44
داۋامى
بىراق ھازىر، ئى ياقۇپ مېنىڭ قۇلۇم،
ئى مېنىڭ تاللىغىنىم ئىسرائىل، ئاڭلا! ــ يەش. 41‏:8؛ 43‏:5؛ يەر. 30‏:10؛ 46‏:27
سېنى ياسىغان، بالىياتقۇدىن تارتىپلا سېنى شەكىللەندۈرگەن، ساڭا ياردەمدە بولغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«قورقما، ئى مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپ،
ئى مېنىڭ تاللىغىنىم «يەشۇرۇن»، قورقما! «يەشۇرۇن» ــ خۇدا ئىسرائىلغا قويغان بىر «لەقەم». مەنىسى «مېنىڭ دۇرۇس بولغۇچىم».
چۈنكى مەن ئۇسساپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە سۇنى،
قاغجىراق يەرنىڭ ئۈستىگە كەلكۈنلەرنى قۇيۇپ بېرىمەن؛
نەسلىڭ ئۈستىگە روھىمنى،
پەرزەنتلىرىڭ ئۈستىگە بەرىكىتىمنى قۇيىمەن؛ يەش. 35‏:7؛ يو. 2‏:28،29؛ يـۇھ. 7‏:38؛ روس. 2‏:18
ئۇلار يۇمران چۆپلەر ئارىسىدىن،
ئېرىق-ئۆستەڭلەر بويىدىكى مەجنۇن تاللاردەك ئۆسىدۇ؛
بىرسى: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» ــ دەيدۇ،
يەنە بىرسى بولسا ياقۇپنىڭ ئىسمى بىلەن ئۆزىنى ئاتايدۇ؛
يەنە باشقا بىرسى قولى بىلەن: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» دەپ يازىدۇ،
شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ئىسمىگە يانداش قوشىدۇ. «بىرسى: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» ــ دەيدۇ... يەنە باشقا بىرسى قولى بىلەن: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» دەپ يازىدۇ...» ــ ھازىر خۇدانىڭ «سۈكۈت قىلغان» گۇۋاھچىلىرىنىڭ تىلى چىقىپ، گەپ قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار،
يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«مەن بولسام تۇنجى ھەم ئاخىرىدۇرمەن؛
مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. يەش. 41‏:4؛ 48‏:12؛ ۋەھ. 1‏:8،17؛ 22‏:13
قېنى، كىم مېنىڭ قەدىمكى خەلقىمنى تىكلەپ بېكىتكىنىمدەك بىر ئىشنى جاكارلاپ، ئالدىنئالا بايان قىلىپ، ئاندىن ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا مەندەك تىكلەپ قويالايدۇ؟
قېنى، كىم كېيىنكى ئىشلارنى، كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىنئالا بايان قىلالىسۇن! «مېنىڭ قەدىمكى خەلقىم» ــ خۇدانىڭ خەلقى ئىسرائىلدۇر.
خۇدا ئاۋۋال مۇسا پەيغەمبەرگە: «مەن ياقۇپ جەمەتىدىكىلەرنى (يەنى ئىسرائىلنى) مىسىردىن قۇتقۇزىمەن، ئاندىن ئۇلار ماڭا تەۋە بىر خەلق بولىدۇ» ــ دەپ «جاكارلىغان». ئۇ ئىشلەتمەكچى بولغان قۇتقۇزۇش يولىنى ئاۋۋال مۇساغا ئۇقتۇرۇپ «بايان قىلغان»؛ ئاندىن ھەممە بايانلىرىغا ئەمەل قىلىپ ئۇلارنى يېڭى بىر خەلق بولۇشقا «تىكلەپ بېكىتكەن».
بۇنى: «... قەدىمكى خەلقىمنى تىكلىگىنىمدىن تارتىپ...» دەپ تەرجىمە قىلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار، بىراق بىزنىڭچە يۇقىرىقى تەرجىمىسى ئالدى-كەينىدىكى گەپلەرگە ماس كېلىدۇ. «قېنى، كىم كېيىنكى ئىشلارنى، كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىنئالا بايان قىلالىسۇن!» ــ مەبۇدلار ئۇنداق قىلالايدىغان بولسا ئۆزىنىڭ «ئىلاھ» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە.
قورقماڭلار، ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتمەڭلەر!
مەن ئىلگىرى مۇشۇلارنى سىلەرگە ئاڭلىتىپ، ئالدىن بايان قىلغان ئەمەسمۇ؟
مۇشۇ توغرۇلۇق سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىمدۇرسىلەر.
مەندىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەرھەق، باشقا قورام تاش يوق؛ ھېچبىرىدىن خەۋىرىم يوقتۇر. «مەن ئىلگىرى مۇشۇلارنى سىلەرگە ئاڭلىتىپ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئىلگىرى مۇشۇلارنى ساڭا ئاڭلىتىپ...».   قان. 4‏:35،39؛ 32‏:39؛ 1سام. 2‏:2؛ يەش. 45‏:21
ئويۇلغان مەبۇدنى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھمىيىتى يوق؛
ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلىغان نەرسىلىرىنىڭ ھېچ پايدىسى يوقتۇر؛
مۇشۇلارغا بولغان «گۇۋاھچىلار» بولسا، ئۆزلىرى قارىغۇ، ھېچنېمىنى بىلمەس؛
دەرۋەقە نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە شەرمەندىلىكتۇر.
10 كىم بىر «ئىلاھ»نى شەكىللەندۈرگەن بولسا،
ھېچ پايدىسى يوق بىر مەبۇدنى قۇيغان، خالاس!
11  مەبۇدنىڭ بارلىق ھەمراھلىرى شەرمەندە بولىدۇ؛
مەبۇدنى ياسىغۇچىلار بولسا ئادەمدۇر، خالاس؛
ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرسۇن،
ئۇلار قورقۇشۇپ، شەرمەندىچىلىكتە قالىدۇ. «ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرسۇن، ئۇلار قورقۇشۇپ، شەرمەندىچىلىكتە قالىدۇ» ــ يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنىڭ ئىككى مەنىسى بار بولۇشى مۇمكىن: ــ (ئا) ئۇلار پەقەت مۇشۇ مەبۇدنى بىرلىكتە ئوبدان كۆرۈپ باقسىلا، ئۆزلىرىنىڭ ئەخمەقلىقىنى ھېس قىلىپ خۇدادىن قورقۇپ شەرمەندە بولىدۇ؛ (ئە) قىيامەت كۈنىدە ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ ھېسابىنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛ شۇ چاغدا ئۇلار قورقۇپ شەرمەندە بولىدۇ.   زەب. 97‏:7؛ يەش. 1‏:29؛ 42‏:17؛ 45‏:16
12 مانا تۆمۈرچى سايمانلىرىنى قولىغا ئېلىپ،
چوغلار ئۈستىدە مۇشۇ نەرسىنى بازغانلىرى بىلەن سوقۇپ شەكىللەندۈرىدۇ؛
ئاندىن ئۇ كۈچلۈك قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەيدۇ؛
بىراق ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ ماغدۇرىدىن قالىدۇ؛
سۇ ئىچمەي ئۇ ھالسىزلىنىپ كېتىدۇ. يەر. 10‏:3
13 ياغاچچى بولسا ياغاچ ئۈستىگە ئۆلچەش يىپىنى تارتىدۇ؛
ئۇ قەلەم بىلەن ئۈستىگە ئەندىزە سىزىدۇ؛
ئۇنى رەندە بىلەن رەندىلەيدۇ؛
ئۇ يەنە پەركا بىلەن سىزىپ جىجايدۇ؛
ئاخىردا ئۇ ئۇنى ئادەمنىڭ گۈزەللىكىگە ئوخشىتىپ ئىنسان تەقى-تۇرقىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيدە تۇرۇشقا تەييار قىلىنىدۇ.
14 مانا ئۇ بىر كۈنى ئۆزى ئۈچۈن كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىشكە چىقىدۇ!
(ئۇ ئەسلىدە ئارچا ۋە دۇب دەرەخلىرىنى ئېلىپ ئۆزى ئۈچۈن ئورمانلىق ئارىسىغا تىكىپ چوڭ قىلغانىدى؛
ئۇ قارىغايمۇ تىككەنىدى، يامغۇر ئۇنى ئۈندۈردى).
15 مۇشۇ ياغاچلاردىن ئوتۇن ئېلىنىدۇ؛
بىرسى ئۇنىڭدىن ئېلىپ، ئىسسىنىدۇ؛
مانا، ئۇ ئوت يېقىپ، نان يېقىۋاتىدۇ؛
ئۇ يەنە ئۇنىڭدىن ئېلىپ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ؛
ئۇنى ئويۇلغان مەبۇد قىلىپ ئۇنىڭغا باش ئۇرىدۇ.
16 دېمەك، يېرىمىنى ئوتتا كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛
يېرىمى بىلەن گۆش يەيدۇ؛
ئۇ كاۋاب قىلىپ قانغۇچە يەيدۇ؛
بەرھەق، ئۇ ئىسسىنىپ، ئۆز-ئۆزىگە: ــ
«ئاھ، راھەتلىنىپ ئىسسىندىممەن، ئوتنى كۆرۈۋاتىمەن!» ــ دەيدۇ.
17 بىراق قالغىنى بىلەن ئۇ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ؛
بۇ ئۇنىڭ مەبۇدى بولىدۇ؛
ئۇ ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ؛
ئۇ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ: «مېنى قۇتقۇزغايسەن؛
چۈنكى سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن» ــ دەيدۇ. «بىراق قالغىنى بىلەن ئۇ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ مەبۇدى بولىدۇ» ــ ئەسلىدە بۇ كىشى بۇتنى ياساش كويىدا ئەمەس ئىدى. تاسادىپىيلىقتىن ياغاچتىن ئېشىپ قالغىنىنى ئىشلىتىپ بۇت ياسايدۇ. ئەڭ غەلىتە ئىش شۇكى، ئۇ يەشايا تەسۋىرلىگەندەك، ئۆزىنىڭ ئويلىمايلا قىلغان بىر نەرسىسىگە، يەنى «تاسادىپىيلىقتىن» بولغان بىر نەرسىسىگە ئىشىنىدۇ.
18 بۇ كىشىلەر ھېچ بىلمەيدۇ، ھېچ چۈشەنمەيدۇ؛
چۈنكى ئۇ ئۇلارنى كۆرمىسۇن دەپ كۆزلىرىنى،
ئۇلارنى چۈشەنمىسۇن دەپ كۆڭلىنى سۇۋاق بىلەن سۇۋىۋەتكەن. «بۇ كىشىلەر ھېچ بىلمەيدۇ، ھېچ چۈشەنمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى كۆرمىسۇن دەپ كۆزلىرىنى ئۇلارنى چۈشەنمىسۇن دەپ كۆڭلىنى سۇۋاق بىلەن سۇۋىۋەتكەن» ــ بۇ ئايەتتىكى «ئۇ» بولسا، ياكى خۇدانىڭ ئۆزى ياكى مۇشۇ بۇتنى كۆرسىتىدۇ. بۇتنى كۆرسەتسە، بۇتنىڭ كەينىدە بىر جىن-شەيتان بار دېمەكچى. بىزنىڭچە مۇشۇ مەنىسى ئېھتىمالغا يېقىن.
بەزىلەر دەرۋەقە «بۇتپەرەسلەر ھېچ بىلمەيدۇ، ھېچ چۈشەنمەيدۇ» دەپ ئېتىراپ قىلسىمۇ، يەنىلا تىلتۇمار قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ خۇدانى ھاقارەتلەيدۇ.
19 ئۇلاردىن ھېچبىرىدە مۇشۇلارنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ: ــ
«ياغاچنىڭ يېرىمىنى مەن ئوتتا كۆيدۈردۈم،
يېرىمىنىڭ چوغلىرى ئۈستىدە مەن نان ياقتىم؛
مەن كاۋابمۇ قىلىپ يەۋالدىم؛
قالغىنىنى بىر لەنەتلىك نەرسە قىلامتىم؟
مەن بىر پارچە ياغاچقا باش ئۇرامتىم!» ــ دېگۇدەك ھېچ بىلىم ياكى يورۇتۇلۇش يوقتۇر.
20 ئۇنىڭ يېگىنى كۈللەردۇر!
ئۇنىڭ كۆڭلى ئېزىقتۇرۇلغان! ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئازدۇردى!
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ،
ياكى: «مېنىڭ ئوڭ قولۇمدا بىر ساختىلىق بار ئەمەسمۇ؟» ــ دېيەلمەيدۇ. «مېنىڭ ئوڭ قولۇمدا بىر ساختىلىق بار ئەمەسمۇ؟» ــ «بىر ساختىلىق» مەبۇدىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
21 مۇشۇ ئىشلارنى ئېسىڭدە تۇت، ئى ياقۇپ،
ئى ئىسرائىل، چۈنكى سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن؛
مەن سېنى ياساپ شەكىللەندۈردۈم؛
سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن، ئى ئىسرائىل،
سەن مېنىڭ ئېسىمدىن ھېچ چىقمايسەن!
22 ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى بۇلۇتنى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك،
گۇناھلىرىڭنى تۇماننى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك ئۆچۈرۈۋەتتىم؛
مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەل؛
چۈنكى مەن سېنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدىم.
23 ئى ئاسمانلار، ناخشا ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى قىلغان!
ئى يەرنىڭ تېگىلىرى، شادلىنىپ، ياڭراڭلار!
ئى تاغلار، ئورمانلار ۋە ئۇلاردىكى ھەربىر دەرەخلەر،
ياڭرىتىپ ناخشىلار ئېيتىڭلار!
چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدى،
ئۇ ئىسرائىل ئارقىلىق گۈزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ!».
 
چوڭ قۇتۇلۇش •••• قورەش پادىشاھنىڭ ۋەزىپىسى
24 «سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان، سېنى بالىياتقۇدا ياساپ شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
مەن بولسام ھەممىنى ياراتقۇچى،
ئاسمانلارنى يالغۇز كەرگەنمەن،
ئۆز-ئۆزۈمدىنلا يەر-زېمىننى يايغان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ ئايۇپ 9‏:8؛ زەب. 104‏:2؛ يەش. 40‏:22؛ 42‏:5؛ 45‏:12
25 (ئۇ بولسا يالغان پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرىنى بىكار قىلغۇچى،
پالچىلارنى قايمۇقتۇرغۇچى،
دانالارنى يولىدىن ياندۇرغۇچى،
ئۇلارنىڭ بىلىملىرىنى نادانلىققا ئايلاندۇرغۇچى؛
26 ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى،
روسۇل-ئەلچىلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغۇچى،
يېرۇسالېمغا: «سەن ئاھالىلىك بولىسەن»،
يەھۇدا شەھەرلىرىگە: «قايتىدىن قۇرۇلىسىلەر؛ خارابەڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېگۈچى؛ «ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى،...» ــ «ئۆز قۇلى» مۇشۇ يەردە بەلكىم يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى؛ بولمىسا 42-بابتىكى «پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي قۇلى». «يېرۇسالېمغا: «سەن ئاھالىلىك بولىسەن»، يەھۇدا شەھەرلىرىگە: «قايتىدىن قۇرۇلىسىلەر؛ خارابەڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېگۈچى» ــ خۇدا مۇشۇ گەپلىرىدە، يەشايا پەيغەمبەر ئۆزىدىن كېيىنكى بىر دەۋر، يەنى يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا شەھەرلىرى خارابىلىك بولغان بىر دەۋرگە قاراپ سۆز قىلىدۇ. مۇشۇ يەردە خۇدا يېرۇسالېمغا: «سېنى قايتىدىن قۇرغۇزىمەن» دەپ ۋەدە قىلىدۇ. شۇ يېڭى دەۋر بولسا يەشايادىن كېيىن 170 يىل ئەتراپىدا بولغان.
27 چوڭقۇر دېڭىزغا: «قۇرۇق بول،
دەريالىرىڭنى قۇرۇتىمەن» ــ دېگۈچى؛ «...چوڭقۇر دېڭىزغا: «قۇرۇق بول»، «دەريالىرىڭنى قۇرۇتىمەن» ــ دېگۈچى؛...» ــ مۇشۇ سۆزلەر خۇدانىڭ «قىزىل دېڭىز»نى ھەم كېيىنرەك ئىئوردان دەرياسىنى قۇرۇتۇپ ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاخىرقى زاماندا بولىدىغان، ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ.
28 ھەم قورەش توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ قوي پادىچىم، ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ،
يېرۇسالېمغا: «قۇرۇلىسەن»،
ھەم ئىبادەتخانىغا: «سېنىڭ ئۇلۇڭ سېلىنىدۇ» دەيدۇ» ــ دېگۈچىدۇر): ــ «قورەش توغرىسىدا:...» ــ ئاخىرىدا، يەشايا پەيغەمبەر يۇقىرىقى 41-باب، 1-7-ئايەتتە دېيىلگەن «تاجاۋۇزچى»نىڭ ئىسمىنىڭ «قورەش» ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمكى، قورەش پادىشاھ پارس ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 540-529-يىللىرىدا تەختكە ئولتۇرغان. ئۇ يەشايانىڭ دەۋرىدىن تەخمىنەن 150 يىل كېيىن ياشىغان. «ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، يېرۇسالېمغا: «قۇرۇلىسەن»، ھەم ئىبادەتخانىغا: «سېنىڭ ئۇلۇڭ سېلىنىدۇ» دەيدۇ» ــ دېگۈچىدۇر» ــ مۇشۇ بېشارەت بويىچە قورەش پادىشاھ بابىل ئىمپېرىيەسى ۋەيران قىلغان يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قايتىدىن قۇرۇشقا پەرمان چۈشۈرىدۇ. قورەش بابىل شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئادەمنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشى شۇكى، ئۇ بابىلدىكى بارلىق سۈرگۈن بولغانلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشقا رۇخسەت بەرگەن. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان شۇكى، ئۇ ئىسرائىللارغا ئىبادەتخانىسىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش، قاچا-بۇيۇملىرىنى قايتۇرۇپ، ھەتتا ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇشقا پۇل بەرگەن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 536-يىلى). تەۋراتتىكى «ئەزرا» 1- ھەم 6-بابنى كۆرۈڭ.
 
