مۇشۇ بېشارەتنىڭ كەڭ مەنىسى، شۈبھىسىزكى، خۇداغا ئىشەنمىگەنلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشكەن بولسىمۇ، خۇداسىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ياردەم مەڭگۈ داۋاملاشمايدۇ. ئاخىرغىچە ئۈزلۈكسىز كېلىدىغان، چېكى يوق مەدەتنى بولسا پەقەت پەرۋەردىگاردىنلا تاپقىلى بولىدۇ.
□21:1 «دېڭىزنىڭ چۆل-باياۋىنى» ــ بابىلنى كۆرسىتىدۇ (9-ئايەتنى كۆرۈڭ). «دېڭىز» بولسا، مۇشۇ يەردە بابىل شەھىرى جايلاشقان، ناھايىتى كەڭ ئەفرات دەرياسىنى كۆسىتىدۇ. ئەمدى نېمىشقا «دېڭىزنىڭ چۆل-باياۋىنى» دېيىلىدۇ؟ يەشايا بەلكىم بابىلنى كىنايىلىك گەپ بىلەن مازاق قىلىدۇ؛ بابىل كاتتا، بۈيۈك شەھەر بولغىنى بىلەن، ھەقىقەت جەھىتىدىن ياكى مەڭگۈلۈك روھىي بايلىقلار جەھىتىدىن ئېيتقاندا ناھايىتى بىر چۆل-باياۋان، خالاس.
□21:2 «خائىن خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ... بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ» ــ شۈبھىسىزكى، بابىلنىڭ ئۈزلۈكسىز قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. «ئى ئېلام، ئورنۇڭدىن تۇر، چىق! مېدىئا، مۇھاسىرە قىلىپ قورشىۋال!» ــ ئىككى ئىمكانىيەت بار. مۇشۇ بېشارەت ياكى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 689-يىلى ئاسۇرىيە ئىمپېراتورى سەنناخېرىبنىڭ بابىلغا بېسىپ كىرىپ ۋەيران قىلغانلىقىنى ياكى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى پارسلار ۋە مېدىئالار قورەش ئىمپېراتورىنىڭ باشچىلىقىدا بېسىپ كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىرىنچى شەرھ توغرا بولسا، ئۇ چاغدا «ئېلام ئورنۇڭدىن تۇر، چىق! مېدىئا، مۇھاسىرە قىلىپ قورشىۋال!» دېگەن سۆزلەرنى بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى ئېلام ۋە مېدىئاغا ئېيتقان، بۇ سۆزلەر «ئاسۇرىيەگە ھۇجۇم قىل!» دېگەن مەنىدە بولغان بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئاسۇرىيەنىڭ ئىمپېراتورى سەنناخېرىب مەغلۇپ بولغان. كېيىن ئۇ قايتىدىن ھۇجىم قىلىپ بابىلنى ئىشغال قىلدى. شۇ چاغدا ئۇ بابىلنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممە بۇتلىرىنىمۇ چېقىپ پارە-پارە قىلدى. ئىككىنچى شەرھ توغرا بولسا، مۇشۇ سۆزلەر قورەش ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىغا دېگەن گەپ بولىدۇ (بابىلغا ھۇجۇم قىل!). بىزنىڭچە بولسا بېشارەت قورەشنىڭكى مۇشۇ ھۇجۇمىنى كۆرسىتىدۇ؛ بىراق ئىككى قېتىملىق ئىشغال قىلىشنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا يەشايانىڭ كۆرسەتكەن كۆرسەتمىسى، يەنى «بابىلغا ئىشەنمەڭلار ھەم تايانماڭلار!» دېگىنى تەكىتلىنىدۇ. «ئۇنىڭ سەۋەبىدىن كۆتۈرۈلگەن ھەممە نالە-پەريادلارنى تۈگىتىۋەتتىم» ــ بۇ ئەلۋەتتە خۇدانىڭ سۆزى بولۇشى كېرەك. دېمەك، بابىلنىڭ خائىنلىقى، تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ ئولجا ئالغانلىقى، ئادىلسىزلىقى، رەھىمسىزلىكى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن خالايىق قاتتىق نالە-پەريادلارنى كۆتۈرگەنىدى؛ خۇدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىغا خاتىمە بېرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ بابىلنىڭ ئۆزىنى تۈگەشتۈرگەنىدى.
□21:3 «شۇڭا ئىچ-باغرىم ئاغرىق-ئازاب بىلەن تولدى، ... ئاڭلىغىنىمدىن پاراكەندە بولدۇم» ــ بۇ سۆزلەر ئەلۋەتتە پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىنىڭكى بولۇشى كېرەك. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مەن ئازابتىن تولغىنىپ قارىيالمىدىم؛ پاراكەندىچىلىكتىن ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىدىم». بىر جەھەتتىن يەشايا پەيغەمبەر مۇشۇ كۆرۈنۈشتە مەلۇم بىر شەھەرنىڭ خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىشىنى كۆرىدۇ، شۇنداقلا بەك ئازابلىنىدۇ. بىراق باشقا بىر جەھەتتىن ۋە باشقا بىر دەرىجىدە، بابىل شەھىرى پۈتكۈل دۇنياغا ۋەكىل بولسا، ئۇ خۇدانىڭ قىيامەت كۈنىدە گۇناھنىڭ ئۆزىنى قانداق دەھشەتلىك جازالىشىنى كۆرىدۇ، شۇنداقلا ئىنتايىن ئازابلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، مۇشۇ بېشارەتتىن ئېلىشىمىز كېرەك بولغان ساۋاق دەل مۇشۇدۇر.
□21:4 «مەن زوق ئالىدىغان كېچە» ــ بۇنى چۈشىنىش تەس؛ بەلكىم خۇدا يەشاياغا شۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگۈزگەن كېچىدە ئۇ ئايالى بىلەن بىللە مۇھەببەتلەشمەكچى بولدىمىكىن.
■21:4 ئايۇپ 7:3
□21:5 «ئۇلار داستىخان ۋە گىلەم-كۆرپىلەرنىمۇ سالىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «داستىخان سېلىڭلار، بىر كۆزەتچى قويۇڭلار». «قالقان مايلاڭلار!» ــ بىرخىل ئۇرۇش تەييارلىقى. قالقان مايلانسا قىلىچ-نەيزىلەر ئۇنىڭدىن تېيىلىپ كېتەتتى. شۇڭا يەشايا مۇشۇ ئايەتتە بەلكىم، بابىللىقلار زىياپەتتە ئولتۇرغىنىدا، دۈشمەننىڭ قوشۇنلىرى يولغا چىقىپ يۈرۈش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇڭا زىياپەتنىڭ ئورنىغا، ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىشقا توغرا كېلەتتى، دەپ بېشارەت بېرىدۇ. كېيىنكى (6-10) ئايەتلەرنىمۇ كۆرۈڭ. بابىللىقلارنىڭ زىياپەتكە قاتنىشىشقا ئىنتايىن ئامراقلىقىنىڭ داڭقى چىققانىدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى، بابىل ئوردىسىدىكىلەر كاتتا زىياپەتتە بىخۇد ئولتۇرغان بىر كېچىدە، بابىل شەھىرى مېدىئالىقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى (تەۋراتتىكى «دانىيال» 5-بابنى كۆرۈڭ).-
□21:6 «ئەينى بويىچە ئېيتىدىغان بىر كۆزەتچى» ــ دېمەك، ئىشەنچلىك ئادەم. بابىللىقلار بىخۇدلىشىپ ئولتۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن، خۇدا بەلكىم يەشاياغا كىنايە قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىر كۆزەتچىنى بەلگىلەپ قويۇش كېرەك، دېمەكچى. بۇ «خىيالىي كۆزەتچى»نىڭ خەۋەرلىرى 7-9-ئايەتلەردە خاتىرىلىنىدۇ.
□21:7 «ئۇ جەڭ ھارۋىلىرىنى، جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەرنى،... كۆرگەندە،..» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «بىر قوشۇن ئاتلىق ئەسكەر جۈپ-جۈپ ئاتلار بىلەن،... كۆرگەندە،...». «جەڭ ھارۋىلىرىنى تۆگىلەر بىلەن كۆرگەندە،...» ــ پارس ئىمپېراتورى قورەش جەڭ قىلغاندا تۆگىلەرنى دۈشمەن قوشۇنلىرى ئىچىگە ھەيدىۋېتىپ، قالايمىقانچىلىق چىقىراتتى. ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئاشۇنداق تاكتىكىنى ئىشلەتكەن.
