□7:3 «... ئەيسانىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن...» ــ گرېك تىلىدا «قۇتقۇزۇش» ۋە «ساقايتىش» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «يۈزبېشى ئەيسانىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ئەۋەتتى» ــ يۈزبېشى رىملىق پۇقرا بولۇپ، يەھۇدىي ئەمەس ئىدى. 5-ئايەتكە قارىغاندا ئۇ رىملىقلارنىڭ بۇتپەرەسلىكىنى تاشلاپ، تەۋرات ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد باغلىغان ئادەم ئىدى.
□7:6 «تەقسىر» ــ ياكى «رەب».
□7:8 «چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن» ــ مۇھىم سۆز «مەنمۇ» ــ دېمەك، يۈزبېشى رىم ئىمپېراتورنىڭ ھوقۇقى ئاستىدا تۇرۇپ ئۆز ھوقۇقى بىلەن ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرەلەيتتى؛ ئەيسا ئالەم ئىگىسىنىڭ ھوھۇقى ئاستىدا تۇرۇپ، ھەممىگە قادىرنىڭ ھوقۇقى بىلەن ئالەمنىڭ ئىشلىرىنى بۇيرۇيدىغان ئادەم ئىدى.
□7:10 «يۈزبېشى ئەۋەتكەن كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، كېسەل بولغان قۇلنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى كۆردى» ــ بۇ ۋەقە «مات.» 8:8-13دىمۇ خاتىرىلىنىدۇ.
□7:14 «ئۇ ئۆتۈپ، تاۋۇتقا قولىنى تەگكۈزىۋىدى» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە جىنازىغا تېگىش كىشىنى يەتتە كۈنگىچە «ناپاك» قىلاتتى («چۆل.» 11:19-12نى كۆرۈڭ). بىراق ئۆلگىنىنى تىرىك قىلىش ھەممە ئىشنى باشقىچە قىلىدۇ!
■7:14 روس. 9:40.
□7:16 «خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ كەلدى!» ــ تەۋرات ۋە ئىنجىلدا «خۇدانىڭ يوقلىشى» ئۇنىڭ ئىنسانلارغا يېقىن كېلىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
■7:16 لۇقا 1:68؛ 24:19؛ يـۇھ. 4:19؛ 6:14؛ 9:17.
■7:18 مات. 11:2.
□7:19 «كېلىشى مۇقەررەر زات» ــ خۇدا ۋەدە قىلغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ، ئەلۋەتتە. يەھيا ئۆزى مەسىھنىڭ يولىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋەتىلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ــ «سەن بىز كۈتكەن كىشىمۇسەن» دەپ گۇمانلىنىپ سورايدۇ. «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ يەھيا پەيغەمبەر شۇ مۇخلىسلىرىنى ئەۋەتكەندە زىنداندا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەلكىم: «ئەيسا ھەقىقەتەن قۇتقۇزغۇچى بولسا، نېمىشقا ئۇ مېنى مۇشۇ زىنداندا يېتىشقا يول قويىدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن ئىدى. «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»دە بۇ ئىش («مات.» 2:11-6) توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ.
■7:22 يەش. 29:18؛ 35:5؛ 61:1.
□7:23 «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» ــ يەھيا پەيغەمبەر زىنداندا يېتىپ: «ئەيسا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ بولسا نېمىشقا مېنى زىنداندىن قۇتقۇزمىغان؟» ــ دەپ گۇمانلانغان بولسا كېرەك ئىدى. يەھيانىڭ بۇ سوئالى توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.
■7:24 مات. 11:7.
□7:27 «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ تەۋرات، «مال.» 1:3؛ «يەش.» 3:40.
■7:27 مىس. 23:20؛ مال. 3:1؛ مار. 1:2.
□7:29 «ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى» ــ «خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ» گرېك تىلىدا «خۇدانى توغرا دەپ...» دېگەن ئىبارىنى بىلدۈرىدۇ.
■7:31 مات. 11:16.
□7:33 «چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، شاراب ئىچمەيتتى» ــ گرېك تىلىدا «چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ نە نان يېمەيدۇ نە ئىچمەيدۇ». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يەھيا پەيغەمبەر ئىنتايىن غورىگىل ئوزۇقلىناتتى، پات-پات روزا تۇتاتتى. «مات.» 4:3نى كۆرۈڭ.
■7:33 مات. 3:4؛ مار. 1:6.
□7:35 «دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ» ــ ياكى «دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق ئىش-مېۋىلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ». بۇ قىسقا ئايەت ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىكى كۆپ مۇھىم پرىنسىپلار توغرىسىدا «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.
□7:36 «... داستىخاندا ئولتۇردى» ــ گرېك تىلىدا «داستىخاندا ياتتى». يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەر ئادەتتە داستىخاندا يانپاشلاپ ياتاتتى.
■7:36 مات. 26:6؛ مار. 14:3؛ يـۇھ. 11:2؛ 12:2.
□7:37 «مۇرمەككى» ــ بۇ خىل ئەتىر. ئۇ ئادەتتە ئىنتايىن قىممەت ئىدى (مەسىلەن، «مات.» 7:26نى كۆرۈڭ).
□7:41 «كۈمۈش دىنار» ــ رىم ئىمپېرىيەسنىڭ پۇل بىرلىكى، تەخمىنەن بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى بولاتتى.
□7:46 «سەن بېشىمغىمۇ ماي سۈركىمىگەنىدىڭ» ــ شۇ دەۋردە كىشىلەر ھۆرمەتلىك مېھمانلارنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن مېھماننىڭ بېشىغا ئەتىرلىك ماينى سۈركەپ قوياتتى.
□7:47 «چۈنكى مانا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەمەسمۇ؟» ــ بۇ ئايالنىڭ مۇھەببىتى خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى ئۇنىڭ ئاللىقاچان خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى ۋە شۇنداقلا بۇنىڭغا ئىسپات كۆرسەتتى.
■7:48 مات. 9:2.
■7:49 مات. 9:3.
□7:50 «ئېتىقادىڭ سېنى قۇتقۇزدى» ــ «ئېتىقادىڭ» مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، ئەيسا بۇ سۆز بىلەن ئايالنىڭ ئۆزىگە باغلىغان ئىشەنچىنى، يەنى ئۇنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلالايدىغان مەسىھ ئىكەنلىكىگە باغلىغان ئىشەنچىنى كۆرسىتىدۇ.