 

44:1 يەش. 41‏:8؛ 43‏:5؛ يەر. 30‏:10؛ 46‏:27

44:2 «يەشۇرۇن» ــ خۇدا ئىسرائىلغا قويغان بىر «لەقەم». مەنىسى «مېنىڭ دۇرۇس بولغۇچىم».

44:3 يەش. 35‏:7؛ يو. 2‏:28،29؛ يـۇھ. 7‏:38؛ روس. 2‏:18

44:5 «بىرسى: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» ــ دەيدۇ... يەنە باشقا بىرسى قولى بىلەن: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» دەپ يازىدۇ...» ــ ھازىر خۇدانىڭ «سۈكۈت قىلغان» گۇۋاھچىلىرىنىڭ تىلى چىقىپ، گەپ قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن.

44:6 يەش. 41‏:4؛ 48‏:12؛ ۋەھ. 1‏:8،17؛ 22‏:13

44:7 «مېنىڭ قەدىمكى خەلقىم» ــ خۇدانىڭ خەلقى ئىسرائىلدۇر. خۇدا ئاۋۋال مۇسا پەيغەمبەرگە: «مەن ياقۇپ جەمەتىدىكىلەرنى (يەنى ئىسرائىلنى) مىسىردىن قۇتقۇزىمەن، ئاندىن ئۇلار ماڭا تەۋە بىر خەلق بولىدۇ» ــ دەپ «جاكارلىغان». ئۇ ئىشلەتمەكچى بولغان قۇتقۇزۇش يولىنى ئاۋۋال مۇساغا ئۇقتۇرۇپ «بايان قىلغان»؛ ئاندىن ھەممە بايانلىرىغا ئەمەل قىلىپ ئۇلارنى يېڭى بىر خەلق بولۇشقا «تىكلەپ بېكىتكەن». بۇنى: «... قەدىمكى خەلقىمنى تىكلىگىنىمدىن تارتىپ...» دەپ تەرجىمە قىلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار، بىراق بىزنىڭچە يۇقىرىقى تەرجىمىسى ئالدى-كەينىدىكى گەپلەرگە ماس كېلىدۇ. «قېنى، كىم كېيىنكى ئىشلارنى، كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىنئالا بايان قىلالىسۇن!» ــ مەبۇدلار ئۇنداق قىلالايدىغان بولسا ئۆزىنىڭ «ئىلاھ» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە.

44:8 «مەن ئىلگىرى مۇشۇلارنى سىلەرگە ئاڭلىتىپ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئىلگىرى مۇشۇلارنى ساڭا ئاڭلىتىپ...».

44:8 قان. 4‏:35،39؛ 32‏:39؛ 1سام. 2‏:2؛ يەش. 45‏:21

44:11 «ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرسۇن، ئۇلار قورقۇشۇپ، شەرمەندىچىلىكتە قالىدۇ» ــ يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنىڭ ئىككى مەنىسى بار بولۇشى مۇمكىن: ــ (ئا) ئۇلار پەقەت مۇشۇ مەبۇدنى بىرلىكتە ئوبدان كۆرۈپ باقسىلا، ئۆزلىرىنىڭ ئەخمەقلىقىنى ھېس قىلىپ خۇدادىن قورقۇپ شەرمەندە بولىدۇ؛ (ئە) قىيامەت كۈنىدە ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ ھېسابىنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛ شۇ چاغدا ئۇلار قورقۇپ شەرمەندە بولىدۇ.

44:11 زەب. 97‏:7؛ يەش. 1‏:29؛ 42‏:17؛ 45‏:16

44:12 يەر. 10‏:3

44:17 «بىراق قالغىنى بىلەن ئۇ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ مەبۇدى بولىدۇ» ــ ئەسلىدە بۇ كىشى بۇتنى ياساش كويىدا ئەمەس ئىدى. تاسادىپىيلىقتىن ياغاچتىن ئېشىپ قالغىنىنى ئىشلىتىپ بۇت ياسايدۇ. ئەڭ غەلىتە ئىش شۇكى، ئۇ يەشايا تەسۋىرلىگەندەك، ئۆزىنىڭ ئويلىمايلا قىلغان بىر نەرسىسىگە، يەنى «تاسادىپىيلىقتىن» بولغان بىر نەرسىسىگە ئىشىنىدۇ.

44:18 «بۇ كىشىلەر ھېچ بىلمەيدۇ، ھېچ چۈشەنمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى كۆرمىسۇن دەپ كۆزلىرىنى ئۇلارنى چۈشەنمىسۇن دەپ كۆڭلىنى سۇۋاق بىلەن سۇۋىۋەتكەن» ــ بۇ ئايەتتىكى «ئۇ» بولسا، ياكى خۇدانىڭ ئۆزى ياكى مۇشۇ بۇتنى كۆرسىتىدۇ. بۇتنى كۆرسەتسە، بۇتنىڭ كەينىدە بىر جىن-شەيتان بار دېمەكچى. بىزنىڭچە مۇشۇ مەنىسى ئېھتىمالغا يېقىن. بەزىلەر دەرۋەقە «بۇتپەرەسلەر ھېچ بىلمەيدۇ، ھېچ چۈشەنمەيدۇ» دەپ ئېتىراپ قىلسىمۇ، يەنىلا تىلتۇمار قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ خۇدانى ھاقارەتلەيدۇ.

44:20 «مېنىڭ ئوڭ قولۇمدا بىر ساختىلىق بار ئەمەسمۇ؟» ــ «بىر ساختىلىق» مەبۇدىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

44:24 ئايۇپ 9‏:8؛ زەب. 104‏:2؛ يەش. 40‏:22؛ 42‏:5؛ 45‏:12

44:26 «ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى،...» ــ «ئۆز قۇلى» مۇشۇ يەردە بەلكىم يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى؛ بولمىسا 42-بابتىكى «پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي قۇلى». «يېرۇسالېمغا: «سەن ئاھالىلىك بولىسەن»، يەھۇدا شەھەرلىرىگە: «قايتىدىن قۇرۇلىسىلەر؛ خارابەڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېگۈچى» ــ خۇدا مۇشۇ گەپلىرىدە، يەشايا پەيغەمبەر ئۆزىدىن كېيىنكى بىر دەۋر، يەنى يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا شەھەرلىرى خارابىلىك بولغان بىر دەۋرگە قاراپ سۆز قىلىدۇ. مۇشۇ يەردە خۇدا يېرۇسالېمغا: «سېنى قايتىدىن قۇرغۇزىمەن» دەپ ۋەدە قىلىدۇ. شۇ يېڭى دەۋر بولسا يەشايادىن كېيىن 170 يىل ئەتراپىدا بولغان.

44:27 «...چوڭقۇر دېڭىزغا: «قۇرۇق بول»، «دەريالىرىڭنى قۇرۇتىمەن» ــ دېگۈچى؛...» ــ مۇشۇ سۆزلەر خۇدانىڭ «قىزىل دېڭىز»نى ھەم كېيىنرەك ئىئوردان دەرياسىنى قۇرۇتۇپ ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاخىرقى زاماندا بولىدىغان، ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ.

44:28 «قورەش توغرىسىدا:...» ــ ئاخىرىدا، يەشايا پەيغەمبەر يۇقىرىقى 41-باب، 1-7-ئايەتتە دېيىلگەن «تاجاۋۇزچى»نىڭ ئىسمىنىڭ «قورەش» ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمكى، قورەش پادىشاھ پارس ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 540-529-يىللىرىدا تەختكە ئولتۇرغان. ئۇ يەشايانىڭ دەۋرىدىن تەخمىنەن 150 يىل كېيىن ياشىغان. «ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، يېرۇسالېمغا: «قۇرۇلىسەن»، ھەم ئىبادەتخانىغا: «سېنىڭ ئۇلۇڭ سېلىنىدۇ» دەيدۇ» ــ دېگۈچىدۇر» ــ مۇشۇ بېشارەت بويىچە قورەش پادىشاھ بابىل ئىمپېرىيەسى ۋەيران قىلغان يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قايتىدىن قۇرۇشقا پەرمان چۈشۈرىدۇ. قورەش بابىل شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئادەمنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشى شۇكى، ئۇ بابىلدىكى بارلىق سۈرگۈن بولغانلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشقا رۇخسەت بەرگەن. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان شۇكى، ئۇ ئىسرائىللارغا ئىبادەتخانىسىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش، قاچا-بۇيۇملىرىنى قايتۇرۇپ، ھەتتا ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇشقا پۇل بەرگەن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 536-يىلى). تەۋراتتىكى «ئەزرا» 1- ھەم 6-بابنى كۆرۈڭ.