدى. يە. 2‏:1؛ 6‏:23؛ ياق. 2‏:25.
32 مەن يەنە نېمىشقا سۆزلەپ ئولتۇراي؟ گىدېئون، باراق، شىمشون، يەفتاھ، داۋۇت، سامۇئىل ۋە قالغان باشقا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ئېيتىپ كەلسەم ۋاقىت يەتمەيدۇ. ھاك. 4‏:6؛ 6‏:11؛ 11‏:1؛ 12‏:7؛ 13‏:24؛ 1سام. 17‏:45؛ 1سام. 12‏:2. 33 ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى، ئادالەت يۈرگۈزدى، خۇدا ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلارنىڭ ئاغزىلىرىنى ئېتىپ قويدى، «ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى، ئادالەت يۈرگۈزدى...» ــ «ئادالەت يۈرگۈزدى» بەلكىم داۋۇتتەك ئادىللىق بىلەن يۇرت سوراشلىرىنى، ياكى ئايۇپتەك باشقىلارنىڭ دەردىگە يېتىشنى (مەسىلەن، «ئايۇپ» 12:29-17، 31-بابنى كۆرۈڭ) كۆرسىتىدۇ. «ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ... خۇدا ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلارنىڭ ئاغزىلىرىنى ئېتىپ قويدى...» ــ بىر قېتىم دانىيال پەيغەمبەر شىر ئۇۋىسىغا تاشلانغان، بىراق ئۇ خۇداغا بولغان ئېتىقادى ۋەجىدىن شىرلاردىن قۇتۇلۇپ قالغان. «دان.» 6-بابنى كۆرۈڭ.   ھاك. 14‏:6؛ 1سام. 17‏:34؛ دان. 6‏:23. 34 دەھشەتلىك ئوتنىڭ يالقۇنىنى ئۆچۈردى، قىلىچنىڭ تىغىدىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، يات ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرىنى تېرى-پىرەڭ قىلدى. «دەھشەتلىك ئوتنىڭ يالقۇنىنى ئۆچۈردى،...» ــ مەسىلەن، «دان.» 3-بابنى كۆرۈڭ.   1سام. 20‏:1؛ 1پاد. 19‏:3؛ 2پاد. 6‏:16؛ ئايۇپ 42‏:10؛ زەب. 66‏:12؛ يەش. 38‏:21؛ يو. 3‏:10 35  ئېتىقادى بولغاچقا، ئاياللار ئۆلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈزۈپ قايتۇرۇۋالدى؛ بىراق باشقىلار كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئۆلۈمدىن تىرىلەيلى دەپ، قۇتۇلۇش يولىنى رەت قىلىپ قىيىنىلىشقا بەرداشلىق بەردى. 1پاد. 17‏:23؛ 2پاد. 4‏:36؛ روس. 22‏:25. 36 يەنە بەزىلەر سىنىلىپ خار-مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ قامچىلاندى، بەزىلەر ھەتتا كىشەنلىنىپ زىندانغا تاشلاندى؛ «يەنە بەزىلەر سىنىلىپ خار-مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ قامچىلاندى، بەزىلەر ھەتتا كىشەنلىنىپ زىندانغا تاشلاندى» ــ تەۋراتتا مۇشۇنداق مىساللار نۇرغۇن. 35-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن ئازابلار ۋە ئۇشبۇ بابتا بەزى باشقا ئىشلار «ماكاببىيلار» دېگەن تارىخىي كىتاب (1-، 2- ۋە 4-توم)دا خاتىرىلىنىدۇ. بۇ كىتاب تەۋراتنىڭ بىر قىسمى بولمىسىمۇ، تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن ئاساسەن ئىشەنچلىك دەپ قارىلىدۇ.   يەر. 20‏:2. 37 ئۇلار چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى؛ ئۇلار قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىدى، خورلاندى «...ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى...» ــ يەھۇدىي خەلقىنىڭ بەزى تارىخلىرى بويىچە ماناسسەھ پادىشاھ يەشايا پەيغەمبەرنى شۇنداق قىلغان. تەۋرات ئۆزىدە مۇشۇ تارىخ خاتىرىلەنمىگەن.   1پاد. 21‏:13؛ 2پاد. 1‏:8؛ مات. 3‏:4. 38 (ئۇلار بۇ دۇنياغا زايە كەتكەنىدى)، چۆللەردە، تاغلاردا، ئۆڭكۈرلەردە ۋە گەمىلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈردى.
39 بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادى بىلەن خۇدانىڭ ئۆز گۇۋاھى بىلەن تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغىنىغا ئەينى بويىچە ئېرىشكىنى يوق. «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادى بىلەن خۇدانىڭ ئۆز گۇۋاھى بىلەن تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغىنىغا ئەينى بويىچە ئېرىشكىنى يوق» ــ «ئېرىشكىنى يوق» دېگەنلىك يەر يۈزىدە تىرىك ۋاقتىدا ئېرىشمىگەن، دېمەكچى. تىرىلگەندە پۈتۈنلەي باشقىچە بولىدۇ، ئەلۋەتتە! 40 ئەمدىلىكتە خۇدا بىزلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل بىر نىشان-مەقسەتنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇلار بىزسىز كامالەتكە يەتكۈزۈلمەيدۇ. «ئەمدىلىكتە خۇدا بىزلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل بىر نىشان-مەقسەتنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇلار بىزسىز كامالەتكە يەتكۈزۈلمەيدۇ» ــ دېمەك، ئۇلار بىزنى كۈتۈشى كېرەك، يېڭى ئەھدىدىن بەھرىمەن بولغان ئېتىقادچى بىزلەر بىلەن تەڭ كامالەتكە يەتكۈزۈلىدۇ.
 
 

11:1 «ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسى» ــ ياكى «ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ مۇتلەق خاتىرجەملىكى». دېمىسەكمۇ، ئىنجىلدا «ئۈمىد» دائىم دېگۈدەك مۈجمەل بىر ئارزۇ ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە چىڭ باغلانغان ئىشتۇر.

11:2 «چۈنكى بۇرۇنقى مۆتىۋەرلىرىمىز قەدىمدە مانا شۇ ئېتىقاد بىلەن خۇدادىن كەلگەن ياخشى گۇۋاھلىقنى ئالغان» ــ «بۇرۇنقى مۆتىۋەرلىرىمىز» دېگەنلىك گرېك تىلىدا «ئاقساقاللىرىمىز». دېمەك، ئىبرانىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئېتىقاد تەرىپىدە ئۈلگىلەر ۋە يول باشلىغۇچى بولغانلار.

11:3 «بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامى بىلەن ئورنىتىلغانلىقىنى ... چۈشىنەلەيمىز» ــ ياكى «بىز ئېتىقاد ئارقىلىق دەۋر-زامانلارنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامى بىلەن ئورنىتىلغانلىقىنى ... چۈشىنەلەيمىز.».

11:3 يار. 1‏:1؛ زەب. 33‏:6؛ يـۇھ. 1‏:10؛ رىم. 4‏:17؛ ئ‍ەف. 3‏:9؛ كول. 1‏:16.

11:4 يار. 4‏:4؛ مات. 23‏:35.

11:5 يار. 5‏:22،24.

11:7 «ئېتىقادى بولغاچقا، نۇھ .. . ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يوغان بىر كېمە ياسىدى» ــ «يوغان كېمە» گرېك تىلىدا «ساندۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى كېمە ساندۇق شەكلىدە ئىدى («يار.» 6-7-بابنى كۆرۈڭ).

11:7 يار. 6‏:13.

11:8 يار. 12‏:4.

11:11 «ئېتىقادى بولغاچقا ساراھ گەرچە ياشىنىپ قالغان، تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى؛ چۈنكى ئۇ ۋەدە قىلغان خۇدانى ئىشەنچلىك دەپ قارايتتى» ــ بەزى تەرجىمىلىرىدە بۇ جۈملىدە كۆزدە تۇتۇلغان ئېتىقاد ئىگىسى ساراھ ئەمەس، بەلكى ئىبراھىم دەپ قارىلىدۇ. بىرنەچچە سەۋەبلەردىن (جۈملىدىن بالا تۇغۇشتا كۈچ، يەنى ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارى كېرەك بولغىنى ئەر كىشى ئەمەس، بەلكى ئايال كىشى بولغانلىقىدىن!)، كۆرسىتىلگەن ئېتىقادچىنى ساراھ دەپ قارايمىز. ئۇ خۇدانىڭ سۆزىدىن گۇمانلانغاندىن كېيىن، ئەيىبلەنگەن بولۇپ ئاندىن چىڭ ئېتىقادتا تۇرغان بولۇشى مۇمكىن («يار.» 1:18-15نى كۆرۈڭ).

11:11 يار. 17‏:19؛ 21‏:2؛ لۇقا 1‏:36.

11:12 يار. 15‏:5؛ 22‏:17؛ رىم. 4‏:18.

11:13 يار. 23‏:4؛ 47‏:9؛ يـۇھ. 8‏:53.

11:16 مىس. 3‏:6؛ مات. 22‏:32؛ روس. 7‏:32.

11:17‏-18 يار. 22‏:10؛ يار. 21‏:12؛ رىم. 9‏:7؛ گال. 3‏:29.

11:20 يار. 27‏:28،39.

11:21 «ئېتىقادى بولغاچقا، ياقۇپ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلدى» ــ «يار.» 31:47 (گرېك تىلىدىكى «سەپتۇئاگىنت» (LXX) دېگەن تەرجىمىسى)نى كۆرۈڭ.

11:21 يار. 47‏:31؛ 48‏:15.

11:22 «ئېتىقادى بولغاچقا، يۈسۈپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇستىخانلىرى توغرۇلۇقمۇ ئەمر قىلدى» ــ يۈسۈپنىڭ ئەمرى بولسا «سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا مېنىڭ ئۇستىخانلىرىمنى ئېلىپ كېتىڭلار» دېگەنلىك ئىدى. «يار.» 24:50 ۋە «مىس.» 19:18نى كۆرۈڭ.

11:22 يار. 50‏:24.

11:23 «ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى؛ چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ يېقىملىق بىر بالا ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى» ــ «يېقىملىق بىر بالا» بۇ سۆز چوقۇم مۇسانىڭ بىر ئالاھىدىلىكىنى، ئۇنىڭ خۇداغا ياقىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك («روس.» 20:7نىمۇ كۆرۈڭ).

11:23 مىس. 2‏:2؛ روس. 7‏:20.

11:25 زەب. 84‏:10

11:26 «ئۇ (مۇسا) مەسىھكە قارىتىلغان ھاقارەتكە ئۇچراشنى مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىقلارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى...» ــ «مەسىھكە قارىتىلغان ھاقارەت» دېگەن سۆز بەلكىم مەسىھنىڭ ھەردائىم (ھەتتا دۇنياغا كېلىشىدىن ئىلگىرى) ئۆز خەلقى بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاجايىب ئىبارە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.

11:28 «ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ «تۇنجى ئوغلىنىڭ جېنىنى ئالغۇچى» پەرىشتىنىڭ ئىسرائىللارغا تەگمەسلىكى ئۈچۈن تۇنجى «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قاننى بۇيرۇلغىنى بويىچە سېپىپ-سۈركىدى» ــ بۇ ۋەقەلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن «مىس.» 12-بابقا قارالسۇن.

11:28 مىس. 12‏:21.

11:29 مىس. 14‏:22.

11:30 «ئېتىقادى بولغاچقا، خەلق يەتتە كۈن يېرىخو شەھىرىنىڭ سېپىلىنى ئايلانغاندىن كېيىن سېپىل ئۆرۈلدى» ــ يېرىخو شەھىرى ئىسرائىللار مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدا بېرىشكە ۋەدە قىلغان قانائان زېمىنىدا جەڭ قىلمايلا ئىگىلىگەن تۇنجى شەھەر. «يەشۇئا» 6-بابنى كۆرۈڭ.

11:30 يە. 6‏:20.

11:31 يە. 2‏:1؛ 6‏:23؛ ياق. 2‏:25.

11:32 ھاك. 4‏:6؛ 6‏:11؛ 11‏:1؛ 12‏:7؛ 13‏:24؛ 1سام. 17‏:45؛ 1سام. 12‏:2.

11:33 «ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى، ئادالەت يۈرگۈزدى...» ــ «ئادالەت يۈرگۈزدى» بەلكىم داۋۇتتەك ئادىللىق بىلەن يۇرت سوراشلىرىنى، ياكى ئايۇپتەك باشقىلارنىڭ دەردىگە يېتىشنى (مەسىلەن، «ئايۇپ» 12:29-17، 31-بابنى كۆرۈڭ) كۆرسىتىدۇ. «ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ... خۇدا ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلارنىڭ ئاغزىلىرىنى ئېتىپ قويدى...» ــ بىر قېتىم دانىيال پەيغەمبەر شىر ئۇۋىسىغا تاشلانغان، بىراق ئۇ خۇداغا بولغان ئېتىقادى ۋەجىدىن شىرلاردىن قۇتۇلۇپ قالغان. «دان.» 6-بابنى كۆرۈڭ.

11:33 ھاك. 14‏:6؛ 1سام. 17‏:34؛ دان. 6‏:23.

11:34 «دەھشەتلىك ئوتنىڭ يالقۇنىنى ئۆچۈردى،...» ــ مەسىلەن، «دان.» 3-بابنى كۆرۈڭ.

11:34 1سام. 20‏:1؛ 1پاد. 19‏:3؛ 2پاد. 6‏:16؛ ئايۇپ 42‏:10؛ زەب. 66‏:12؛ يەش. 38‏:21؛ يو. 3‏:10

11:35 1پاد. 17‏:23؛ 2پاد. 4‏:36؛ روس. 22‏:25.

11:36 «يەنە بەزىلەر سىنىلىپ خار-مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ قامچىلاندى، بەزىلەر ھەتتا كىشەنلىنىپ زىندانغا تاشلاندى» ــ تەۋراتتا مۇشۇنداق مىساللار نۇرغۇن. 35-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن ئازابلار ۋە ئۇشبۇ بابتا بەزى باشقا ئىشلار «ماكاببىيلار» دېگەن تارىخىي كىتاب (1-، 2- ۋە 4-توم)دا خاتىرىلىنىدۇ. بۇ كىتاب تەۋراتنىڭ بىر قىسمى بولمىسىمۇ، تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن ئاساسەن ئىشەنچلىك دەپ قارىلىدۇ.

11:36 يەر. 20‏:2.

11:37 «...ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى...» ــ يەھۇدىي خەلقىنىڭ بەزى تارىخلىرى بويىچە ماناسسەھ پادىشاھ يەشايا پەيغەمبەرنى شۇنداق قىلغان. تەۋرات ئۆزىدە مۇشۇ تارىخ خاتىرىلەنمىگەن.

11:37 1پاد. 21‏:13؛ 2پاد. 1‏:8؛ مات. 3‏:4.

11:39 «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادى بىلەن خۇدانىڭ ئۆز گۇۋاھى بىلەن تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغىنىغا ئەينى بويىچە ئېرىشكىنى يوق» ــ «ئېرىشكىنى يوق» دېگەنلىك يەر يۈزىدە تىرىك ۋاقتىدا ئېرىشمىگەن، دېمەكچى. تىرىلگەندە پۈتۈنلەي باشقىچە بولىدۇ، ئەلۋەتتە!

11:40 «ئەمدىلىكتە خۇدا بىزلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل بىر نىشان-مەقسەتنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇلار بىزسىز كامالەتكە يەتكۈزۈلمەيدۇ» ــ دېمەك، ئۇلار بىزنى كۈتۈشى كېرەك، يېڭى ئەھدىدىن بەھرىمەن بولغان ئېتىقادچى بىزلەر بىلەن تەڭ كامالەتكە يەتكۈزۈلىدۇ.