□46:2 «مىسىر توغرۇلۇق: ئەفرات دەرياسى بويىدىكى كاركېمىش شەھىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، پىرەۋن-نەقونىڭ قوشۇنى توغرۇلۇق (بۇ قوشۇننى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى بىتچىت قىلغان): ــ ....» ــ مىسىر توغرۇلۇق بۇ بېشارەت پىرەۋننىڭ قوشۇنى بىتچىت قىلىنىشتىن ئىلگىرى بېرىلگەن، مۇشۇ يەردە كېيىنكى ۋاقىتتا خاتىرىلەنگەن، ئەلۋەتتە. ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە ئەرزىيدۇكى، «يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى» يەھۇدانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەم يەرەمىيانىڭ بېشارەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم يىل بولغان. شۇ يىل ئوتتۇرا شەرقتىكى «كۈچ تەڭپۇڭلۇقى» بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسارغا ئۆتكەن.
■46:4 يەر. 51:11
□46:7 «سۇلىرى دەريالاردەك ئۆزلىرىنى دولقۇنلىتىپ، نىل دەرياسى كەلكۈن كەبى كۆتۈرۈلگەندەك ئۆزىنى كۆتۈرگەن كىمدۇر!؟ » ــ ھەر يىل نىل دەرياسىغا كەلكۈندەك ئۇلۇغ سۇ كېلىدۇ. بۇ سۇ مىسىرنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى بېسىپ سۇغىرىدۇ، مىسىرنىڭ زېمىنىنى باقىدۇ، دېسەكمۇ بولىدۇ.
□46:9 «ئېفىئوپىيە».. «لىۋىيە»... «لىدىيە» ــ «ئېفىئوپىيە» ئىبرانىي تىلىدا «كۇش» دېيىلىدۇ، «لىۋىيە» («لىبيا») ئىبرانىي تىلىدا «پۇت» دېيىلىدۇ، «لىدىيە» (ھازىرقى تۈركىيەدە) ئىبرانىي تىلىدا «لۇد» دېيىلىدۇ. بۇ يەرلەردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى «ياللانما لەشكەرلەر» ئىدى.
■46:9 يەش. 66:19
□46:10 «(پەرۋەردىگار) ئۆز ياۋلىرىدىن قىساس ئالىدىغان كۈنى» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، بېشارەتتىكى «قىساس»، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە سادىق بولغان پادىشاھ يوسىيانى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 609-يىلى) ئۆلتۈرۈۋەتكەن پىرەۋن-نەكو ئۈستىدىن ئالغان بىر قىساسنى كۆرسىتىدۇ («2پاد.» 29:23 ۋە 33-35نى كۆرۈڭ). ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» ئادەتتە ئاخىرقى زاماندىكى قىيامەت كۈنىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بېشارەتنىڭ شۇ كۈنى توغرۇلۇق مەلۇماتلىرى بار بولۇشىمۇ مۇمكىن.
■46:11 يەر. 8:22
□46:14 «مىسىردا ... مىگدول... نوف ... تاھپانەس...» ــ بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى مىسىردا، ئەلۋەتتە. «چىڭ تۇر، جەڭگە بەل باغلا؛ چۈنكى قىلىچ ئەتراپىڭدىكىلەرنى يۇتۇۋاتىدۇ» ــ بېشارەت بېرىلگەن ۋاقتى بەلكىم مىلادىيەدىن ئىلگىركى 604-يىلى بولۇشى مۇمكىن. شۇ چاغدا نېبوقادنەسار فىلىستىيەنى ئىشغال قىلىپ مىسىرنىڭ چېگرىسىدا تاجاۋۇز قىلىشقا تەييار تۇراتتى. مىلادىيەدىن ئىلگىركى 568-يىلى نېبوقادنەسار مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان؛ بۇ ۋەقەدىن ئىلگىرى باشقا بىر تاجاۋۇزلۇق بار-يوقلۇقى توغرۇلۇق تېخى خەۋەرىمىز يوق.
□46:16 «بولە، تۇرايلى، زومىگەرنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ ئۆز خەلقىمىزگە ۋە ئانا يۇرتىمىزغا قايتىپ كېتەيلى!» ــ بۇ سۆزلەرنى بەلكىم مىسىر قوشۇنىدىكى چەتئەل «ياللانما لەشكەرلەر»ى ئېيتىدۇ (21نى كۆرۈڭ).
□46:18 «تابور» ۋە «كارمەل» ــ تاغلىرى بەك ئېگىز بولمىسىمۇ، ئۇلار ئەتراپىدىكى يەرلەرگە قارىغاندا كۆككە تاقاشقاندەك كۆرۈنىدۇ. مەنىسى نېبوقادنەسار قوشۇنى بىلەن بېسىپ كىرگەندە، ئۇلار باشقا پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىدىن زور دەرىجىدە كۈچلۈك كۆرۈنىدۇ.
□46:20 «كۆكۈيۈن» ــ مال-ۋارانلارنى چاقىدىغان بىرخىل چىۋىن. بۇ دەھشەتلىك كۆكۈيۈن «چىرايلىق ئىنەك» بولغان مىسىر ۋە بارلىق «تورپاقلىرى»نى (21-ئايەت) تارمار قىلىپ ھەيدەيدۇ! مىسىرلىقلار چوقۇنغان بۇت «بۇقا ئىلاھى» (ئافىس) بولغاچقا، مۇشۇ «ئىنەك» ۋە «تورپاقلار»غا نىسبەتەن 20-21-ئايەتلەر ئىنتايىن كىنايىلىك، ھەجۋىي سۆزلەردۇر.
□46:21 «ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ياللانما لەشكەرلەر بولسا بورداق تورپاقلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلارمۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ، بىرلىكتە قېچىشىدۇ؛ ئۇلار چىڭ تۇرۇۋالمايدۇ» ــ ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى كۆكۈيۈنلەر ئىنتايىن زەھەرلىك، ۋەھشىي بولۇپ، ئىنەك-تورپاقلارنى سەۋدايى، تەلۋە قىلىپ، ئۇيان-بۇيان يۈگۈرتۈپ چېچىۋېتىدۇ. «جازالىنىش كۈنى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يوقلىنىش كۈنى».
□46:22 «مىسىرنىڭ ئاۋازى يىلاننىڭكىدەك «كۈش-كۈش» قىلىپ ئاڭلىنىدۇ» ــ مەنىسى بەلكىم مىسىر قورقۇنچتىن چېكىنگەن ئامالسىز قالغان يىلاندەك، ئۇنىڭغا پەقەت «كۈش-كۈش» قىلىپ خاپالىقىنى بىلدۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق ئامال قىلالمايدۇ.
□46:23 «ئورمانلىقى قويۇقلۇقىدىن كىرگۈسىز بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنى كېسىپ يىقىتىدۇ» ــ مىسىردا دەرەخلەر ئاز بولىدۇ؛ شۇڭا بۇ سېلىشتۇرما-ئوخشىتىش بولۇشى كېرەك، بەلكىم «ئورمان» نۇرغۇنلىغان خەلق ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ.
□46:25 «مانا، مەن نو شەھىرىدىكى بۇت ئاموننى، پىرەۋننى، شۇنداقلا مىسىر ۋە ئۇنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن پادىشاھلىرىنى جازالايمەن» ــ خۇدا «ئامون» دېگەن بۇت ۋە «مىسىرنىڭ ئىلاھلىرى»نى قانداق جازالايدۇ؟ ھېچ بولمىغاندا، بۇ سۆز خۇدانىڭ مۇشۇ بۇتلارنىڭ «نام-ئابرۇي»لىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تېما توغرۇلۇق «مىسىردىن چىقىش»تىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.
■46:27 يەش. 41:13؛ 43:5؛ 44:1؛ يەر. 30:10
■46:28 يەر. 10:24؛ 30:11