5
شۇنداق بولدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى بىلەن دېڭىزنىڭ يېنىدىكى قانائانىيلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللار ئۆتۈپ كەتكۈچە ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئىئوردان سۇلىرىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگىنىنى ئاڭلىغاندا، يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ، ئىسرائىللارنىڭ سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ روھى چىقاي دەپ قالدى.
 
يېڭى بىر دەۋرنىڭ سۈننەت قىلىنىشى
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ سەن چاقماق تاشلىرىدىن پىچاقلارنى ياساپ، ئىسرائىللارنى ئىككىنچى قېتىم خەتنە قىلغىن، دېدى. مىس. 4‏:25
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا چاقماق تاشلىرىدىن پىچاقلارنى ياساپ، ئىسرائىللارنى «خەتنىلىك دۆڭلۈكى»دە خەتنە قىلدى. «خەتنىلىك دۆڭلۈكى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «گىبېئاھ ھائارالوت». يەشۇئانىڭ ئۇلارنى خەتنە قىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدىكى، مىسىردىن چىققان جەڭگە يارىغۇدەك ھەممە ئەركەكلەر مىسىردىن چىققاندىن كېيىن چۆللۈكنىڭ يولىدا ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى. چۈنكى مىسىردىن چىققان بارلىق خەلق خەتنە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مىسىردىن چىقىپ چۆللۈكنىڭ يولىدا يۈرگەن ۋاقىتتا ئىسرائىل ئارىسىدا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنىسىز قالغانىدى؛ چۈنكى ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغان، مىسىردىن چىققان خەلق ئىچىدىكى جەڭگە يارىغۇدەك بارلىق ئەركەكلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە ئىسرائىللار قىرىق يىل چۆلدە يۈرگەنىدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ سىلەرنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىننى، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان يۇرتنى كۆرگۈچىلەر قىلمايمەن، دەپ قەسەم قىلغانىدى. چۆل. 14‏:23 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئورنىنى باستۇرغان ئەۋلادلىرى بولسا، يولدا خەتنە قىلىنمىغاچقا، يەشۇئا ئۆزى ئۇلارنى خەتنە قىلدى. بارلىق خەلق خەتنە قىلىنىپ، ساقايغۇچىلىك چېدىرلىرىدا، ئۆز ئورۇنلىرىدىن چىقماي تۇردى.
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ بۈگۈن مەن مىسىرنىڭ ئار-نومۇسىنى ئۈستۈڭلاردىن يۇمىلىتىۋەتتىم، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جايغا «گىلگال» دەپ نام قويۇلۇپ، تاكى بۈگۈنگىچە شۇنداق ئاتالماقتا. «مىسىرنىڭ ئار-نومۇسى» ــ بۇ نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بىزنىڭچە ئۇ مۇنداق ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ـ (1) سۈننەت قىلىنىشى بىلەن ئۇلار بۇتپەرەس مىسىرلىقلارغا ئوخشىمايدىغان بولدى، خۇدانىڭ ئەھدىسىگە باغلانغان كىشىلەردىن بولدى («يار.» 10:17-14نى كۆرۈڭ)؛ (2) مىسىرلىقلار ئەسلىدە ئۇلارنى مازاق قىلىپ: «ئۇلار چۆل-باياۋاندا ئۆلمەي قالمايدۇ» دېگەن بولۇشى مۇمكىن («مىس.» 12:32)؛ ئۇلار ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشى بىلەن بۇ مازاق سۆزى يوق بولاتتى؛ (3) ئىسرائىللار ھازىر قۇللۇقتا قېلىش نومۇسلۇقىدىن ئازاد بولغان. «گىلگال» ــ «يۇمىلاش» دېگەن مەنىدە.
10 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار گىلگالدا چېدىر تىكىپ تۇردى. بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئاخشىمى يېرىخو دىيارىنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدە «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزدى. مىس. 12‏:6 11 «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نىڭ ئەتىسى ئۇلار شۇ يەرنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىدىن يېدى، جۈملىدىن شۇ كۈنى پېتىر نانلارنى ۋە قوماچلارنى يېدى. مىس. 12‏:39؛ لاۋ. 2‏:14 12 ئۇلار شۇ زېمىننىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىدىن يېگەندىن كېيىن، ئەتىسى «ماننا»نىڭ چۈشۈشى توختىدى. شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئىسرائىللارغا ھېچ ماننا بولمىدى؛ شۇ يىلدا ئۇلار قانائان زېمىنىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن يېدى.
 
يېرىخو شەھىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش
13 ئەمما يەشۇئا يېرىخوغا يېقىن كەلگەندە، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئۇنىڭ ئالدىدا سۇغۇرۇلغان قىلىچنى تۇتۇپ تۇرغان بىر ئادەم تۇراتتى. يەشۇئا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن: ــ سەن بىز تەرەپتىمۇ، ياكى دۈشمەنلىرىمىز تەرەپتىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. مىس. 23‏:23
14 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ياق، ئۇنداق ئەمەس، بەلكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سەردارى بولۇپ كەلدىم» ــ دېدى.
يەشۇئا يەرگە دۈم يىقىلىپ سەجدە قىلىپ ئۇنىڭغا: ــ رەببىمنىڭ قۇلىغا نېمە تاپشۇرۇقلىرى باركىن؟ دەپ سورىدى. «يەشۇئا يەرگە دۈم يىقىلىپ سەجدە قىلىپ...» ــ خېلى روشەنكى، يەشۇئا بۇ زاتنى خۇدانىڭ سۈپىتىدە دەپ بىلىپ سەجدە قىلغاندا، ئۇ زات ئۇنى توسۇمىدى. كېيىن (2:6) «پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى» بولغان شۇ زات پەرۋەردىگاردەك سۆزلەيدۇ. بۇ «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ــ خۇدانىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىشى بولۇپ، يەنى مەسىھنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ئەمەستۇر. «يارىتىلىش» 7:16نى ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.   يار.18‏:1-3؛ مىس.23‏:20-22
15 پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى يەشۇئاغا: ــ پۇتۇڭدىكى كەشىڭنى سالغىن، چۈنكى سەن تۇرغان يەر مۇقەددەس جايدۇر، دېۋىدى، يەشۇئا شۇنداق قىلدى. مىس.3‏:5
 
 

5:2 مىس. 4‏:25

5:3 «خەتنىلىك دۆڭلۈكى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «گىبېئاھ ھائارالوت».

5:6 چۆل. 14‏:23

5:9 «مىسىرنىڭ ئار-نومۇسى» ــ بۇ نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بىزنىڭچە ئۇ مۇنداق ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ـ (1) سۈننەت قىلىنىشى بىلەن ئۇلار بۇتپەرەس مىسىرلىقلارغا ئوخشىمايدىغان بولدى، خۇدانىڭ ئەھدىسىگە باغلانغان كىشىلەردىن بولدى («يار.» 10:17-14نى كۆرۈڭ)؛ (2) مىسىرلىقلار ئەسلىدە ئۇلارنى مازاق قىلىپ: «ئۇلار چۆل-باياۋاندا ئۆلمەي قالمايدۇ» دېگەن بولۇشى مۇمكىن («مىس.» 12:32)؛ ئۇلار ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشى بىلەن بۇ مازاق سۆزى يوق بولاتتى؛ (3) ئىسرائىللار ھازىر قۇللۇقتا قېلىش نومۇسلۇقىدىن ئازاد بولغان. «گىلگال» ــ «يۇمىلاش» دېگەن مەنىدە.

5:10 مىس. 12‏:6

5:11 مىس. 12‏:39؛ لاۋ. 2‏:14

5:13 مىس. 23‏:23

5:14 «يەشۇئا يەرگە دۈم يىقىلىپ سەجدە قىلىپ...» ــ خېلى روشەنكى، يەشۇئا بۇ زاتنى خۇدانىڭ سۈپىتىدە دەپ بىلىپ سەجدە قىلغاندا، ئۇ زات ئۇنى توسۇمىدى. كېيىن (2:6) «پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى» بولغان شۇ زات پەرۋەردىگاردەك سۆزلەيدۇ. بۇ «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ــ خۇدانىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىشى بولۇپ، يەنى مەسىھنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ئەمەستۇر. «يارىتىلىش» 7:16نى ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

5:14 يار.18‏:1-3؛ مىس.23‏:20-22

5:15 مىس.3‏:5