باتۇر ھاكىملار
1
ئىسرائىللارنىڭ قانائانىيلار بىلەن جەڭ قىلىپ، زېمىنىنى قىسمەن ئىگىلىشى
ۋە يەشۇئا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: ــ بىزدىن كىم ئاۋۋال چىقىپ قانائانىيلار بىلەن سوقۇشسۇن؟ ــ دەپ سورىدى. «ۋە يەشۇئا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى...» ــ مۇشۇ جۈملە «ۋە» دېگەن سۆز بىلەن باشلىنىپ، «باتۇر ھاكىملار» دېگەن كىتابنىڭ «يەشۇئا» دېگەن كىتاب بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «يە.» 33:24-ئايەتنى كۆرۈڭ. مەزكۇر كىتاب «يەشۇئا» دېگەن كىتابنىڭ داۋامىدۇر.   ھاك. 20‏:18
پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ يەھۇدا چىقسۇن؛ مانا، مەن زېمىننى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم، ــ دېدى. «يەھۇدا» ــ مۇشۇ يەردە يەھۇدا قەبىلىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ ۋاقىتتا يەھۇدا ئاكىسى شىمېئونغا: ــ سەن مېنىڭ بىلەن بىللە قانائانىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا، ماڭا چەك تاشلىنىپ مىراس قىلىنغان زېمىنغا چىقساڭ، مەنمۇ ساڭا چەك تاشلىنىپ مىراس قىلىنغان زېمىنغا سەن بىلەن بىللە چىقىپ سوقۇشىمەن، دېۋىدى، شىمېئون ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى. «شىمېئون» ــ مۇشۇ يەردە شىمېئون قەبىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. «سەن مېنىڭ بىلەن بىللە قانائانىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا، ماڭا چەك تاشلىنىپ مىراس قىلىنغان زېمىنغا چىقساڭ،....» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «سەن»، «مەن»، «ماڭا»، «ئۇنىڭ» دېگەنلەر قەبىلىدىكى كۆپ ئادەملەرنى كۆرىستىدۇ.
يەھۇدا ئۇ يەرگە چىققاندا، پەرۋەردىگار قانائانىيلار ۋە پەرىززىيلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېزەك دېگەن جايدا ئۇلارنى ئۇرۇپ قىرىپ، ئون مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى. ئۇلار بېزەكتە ئادونى-بېزەك دېگەن پادىشاھ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەرنى ئۇرۇپ قىردى. «ئادونى-بېزەك» ــ بەلكىم شۇ پادىشاھنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكىم ئۇنىڭ ئۇنۋانى بولۇشى مۇمكىن؛ مەنىسى «بېزەكنىڭ ئەمىرى». ئادونى-بېزەك قاچتى، ئۇلار قوغلاپ بېرىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقىنى كېسىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئادونى-بېزەك: ــ ئەينى چاغدا قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقى كېسىۋېتىلگەن يەتمىش پادىشاھ داستىخىنىمنىڭ تېگىدىكى ئۇۋاقلارنى تېرىپ يېگەنىدى. مانا ئەمدى خۇدا مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، دېدى.
ئاندىن ئۇلار ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى، كېيىن ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. «...ئاندىن ئۇلار ئادونى-بېزەكنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى، كېيىن ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى» ــ يەھۇدا ۋە شىمېئونلارنىڭ ئادونى-بېزەكنى تىرىك قالدۇرۇشى مۇسا پەيغەمبەر ۋە يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ بۇ تائىپىلەر توغرىسىدا تاپىلىغىنىغا خىلاپ ئىدى (مەسىلەن، «قان.» 16:7، «يە.» 40:10، 12:11).
 
