□54:1 «غېرىب ئايالنىڭ بالىلىر» ــ شۈبھىسىزكى، ««پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى» دېگەنلىك بىلەن باراۋەردۇر. چۈنكى مۇشۇ بالىلارنئ غېرىب ئايال ئۆزى تۇغمىغان. مۇشۇ بابتىكى بارلىق بەرىكەتلەر يەنە شۈبھىسىزكى، قۇلنىڭ جاپالىق ئەجىرىدىن كەلگەن نەتىجىدۇر. قۇلنىڭ «بىرىنچى ۋەزىپىسى» «ياقۇپنى خۇداغا يىغىپ قايتۇرۇش»تۇر. مۇشۇ بابتىكى تېما دەل شۇدۇر.
■54:1 گال. 4:27
□54:2 «تۇرالغۇلىرىڭنىڭ ئېتىكلىرىنى ئۇلار يايسۇن» ــ «ئۇلار» بەلكىم قايتىپ كەلگەن «غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى» (1-ئايەت).
□54:6 «خۇدا سېنى ... خۇددى ئېرى ئۆزىدىن ۋاز كەچكەن، كۆڭلى سۇنۇق بىر ئايالدەك، ياشلىقىدا ياتلىق بولۇپ ئاندىن تاشلىۋېتىلگەن بىر ئايالنى چاقىرغاندەك چاقىردى» ــ دېگەن سۆزلەر مۇشۇ يەردە مۇھىم. ئىسرائىل: «خۇدا مېنى تاشلاپ كەتتى» دېگەن تۇيغۇدا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا خۇدا ئادىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتتى؛ ئۇلارنىڭ خۇدادىن يۈز ئۆرۈشى بىلەن خۇدا ئۇلاردىن «ئاجرىشىپ كەتكەن». بۇ ئىشلار 50-باب، 1-3-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان. بىراق مۇشۇ يەردە خۇدا ئۆز شەپقىتىنى كۆرسىتىپ بۇ ئىشلارنى تىلغا ئالمايدۇ؛ ئۇ پەقەتلا 8-، 9-ئايەتتە: ــ «مەن (سەندىن غەزەپلىنىپ) بىر دەقىقە سەندىن ئايرىلىپ كەتتىم» ــ دەيدۇ.
■54:9 يار. 9:11
□54:12 «پارقىراق مۇنارلىرىڭنى لەئەللەردىن، ... بارلىق سېپىللىرىڭنى جاۋاھىراتلاردىن قىلىپ ياسايمەن» ــ كونا دەۋرلەردە بەزى شەھەرلەردىكى سېپىلدا مۇنارلارغا ئاپتاپنىڭ ئەكسى چۈشىدىغان تاش ئەينەكلەر ئورنىتىلىپ، «قۇياشلار» دەپ ئاتىلاتتى. مۇشۇ يەردە بىز «پارقىراق مۇنارلار» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.
■54:13 يـۇھ. 6:45
□54:16 «مانا، كۆمۈر ئوتىنى يەلپۈتۈپ، ئۆزىگە مۇۋاپىق بىر قورالنى ياسىغۇچى تۆمۈرچىنى مەن ياراتقانمەن، ھەم خار قىلىش ئۈچۈن ھالاك قىلغۇچىنىمۇ مەن ياراتقانمەن» ــ دېمەك، مەن بولمىسام مۇشۇ قوراللار ھەم ئىشلەتمەكچى بولغۇچىلار بولمايتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قولۇمدا، مەن بىلەن دوست بولساڭ ئۇلارنىڭ ۋەھىمىلىرى نېمە ھېسابلىناتتى؟ 17-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.
□54:17 «مانا شۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرىنىڭ ئالىدىغان مىراسىدۇر!» ــ مۇشۇ ئايەتكىچە يەشايا «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نى پەقەت بىرلىك شەكلىدە تىلغا ئالدى. بىراق «يېڭى يېرۇسالېم»دا «پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى» بار ــ يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى، ئۇ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈپ قۇتقۇزغان «ھەققانىيلىق يەتكۈزگەن»لىرى بار. ئۇلار ھازىر بەلكىم «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»غا ئوخشاش پەزىلەتلىك، گۈزەل مۇھەببەتلىك خاراكتېرىدا بولۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئوخشاش خۇداغا تولۇق ئىبادەتلىك خىزمەت قىلىدۇ.