□46:1 «بەل» ــ بابىلنىڭ «باش بۇت»ى، «نېبو» ئۇنىڭ «ئوغلى» ئىدى. مۇشۇ بېشارەتتە يەشايا پەيغەمبەر بابىل شەھىرى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشكەندە، خەقلەر بۇتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقا بىر يۇرتقا يۆتكىمەكچى بولغانلىقىنى ئالدىن ئالا كۆرىدۇ. شۇ جەرياندا بۇتلارنى يەرگە قويۇش كېرەك بولغاچقا، پەيغەمبەر «بەلنىڭ تىز پۈككەنلىكىنى، نېبونىڭ ئېڭىشىۋاتقانلىقى»نى كۆرۈپ مازاق قىلىدۇ. «ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۇلاغلارنىڭ زېممىسىگە، كالىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشتى...» ــ بۇتلار ئۇلاغنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەندەك قىلىدۇ. «سىلەر كۆتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار» ــ بابىلدىكى دىنىي مۇراسىملاردا، پۇقرالارنىڭ بۇتلارنى كۆتۈرۈپ كوچىلارنى ئايلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى. بىراق ئەسلىدە بابىللىقلار ھۆرمەت بىلەن «كۆتۈرگەن نەرسىلەر» ھازىر ئاددىي بوغچىلاردەك ئۇلاغلارغا ئارتىلدى.
□46:2 «ئۇلار ، يەنى بابىللىقلار ياكى ئۇلارنىڭ ئۇلاغلىرى ئېڭىشىدۇ، بىرلىكتە تىز پۈكىشىدۇ؛ ئۇلار مۇشۇ يۈكنى قۇتقۇزالمايدۇ،...» ــ دېمەك، بۇتلار ئادەم ياكى ئۇلاغلارغا يۈك بولغان ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالمايلا قالماي، بەلكى ئۇلاغلارنىمۇ ھالسىزلاندۇرىدۇ.
□46:3 «ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، ... ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۈستۈمگە ئارتىلغانلار، بالىياتقۇدىكى چاغدىن تارتىپ كۆتۈرۈلۈپ كەلگەنلەر...» ــ ھەقىقىي خۇدا ئادەمنىڭ كۆتۈرۈشىگە موھتاج ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئۆز خەلقىگە غەمخورلۇق قىلىپ ئۇلارنى كۆتۈرىدۇ.
■46:5 يەش. 40:18، 25
■46:7 يەش. 45:20
■46:9 يەش. 45:5، 14، 18، 21، 22؛ 48:12
■46:10 زەب. 33:11؛ پەند. 19:21؛ 21:30؛ ئىبر. 6:17
□46:11 «كۈنچىقىشتىن يىرتقۇچ بىر قۇشنى ...يىراق يۇرتتىن چاقىرغۇچىدۇرمەن...» ــ «يىرتقۇچ بىر قۇش» قورەشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ئەشەددىيلىكىنى خۇدا ئىسرائىلدىن يوشۇرمايدۇ.
□46:12 «ھەققانىيلىقتىن يىراق كەتكەن جاھىللار» ــ خۇدا يۇقىرىدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق 2:41-3، 25؛ 24:44-11:45دە ئىسرائىللارنى بابىلدىن كەلگۈسىدىكى «قورەش» دېگەن بىر پادىشاھ ئارقىلىق قۇتقۇزىمەن، دەپ جاكارلىقان. «جاھىللار» بولسا خۇدانىڭ بۇ «قورەش پىلان»ىنى ياقتۇرمايدىغان ئىسرائىللارنى كۆرسەتسە كېرەك؛ ئۇلارنىڭ ياقتۇرمايدىغانلىقى بولسا قورەش يەھۇدىي ئەمەس، بەلكى پارس بولغانلىقى ئۈچۈن بولىدۇ.
□46:13 «مەن ھەققانىيلىقىمنى يېقىن قىلىمەن، ئۇ يىراقلاشمايدۇ؛ شۇنىڭدەك مېنىڭ نىجاتىم ھەم كېچىكمەيدۇ؛ مەن زىئونغا نىجات يەتكۈزۈپ... بېرىمەن» ــ خۇدا يەنىلا مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىپ، ھەتتا «جاھىللار»غىمۇ قورەشنىڭ ئىشلىرى ئارقىلىق نىجاتقا ئېرىشىشتىكى پۇرسەتنى كەلتۈرىمەن، دەيدۇ.