يەھۇدالار يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئىشغال قىلدى؛ ئۇلار ئۇ يەردە ئولتۇرغۇچىلارنى قىلىچلاپ قىرىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى.
ئاندىن يەھۇدالار چۈشۈپ، تاغلىق رايون، جەنۇبدىكى نەگەۋ ۋە شەفەلاھ ئويمانلىقىدا تۇرۇۋاتقان قانائانىيلار بىلەن سوقۇشتى. يە. 10‏:36؛ 11‏:21؛ 15‏:13
10 ئاندىن يەھۇدالار ھېبروندىكى قانائانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، شېشاي، ئاھىمان ۋە تالمايلارنى ئۇرۇپ قىردى (ئىلگىرى ھېبرون «كىرىئات-ئاربا» دەپ ئاتىلاتتى). «شېشاي، ئاھىمان ۋە تالمايلار» ــ بۇ ئۈچ ئادەم گىگانت ئىدى («يە.» 14:15).   يە. 15‏:14 11 ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىر «كىرىئات-سەفەر» دەپ ئاتىلاتتى). يە. 15‏:15-19.
 
12 كالەب: ــ كىمكى كىرىئات-سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى.
13 كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى. 14 ۋە شۇنداق بولدىكى، قىز ياتلىق بولۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. «ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن ... سورىدى» ــ بۇ ئىش سەل سىرلىق تۇيۇلىدۇ. نېمىشقا ئوتنىيەلنىڭ ئۆزى بۇ تەلەپنى قويمايدۇ؟ ئاكساھ تويغا بارغاندا ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بارغان بولسا كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن ئوتنىيەلنىڭكىگە بارغاندا ئاكساھ ئۆزى ئالدىراپ كېتىپ بىۋاسىتە ئاتىسىغا شۇ تەلەپنى قويغان بولسا كېرەك.
15 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن قاغجىراق يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى. «سەن ماڭا نەگەۋدىن قاغجىراق يەر بەرگەنىكەنسەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «سەن ماڭا نەگەۋدىن يەر بەرگەنىكەنسەن...» دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە دەبىر دېگەن شەھەر نەگەۋدە ئەمەس (نەگەۋ يەھۇدانىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى چۆللۈك ئىدى)؛ بەلكى تاغلىق رايوندا ئىدى. لېكىن ئەتراپىدا سۇ ئاز بولغاچقا، ئاكساھ شۇ يەرنى «نەگەۋدەك (دېمەك، قاغجىراق) بىر يەر» دەپ پۇرىتىدۇ.
 
16 مۇسانىڭ قېينئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كېنىيلەر يەھۇداغا قوشۇلۇپ «خورمىلىق شەھەر»دىن چىقىپ ئارادنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى يەھۇدا چۆلىگە بېرىپ، شۇ يەردىكى خەلق بىلەن بىللە تۇرغانىدى. «خورمىلىق شەھەر» ــ يېرىخونىڭ باشقا بىر نامى. يەشۇئا يېرىخو شەھىرىنى خارابە قىلغانىدى («يە.» 24:6)؛ شۇڭا «خورمىلىق شەھەر» مۇشۇ يەردە يېرىخونىڭ ئەتراپلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك. «مۇسانىڭ قېينئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كېنىيلەر يەھۇداغا قوشۇلۇپ ... شۇ يەردىكى خەلق بىلەن بىللە تۇرغانىدى» ــ بۇ خەۋەرنى بېرىشنىڭ سەۋەبى كېنىيلەرنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرگە بولغان ئامراقلىقىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك.
17 يەھۇدا بولسا ئاكىسى شىمېئون بىلەن بىللە بېرىپ، زەفات شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى ئۇرۇپ قىرىپ، شەھەرنى مۇتلەق ۋەيران قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ئىسمى «خورماھ» دەپ ئاتالغان. «ھورماھ» ــ بۇنىڭ مەنىسى «ۋەيران قىلىش».
18 ئاندىن يەھۇدالار گازا بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى، ئاشكېلون بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى، ئەكرون بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئىگىلىدى. 19 پەرۋەردىگار يەھۇدا بىلەن بىللە بولغاچ، ئۇلار تاغلىق يۇرتنى مەغلۇپ قىلىپ ئالدى؛ لېكىن جىلغىدىكىلەرنى بولسا، ئۇلارنىڭ تۆمۈر جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتەلمىدى. «...جىلغىدىكىلەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... تۆۋەن يۇرتتىكىلەر».
20 ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك ھېبروننى كالەبكە بەردى. شۇنىڭ بىلەن كالەب ئاناكنىڭ ئۈچ ئوغلىنى ئۇ يەردىن قوغلىۋەتتى. چۆل. 14‏:24؛ يە. 14‏:13
 
21 لېكىن بىنيامىنلار بولسا يېرۇسالېمدا ئولتۇرۇۋاتقان يەبۇسىيلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتەلمىدى؛ شۇڭا تا بۈگۈنگىچە يەبۇسىيلار بىنيامىنلار بىلەن يېرۇسالېمدا بىللە تۇرماقتا.
 
22 يۈسۈپنىڭ جەمەتى بەيت-ئەلگە ھۇجۇم قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. 23 يۈسۈپنىڭ جەمەتى بەيت-ئەلنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىشكە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى (ئىلگىرى شەھەرنىڭ نامى لۇز ئىدى). يار. 28‏:19 24 چارلىغۇچىلار شەھەردىن بىر كىشىنىڭ چىقىپ كېلىۋاتقىنىنى بايقاپ ئۇنىڭغا: ــ شەھەرگە كىرىدىغان يولنى بىزگە كۆرسىتىپ قويساڭ، ساڭا شاپائەت كۆرسىتىمىز، ــ دېدى.
25 شۇنىڭ بىلەن شۇ كىشى شەھەرگە كىرىدىغان يولنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويدى. ئۇلار بېرىپ شەھەردىكىلەرنى ئۇرۇپ قىلىچلىدى؛ لېكىن ئۇ ئادەم بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئامان قويدى. «... شۇ كىشى شەھەرگە كىرىدىغان يولنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويدى» ــ يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىكىلەر شەھەرنى ئاللىقاچان قورشىۋالغانىدى؛ بۇ كىشى شەھەرگە كىرىدىغان مەخپىي يولنى كۆرسىتىپ قويغان ئوخشايدۇ. 26 ئۇ ئادەم كېيىن ھىتتىيلارنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، شۇ يەردە بىر شەھەر بەرپا قىلىپ، نامىنى لۇز دەپ ئاتىدى. تا بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ نامى شۇنداق ئاتالماقتا.
27 لېكىن ماناسسەھلەر بولسا بەيت-شېئاننى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەرنى، تائاناقنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەرنى ئىشغال قىلمىدى؛ ئۇلار دور ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى، ئىبلېئام ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى، مېگىددو ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى قوغلىۋەتمىدى، زېمىننى ئالمىدى؛ قانائانىيلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋېرىشكە بەل باغلىغانىدى. «ماناسسەھلەر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يۈسۈپ قەبىلىسى ماناسسەھ قەبىلىسى ۋە ئەفرائىم قەبىلىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنەتتى.   يە. 17‏:11، 12 28 ئىسرائىل بارغانسېرى كۈچەيگەچكە قانائانىيلارنى ئۆزلىرىگە ھاشارچى قىلىپ بېقىندۇردى، لېكىن ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن پۈتۈنلەي قوغلىۋەتمىدى.
29 ئەفرائىملارمۇ گەزەردە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن قانائانىيلار گەزەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرىۋەردى. «ئەفرائىملارمۇ...» ــ يۇقىرىقى 27-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. يۈسۈپ قەبىلىسى ماناسسەھ قەبىلىسى ۋە ئەفرائىم قەبىلىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنەتتى.   يە. 16‏:10
 
30 زەبۇلۇن نە قىتروندا تۇرۇۋاتقانلارنى نە ناھالولدا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن قانائانىيلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى. «ناھالول» ــ ياكى «ناھالال».
 
31 ئاشىر بولسا نە ئاككودا تۇرۇۋاتقانلارنى نە زىدوندا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى، شۇنداقلا ئاھلاب، ئاقزىب، ھەلباھ، ئافەك رەھوبلاردا تۇرۇۋاتقانلارنىمۇ قوغلىۋەتمىدى. «ئافەك» ــ ياكى «ئافىك». 32 شۇنىڭ بىلەن ئاشىرلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا، يەنى قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى؛ ئۇلار قانائانىيلارنى ئۆز يېرىدىن قوغلىۋەتمىدى.
33 نافتالىلار نە بەيت-شەمەشتە تۇرۇۋاتقانلارنى نە بەيت-ئاناتتا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا، يەنى قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى؛ بەيت-شەمەش ۋە بەيت-ئاناتتىكى خەلق ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى.
34 ئامورىيلار دانلارنى تاغلىق رايونغا مەجبۇرىي ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپ، ئۇلارنى جىلغا-تۈزلەڭلىككە چۈشۈشكە يول قويمىدى. 35 ئامورىيلار ھەرەس تېغى، ئايجالون ۋە شائالبىمدا تۇرۇۋېرىشكە نىيەت باغلىغانىدى؛ لېكىن يۈسۈپ جەمەتىنىڭ قولى كۈچەيگەندە، قانائانىيلار ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى. 36 ئامورىيلارنىڭ چېگرىسى بولسا «سېرىق ئېشەك داۋىنى»دىن قورام تېشىغا ئۆتۈپ يۇقىرى تەرىپىگە باراتتى. «سېرىق ئېشەك داۋىنى» ــ بەزىدە (ئىبرانىي تىلىغا ئەگىشىپ) «ئاكراببىم داۋىنى» دەپ ئاتىلىدۇ. قورام تېشى» ــ ياكى «سېلا». «ئامورىيلارنىڭ چېگرىسى ... «سېرىق ئېشەك داۋىنى»دىن قورام تېشىغا ئۆتۈپ يۇقىرى تەرىپىگە باراتتى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئامورىيلارنىڭ چېگرىسى بولسا «سېرىق ئېشەك داۋىنى»دىكى قورام تېشىدىن تارتىپ يۇقىرى تەرىپىگە باراتتى».
 
 

1:1 «ۋە يەشۇئا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى...» ــ مۇشۇ جۈملە «ۋە» دېگەن سۆز بىلەن باشلىنىپ، «باتۇر ھاكىملار» دېگەن كىتابنىڭ «يەشۇئا» دېگەن كىتاب بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «يە.» 33:24-ئايەتنى كۆرۈڭ. مەزكۇر كىتاب «يەشۇئا» دېگەن كىتابنىڭ داۋامىدۇر.

1:1 ھاك. 20‏:18

1:2 «يەھۇدا» ــ مۇشۇ يەردە يەھۇدا قەبىلىسىنى كۆرسىتىدۇ.

1:3 «شىمېئون» ــ مۇشۇ يەردە شىمېئون قەبىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. «سەن مېنىڭ بىلەن بىللە قانائانىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا، ماڭا چەك تاشلىنىپ مىراس قىلىنغان زېمىنغا چىقساڭ،....» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «سەن»، «مەن»، «ماڭا»، «ئۇنىڭ» دېگەنلەر قەبىلىدىكى كۆپ ئادەملەرنى كۆرىستىدۇ.

1:5 «ئادونى-بېزەك» ــ بەلكىم شۇ پادىشاھنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكىم ئۇنىڭ ئۇنۋانى بولۇشى مۇمكىن؛ مەنىسى «بېزەكنىڭ ئەمىرى».

1:7 «...ئاندىن ئۇلار ئادونى-بېزەكنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى، كېيىن ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى» ــ يەھۇدا ۋە شىمېئونلارنىڭ ئادونى-بېزەكنى تىرىك قالدۇرۇشى مۇسا پەيغەمبەر ۋە يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ بۇ تائىپىلەر توغرىسىدا تاپىلىغىنىغا خىلاپ ئىدى (مەسىلەن، «قان.» 16:7، «يە.» 40:10، 12:11).

1:9 يە. 10‏:36؛ 11‏:21؛ 15‏:13

1:10 «شېشاي، ئاھىمان ۋە تالمايلار» ــ بۇ ئۈچ ئادەم گىگانت ئىدى («يە.» 14:15).

1:10 يە. 15‏:14

1:11 يە. 15‏:15-19.

1:14 «ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن ... سورىدى» ــ بۇ ئىش سەل سىرلىق تۇيۇلىدۇ. نېمىشقا ئوتنىيەلنىڭ ئۆزى بۇ تەلەپنى قويمايدۇ؟ ئاكساھ تويغا بارغاندا ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بارغان بولسا كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن ئوتنىيەلنىڭكىگە بارغاندا ئاكساھ ئۆزى ئالدىراپ كېتىپ بىۋاسىتە ئاتىسىغا شۇ تەلەپنى قويغان بولسا كېرەك.

1:15 «سەن ماڭا نەگەۋدىن قاغجىراق يەر بەرگەنىكەنسەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «سەن ماڭا نەگەۋدىن يەر بەرگەنىكەنسەن...» دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە دەبىر دېگەن شەھەر نەگەۋدە ئەمەس (نەگەۋ يەھۇدانىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى چۆللۈك ئىدى)؛ بەلكى تاغلىق رايوندا ئىدى. لېكىن ئەتراپىدا سۇ ئاز بولغاچقا، ئاكساھ شۇ يەرنى «نەگەۋدەك (دېمەك، قاغجىراق) بىر يەر» دەپ پۇرىتىدۇ.

1:16 «خورمىلىق شەھەر» ــ يېرىخونىڭ باشقا بىر نامى. يەشۇئا يېرىخو شەھىرىنى خارابە قىلغانىدى («يە.» 24:6)؛ شۇڭا «خورمىلىق شەھەر» مۇشۇ يەردە يېرىخونىڭ ئەتراپلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك. «مۇسانىڭ قېينئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كېنىيلەر يەھۇداغا قوشۇلۇپ ... شۇ يەردىكى خەلق بىلەن بىللە تۇرغانىدى» ــ بۇ خەۋەرنى بېرىشنىڭ سەۋەبى كېنىيلەرنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرگە بولغان ئامراقلىقىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك.

1:17 «ھورماھ» ــ بۇنىڭ مەنىسى «ۋەيران قىلىش».

1:19 «...جىلغىدىكىلەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... تۆۋەن يۇرتتىكىلەر».

1:20 چۆل. 14‏:24؛ يە. 14‏:13

1:23 يار. 28‏:19

1:25 «... شۇ كىشى شەھەرگە كىرىدىغان يولنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويدى» ــ يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىكىلەر شەھەرنى ئاللىقاچان قورشىۋالغانىدى؛ بۇ كىشى شەھەرگە كىرىدىغان مەخپىي يولنى كۆرسىتىپ قويغان ئوخشايدۇ.

1:27 «ماناسسەھلەر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يۈسۈپ قەبىلىسى ماناسسەھ قەبىلىسى ۋە ئەفرائىم قەبىلىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنەتتى.

1:27 يە. 17‏:11، 12

1:29 «ئەفرائىملارمۇ...» ــ يۇقىرىقى 27-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. يۈسۈپ قەبىلىسى ماناسسەھ قەبىلىسى ۋە ئەفرائىم قەبىلىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنەتتى.

1:29 يە. 16‏:10

1:30 «ناھالول» ــ ياكى «ناھالال».

1:31 «ئافەك» ــ ياكى «ئافىك».

1:36 «سېرىق ئېشەك داۋىنى» ــ بەزىدە (ئىبرانىي تىلىغا ئەگىشىپ) «ئاكراببىم داۋىنى» دەپ ئاتىلىدۇ. قورام تېشى» ــ ياكى «سېلا». «ئامورىيلارنىڭ چېگرىسى ... «سېرىق ئېشەك داۋىنى»دىن قورام تېشىغا ئۆتۈپ يۇقىرى تەرىپىگە باراتتى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئامورىيلارنىڭ چېگرىسى بولسا «سېرىق ئېشەك داۋىنى»دىكى قورام تېشىدىن تارتىپ يۇقىرى تەرىپىگە باراتتى».