مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى»نى بولسا خۇداغا ئاتاپ، خۇدانىڭ ۋەكىلى بولغان كاھىنلارغا بېغىشلاش كېرەك ئىدى. خۇدا مۇشۇ يەردە: «ئىسرائىل ئالاھىدە مېنىڭكى ئىدى» دەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ئىسرائىل خۇدانىڭ «ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسى» بولسا، ئەمدى ئۇلاردىن كېيىن خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان باشقا ئەللەردىن بولغانلارمۇ خۇدانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا «ھوسۇل بولۇپ» خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولۇشقا كېلىدۇ.
باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «...شەھىرىدىكىلەرمۇ باش چوققاڭنى (رەسۋا قىلىش ئۈچۈن) غىردىۋەتتى».
□2:3 «شۇ چاغدا ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا پاك، ئالاھىدە ئاتالغان» ــ «...پاك، ئالاھىدە ئاتالغان» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدىكى «پەرۋەردىگارغا «قودەش»» («پەرۋەردىگارغا مۇقەددەسلىك») دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە بەلكىم ئايانكى، «مۇقەددەس»نىڭ ئەسلى مەنىسى دەل «خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان، پاك» دېگەنلىكتۇر. مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى»نى بولسا خۇداغا ئاتاپ، خۇدانىڭ ۋەكىلى بولغان كاھىنلارغا بېغىشلاش كېرەك ئىدى. خۇدا مۇشۇ يەردە: «ئىسرائىل ئالاھىدە مېنىڭكى ئىدى» دەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ئىسرائىل خۇدانىڭ «ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسى» بولسا، ئەمدى ئۇلاردىن كېيىن خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان باشقا ئەللەردىن بولغانلارمۇ خۇدانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا «ھوسۇل بولۇپ» خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولۇشقا كېلىدۇ.
■2:5 مىك. 6:3، 4
□2:7 «مېنىڭ مىراسىم» ــ بۇ سۆز ئىككى بىسلىق بولۇپ، مەنىسى: (1) خۇدا «بۇلار ئالاھىدە مېنىڭكى» دېگەن قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) «مىراس قىلىپ بەرگىنىمنى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، خۇدا ئىسرائىلغا «سىلەرنىڭ مىراسىڭلار بولسۇن» دەپ تاپشۇرغان زېمىننى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن بۇ سۆز شۇ زېمىننى ۋە شۇنداقلا، بەلكىم، شۇ زېمىندىكى خەلقنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
□2:8 «تەۋرات-قانۇن ئىجراچىلىرى» ــ تەۋراتنى خەلققە ئۆگىتىشكە مەسئۇل بولغان كاھىنلارنى («يەر.» 18:18، «قان.» 10:33) ياكى تەۋراتنى كۆچۈرۈشكە مەسئۇل بولغان لاۋىيلارنى («يەر.» 8:8) كۆرسىتىدۇ. «خەلق پادىچىلىرى» ــ (يەنى «باقارمەنلىرى» ياكى «باققۇچىلار») ئىبرانىي تىلىدا «قويچىلار»، «پادىچىلار»، «چۇپانلار» دېيىلىدۇ. ئادەتتە بۇ سۆز چوپان-قويچىلارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ يەردە «خەلق باققۇچىلىرى» ئىسرائىلنىڭ يېتەكچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «بائالنىڭ نامىدا بېشارەت بەردى» ــ «بائال» دېگەن پەلەستىندىكىلەرنىڭ يىرگىنچلىك بىر بۇتى ئىدى.
■2:8 رىم. 2:20
□2:10 «سىپرۇس» ــ سىپرۇس ئارىلى (ئىبرانىي تىلىدا «كىتتىم») بولسا پەلەستىننىڭ يىراق غەربىدە؛ كېدار بولسا پەلەستىننىڭ يىراق شەرقىدە ئىدى ــ دېمەك، شەرقتىن غەربكىچە بولغان يەرلەردىمۇ مۇشۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان.
■2:11 زەب. 106:20
■2:12 قان. 32:1؛ يەش. 1:2
■2:13 كۈي. 4:15؛ يەر. 17:13
□2:15 «ياش شىرلار...ھۆركىرىدى» ــ شىرلار ئولجىسىنى تۇتقاندىن كېيىن ئاندىن ھۆركىرەيدۇ. مۇشۇ ئايەتتىكى «شىرلار» بەلكىم ئاسۇرىيە، ئاندىن بابىلنى كۆرسىتىدۇ.
■2:15 يەش. 5:29؛ يەر. 4:7
□2:16 «نوف ۋە تاھپانەس شەھىرىدىكىلەرمۇ چوققاڭنى يېرىۋەتتى» ــ مىسىردىكى شەھەرلەردۇر. يەھۇدا كۆپ قېتىم مىسىردىن ياردەم سورىغانىدى. مىسىر قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەكسىچە ئىسرائىلغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ كەلگەنىدى. نوف كېيىن «مەمفىس» دەپ ئاتالغان. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «...شەھىرىدىكىلەرمۇ باش چوققاڭنى (رەسۋا قىلىش ئۈچۈن) غىردىۋەتتى».
□2:18 «شىھور دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن... ئەفرات دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن....» ــ «شىھور (مىسىردىكى بىر دەريا ياكى ۋادى)نىڭ سۇلىرىنى ئىچىش» ھەمدە «ئەفرات (ئاسۇرىيەدىكى دەريا)نىڭ... سۇلىرىنى ئىچىش» ئىسرائىل مىسىردىن ۋە ئاسۇرىيەدىن پاناھ ئىزدىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
■2:18 يەش. 31:1
■2:19 يەش. 3:9؛ ھوش. 5:5
□2:20 «بارلىق دۆڭ-ئېگىزلىكتە ۋە بارلىق يېشىل دەرەخ ئاستىدا سەن پاھىشە ئايالدەك كېرىلىپ ياتقانسەن» ــ ئىسرائىل مۇشۇ يەرلەردە (دۆڭ-ئېگىزلىكتە ... يېشىل دەرەخ ئاستىدا...) بۇتپەرەسلىك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلارنىڭ مۇنداق بۇتپەرەسلىكى خۇداغا ۋاپاسىزلىق بولۇپ روھىي جەھەتتە پاھىشىۋازلىق بولۇپلا قالماي، ئۇلار پەلەستىندىكىلەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىنى دوراپ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا «ئاتالغان»، بۇتخانىدا تۇرغان پاھىشە ئاياللار بىلەن ياتاتتى.
□2:21 «يات ۋە ياۋا بىر سېسىق ئۈزۈم تېلى» ــ «يات ۋە ياۋا» ئەسلىي ئىبرانىي تىلىدا بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.
■2:21 مىس. 15:17؛ زەب. 44:2؛ 80:8
■2:22 ئايۇپ 9:30
□2:23 «جىلغىدا ماڭغان يولۇڭنى كۆرۈپ باق، قىلمىشلىرىڭنى ئىقرار قىل» ــ «جىلغىدا ماڭغان يولۇڭ...» بەلكىم كۆپ قىسىم يەھۇدادىكىلەر يېرۇسالېمغا يېقىن بولغان «ھىننوم جىلغىسى»دا ئۆز بالىلىرىنى بۇتلارغا ئاتاپ «ئىنسان قۇربانلىقى» قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسرائىلنى ھىڭگانغا ئوخشىتىشى بەلكىم ئۇنىڭ ھېچقانداق مۇقىم يۆلۈنۈشىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
□2:24 «... ھەۋىسى قوزغالغاندا شامالنى پۇراپ يۈرىدىغان بىر ياۋايى مادا ئېشەكسەن!» ــ بۇ ئوخشىتىش شۈبھىسىزكى، ئىسرائىلنىڭ بۇتلارغا بولغان بۇزۇق ھەۋەسلىرىنى، ئۇنى بۇتپەرەسلىكتىن توسۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
□2:25 «پۇتۇڭنى ئاياغسىزلىقتىن... گېلىڭنى ئۇسسۇلۇقسىز قىلىپ قويما!» ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم ئىككى بىسلىق: ــ (1) بۇتلارنىڭ يولىدا يۈگۈرۈپ مېڭىش بەرىبىر بىكار ئىشتۇر ــ بۇتلار ئادەملەرگە ياردەمدە بولالمايدۇ؛ (2) ئەگەر ئىسرائىل بۇتپەرەسلىكى بىلەن خۇداغا ۋاپاسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇلار ئاخىر بېرىپ ئاياغسىز، چاڭقاپ سۈرگۈن بولغانلار بولىدۇ. «ياق! خام خىيال قىلما!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياق! ئۈمىد يوق!».
■2:28 يەش. 2:8؛ يەر. 11:13
■2:30 يەش. 1:5؛ يەر. 5:3
■2:31 مات. 23:26-39
■2:32 يەر. 3:21
□2:34 «سەن ئۇلارنى تېمىڭنى تېشىپ ئوغرىلىققا كىرگىنى ئۈچۈن ئۆلتۈردىڭمۇ؟!» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئوغرى كەچتە ئۆيگە بۆسۈپ كىرگەن بولسا ئۇ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلسە ئۆي ئىگىسى گۇناھسىز ھېسابلىنىدۇ.
□2:36 «سەن نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۇيان-بۇيان قاتراپ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىسەن؟» ــ دېمەك، ئىسرائىل ھەردائىم خۇدانى ئەمەس، بەلكى يات ئەللەرنى ئۆز يۆلەنچۈكى قىلماقچى.
□2:37 «سەن مىسىردىن قوللىرىڭنى بېشىڭغا ئالغان پېتى چىقىسەن» ــ دېمەك، ئەسىر بولغان پېتى.