□21:8 «رەب، مەن كۆزەت مۇنارىدا ئۈزلۈكسىز كۈن بويى تۇرىمەن، ھەر كېچىدە كۆزەتتە تۇرىمەن» ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا، بابىلنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلار ئۇزۇنراق ۋاقىت كۈتۈشى كېرەك بولىدۇ. «رەب» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئى خوجام،...».
■21:8 ھاب. 2:1
□21:9 «ــ ۋە مانا، ئۇ جەڭ ھارۋىلىرى جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن كېلىۋاتىدۇ!» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. بەلكىم مۇشۇ يەردە دۈشمەن قوشۇنى غەلىبە بىلەن قايتىپ بېرىپ، بابىلنىڭ مەغلۇپ بولۇپ يوقىتىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر يەتكۈزىدۇ. «... ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ھەربىر ئويما مەبۇدلىرىنى ... پارە-پارە قىلىۋەتتى!» ــ «ئۇ» بەلكىم خۇدانىڭ ئۆزى.
■21:9 يەر. 25:12؛ 51:8؛ ۋەھ. 14:8؛ 18:2
□21:10 «مېنىڭ تېپىلگەن دانلىرىم، مېنىڭ خامىنىمدىكى بۇغدايلىرىم،...» ــ مۇشۇ ئىككى ئىبارە ئىسرائىلنىڭ خۇداغا سادىق بولغان، شۇنداقلا پەس ئورۇندا تۇرىدىغان «قالدىسى»نى كۆرسىتىدۇ. خۇدانىڭ جازا-تەربىيىلىرى ئىچىدە جاپا تارتىش بىلەن ئۇلار تاۋلىنىپ، «ساپ بۇغداي»دەك بولغان.
□21:11 «دۇماھ» ــ بولسا ئىبرانىي تىلىدا «سۈكۈت» دېگەن مەنىدە. ئۇمۇ ئېدومنىڭ كىچىك بىر يېزىسى. بىراق مۇشۇ يەردە يەشايا يەنە «ئېدوم» دېگەن ئىسىمنى سۆز ئويۇنى قىلىپ تەتۈرىسىچە «دۇماھ» دەپ ئاتىغان. دېمەك، كەلگۈسىدە ئېدوم كۆپ ئىسسىق-سوغاقلار بىلەن ناھايىتى «سۈكۈت»لۈك بىر جاي بولۇپ قالىدۇ. «سېئىر» ــ ئېدومنىڭ يەنە بىر ئىسمى. «ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟ ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟» ــ كۆزەتچى (ياكى جېسەكچى)نىڭ ۋەزىپىلىرى بىرىنچىدىن دۈشمەننىڭ ھۇجۇملىرىدىن خەۋەر بېرىپ ھەممە ئادەمنى ئويغىتىش؛ ئىككىنچىدىن تاكتاكچىلىق قىلىپ كېچىنىڭ قايسى ۋاقىت بولغانلىقىنى خالايىققا ئۇقتۇرۇش ئىدى. كۆزەتچى مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇنىڭمۇ مۇشۇ ئىككى ۋەزىپىسى بار ئىدى ــ خالايىقنى خۇدانىڭ جازاسىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ھەم شۇ جازاغا قانچە ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىكى ھەم ئۇنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزۈش ئىدى. مۇشۇ يەردە بەلكىم ئېدومدىن چىققان بىر ئەلچى كېلىپ يەشايادىن ئېدومنى قاپلاپ تۇرغان، قاراڭغۇ «كېچە»دەك بولغان بالايىئاپەتلەر قاچان تۈگەيدۇ؟ ــ دەپ سورايدۇ.
□21:12 «كۆزەتچى جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ:...» ــ جاۋابنىڭ ئۈچ قىسمى بار: ــ (1) «سەھەر كېلىدۇ». دېمەك، مۇشۇ قاراڭغۇلۇق تۈگەيدۇ ــ بىراق قاچان تۈگەيدىغانلىقىنى دېمەيدۇ. (2) «كېچىمۇ كېلىدۇ» ــ ئېدومغا، دۇنياغا نۇر كېلىدۇ (مەسىلەن 18:7، 2:18نى كۆرۈڭ). بىراق يەنە بىر كېچە كېلىدۇ، ئۇ تېخىمۇ قاراڭغۇ بولۇپ، بەلكىم قىيامەت كۈنلىرىدە بولىدۇ (مەسىلەن، 5:10، 10:13نى كۆرۈڭ). يەشايا مۇشۇ توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرىدۇ. (3) «سورىغىڭ بولسا، ... ماڭا يېقىن كەل!». ئېدوم (جۈملىدىن بەلكىم باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەر) مۇشۇ ئىشلارنى ئېنىقلىماقچى بولغان بولسا، ئەركىنلىك بىلەن خۇدانىڭ يېنىغا كېلىشكە، خۇدادىن بىۋاسىتە ياكى پەيغەمبەرلىرىدىن سوراشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. پەقەت ئۆز يوللىرىدىن توۋا قىلىپ يېنىپ كەلسىلا، خۇدا ئۇلارنى قوبۇل قىلىدۇ.
□21:13 «ئەرەبىيەنىڭ كېچىسى توغرۇلۇق» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەرەبىيە توغرۇلۇق» ھەم «كېچىدە» دېگەن ئىككى مەنىلىك بولغان بىر سۆزدۇر. ئىككىنچى مەنىسى «كېچىدە» بولغان بولۇپ، بەلكىم «ئەرەبلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ۋاقتى»نى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە (ئەرەبلەرنىڭ تارىخى ئانچە خاتىرىلەنمىگەن بولغاچقا) دەل قايسى يىلنى كۆرسەتكەنلىكىنى ھازىرچە ئېنىق دەپ بېرەلمەيمىز. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 715-يىلى سارگون II تېمادىكى قەبىلىلەر ۋە پۈتكۈل «ئەرەبىيە يېرىم ئارىلى»غا قارشى ئۇرۇش قىلغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 703-يىلى ئەرەبلەر بابىلدىكى مېروداق-بالادان بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ۋە ئاسۇرىيەلىك سەنناخېرىب تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، قاتتىق زىيان تارتقان. بېشارەت بۇ چاغلارنىڭ بىرىنى كۆرسەتسە كېرەك. «...جاڭگالدا قونۇپ قالىسىلەر» ــ دېمەك، چوڭ يولدىن يىراق، مەلۇم بىر دۈشمەننىڭ قورقۇنچىدىن پىنھان جايدا قونۇش كېرەك. دېدانلىقلار بولسا ئەرەبلەرنىڭ بىر قەبىلىسى. تېما ئۇلارنىڭ بىر كارۋانساراي شەھىرى. دېدان، تېما ۋە 16-ئايەتتىكى كېدارنىڭ قەيەرلىكىنى بىلىش ئۈچۈن خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ.
□21:14 «... سۇ ئاپىرىپ بېرىڭلار! ئى تېمادىكىلەر، نانلىرىڭلارنى ئېلىپ قاچقانلارنى كۈتۈۋېلىڭلار!» ــ خۇدا يەشايا ئارقىلىق ئەرەبلەرگە ئۆز قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. دېمەك، ئەرەبلەر پات يېقىندا كۆپ ئاۋارىچىلىككە يولۇقىدۇ (15-ئايەتنى كۆرۈڭ).
□21:16 «بىر يىل ئىچىدە مەدىكار ھېسابلىغاندەك،..» ــ 16-باب، 14-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مەدىكار ئىشلىگەن ۋاقىتنى ئىنتايىن توغرىلىق بىلەن ھېسابلايدۇ، ئەلۋەتتە.
□21:17 «ئوقياچىلارنىڭ قالدۇقلىرى، يەنى كېدارنىڭ پالۋان-باتۇر بولغان ئوغۇللىرى ئاز قالىدۇ» ــ كېدار بولسا ئەرەبىستاندىكى چۆللۈكنىڭ شىمال تەرىپىدە ياشىغان بىر قەبىلە. مۇشۇ بېشارەتنىڭ كەڭ مەنىسى، شۈبھىسىزكى، خۇداغا ئىشەنمىگەنلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشكەن بولسىمۇ، خۇداسىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ياردەم مەڭگۈ داۋاملاشمايدۇ. ئاخىرغىچە ئۈزلۈكسىز كېلىدىغان، چېكى يوق مەدەتنى بولسا پەقەت پەرۋەردىگاردىنلا تاپقىلى بولىدۇ.