□28:1 «ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر» ــ ياكى «ئالتۇننىڭ چايقىلىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر». دانالىق تەۋسىيە قىلىنغان 28-بابتىكى بۇ گۈزەل شېئىرنى بەزى ئالىملار ئايۇپنىڭ ئۆز سۆزى ئەمەس، بەلكى كىتابنىڭ يازغۇچىسى تېكىستكە قىستۇرۇپ قوشقان بىر شېئىر، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ مەقسىتى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ هەقىقىي دانالىقنى تەھلىل قىلىشىغا ياردەم بولسۇن دېگەن سۈپەتتە شېئىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىز بۇ پىكىرگە قايىل بولدۇق. بۇنىڭغا بىر ئىسپات، 29-باب: «ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ، قارىغاندا 23:27-ئايەت بىلەن باغلىق. باشقا ئالىملار بۇ بايانلار ئايۇپنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققان بايانلاردۇر، «1-ئايەتتىكى «شۈبھىسىزكى» ياكى «چۈنكى») دېگەن باغلىغۇچى بىلەن باشلىنىشى بۇنىڭغا ئىسپات بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. قايسى پىكىر توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ باپتىكى ھەقىقەتلەر شۈبھىسىزكى ئايۇپنىڭ ئېتىقادىنىڭ ھەم مۇيەسسەر بولغان ۋەھىلىرىنىڭ تېگى ھەم ئۇلى بولغانىدى. كېيىن بىز مەزكۇر كىتابنى چازغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىمىز.
□28:3 «ئىنسانلار يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇققا چەك قويىدۇ» ــ دېمەك، ئىنسانلار ياقۇتلارنى ئىزدەشتە يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇقنى چىراغلار بىلەن يورۇتىدۇ؛ 4-5-ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ ئارغامچىلارغا ئېسىلىپ يەر ئاستىغا چۈشۈپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.
□28:10 «تاشلار ئارىسىدىن ئۇ قاناللارنى چاپىدۇ» ــ بۇ قاناللار بەلكىم يەر ئاستىدىكى سۇنى تونىللاردىن چىقىرىش ئۈچۈن كولانغان.
□28:11 «يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى تېشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئېقىنلارنىڭ مەنبىلىرىنى ئىزدەپ تاپىدۇ».
■28:14 ئايۇپ 28:22
■28:15 پەند. 3:14؛ 8:11، 19؛ 16:16
□28:16 «ئوفىردا چىقىدىغان ئالتۇن» ــ ئوفىر دېگەن يەردىكى ئالتۇن ناھايىتى ساپ ئىدى.
■28:20 ئايۇپ 28:12
■28:22 ئايۇپ 28:14
■28:25 پەند. 8:29
□28:27 «ئۇ چاغدا خۇدا دانالىققا قاراپ ئۇنى بايان قىلغان» ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم خۇدانىڭ دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ئارقىلىق دانالىقنى بايان قىلغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
□28:28 «مانا، رەبدىن قورقۇش دانالىقتۇر؛ يامانلىقتىن يىراقلىشىش يورۇتۇلۇشتۇر» ــ بۇ بابتىكى سۆزلەر ئىنسان بالىلىرىنىڭ يەر ئاستىدا ئېسىل تاشلارنى ئىزدىشىنى تەنقىد قىلغان ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئىشتا ئىشلەتكەن پاراسىتىگە ھەم جۈرئىتىگە قايىل بولغان. بىراق مەيلى ئادەمنىڭ قانچە پاراسىتى، قانچە جۈرئىتى بولسۇن، ئۆزىنىڭ بۇ خۇسۇسىيەتلىرىگىلا تايانسا دانالىققا ئېرىشمەيدۇ؛ پەقەتلا رەب پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشكە باشلىسىلا، دانالىققا ئېرىشىشكىمۇ باشلايدۇ؛ يامانلىقتىن توۋا قىلىپ يىراقلاشسىلا، يورۇتۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇ شۈبھىسىزكى، ئايۇپنىڭ ئېتىقادىنىڭ ھەم ئۇ مۇيەسسەر بولغان ۋەھىيلىرىنىڭ تېگى ھەم ئۇلى بولغانىدى.
■28:28 زەب. 111:10؛ پەند. 1:7؛ 9:10