مۇشۇ بابتىكى بېشارەتلەر بەلكىم «ئاخىرقى زاماندىكى بابىل»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىراق 17-22-ئايەتلەر قەدىمكى دۇنيادىكى بابىلنىڭ پارس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىشىدا ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
خۇدا قوراللىرىنى «ئاسماننىڭ قەرىدىنمۇ» چاقىرىدۇ ــ بۇ جەڭلەرگە پەرىشتىلەرمۇ قاتنىشىدىغان ئوخشايدۇ.
□13:1 «يۈكلەنگەن ۋەھىي» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماسسا» دېگەن بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ «ئادەمنى قورقۇنچقا سالىدىغان ۋەھىي» ھەم «پەيغەمبەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بىر ۋەزىپە» دېگەن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ بابتىكى بېشارەتلەر بەلكىم «ئاخىرقى زاماندىكى بابىل»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىراق 17-22-ئايەتلەر قەدىمكى دۇنيادىكى بابىلنىڭ پارس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىشىدا ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
□13:2 «قاقاس تاغ ئۈستىدە تۇغ كۆتۈرۈڭلار...» ــ تاغ قاقاس-قۇرۇق بولسا، تۇغ ئېنىق كۆرۈنىدۇ. تۇغنىڭ ئۆزى جەڭگە چاقىرىدىغان ئىشارەتتۇر.
□13:3 «مەخسۇس تاللىغانلىرىم» ــ دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «مۇقەددەسلىرىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «مۇقەددەس» ئادەتتە «پاك، خۇداغا مەنسۇپ» دېگەن مەنىدە. بىراق مۇشۇ يەردە بەلكىم «خۇدا ئۆزىنىڭ مەخسۇس مەقسىتى ئۈچۈن (مەيلى ئۆزلىرى بىلسۇن، بىلمىسۇن) ئايرىم قىلغانلار» دېگەن مەنىدە. ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئوخشاشلا، مۇشۇ دۇنيادىكى تەكەببۇر ئادەملەرنى خۇدا ئۆز مەقسىتىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى يوقىتىش، شۇنداقلا پۈتكۈل رەزىل دۇنيانى ھالاك قىلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (11-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).
□13:5 «يىراق يۇرتتىن... كەلگەن» ــ دېمەك، پەلەستىندىن يىراق كەلگەن. مۇشۇ «دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش»، پەلەستىندە ۋە پەلەستىن ئەتراپىدىكى تاغلار ئۈستىدە يۈز بېرىدىغانلىقى كۆرۈنىدۇ. خۇدا قوراللىرىنى «ئاسماننىڭ قەرىدىنمۇ» چاقىرىدۇ ــ بۇ جەڭلەرگە پەرىشتىلەرمۇ قاتنىشىدىغان ئوخشايدۇ.
■13:6 يو. 2:10، 31؛ 3:15؛ يەش. 2:12-22؛ 24:23؛ ئام. 8:9؛ مات. 24:29؛ روس. 2:20؛ ۋەھ. 6:12-13
□13:8 «يۈزلىرى... يالقۇندەك قىزىرىپ كېتىدۇ» ــ بەلكىم شەرمەندە بولغانلىقىدىن بولغان.
■13:10 ئەز. 32:7؛ يو. 2:31؛ 3:15؛ مات. 24:29؛ مار. 13:24؛ لۇقا 21:25
□13:12 «ئوفىردىكى ئالتۇن» ــ ئوفىر رايونىدىكى ئالتۇن ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان، سۈپەتلىك ئالتۇن دەپ قارىلاتتى.
□13:17 «مانا، مەن ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا مېدىئالىقلارنى قوزغايمەن...» ــ بېشارەتنىڭ تېمىسى بابىللىقلارغا يېنىپ كېلىدۇ. يۇقىرىقى ئايەتلەر (2-16)، شۈبھىسىزكى، پەقەت بابىلنىلا ئەمەس، بەلكى ئاخىرقى زاماندىكى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»دىكى پۈتۈن دۇنيانى كۆرسىتىدۇ. مېدىئالىقلار «... كۈمۈشلەر... ئالتۇنلار»غا قىزىقمايدۇ ــ دېمەك، ئۇلارنى ھۇجۇم قىلىشتىن توختىتىش ئۈچۈن پۇل بېرىش كار قىلمايدۇ.
□13:18 «بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى» ــ قورساقتىكى تۆرەلمىنى ياكى كىچىك بوۋاقنى كۆرسىتىدۇ.
□13:19 «سودوم ۋە گوموررا» ــ قەدىمكى زاماندىكى ئىككى رەزىل شەھەر. خۇدا ئۇلارنى ئوت بىلەن ۋەيران قىلغان. «يار.» 19-بابنى كۆرۈڭ.
■13:19 يار. 19:25؛ يەش. 1:9؛ يەر. 49:18؛ 50:40
■13:20 يەر. 50:39
□13:21 «ھۇۋلايدىغان مەخلۇقلار» ــ ياكى «ھۇۋقۇش-مۈشۈكياپىلاقلار». «ئۆچكە جىنلار» ــ مۇشۇ جىنلار بەلكىم ئۆچكە شەكلىدە بولۇشى مۇمكىن.