«مەسىھ قىلىش» كونا بىر ئۆرپ-ئادەتكە قارىتىلغان. تەۋراتتىكى بەلگىلىمىدە، يېڭى پادىشاھ تىكلىنىش مۇراسىمىدا بېشىغا پۇراقلىق ياغ قۇيۇلاتتى. بۇ «مەسىھ قىلىش» (ياكى «مەسىھلەش») دەپ ئاتالغان. كېيىن پادىشاھ «مەسىھ قىلىنغان» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى» («پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنى») دەپ ئاتالغان. «مەسىھ قىلىش» مۇراسىمى خۇدانىڭ ھوقۇقى ۋە ئالاھىدە ياردىمى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەيسا «مەسىھ»نىڭ ئۈستىگە بولسا ياغ ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ قۇيۇلغان.
□4:1 «مۇقەددەس ئۆيدىكى تاشلار...» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ تەركىبى بولغان يوغان ئويۇلغان تاشلارنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار «تاشلار» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «گۆھەر، ياقۇتلار»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ لېكىن بۇ گۆھەرلەرنى نېبوقادنەسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 605-يىلى بابىلغا ئېلىپ كەتكەنىدى.
□4:3 «مېنىڭ خەلقىم چۆلدىكى تۆگىقۇشلارغا ئوخشاش رەھىمسىز بولدى» ــ تۆگىقۇشلار ئادەتتە ئۆز بالىلىرىنى باقمايدۇ؛ بالىلىرى ئۆز-ئۆزىنى باقىدۇ.
□4:6 «خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ قەبىھلىكىگە چۈشكەن جازا سودومنىڭ گۇناھىنىڭ جازاسىدىن ئېغىردۇر؛ چۈنكى سودوم بىراقلا ئۆرۈۋېتىلگەنىدى، ھېچ ئادەمنىڭ قولى ئۇنى قىينىمىغانىدى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا سودوم شەھىرىنىڭ ئۈستىگە ئوت-گۈڭگۈرت ياغدۇرۇپ جازالىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تارتقان جازاسى ئىنتايىن قىسقا بولغان، يېرۇسالېمنىڭكىدەك ئۇزۇنغىچە سوزۇلغان ئەمەس، يەنە كېلىپ ئۇ «ئادەمنىڭ قولى»نىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ئەمەس.
□4:7 «خەلقىمنىڭ «نازارىي»لىرى بولسا قاردىن ساپ، سۈتتىن ئاق،... تەقى-تۇرقى كۆك ياقۇتتەك ئىدى» ــ «نازارىي»لار بولسا مەلۇم مەزگىلدە ياكى ئۆمۈرۋايەت ئۆزلىرىنى خۇداغا ئالاھىدە ئاتاپ تاپشۇرغان كىشىلەردۇر. ئۇلار «نازارىي» بولغان ۋاقىتتا چاچلىرىنى چۈشۈرمەيتتى، ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەيتتى (تەۋرات، «چۆل.» 1:6-21نى كۆرۈڭ).
□4:8 «بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «تېرىسى ئۇستىخانلىرىغا چاپلىشىدۇ».
□4:13 «پەيغەمبەرلەرنىڭ گۇناھلىرى»نى ئەمەس، بەلكى «پەيغەمبەرلىرىنىڭ گۇناھلىرى» ــ ئىسرائىلدا تۇرغان بۇ «پەيغەمبەرلەر» خۇدانى ئەمەس، بەلكى خەلقنى رازى قىلىش ئۈچۈن سۆز قىلىۋاتقان ساختا پەيغەمبەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
□4:14 «ئۇلار قانغا بۇلغانغانكى، ھېچكىم كىيىملىرىگە تەگكۈچى بولمايدۇ» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپىلانغان قانۇن بويىچە، «ئۆلۈك»كە تەگكەن ئادەم «بۇلغانغان»، «ناپاك» ھېسابلىناتتى. ئۆلگەن نەرسىلەرگە ياكى «ناپاك» ئادەملەرگىمۇ تەگكەن كىشىلەر ئۆزلىرى بىر مەزگىلگىچە «ناپاك» بولىدۇ. مۇشۇ كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر شۇنچە كۆپ ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەنكى، كىيىم-كېچەكلىرى ھەردائىم «بۇلغانغان» بولۇپ، ھېچكىم ئۇلارغا تېگىشكە پېتىنالمايتتى.
□4:16 «پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز: «پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى» دېيىلىدۇ.
□4:17 «بىزنى قۇتقۇزالمىغان بىر ئەل» ــ ئىسرائىل ھەردائىم ئاۋۋال مىسىر بىلەن، ئاندىن ئاسۇرىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزىمەكچى بولۇپ، ئۇلاردىن ياردەم سورايتتى (مەسىلەن، 6:5نى، «يەر.» 18:2نى كۆرۈڭ).
■4:17 ئەز. 29:16
□4:20 «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى» ــ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ. «مەسىھ قىلىش» كونا بىر ئۆرپ-ئادەتكە قارىتىلغان. تەۋراتتىكى بەلگىلىمىدە، يېڭى پادىشاھ تىكلىنىش مۇراسىمىدا بېشىغا پۇراقلىق ياغ قۇيۇلاتتى. بۇ «مەسىھ قىلىش» (ياكى «مەسىھلەش») دەپ ئاتالغان. كېيىن پادىشاھ «مەسىھ قىلىنغان» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى» («پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنى») دەپ ئاتالغان. «مەسىھ قىلىش» مۇراسىمى خۇدانىڭ ھوقۇقى ۋە ئالاھىدە ياردىمى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسا «مەسىھ»نىڭ ئۈستىگە بولسا ياغ ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ قۇيۇلغان.
□4:21 «ئى ئۇز زېمىنىدا تۇرغۇچى، ئېدومنىڭ قىزى، خۇشال-خۇرام يايرىغىن!» ــ ئېدوم ئىسرائىلغا ئۆچ بولۇپ، ھەردائىم ئىسرائىلنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەندە خۇش بولىدۇ. «لېكىن بۇ جازا قەدەھى ساڭىمۇ ئۆتىدۇ؛ سەنمۇ مەست بولىسەن، يالىڭاچلىنىسەن!» ــ «قەدەھ» ــ خۇدانىڭ غەزىپىگە تولغان «قەدەھ»نى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، «يەر.» 15:25-17، 28نى كۆرۈڭ). ئېدوم ئۇنى ئىچكەن كۈنىدە «يالىڭاچ» بولۇپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا مۇھاپىزەتسىز قالىدۇ، شۇنىڭدەك بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ.