■5:1 مات. 13:2؛ مار. 4:1.
□5:6 «ئۇلار شۇنداق قىلىۋىدى، نۇرغۇن بېلىقلار تورغا چۈشتى؛ تور سۆكۈلۈشكە باشلىدى» ــ ئادەتتە گالىلىيە كۆلىسىدە بېلىقلار كۈندۈزدە چوڭقۇر سۇغا شۇڭغۇپ كىرىۋالىدۇ، ئۇلارنى تور بىلەن تارتىپ چىقارغىلى بولمايدۇ. ئوقۇرمەنلەر شۇنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىنكى، مەسىھ «تورلىرىڭلار»نى دېگىنى بىلەن پېترۇسنىڭ پەقەت بىرلا تورنى سېلىشقا ئىشەنچى بار ئىدى («يۇھ.» 11:21نى ۋە شۇ ئايەت توغرۇلۇق ئىزاھات ۋە «يۇھاننا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ).
□5:10 «سەن ئادەملەرنى تۇتقۇچى بولىسەن» ــ مۇشۇ سۆز ئادەملەرنى زىندانلارغا ياكى قۇللۇققا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش يولىدا ئادەملەرنى شەيتاننىڭ چاڭگىلىدىن ۋە ھالاك يولىدىن تۇتۇپ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
■5:10 يەر. 16:16؛ ئەز. 47:9؛ مات. 4:19؛ مار. 1:17.
■5:11 مات. 4:20؛ 19:27؛ مار. 10:28؛ لۇقا 18:28.
□5:12 «تەقسىر...» ــ ياكى «ئى رەب...». «پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم....» ــ «ماخاۋ كېسىلى» بىرخىل قورقۇنچلۇق تېرە كېسىلى بولۇپ، يەھۇدىيلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ناپاك، دەپ قاراپ ئۇلارغا قەتئىي يېقىنلاشمايتتى. بۇ كېسەل توغرۇلۇق يەنە «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■5:12 مات. 8:2؛ مار. 1:40.
□5:14 «ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغاندەك ساقايتىلغىنىڭ ئۈچۈن بىر قۇربانلىقنى سۇنغىن» ــ مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا شۇنداق ئەمرنى كۆرسەتكەن: ــ بىر ماخاۋ كېسىلى ساقايتىلغان بولسا، ئۇ مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ساقايتىلغانلىقىنى كاھىنغا كۆرسىتىپ ئاندىن ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى سۇنۇشى كېرەك ئىدى. شۈبھىسىزكى، مۇسا پەيغەمبەردىن باشلاپ مەسىھ ئەيسا كەلگۈچە بۇ مۇراسىم ھېچ ئۆتكۈزۈلۈپ باققان ئەمەس ئىدى. «لاۋ.» 1:14-32نى كۆرۈڭ.
■5:14 لاۋ. 13:2؛ 14:2؛ مات. 8:4.
□5:18 «... ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە ئىنتىلىشتى» ــ ئەيسا ئۆيدە ئولتۇراتتى (19-ئايەتنى كۆرۈڭ).
■5:18 مات. 9:1؛ مار. 2:3؛ روس. 9:33.
□5:21 «پەرىسىيلەر» ــ قاتتىق تەلەپلىك بىر دىنىي مەزھەپتىكىلەر ئىدى. ئۇلار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
■5:21 زەب. 32:5؛ يەش. 43:25.
□5:24 «سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن» ــ «ئىنسانئوغلى» توغرۇلۇق «مات.» 20:8دىكى ئىزاھات ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
□5:27 «ئۇ يولغا چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى» ــ «لاۋىي»نىڭ باشقا ئىسمى «ماتتا» ئىدى.
■5:27 مات. 9:9؛ مار. 2:14،15.
□5:29 «زور بىر توپ باجگىرلار» ــ «باجگىرلار» ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلار.
■5:29 مات. 9:10؛ مار. 2:15؛ لۇقا 15:1.
□5:30 «سىلەر نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىسىلەر؟!» ــ «گۇناھكارلار» ــ تەۋرات-ئىنجىل بويىچە ھەربىر ئادەم گۇناھكار، ئەلۋەتتە. لېكىن مۇشۇ ئايەتتىكى «گۇناھكارلار» دېگەن سۆز، ھالى چوڭ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە «گۇناھكارلار» دەپ ئاتالغان باجگىرلار، پاھىشە ئاياللار، ھەتتا ساۋاتسىز كىشىلەر قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.
□5:32 «مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى توۋىغا چاقىرغىلى كەلدىم» ــ مۇشۇ سۆزىدە «گۇناھكارلار» دېگىنى، ئۆزلىرىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتكەنلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھكاردۇر. «ھەققانىيلار» ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ھېسابلىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەسىھ ئۇلارنى چاقىرالمايتتى ۋە ھازىرمۇ چاقىرالمايدۇ.
■5:32 مات. 9:13؛ لۇقا 19:10؛ 1تىم. 1:15.
■5:33 مات. 9:14.
□5:34 «توي مېھمانلىرى» ــ گرېك تىلىدا «مەرىكە زالىنىڭ پەرزەنتلىرى» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
■5:34 يەش. 62:5؛ 2كور. 11:2.
□5:35 «ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈنلەردە روزا تۇتىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر ئەيسانىڭ «ئۇلاردىن (مېھمانلاردىن) ئېلىپ كېتىلىپ» ئۆلۈمى ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە قايغۇ-ھەسرەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بېشارەت.
■5:37 مات. 9:17؛ مار. 2:22.
□5:39 «ھېچكىم كونا شارابتىن كېيىن يېڭىسىنى ئىچىشنى خالىمايدۇ» ــ ئادەتتە، كونا شاراب دەرۋەقە يېڭى شارابتىن ياخشى، ئەلۋەتتە.