48
«3» موئاب توغرۇلۇق بېشارەت
موئاب توغرۇلۇق: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ نېبونىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇ خارابە قىلىنىدۇ؛ كىرىئاتايىم خىجالەتكە قالدۇرۇلۇپ، ئىشغال قىلىنىدۇ؛ يۇقىرى قورغان بولسا خىجالەتكە قالدۇرۇلۇپ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. «يۇقىرى قورغان» ــ (ئىبرانىي تىلىدا «مىسگاب») بەلكىم بىر شەھەرنىڭ ئىسمى بولۇشى مۇمكىن.   يەر. 25‏:21؛ 27‏:3 موئاب يەنە ھېچ ماختالمايدۇ؛ ھەشبوندا كىشىلەر ئۇنىڭغا: «ئۇنى ئەل قاتارىدىن يوقىتايلى» دەپ سۇيىقەست قىلىدۇ؛ سەنمۇ، ئى مادمەن، تۈگەشتۈرۈلىسەن؛ قىلىچ سېنى قوغلايدۇ. «....نېبونىڭ ھالىغا ۋاي! ... كىرىئاتايىم خىجالەتكە قالدۇرۇلۇپ، ئىشغال قىلىنىدۇ (1-ئايەت)؛ ھەشبون ...مادمەن،...» ــ دېمىسەكمۇ، نېبو، كىرىئاتايىم، ھەشبون، مادمەن ۋە تۆۋەندىكى ئايەتلەردىكى ھورونائىم، لۇخىت، ئاروئەر، بەيت-گامۇل، دىبون قاتارلىقلار موئابتىكى شەھەرلەردۇر. خەرىتىنى كۆرۈڭ. «ھەشبون» بولسا موئابنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بېشارەت بويىچە باشقا شەھەرلەردىن ئىلگىرى بەلكىم دۈشمەن تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ ئاندىن دۈشمەننىڭ قوشۇنى ئۈچۈن بازا بولىدۇ. «ھەشبون» ۋە «سۇيىقەست» («خېشاب») ئىبرانىي تىلىدا يېقىن سۆزلەردۇر.
يەھۇدىي تارىخشۇناس يوسېفۇسنىڭ خاتىرىسى بويىچە، موئاب نېبوقادنەسار پادىشاھ تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 582-يىلى ئىگىلىنىپ، نۇرغۇن شەھەرلىرى ۋەيران قىلىنغان.
ھورونائىمدىن ئاھ-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ: ــ «ئاھ، ۋەيرانچىلىق، دەھشەتلىك پاتىپاراقچىلىق!»
موئاب بىتچىت قىلىندى! ئۇنىڭ كىچىكلىرىدىن پەريادلىرى ئاڭلىنىدۇ. بەرھەق، لۇھىتقا چىقىدىغان داۋان يولىدىن توختىماي يىغىلار كۆتۈرۈلىدۇ؛ ھورونائىمغا چۈشىدىغان يولدا ھالاكەتتىن ئازابلىق نالە-پەريادلار ئاڭلىنىدۇ. يەش. 15‏:5 قېچىڭلار، جېنىڭلارنى ئېلىپ يۈگۈرۈڭلار! چۆلدىكى بىر چاتقال بولۇڭلار! يەر. 17‏:6 چۈنكى سەن ئۆز قىلغانلىرىڭغا ۋە بايلىقلىرىڭغا تايانغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، سەنمۇ ئەسىرگە چۈشىسەن؛ بۇتۇڭ كېموش، ئۇنىڭ كاھىنلىرى ھەم ئەمىرلىرى بىلەن بىللە سۈرگۈن بولىدۇ. «بۇتۇڭ كېموش، ئۇنىڭ كاھىنلىرى ھەم ئەمىرلىرى بىلەن بىللە سۈرگۈن بولىدۇ» ــ كېموش موئاب چوقۇنغان بۇت ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا ئۆز بالىلىرىنى قۇربانلىق قىلىش ئادىتى بار ئىدى («2پاد.» 27:3نى كۆرۈڭ).   يەر. 49‏:3 ۋەيران قىلغۇچى ھەربىر شەھەرگە جەڭ قىلىدۇ؛ شەھەرلەردىن ھېچقايسى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ؛ پەرۋەردىگار دېگەندەك جىلغىمۇ خارابە بولىدۇ، تۈزلەڭلىكمۇ ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. «پەرۋەردىگار دېگەندەك جىلغىمۇ خارابە بولىدۇ، تۈزلەڭلىكمۇ ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ» ــ «جىلغا» ۋە «تۈزلەڭلىك» موئابنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ.
 
دالدىغا بېرىپ قېچىش ئۈچۈن موئابقا قاناتلارنى بېرىڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابىلىك، ئادەمزاتسىز بولىدۇ «دالدىغا بېرىپ قېچىش ئۈچۈن موئابقا قاناتلارنى بېرىڭلار!» ــ بۇ جۈملىدىكى ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس. ئوقۇرمەنلەر باشقا خىل تەرجىمىلەرنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن. 10 (پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالسۇن! قىلىچىنى قان تۆكۈشتىن قالدۇرغان كىشى لەنەتكە قالسۇن!). «پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالسۇن! قىلىچىنى قان تۆكۈشتىن قالدۇرغان كىشى لەنەتكە قالسۇن!» ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي سۆزلەر كەلگۈسىدە موئابقا ھۇجۇم قىلىدىغان بابىللىق لەشكەرلەرگە ئېيتىلىدۇ.
11 موئاب ياشلىقىدىن تارتىپ كەڭ-كۇشادە ياشاپ ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك ئەندىشىسىز بولۇپ كەلگەن؛ ئۇ ھېچقاچان كۈپتىن كۈپكە قۇيۇلغان ئەمەس، ياكى ھېچ سۈرگۈن بولغان ئەمەس؛ شۇڭا ئۇنىڭ تەمى بىرخىل بولۇپ، پۇرىقى ھېچ ئۆزگەرمىگەن. «موئاب ياشلىقىدىن تارتىپ كەڭ-كۇشادە ياشاپ ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك ئەندىشىسىز بولۇپ كەلگەن» ــ شاراب تىنىشى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىتىلماي تۇرۇشى كېرەك. تىنغان «ئارزاڭلار»، (دۇغ، چۆكۈندە) ناھايىتى ئاچچىق بىر نەرسە، ئەلۋەتتە. شۇڭا باشقا كۈپكە قۇيۇلماي قالسا، تەمى قىرتىق، ئاچچىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە. «ئۇ ھېچقاچان كۈپتىن كۈپكە قۇيۇلغان ئەمەس، ياكى ھېچ سۈرگۈن بولغان ئەمەس؛ شۇڭا ئۇنىڭ تەمى بىرخىل بولۇپ، پۇرىقى ھېچ ئۆزگەرمىگەن» ــ بۇ ئوخشىتىش بەلكىم موئابنىڭ ھېچ قىيىنچىلىققا ئۇچرىماي، كۆرەڭلىك قىلغانلىقى، تولىمۇ كېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.   زەف. 1‏:12 12 شۇڭا ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭ يېنىغا ئۇلارنى ئۆز كۈپىدىن تۆكىدىغان تۆككۈچىلەرنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئۇنىڭ كۈپلىرىنى قۇرۇقدايدۇ، ئۇنىڭ چۆگۈنلىرىنى چېقىۋېتىدۇ. «مەن ئۇنىڭ يېنىغا ئۇلارنى ئۆز كۈپىدىن تۆكىدىغان تۆككۈچىلەرنى ئەۋەتىمەن» ــ بۇ ئوخشىتىشتىكى «شاراب» موئابتىكى ئاھالىنى، «كۈپلىرى»، «چۆگۈنلىرى» ئۇنىڭ يۇرت-شەھەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 13 ئۆتكەندە ئىسرائىل جەمەتى ئۆز تايانچىسى بولغان بەيت-ئەل تۈپەيلىدىن يەرگە قاراپ قالغاندەك موئابمۇ كېموش تۈپەيلىدىن يەرگە قاراپ قالىدۇ. «بەيت-ئەل» ــ مۇشۇ شەھەر ئىسرائىل (شىمالىي پادىشاھلىق)نىڭ چوڭ بۇتپەرەس مەركىزى بولۇپ، ئۇلار شۇ يەردە «ئالتۇن موزاي بۇت»نى قۇرغان («1پاد.» 12-بابنى، «ھوش.» 5:10 ھەم 5:8-6، «ئام.» 10:7-17نى كۆرۈڭ).   1پاد. 12‏:29
14 سىلەر قانداقمۇ: «بىز باتۇر، جەڭگىۋار پالۋانمىز!» ــ دېيەلەيسىلەر؟ 15 موئابنىڭ زېمىنى خارابە قىلىنىدۇ؛ دۈشمەن ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىغا چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ ئېسىل يىگىتلىرى قەتل قىلىنىشقا چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پادىشاھ، يەنى نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
16 ــ موئابنىڭ ھالاكىتى يېقىنلاشتى، ئۇنىڭ كۈلپىتى بېشىغا چۈشۈشكە ئالدىرايدۇ. 17 ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار؛ ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى بىلگەنلەر: «كۈچلۈك شاھانە ھاسىسى، گۈزەل تايىقىمۇ شۇنچە سۇندۇرۇلدىغۇ!» ــ دەڭلار. 18 شان-شۆھرىتىڭدىن چۈشۈپ قاغجىراپ كەتكەن يەردە ئولتۇر، ئى دىبوندا تۇرۇۋاتقان قىز؛ چۈنكى موئابنى ھالاك قىلغۇچى ساڭا جەڭ قىلىشقا يېتىپ كەلدى؛ ئۇ ئىستىھكام-قورغانلىرىڭنى بەربات قىلىدۇ.
19 يول بويىدا كۆزەت قىل، ئى ئاروئەردە تۇرۇۋاتقان قىز؛ بەدەر تىكىۋاتقان ئەردىن ۋە قېچىۋاتقان قىزدىن: «نېمە بولدى؟» دەپ سورا؛ 20 «موئاب خىجالەتكە قالدى، چۈنكى ئۇ بىتچىت قىلىندى!» دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. ئاھ-زار تارتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرۈڭلار؛ ئارنوندا: «موئاب ھالاك قىلىندى» ــ دەپ جاكارلاڭلار. يەش. 16‏:7 21 جازا ھۆكۈمى تۈزلەڭلىك جايلىرى ئۈستىگە چىقىرىلدى؛ ھولون، ياھاز ۋە مەفائات ئۈستىگە، 22 دىبون، نېبو ھەم بەيت-دىبلاتائىم ئۈستىگە، 23 كىرىئاتايىم، بەيت-گامۇل ھەم بەيت-مېئون ئۈستىگە، 24 كېرىئوت، بوزراھ ھەم موئابدىكى يىراق-يېقىن بارلىق شەھەرلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىدۇ. 25 موئابنىڭ مۈڭگۈزى كېسىۋېتىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلىكى سۇندۇرۇلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. «موئابنىڭ مۈڭگۈزى كېسىۋېتىلىدۇ» ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتى ياكى ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن ئەمەس، ئەلۋەتتە! 26 ــ ئۇنى مەست قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغان؛ موئاب ئۆز قۇسۇقىدا ئېغىناپ ياتسۇن، شۇنىڭ بىلەن رەسۋا قىلىنسۇن. «موئابنى مەست قىلىڭلار» ــ يۇقىرىدا (25-بابتا) يەرەمىيا «پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە تولغان قەدەھ» توغرۇلۇق سۆزلىگەچكە، بەزى ئالىملار بۇ «مەستلىك» شۇ قەدەھتىن ئىچىشتىن بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە بۇ بىر تەرەپتىن توغرا، خۇدانىڭ غەزىپى بېشىغا چۈشۈرۈلگەندە دەسلەپتىلا ئەقلىنى يوقىتىپ ئالجىغانلىقى بولىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ تەكىتلەيدىغىنى ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت. 27 چۈنكى سەن موئاب ئىسرائىلنى مازاق قىلغان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئوغرىلار قاتارىدا تۇتۇۋېلىنغانمۇ، سەن ئۇنى تىلغا ئالساڭلا بېشىڭنى چايقايسەن؟!
28 شەھەرلەردىن چىقىپ تاش-قىيالار ئارىسىنى تۇرالغۇ قىلىڭلار، ئى موئابدا تۇرۇۋاتقانلار؛ غار ئاغزىدا ئۇۋىلىغان پاختەكتەك بولۇڭلار!
29 بىز موئابنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى (ئۇ ئىنتايىن ھاكاۋۇر!)، يەنى ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى، ھاكاۋۇرلۇقى، كۆڭلىدىكى مەغرۇر-كۆرەڭلىكى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق. «بىز موئابنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ...، يەنى ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى، .... كۆڭلىدىكى مەغرۇر-كۆرەڭلىكى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق» ــ بۇ ئايەتتىكى «بىز... ئاڭلىدۇق» دېگۈچى خۇدانىڭ ئۆزىدۇر. خۇدا ئۆزى توغرۇلۇق «بىز» دەپ ئىشلەتكەنلىكى تەۋراتتىكى باشقا يەرلەردىمۇ بار؛ مەسىلەن «يار.» 26:1، 22:3، 7:11نى ھەم «يەش.» 8:6نى كۆرۈڭ. بەزى ئالىملار ئايەتتىكى «بىز»نى يەرەمىيا ھەم يەھۇدا خەلقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.   يەش. 16‏:6 30 مەن ئۇنىڭ نوچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق نوچىلىقى كارغا يارىمايدۇ؛ ئۇنىڭ چوڭ گەپلىرى بىكار بولىدۇ. 31 شۇڭا مەن موئاب ئۈچۈن زار يىغلايمەن، موئابنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن زار-زار كۆتۈرىمەن؛
كىر-خارەسەتتىكىلەر ئۈچۈن ئاھ-پىغان ئاڭلىنىدۇ.
32 ئى سىبماھتىكى ئۈزۈم تېلى، مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن تەڭ سەن ئۈچۈن يىغلايمەن؛ سېنىڭ پېلەكلىرىڭ سوزۇلۇپ، ئەسلىدە «ئۆلۈك دېڭىز»نىڭ نېرىغا يەتكەنىدى؛ ئۇلار ئەسلىدە يائازەر شەھىرىگىچىمۇ يەتكەنىدى. لېكىن سېنىڭ يازلىق مېۋىلىرىڭگە، ئۈزۈم ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە بۇزغۇچى بېسىپ كېلىدۇ. «ئى سىبماھتىكى ئۈزۈم تېلى، مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن تەڭ سەن ئۈچۈن يىغلايمەن...» ــ 30-ئايەتتىكى سۆزلىگۈچى خۇدا بولغاندىن كېيىن («مەن ..بىلىمەن...») شۈبھىسىزكى، 31-، 32- ھەم 36-ئايەتلەردىكى سۆزلىگۈچىمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدۇر. بۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. خۇدا يائازەردىكىلەرنى جازالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىبماھدىكى يوقىغان ئۈزۈمزارلار ئۈچۈن يىغلايدۇ. لېكىن خۇدا ئۇلارنى جازالىشى بىلەن ئۇلار بىلەن تەڭ قايغۇرىدۇ. ««ئۆلۈك دېڭىز»» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يائازەر دېڭىزى». «ئۇلار (سېنىڭ پېلەكلىرىڭ) ئەسلىدە يائازەر شەھىرىگىچىمۇ يەتكەنىدى...» ــ «يائازەر» بولسا موئابنىڭ شىمالىي چېگراسىغا يىراقراق بولۇپ، شەرق تەرىپى «چۆل-دالىلار»، غەرب تەرىپى «دېڭىز». دېمەك، موئاب خىلۋەت جاي بولغىنى بىلەن خېلى يىراقلارغا تەسىرى بولغان بىر مەملىكەتكە ئايلانغان. «يازلىق مېۋىلىرى» ئەنجۈر، خورما ۋە ئۈزۈملەرنى كۆرسىتىدۇ. 33 شۇنىڭ بىلەن شادلىق ۋە خۇشاللىق موئابنىڭ باغ-ئېتىزلىرىدىن ۋە زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ مەن ئۈزۈم كۆلچەكلەردىن شارابنى يوقىتىمەن؛ ئۈزۈم چەيلىگۈچىلەرنىڭ تەنتەنە ئاۋازلىرى قايتىدىن ياڭرىمايدۇ؛ ئاۋازلار بولسا تەنتەنە ئاۋازلىرى ئەمەس، جەڭ ئاۋازلىرى بولىدۇ. يەش. 16‏:10 34 چۈنكى نالە-پەريادلار ھەشبوندىن كۆتۈرۈلۈپ، ياھازغىچە ۋە ئېلېئالاھغىچە يېتىدۇ؛ نالە ئاۋازلىرى زوئاردىن كۆتۈرۈلۈپ، ھورونائىمغىچە ۋە ئەگلات-شېلىشىياغىچە يېتىدۇ؛ ھەتتا نىمرىمدىكى سۇلارمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ. «...نالە-پەريادلار ھەشبوندىن كۆتۈرۈلۈپ، ياھازغىچە ۋە ئېلېئالاھغىچە يېتىدۇ...» ــ ئېلېئالاھ ھەشبوننىڭ شىمالىي تەرىپىدىن 2 كىلومېتر يىراق؛ ياھاز ئۇنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن 2 كىلومېتر يىراق. بۇ ئۈچىسى موئابنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. زوئار، ھورونائىم ۋە ئەگلات-شېلىشىيا موئابنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئايەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسى، «تاجاۋۇزلۇق باشلاندى» دېگەن بولۇپ، بۇ خەۋەر موئابنىڭ پۈتكۈل زېمىنىغا پۇر كېتىدۇ.   يەش. 15‏:5، 6 35 مەن موئابتا «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلغۇچىلارنى ۋە يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياققۇچىلارنى يوقىتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. «يۇقىرى جايلار» ــ بۇتپەرەسلىككە ئاتاپ بېغىشلانغان جايلار ئىدى.
36 ــ شۇڭا مېنىڭ قەلبىم موئاب ئۈچۈن نەيدەك مۇڭلۇق مەرسىيە كۆتۈرىدۇ؛ مېنىڭ قەلبىم كىر-ھەرەستىكىلەر ئۈچۈنمۇ نەيدەك مۇڭلۇق مەرسىيە كۆتۈرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئىگىلىۋالغان بايلىق-خەزىنىلەر يوقاپ كېتىدۇ. 37 ھەممە باش تاقىر قىلدۇرۇلغان، ھەممە ساقال چۈشۈرۈلگەن؛ ھەممە قول تىتما-تىتما كېسىلگەن، ھەممە چاتىراققا بۆز كىيىلگەن. «ھەممە باش تاقىر قىلدۇرۇلغان، ھەممە ساقال چۈشۈرۈلگەن؛ ھەممە قول تىتما-تىتما كېسىلگەن، ھەممە چاتىراققا بۆز كىيىلگەن» ــ دېمىسەكمۇ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق ماتەمنى بىلدۈرىدۇ.   يەش. 15‏:2، 3؛ يەر. 47‏:5 38 موئابنىڭ بارلىق ئۆي ئۆگزىلىرى ئۈستىدە ۋە مەيدانلاردا ماتەم تۇتۇشتىن باشقا ئىش بولمايدۇ؛ چۈنكى مەن موئابنى ھېچكىمگە ياقمايدىغان بىر قاچىدەك چېقىپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 39 ــ ئۇلار پىغاندىن زارلىشىدۇ؛ موئاب شۇنچىلىك پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇكى، ئۇ خىجالەتتىن كۆپچىلىككە ئارقىسىنى قىلىدۇ؛ موئاب ئەتراپىدىكى ھەممە تەرىپىدىن رەسۋا قىلىنىدىغان، ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت بولىدۇ. «ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت» ــ باشقىلار موئابنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئاپەتكە قاراپ «بۇنداق دەھشەتلىك ئىش ئۆز بېشىمىزغىمۇ چۈشەرمۇ؟» دەپ ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.
40 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بىرسى بۈركۈتتەك قاناتلىرىنى كېرىپ پەرۋاز قىلىپ، موئاب ئۈستىگە شۇڭغۇپ چۈشىدۇ. يەر. 4‏:13 41 شەھەرلىرى ئىشغال بولىدۇ، ئىستىھكاملار ئىگىلىۋېلىنىدۇ؛ شۇ كۈنى موئابدىكى پالۋانلارنىڭ يۈرىكى تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭ يۈرىكىدەك بولىدۇ. «شەھەرلىرى ئىشغال بولىدۇ» ــ «شەھەرلىرى»نىڭ باشقا تەرجىمىسى «كېرىيوت» (شەھەرنىڭ ئىسمى). 42 موئاب ئەل قاتارىدىن يوقىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغان؛ 43 ۋەھشەت، ئورا ۋە قىلتاق بېشىڭلارغا چۈشۈشنى كۈتمەكتە، ئى موئابدا تۇرۇۋاتقانلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 44 ــ ۋەھشەتتىن قاچقان ئورىغا يىقىلىدۇ؛ ئورىدىن چىققان قىلتاققا تۇتۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەنى موئاب ئۈستىگە جازالىنىش يىلىنى چۈشۈرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. «جازالىنىش يىلى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يوقلىنىشى يىلى».
45 قاچقانلار ھەشبون سېپىلىنىڭ دالدىسىدا تۇرۇپ ئامالسىز قالىدۇ؛ چۈنكى ھەشبوندىن ئوت، ھەم مەھرۇم سىھون پادىشاھنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىن بىر يالقۇن پارتلاپ چىقىدۇ ۋە موئابنىڭ چېكىلىرىنى، سوقۇشقاق خەلقنىڭ باش چوققىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. قاچقانلار ھەشبون سېپىلىنىڭ دالدىسىدا تۇرۇپ ئامالسىز قالىدۇ؛ چۈنكى ھەشبوندىن ئوت، ھەم (مەھرۇم) سىھون پادىشاھنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىن بىر يالقۇن پارتلاپ چىقىدۇ» ــ ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھون نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى ھەشبون شەھىرىنى ئىشغال قىلغان، ئاندىن كېيىن موئابنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانىدى («چۆل.» 28:21-29نى كۆرۈڭ). «ئوت.... موئابنىڭ چېكىلىرىنى، سوقۇشقاق خەلقنىڭ باش چوققىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ» ــ «چېكىلىرىنى... باش چوققىلىرىنى...» بەلكىم موئابنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن «باش بولغانلارنى» ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. يەرەمىيانىڭ بېشارىتى ئالدىنئالا كۆرسەتكەن بۇ ھالاكەت تېخىمۇ قەدىمكى يەنە بىر بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولىدۇ («چۆل.» 17:24نى ۋە 28:21-29نى كۆرۈڭ).   چۆل. 21‏:28 46 ھالىڭغا ۋاي، ئى موئاب! كېموشقا تەۋە بولغان ئەل نابۇت بولدى؛ ئوغۇللىرىڭ ئەسىرگە چۈشىدۇ، قىزلىرىڭ سۈرگۈن بولىدۇ. 47 لېكىن، ئاخىرقى زامانلاردا موئابنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
موئاب ئۈستىگە چىقىرىدىغان ھۆكۈم مۇشۇ يەرگىچە.
 
 

48:1 «يۇقىرى قورغان» ــ (ئىبرانىي تىلىدا «مىسگاب») بەلكىم بىر شەھەرنىڭ ئىسمى بولۇشى مۇمكىن.

48:1 يەر. 25‏:21؛ 27‏:3

48:2 «....نېبونىڭ ھالىغا ۋاي! ... كىرىئاتايىم خىجالەتكە قالدۇرۇلۇپ، ئىشغال قىلىنىدۇ (1-ئايەت)؛ ھەشبون ...مادمەن،...» ــ دېمىسەكمۇ، نېبو، كىرىئاتايىم، ھەشبون، مادمەن ۋە تۆۋەندىكى ئايەتلەردىكى ھورونائىم، لۇخىت، ئاروئەر، بەيت-گامۇل، دىبون قاتارلىقلار موئابتىكى شەھەرلەردۇر. خەرىتىنى كۆرۈڭ. «ھەشبون» بولسا موئابنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بېشارەت بويىچە باشقا شەھەرلەردىن ئىلگىرى بەلكىم دۈشمەن تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ ئاندىن دۈشمەننىڭ قوشۇنى ئۈچۈن بازا بولىدۇ. «ھەشبون» ۋە «سۇيىقەست» («خېشاب») ئىبرانىي تىلىدا يېقىن سۆزلەردۇر. يەھۇدىي تارىخشۇناس يوسېفۇسنىڭ خاتىرىسى بويىچە، موئاب نېبوقادنەسار پادىشاھ تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 582-يىلى ئىگىلىنىپ، نۇرغۇن شەھەرلىرى ۋەيران قىلىنغان.

48:5 يەش. 15‏:5

48:6 يەر. 17‏:6

48:7 «بۇتۇڭ كېموش، ئۇنىڭ كاھىنلىرى ھەم ئەمىرلىرى بىلەن بىللە سۈرگۈن بولىدۇ» ــ كېموش موئاب چوقۇنغان بۇت ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا ئۆز بالىلىرىنى قۇربانلىق قىلىش ئادىتى بار ئىدى («2پاد.» 27:3نى كۆرۈڭ).

48:7 يەر. 49‏:3

48:8 «پەرۋەردىگار دېگەندەك جىلغىمۇ خارابە بولىدۇ، تۈزلەڭلىكمۇ ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ» ــ «جىلغا» ۋە «تۈزلەڭلىك» موئابنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ.

48:9 «دالدىغا بېرىپ قېچىش ئۈچۈن موئابقا قاناتلارنى بېرىڭلار!» ــ بۇ جۈملىدىكى ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس. ئوقۇرمەنلەر باشقا خىل تەرجىمىلەرنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن.

48:10 «پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالسۇن! قىلىچىنى قان تۆكۈشتىن قالدۇرغان كىشى لەنەتكە قالسۇن!» ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي سۆزلەر كەلگۈسىدە موئابقا ھۇجۇم قىلىدىغان بابىللىق لەشكەرلەرگە ئېيتىلىدۇ.

48:11 «موئاب ياشلىقىدىن تارتىپ كەڭ-كۇشادە ياشاپ ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك ئەندىشىسىز بولۇپ كەلگەن» ــ شاراب تىنىشى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىتىلماي تۇرۇشى كېرەك. تىنغان «ئارزاڭلار»، (دۇغ، چۆكۈندە) ناھايىتى ئاچچىق بىر نەرسە، ئەلۋەتتە. شۇڭا باشقا كۈپكە قۇيۇلماي قالسا، تەمى قىرتىق، ئاچچىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە. «ئۇ ھېچقاچان كۈپتىن كۈپكە قۇيۇلغان ئەمەس، ياكى ھېچ سۈرگۈن بولغان ئەمەس؛ شۇڭا ئۇنىڭ تەمى بىرخىل بولۇپ، پۇرىقى ھېچ ئۆزگەرمىگەن» ــ بۇ ئوخشىتىش بەلكىم موئابنىڭ ھېچ قىيىنچىلىققا ئۇچرىماي، كۆرەڭلىك قىلغانلىقى، تولىمۇ كېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

48:11 زەف. 1‏:12

48:12 «مەن ئۇنىڭ يېنىغا ئۇلارنى ئۆز كۈپىدىن تۆكىدىغان تۆككۈچىلەرنى ئەۋەتىمەن» ــ بۇ ئوخشىتىشتىكى «شاراب» موئابتىكى ئاھالىنى، «كۈپلىرى»، «چۆگۈنلىرى» ئۇنىڭ يۇرت-شەھەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

48:13 «بەيت-ئەل» ــ مۇشۇ شەھەر ئىسرائىل (شىمالىي پادىشاھلىق)نىڭ چوڭ بۇتپەرەس مەركىزى بولۇپ، ئۇلار شۇ يەردە «ئالتۇن موزاي بۇت»نى قۇرغان («1پاد.» 12-بابنى، «ھوش.» 5:10 ھەم 5:8-6، «ئام.» 10:7-17نى كۆرۈڭ).

48:13 1پاد. 12‏:29

48:20 يەش. 16‏:7

48:25 «موئابنىڭ مۈڭگۈزى كېسىۋېتىلىدۇ» ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتى ياكى ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن ئەمەس، ئەلۋەتتە!

48:26 «موئابنى مەست قىلىڭلار» ــ يۇقىرىدا (25-بابتا) يەرەمىيا «پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە تولغان قەدەھ» توغرۇلۇق سۆزلىگەچكە، بەزى ئالىملار بۇ «مەستلىك» شۇ قەدەھتىن ئىچىشتىن بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە بۇ بىر تەرەپتىن توغرا، خۇدانىڭ غەزىپى بېشىغا چۈشۈرۈلگەندە دەسلەپتىلا ئەقلىنى يوقىتىپ ئالجىغانلىقى بولىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ تەكىتلەيدىغىنى ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت.

48:29 «بىز موئابنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ...، يەنى ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى، .... كۆڭلىدىكى مەغرۇر-كۆرەڭلىكى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق» ــ بۇ ئايەتتىكى «بىز... ئاڭلىدۇق» دېگۈچى خۇدانىڭ ئۆزىدۇر. خۇدا ئۆزى توغرۇلۇق «بىز» دەپ ئىشلەتكەنلىكى تەۋراتتىكى باشقا يەرلەردىمۇ بار؛ مەسىلەن «يار.» 26:1، 22:3، 7:11نى ھەم «يەش.» 8:6نى كۆرۈڭ. بەزى ئالىملار ئايەتتىكى «بىز»نى يەرەمىيا ھەم يەھۇدا خەلقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

48:29 يەش. 16‏:6

48:32 «ئى سىبماھتىكى ئۈزۈم تېلى، مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن تەڭ سەن ئۈچۈن يىغلايمەن...» ــ 30-ئايەتتىكى سۆزلىگۈچى خۇدا بولغاندىن كېيىن («مەن ..بىلىمەن...») شۈبھىسىزكى، 31-، 32- ھەم 36-ئايەتلەردىكى سۆزلىگۈچىمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدۇر. بۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. خۇدا يائازەردىكىلەرنى جازالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىبماھدىكى يوقىغان ئۈزۈمزارلار ئۈچۈن يىغلايدۇ. لېكىن خۇدا ئۇلارنى جازالىشى بىلەن ئۇلار بىلەن تەڭ قايغۇرىدۇ. ««ئۆلۈك دېڭىز»» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يائازەر دېڭىزى». «ئۇلار (سېنىڭ پېلەكلىرىڭ) ئەسلىدە يائازەر شەھىرىگىچىمۇ يەتكەنىدى...» ــ «يائازەر» بولسا موئابنىڭ شىمالىي چېگراسىغا يىراقراق بولۇپ، شەرق تەرىپى «چۆل-دالىلار»، غەرب تەرىپى «دېڭىز». دېمەك، موئاب خىلۋەت جاي بولغىنى بىلەن خېلى يىراقلارغا تەسىرى بولغان بىر مەملىكەتكە ئايلانغان. «يازلىق مېۋىلىرى» ئەنجۈر، خورما ۋە ئۈزۈملەرنى كۆرسىتىدۇ.

48:33 يەش. 16‏:10

48:34 «...نالە-پەريادلار ھەشبوندىن كۆتۈرۈلۈپ، ياھازغىچە ۋە ئېلېئالاھغىچە يېتىدۇ...» ــ ئېلېئالاھ ھەشبوننىڭ شىمالىي تەرىپىدىن 2 كىلومېتر يىراق؛ ياھاز ئۇنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن 2 كىلومېتر يىراق. بۇ ئۈچىسى موئابنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. زوئار، ھورونائىم ۋە ئەگلات-شېلىشىيا موئابنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئايەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسى، «تاجاۋۇزلۇق باشلاندى» دېگەن بولۇپ، بۇ خەۋەر موئابنىڭ پۈتكۈل زېمىنىغا پۇر كېتىدۇ.

48:34 يەش. 15‏:5، 6

48:35 «يۇقىرى جايلار» ــ بۇتپەرەسلىككە ئاتاپ بېغىشلانغان جايلار ئىدى.

48:37 «ھەممە باش تاقىر قىلدۇرۇلغان، ھەممە ساقال چۈشۈرۈلگەن؛ ھەممە قول تىتما-تىتما كېسىلگەن، ھەممە چاتىراققا بۆز كىيىلگەن» ــ دېمىسەكمۇ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق ماتەمنى بىلدۈرىدۇ.

48:37 يەش. 15‏:2، 3؛ يەر. 47‏:5

48:39 «ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت» ــ باشقىلار موئابنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئاپەتكە قاراپ «بۇنداق دەھشەتلىك ئىش ئۆز بېشىمىزغىمۇ چۈشەرمۇ؟» دەپ ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.

48:40 يەر. 4‏:13

48:41 «شەھەرلىرى ئىشغال بولىدۇ» ــ «شەھەرلىرى»نىڭ باشقا تەرجىمىسى «كېرىيوت» (شەھەرنىڭ ئىسمى).

48:44 «جازالىنىش يىلى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يوقلىنىشى يىلى».

48:45 قاچقانلار ھەشبون سېپىلىنىڭ دالدىسىدا تۇرۇپ ئامالسىز قالىدۇ؛ چۈنكى ھەشبوندىن ئوت، ھەم (مەھرۇم) سىھون پادىشاھنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىن بىر يالقۇن پارتلاپ چىقىدۇ» ــ ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھون نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى ھەشبون شەھىرىنى ئىشغال قىلغان، ئاندىن كېيىن موئابنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانىدى («چۆل.» 28:21-29نى كۆرۈڭ). «ئوت.... موئابنىڭ چېكىلىرىنى، سوقۇشقاق خەلقنىڭ باش چوققىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ» ــ «چېكىلىرىنى... باش چوققىلىرىنى...» بەلكىم موئابنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن «باش بولغانلارنى» ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. يەرەمىيانىڭ بېشارىتى ئالدىنئالا كۆرسەتكەن بۇ ھالاكەت تېخىمۇ قەدىمكى يەنە بىر بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولىدۇ («چۆل.» 17:24نى ۋە 28:21-29نى كۆرۈڭ).

48:45 چۆل. 21‏:28