ئىبرانىي تىلىدا «توۋا قىلىش» ۋە «قايتىپ كېلىش» بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ھەم خەلقنىڭ توۋا قىلىشىنى ۋە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ■ يىغ. 5:21
يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ھازىرقى ئەتراپلىرى بۇ ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن جايلارغا كېڭەيتىلمەكتە. «جەسەتلەر... تاشلىنىدىغان... جىلغا» .. «كىدرون دەرياسى»... «ئات دەرۋازىسى» ــ شەھەرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، «كىدرون دەرياسى» شەرقىي تەرىپىگە، «ئات دەرۋازىسى» بولسا بەلكىم شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقانىدى.
□31:2 «قىلىچتىن ئامان قالغان خەلق، يەنى ئىسرائىل، چۆل-باياۋاندا ئىلتىپاتقا ئىگە بولغان» ــ «ئىسرائىل» مۇشۇ يەردە ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 722-يىلى ئۆزىگە سۈرگۈن قىلغان ئون قەبىلىنى كۆرسىتىدۇ. «قىلىچتىن ئامان قالغان خەلق» يەنە بابىلغا سۈرگۈن بولغان يەھۇدانى كۆرسىتىدۇ (50:51نى كۆرۈڭ). «چۆل-باياۋاندا ئىلتىپاتقا ئىگە بولغان» دېگەن سۆزلەر، ئىسرائىل مىسىردىن قۇتقۇزۇلۇپ چىقىپ، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ نۇرغۇن كارامەت ئىشلارنى كۆرگەندەك، مۇشۇ سۈرگۈن بولغان ئىسرائىل بىلەن يەھۇدا بابىل ۋە باشقا شىمالىي تەرەپلەردىن تەڭ قۇتقۇزۇلۇپ، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن نۇرغۇن كارامەت ئىشلارنى كۆرىدۇ.
■31:4 يەر. 30:19
□31:5 «سەن قايتىدىن سامارىيەنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە ئۈزۈمزارلار تىكىسەن؛ ئۇلارنى تىككۈچىلەر ئۆزلىرى تىكىپ، مېۋىسىنى ئۆزلىرى يەيدۇ» ــ ئۈزۈمزارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كېرەك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى شۇ چاغنىڭ ئامان-تىنچلىق كۈنلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
■31:5 يەش. 65:21
□31:6 «ئەفرائىمنىڭ ئېگىزلىكىدە تۇرغان كۆزەتچىلەر: ...» ــ «ئەفرائىم» دېگەنلىك مۇشۇ يەرنى «ئىسرائىل»، يەنى «شىمالىي پادىشاھلىق»نى كۆرسىتىدۇ (شىمالىي پادىشاھلىقتىكى ئون قەبىلە بەزى ۋاقىتلاردا قىسقىچە «ئەفرائىم» دەپ ئاتالغان). «ئىسرائىل» يەھۇدادىن ئايرىلىپ چىققان ۋاقتىدا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۆز پۇقرالىرىنى بۇرۇنقىدەك يەھۇدا بىلەن بىللە يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا ئىبادەت قىلسا، ئۇنداقتا ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈپ كېتىشى ياكى يالتىيىشى مۇمكىن دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ يېرۇسالېمغا بارماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ «ئىبادەتخانا»سىنى قۇرۇپ ئۇنىڭغا بۇتلارنى سالغان. مۇشۇ بېشارەت، كەلگۈسىدە مۇشۇنداق ھەسەتخورلۇق مەۋجۇت بولمايدۇ، يەھۇدا ۋە ئەفرائىمنىڭ خۇدانىڭ ئىبادىتىدە قەلبى بىر بولىدۇ، دەيدۇ. «كۆزەتچىلەر» ــ بۇلارنىڭ ئادەتتىكى بۇرچى، دۈشمەنلەرنىڭ يېقىن كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ئاگاھ بېرىش. لېكىن شۇ كۈنلەر تىنچ-ئامان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر بۇرجى «يېڭى ئاي»نى بايقاپ، بايرام-ھېيتلارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك يېرۇسالېمغا چىقايلى، دەپ جاكارلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
■31:6 يەش. 2:2، 3؛ مىك. 4:2
□31:7 «ياقۇپ ئۈچۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار، ئەللەرنىڭ بېشى بولغۇچى ئۈچۈن ئايھاي كۆتۈرۈڭلار؛ جاكارلاڭلار، مەدھىيە ئوقۇپ...دەڭلار!» ــ بۇ سۆزلەر كىملەرگە ئېيتىلىدۇ؟ ياقۇپ «ئەللەرنىڭ بېشى» دەپ ئاتالغاچقا، بۇ سۆزلەر «يات ئەللەر»گە ئېيتىلىشى مۇمكىن (10-ئايەتنى كۆرۈڭ)؛ ياكى بولمىسا سۈرگۈنلۈكتىن يۇرتقا بالدۇر قايتىپ كېلىۋاتقان يەھۇداغا، ياكى قېرىنداشلىرىغا دۇئا قىلىشنى دەۋەت قىلىپ ئېيتىلىدۇ.
■31:8 يەر. 3:18
■31:9 مىس. 4:22
■31:11 يەش. 40:10؛ 49:24،25
■31:12 يەش. 61:11
□31:15 «راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنىدۇ،..» ــ «راماھ» بولسا بەيت-ئەل ۋە بەيت-لەھەم ئارىسىدىكى يېزا؛ ياقۇپنىڭ ئايالى راھىلە (بالا تۇغقىنىدا) شۇ يەردە ئۆلۈپ كۆمۈلگەنىدى. راھىلە «ئىسرائىل»دىكى ئون قەبىلىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى چوڭ قەبىلىنىڭ ئەجدادى بولغان ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ چوڭ ئاپىسى ئىدى؛ مۇشۇ يەردە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىسرائىل زېمىنىدىن (سۈرگۈن بولۇپ) ئەلۋىدا ئايرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يىغلاپ تاشلىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنىدۇ.
■31:15 مات. 2:17،18
□31:18 «مەن دەرۋەقە ئەفرائىمنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئۆكۈنۈپ: «سەن بىزگە شاش تورپاققا تەربىيە بەرگەندەك ساۋاق-تەربىيە بەردىڭ؛ ئەمدى بىزنى توۋا قىلدۇرغايسەن، ... چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇرسەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا ئەفرائىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى «مەن»، «مېنى» قاتارلىق ئالماشلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. چۈشىنىشلىك بولسۇن دەپ مۇشۇ ئايەتتە ۋە 19-ئايەتتە ئەفرائىم بايان قىلىنغاندا، «مەن» دېگەن سۆزنى «بىز» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. ئىبرانىي تىلىدا «توۋا قىلىش» ۋە «قايتىپ كېلىش» بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ھەم خەلقنىڭ توۋا قىلىشىنى ۋە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
■31:18 يىغ. 5:21
□31:19 «بىز ئۆزىمىزنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، يوتىمىزنى ئۇردۇق» ــ «يوتىنى ئۇرۇش» دېگەن ھەرىكەت قاتتىق پۇشايمان، قاتتىق خىجالەتنى بىلدۈرەتتى.
■31:19 قان. 30:2
□31:22 «پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە يېڭى ئىش يارىتىدۇ: ــ ئايال كىشى باتۇرنىڭ ئەتراپىدا يېپىشىپ خەۋەر ئالىدۇ!» ــ بۇ ئاجايىب بېشارەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. بىزنىڭچە ئۇ مەسىھنىڭ پاك قىز مەريەمدىن تۇغۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
■31:23 يەر. 50:7
□31:26 «ــ مەن يەرەمىيا بۇنى ئاڭلاپ ئويغاندىم، ئەتراپقا قارىدىم، ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاپتىمەن» ــ بەزى ئالىملار بۇ ئايەت كەلگۈسىدىكى ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ: «ئۇلار شۇ چاغدا: «بىز ھازىر ئويغىنىپ ئەتراپقا قارىساق، ياخشى ئۇيقۇدىن بەھرىمەن بولدۇق» دەيدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. بىزنىڭچە بەلكىم خۇدانىڭ سۆزى يەرەمىياغا چۈشىدە كەلگەندۇر.
□31:29 «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەن، شۇڭا بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» ــ دېمەك، ئاتا-بوۋىمىز يامان ئىش قىلغان، بىراق بىز ئۇنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى، خۇدانىڭ جازاسىنى كۆرىمىز. 30-ئايەتنى كۆرۈڭ.
■31:29 ئەز. 18:2، 3
□31:30 «ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەنلەرنىڭ بولسا، ئۆزىنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» ــ بۇ 30-ئايەتتىكى ماقال 29-ئايەتتىكى مەقۇلنىڭ ئەكسىدۇر. «ئەزاكىيال پەيغەمبەر» كىتابىدا ئىزاھلىغىنىمىز («قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە، «ئەز.» 12:18 توغرۇلۇق ئېيتىلغان)دەك، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ گۇناھلىرى بالا-ئەۋلادلىرىغا مەلۇم بىر تەسىرى باردۇر، دەپ ئەكس ئېتىدۇ؛ لېكىن خۇدا ھازىر يېڭى ئەھدىنى (31-34نى كۆرۈڭ) ئۇلار بىلەن تۈزمەكچى بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ خۇدا بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەت-دوستلۇقى بار بولىدۇ، ئۆتكەندىكى ئىشلار ئۇلارغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
■31:31 ئىبر. 8:8
□31:33 «شۇ كۈنلەردىن كېيىن» ــ بەلكىم خۇدا خەلقىنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرغاندىن كېيىن.
■31:33 يەر. 24:7؛ 30:22؛ 31:33
■31:34 يەش. 54:13؛ يەر. 33:8؛ مىك. 7:18؛ يـۇھ. 6:45؛ روس. 10:43
■31:35 يار. 1:16؛ يەش. 51:15
□31:40 «جەسەتلەر ۋە قۇربانلىق كۈللىرى تاشلىنىدىغان پۈتكۈل جىلغا» ــ مۇشۇ «جىلغا» «ھىننومنىڭ جىلغىسى» (گە-ھىننوم)نى كۆرسىتىدۇ (7-باب، 31-32-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ). بۇ جىلغىغا ئەخلەتلەر ھەم ھەرخىل ناپاك نەرسىلەر تاشلىناتتى. بۇ ئىنتايىن ناپاك، پاسكىنا جىلغىنىڭ كەلگۈسى زاماندا (ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئېيتىلغاندەك) خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس بولىدىغانلىقى ئاجايىب ئىش بولىدۇ. دېمەك، خۇدانىڭ شەپقىتى بىلەن پۈتكۈل شەھەر ۋە ئۇنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن پاك-مۇقەددەس بولىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ھازىرقى ئەتراپلىرى بۇ ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن جايلارغا كېڭەيتىلمەكتە. «جەسەتلەر... تاشلىنىدىغان... جىلغا» .. «كىدرون دەرياسى»... «ئات دەرۋازىسى» ــ شەھەرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، «كىدرون دەرياسى» شەرقىي تەرىپىگە، «ئات دەرۋازىسى» بولسا بەلكىم شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقانىدى.