■14:1 زەب. 90:5-6، 9-10؛ 102:11؛ 103:15؛ 144:4؛ ياق. 4:14
■14:2 ئايۇپ 8:9؛ زەب. 90:5-6، 9-10؛ 102:11؛ 103:15؛ 144:4؛ يەش. 40:6؛ 1پېت. 1:24
□14:3 «مېنى ئۆز ئالدىڭغا سوراققا تارتىۋاتامسەن؟» ــ ياكى «ئۇنى ئۆز ئالدىڭغا سوراققا تارتىۋاتامسەن؟».
■14:3 ئايۇپ 7:17،18؛ 10:20
□14:4 «كىم ناپاك نەرسىلەردىن پاك نەرسىنى چىقىرالايدۇ؟ ــ ھېچكىم!» ــ دېمەك، ئىنسان بالىسى خۇدانىڭ ئالدىدا قانداق قىلىپ پاك بولالايدۇ ھەم قوبۇل قىلىنالايدۇ؟ ئايۇپنىڭ ئۆزى 19-بابتا بېشارەت قىلىپ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ.
■14:4 يار. 5:3؛ زەب. 51:5-7؛ يـۇھ. 3:6؛ رىم. 5:12؛ ئەف. 2:3
■14:5 ئايۇپ 7:1
□14:6 «ئۇنىڭ بىرئاز دەم ئېلىشى ئۈچۈن ... مەدىكاردەك ئۇنىڭغا ئۆز كۈنلىرىدىن سۆيۈنۈش نېسىپ بولسۇن!» ــ ئايۇپنىڭ دېگىنى بويىچە ئىنسانلارغا ئادەتتىكى تۇرمۇشنىڭ (مەدىكارنىڭكىدەك) جاپاسى كۇپايە، شۇڭا ئۇ بۇ جاپالىق ھايات كۈنلىرىدىن ئازراققىنە ھۇزۇر ئالسۇن، «بۇ ئادەتتىكى جاپاغا تېخىمۇ كۆپ جاپا ئارتمىغايسەن» دېگەن مەنىدە.
■14:6 ئايۇپ 7:1، 2، 16، 19؛ 10:20
□14:13 «تەھتىسارا» ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ. يەنىلا 7-باب، 9-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
□14:14 «ئادەم ئۆلسە، قايتا ياشامدۇ؟ شۇنداق بولسا ... سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتەتتىم!» ــ ئايۇپنىڭ ئىنساننىڭ ئۈلۈمدىن (يەنى تەھتىسارادىن) تىرىلىشى توغرىسىدا خەۋىرى يوق. بىراق ئۇ بۇنداق ئىش بولسىلا، نەقەدەر ياخشى بولاتتى، ئۇنداق ئۈمىد ۋە سەۋر-تاقەت بىلەن خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى («شۇنداق ئۆزگىرىش»نى) كۈتەتتىم، دەيدۇ. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىلىشى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ (19-بابتا).
□14:15 «شۇنداق بولسا ... سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭغا ئۈمىد-ئارزۇيۇڭ بولاتتى» ــ ئايۇپ يەنىلا خۇدانىڭ ئۆزى تۈجۈپىلەپ ياراتقان ھەممە ئىنسانغا بولغان ئاجايىب ئۈمىد-ئارزۇسىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
□14:16 «بىراق سەن ھازىر ھەربىر دەسسىگەن قەدەملىرىمنى ساناپ...» ــ ياكى «چۈنكى سەن ھازىر ھەربىر دەسسىگەن قەدەملىرىمنى ساناپ...».
■14:16 ئايۇپ 31:4؛ 34:21؛ زەب. 56:8؛ 139:1-5؛ پەند. 5:21؛ يەر. 32:19
□14:17 «ئىتائەتسىزلىكىم خالتىغا سېلىنىپ پېچەتلەندى...» ــ بەزى تەرجىمانلار ئايۇپنىڭ مۇشۇ سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى، خۇدا ئايۇپنىڭ گۇناھلىرىنى ياپقانىكەن، دەپ قارايدۇ. بىز ئەكسىچە، ئايۇپنىڭ مۇشۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى خۇدا ئۇنى تېخىمۇ ئەيىبلەش ئۈچۈن گۇناھلىرىنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ پېچەتلەپ ساقلاپ قويغان، دەپ چۈشىنىمىز.
□14:22 «ئۇ پەقەت ئۆز تېنىدىكى ئاغرىقىدىنلا ئازابلىنىدۇ، ... ھەسرەت-نادامەت چېكىدۇ» ــ ئايۇپ مۇشۇ يەردە ئىنسان گۆرگە چۈشكەندىن كېيىن ئۆز تېنىنىڭ چىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قىينىلىدۇ، دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن.