بىلداد يەنە خۇدا ئىنساندىن ئۇلۇغ ھەم ئالىي بولغاچقا، ئايۇپ ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشاي، ھۇزۇرىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەي دەپ ئۆز ئەقلىدىن ئاداشقان، دەپ مازاق قىلىدۇ ــ دېمەك، بىلداد «ئىنساننىڭ خۇدا بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشى، كۆرۈشۈشى زادى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن كۆزقاراشتا بولىدۇ. بىراق ئايۇپ ئاخىرىدا ھەقىقەتەن خۇدا بىلەن كۆرۈشىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئايۇپنى خۇدانى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھى دەپ بىلگەن كىشى، دەپ كۆرەلەيمىز (4:29). ■ ئايۇپ 13:14؛ زەب. 113:6؛ يەش. 54:10؛ مات. 10:29-31؛ رىم. 8:32
باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەشرىقتىكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، مەغرىبتىكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، مەشرىقتىكىلەرمۇ چۆچۈپ كېتىدۇ».
□18:3 «بىز نېمىشقا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ھايۋانلار ھېسابلىنىمىز؟» ــ «سىلەر» دېگەن سۆزگە قارىغاندا، بىلدادنىڭ بۇ سۆزىنىڭ پەقەت ئايۇپقىلا قىلىنغان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ يېنىدا گەپ ئاڭلىغۇچىلاردىن بەزىلەر ئايۇپنىڭ جاسارەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قول قويدىمۇ-يا؟
□18:4 «ھەي ئۆزۈڭنىڭ غەزىپىدە ئۆزۈڭنى يىرتقۇچى، سېنى دەپلا ... تاغ-تاشلار ئۆز ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟!» ــ ئايۇپ 16-باب، 9-ئايەتتە، «ئۇ (خۇدا)نىڭ غەزىپى مېنى تىتما قىلدى» دېگەن. بىلداد، شۈبھىسىزكى، بۇ گەپنى مازاق قىلىپ: «سېنىڭ يىرتىلىشىڭ خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز-ئۆزۈڭنىڭ غەزىپى بىلەندۇر» دېمەكچى. بىلداد يەنە خۇدا ئىنساندىن ئۇلۇغ ھەم ئالىي بولغاچقا، ئايۇپ ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشاي، ھۇزۇرىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەي دەپ ئۆز ئەقلىدىن ئاداشقان، دەپ مازاق قىلىدۇ ــ دېمەك، بىلداد «ئىنساننىڭ خۇدا بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشى، كۆرۈشۈشى زادى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن كۆزقاراشتا بولىدۇ. بىراق ئايۇپ ئاخىرىدا ھەقىقەتەن خۇدا بىلەن كۆرۈشىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئايۇپنى خۇدانى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھى دەپ بىلگەن كىشى، دەپ كۆرەلەيمىز (4:29).
■18:4 ئايۇپ 13:14؛ زەب. 113:6؛ يەش. 54:10؛ مات. 10:29-31؛ رىم. 8:32
■18:9 ئايۇپ 5:5
■18:11 ئايۇپ 15:21؛ يەر. 6:25؛ 46:5؛ 49:29
□18:12 «ماغدۇرىنى ئاچارچىلىق يەپ تۈگەتتى» ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى «بالايىئاپەت ئۇنى يۇتۇۋېتىشكە ئاچكۆزلۈك بىلەن كۈتىۋاتىدۇ...»
■18:12 ئايۇپ 15:23
□18:13 «ئۆلۈمنىڭ چوڭ بالىسى» ــ بەلكىم بىرخىل كېسەلنى (ئايۇپنىڭ كېسىلىنى؟) كۆرسىتىدۇ.
■18:14 ئايۇپ 8:13، 14؛ 11:20؛ پەند. 10:28
□18:15 «باشقىلار ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ» ــ ياكى « ئوت ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ».
□18:17 «سىرتلاردا...» ــ ياكى: «يايلاقلاردا...» ياكى «دالادا...».
■18:17 زەب. 109:13؛ پەند. 10:7
■18:19 يەش. 14:22؛ يەر. 22:30
□18:20 «خۇددى ئالدىنقىلار چۆچۈپ كەتكەندەك» ــ بىلداد ئېيتقان «ئالدىنقىلار»نىڭ ئۆز دەۋرىدىكى رەزىل ئادەملەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەشرىقتىكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، مەغرىبتىكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، مەشرىقتىكىلەرمۇ چۆچۈپ كېتىدۇ».
□18:21 «مانا، قەبىھ ئادەمنىڭ ماكانلىرى شۈبھىسىز شۇنداق، تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشىنىڭمۇ ئورنى چوقۇم شۇنداقتۇر» ــ بىلدادنىڭ بۇ سۆزلىرىدە: «قەبىھ ئادەم»، «تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشى» دېگىنى، «سەن ئايۇپتىن باشقا كىشى ئەمەس» دېمەكچى.