«ئېزىتقۇلۇق»نىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «چىقىرىشقا (يەنى، سۈرگۈن بولۇشقا) سەۋەبچى» دېگەن بولىدۇ.
□2:1 «ئىسرائىلنىڭ شەرەپ-جۇلاسى» ... «(خۇدانىڭ) ئۆز تەختىپەرى» ــ بۇلار خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنى كۆزدە تۇتۇشى مۇمكىن.
□2:2 «ياقۇپنىڭ بارلىق تۇرالغۇلىرى» ــ «ياقۇپ» مۇشۇ ئايەتلەردە ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى، يەنى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «يەھۇدانىڭ قىزىنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى غۇلاتتى» ــ «قەلئە-قورغانلىرى» بەلكىم يەھۇدانىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
□2:3 «ئۇ قاتتىق غەزەپتە ئىسرائىلنىڭ ھەممە مۈڭگۈزلىرىنى كېسىۋەتتى» ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ پەخرى بولغان ئابرۇيلۇق مۆتىۋەرلىرىنى ياكى باتۇر ئەزىمەتلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مۈڭگۈزلەر ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن ئەمەس! «ئۇ ياقۇپنى كۆيدۈرۈۋەتتى» ــ مۇشۇ يەردە «ياقۇپ» ياقۇپنىڭ (ئىسرائىلنىڭ) زېمىنى ۋە شەھەر-يېزىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
□2:6 «ئۇ ئۇنىڭ كەپىسىنى باغچىنى پاچاقلاتقاندەك پاچاقلاتتى» ــ «ئۇنىڭ كەپىسى» مۇشۇ يەردە يەنە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ؛ گەرچە ئىبادەتخانا غايەت زور ئىمارەت بولسىمۇ، ئىبادەتخانا خۇدا ئالدىدا پەقەت بىر «كەپە»، ۋاقىتلىق بىر نەرسە، خالاس. «ئۇ ئىبادەت سورۇنلىرىنى يوقىتىۋەتتى» ــ ياكى «ئۇ ئىبادەت سورۇنىنى يوقىتىۋەتتى». بۇ كېيىنكى تەرجىمە توغرا بولسا، ئۇمۇ ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ. «پەرۋەردىگار زىئوندا ھېيت-بايراملار ھەم شاباتلارنى خەلقىنىڭ ئېسىدىن چىقىرىۋەتتى» ــ «شاباتلار»، (يەنى «شابات كۈنلىرى») ــ «شابات» دەم ئېلىش كۈنى، خۇدا ئىسرائىلغا: سىلەرگە مۇقەددەس كۈن بولسۇن دەپ بېكىتكەن، شەنبە كۈنىنى كۆرسىتىدۇ.
□2:8 «پەرۋەردىگار ... ئۇنىڭغا ھالاك ئۆلچەم تانىسىنى تارتىپ قويغان» ــ دېمەك، ھەممىگە قادىر خۇدا يېرۇسالېمنىڭ ھالاك بولۇشىنى ئاللىقاچان تەپسىلىي ئۆلچەپ قويغانىدى.
□2:9 «ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى يەر تېگىگە غەرق بولۇپ كەتتى» ــ كونا زامانلاردا شەھەرنىڭ قوۋۇق-دەرۋازىلىرى مۆتىۋەرلەر سوراق قىلىش، نەسىھەت قىلىش، مەسلىھەت بېرىشكە ئولتۇرىدىغان جاي ئىدى (14:5نى كۆرۈڭ). «تەۋراتتىكى تەربىيە-يوليورۇق» ــ ياكى «تەۋرات». ئىبرانىي تىلىدا «تەۋرات» دېگەن سۆز «يوليورۇق»، «تەربىيە» دېگەن مەنىدە. «پەيغەمبەرلىرى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي-كۆرۈنۈشلەرنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ» ــ «پەيغەمبەرلىرى» خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى ئەمەس، بەلكى «يەھۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى». بۇ كىنايىلىك گەپ، ئۇ «ساختا پەيغەمبەرلەر»نى كۆرسىتىدۇ (14-ئايەت، «يەر.» 13:14-18نىمۇ كۆرۈڭ)؛ ئەزاكىيال پەيغەمبەر ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەر ئاللىقاچان يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران قىلىنىشى توغرۇلۇق ئالدىنئالا تەپسىلىي بېشارەت بەرگەنىدى.
□2:12 «يېمەك-ئىچمەك نەدە؟» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «نان-شاراب نەدە؟». قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن بەلكىم پەقەت شارابلا قالدىمۇ، سۇ يوقمىدۇ؟
□2:13 «مەن دەردىڭگە گۇۋاھچى بولۇپ، سېنى نېمىگە ئوخشىتارمەن؟ سېنى نېمىگە سېلىشتۇرارمەن، ئى يېرۇسالېم قىزى؟ ساڭا تەسەللى بېرىشتە، نېمىنى ساڭا تەڭ قىلارمەن، ئى زىئوننىڭ پاك قىزى؟...» ــ ئايەتتىكى بارلىق سۆزلەر بەلكىم زىئوننىڭ دەرد-ئەلىمىنى ئۆلچىگىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن (ئاخىرىدا «ياراڭ» توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ). «... سېنىڭ ياراڭ دېڭىزدەك چەكسىزدۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... سېنىڭ بۆسۈلگەن جايىڭ دېڭىزدەك چەكسىزدۇر».
□2:14 «سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى يالغان بېشارەتلەر» ــ «بېشارەتلەر» ئىبرانىي تىلىدا «يۈكلەر» ياكى «يۈكلىگەن بېشارەتلەر. ئادەتتە «يۈك» دېگەن سۆز بېشارەتنىڭ ئېغىرلىقىنى، ۋەزىنىنى، مۇھىم سۆز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە «يۈك»، شۈبھىسىزكى، ھەجۋىي گەپ بولۇپ، مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ «بېشارەتلىرى» كىشىلەرگە ھېچ ئىلھام ياكى مەدەت بەرمەي، ئەكسىچە، ئەمەلىيەتتە، ئادەملەرگە «ئېغىر يۈك» ئارتىدىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. «ئېزىتقۇلۇق»نىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «چىقىرىشقا (يەنى، سۈرگۈن بولۇشقا) سەۋەبچى» دېگەن بولىدۇ.
□2:15 «يېنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ چاۋاكلىشىدۇ» ــ بۇ «چاۋاكلىشىش» مەسخىرە قىلىشنى بىلدۈرسە كېرەك. يەرۇسالېمنى كۈرسىتىغان «گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى» «پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكى» دېگەن ئىبارىلەر «زەب.» 2:50 ۋە 2:48دىن ئېلىنغان.
□2:17 «قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ بېكىتكەن سۆزىگە ئەمەل قىلدى...» ــ پەرۋەردىگار ئۇزۇندىن بۇيان (مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدىن تارتىپ) ئىسرائىلغا بۇتپەرەسلىك ۋە ئىتائەتسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنىدى.
■2:18 يەر. 14:17؛ يىغ. 1:16
■2:20 يىغ. 4:10
□2:22 «مېنى تەرەپ-تەرەپلەردىن بېسىشقا ۋەھىمىلەرنى چاقىردىڭ» ــ «يەر.» 3:20 ۋە 10نى كۆرۈڭ.