■9:1 مات. 10:1؛ مار. 3:13؛ 6:7؛ لۇقا 6:13.
■9:2 مات. 10:7.
□9:3 «خۇرجۇن» ــ ياكى «تىلەمچىنىڭ خالتىسى».
■9:3 مات. 10:9؛ مار. 6:8؛ لۇقا 22:35.
□9:4 «ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە تۇرۇڭلار» ــ ياكى «ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە چىقىپ-كىرىپ تۇرۇڭلار». كونا زامانلاردا پەيلاسوپلار ۋە «تەلىم بەرگۈچىلەر» ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلاتتى. ئەمما مەسىھ مۇخلىسلىرى شۇنداق قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. يەنە 7:10 ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.
□9:5 «ئۇ شەھەردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنىمۇ قېقىۋېتىڭلار!» ــ «ئاياغدىكى توپىنى قېقىۋېتىش» دېگەن ئىشارەت «بىزنىڭ سىلەر بىلەن مۇناسىۋېتىمىز يوق» دېگەننى بىلدۈرۈپ، خۇدانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى.
■9:5 مات. 10:14؛ مار. 6:11؛ لۇقا 10:11؛ روس. 13:51؛ 18:6.
□9:7 «ھېرود ھاكىم» ــ مۇشۇ يەردە «ھاكىم» گرېك تىلىدىكى «تېترارق»نى بىلدۈرىدۇ. 1:3دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
■9:7 مات. 14:1؛ مار. 6:14.
■9:10 مات. 14:13؛ مار. 6:30،31،32.
■9:12 مات. 14:15؛ مار. 6:35؛ يـۇھ. 6:5.
■9:13 مات. 14:16؛ مار. 6:37؛ يـۇھ. 6:9.
□9:14 «ئەرلەرنىڭلا سانى بەش مىڭچە» ــ بالا-چاقىلىرى ھېسابلانمىغان.
■9:16 1سام. 9:13.
□9:17 «سېۋەت» ــ گرېك تىلىدا «قول سېۋەت» ــ دېمەك، بىر ئادەم ئىككى قوللاپ كۆتۈرەلەيدىغان سېۋەتلەر.
■9:18 مات. 16:13؛ مار. 8:27.
■9:19 مات. 14:2.
□9:20 «سەن خۇدانىڭ مەسىھىدۇرسەن» ــ «مەسىھ» دېگەن سۆز توغرۇلۇق «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ. «خۇدانىڭ مەسىھى» دېمەك، خۇدا تەيىنلەپ ئەۋەتكەن مەسىھ.
■9:22 مات. 16:21؛ 17:22؛ مار. 8:31؛ 9:31؛ 10:33؛ لۇقا 18:31؛ 24:7.
□9:23 «كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!» ــ «مات.» 38:10نى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.
■9:23 مات. 10:38؛ 16:24؛ مار. 8:34؛ لۇقا 14:27.
■9:24 مات. 10:39؛ 16:25؛ مار. 8:35؛ لۇقا 17:33؛ يـۇھ. 12:25.
□9:26 «ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە... قايتىپ كەلگىنىدە...» ــ «ئىنسانئوغلى» مەسىھنىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە. بۇ ئىبارە توغرۇلۇق «مات.» 20:8دىكى ئىزاھات ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
■9:26 مات. 10:33؛ مار. 8:38؛ لۇقا 12:9؛ 2تىم. 2:12؛ 1يۇھ. 2:23.
■9:27 مات. 16:28؛ مار. 9:1.
■9:28 مات. 17:1؛ مار. 9:2.
□9:31 «... ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ئادا قىلىدىغان «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش»ى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى» ــ بۇ باياندا «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش» ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك سۆز، گرېك تىلىدا «ئېكسودۇس» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ئىسرائىل خەلقىنىڭ «مىسىردىن چىقىش»ىنى بىلدۈرگەنىدى. دېمەك، مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىل خەلقىنى مىسىرنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتقۇزغاندەك، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ خەلقىنى گۇناھنىڭ ۋە شەيتاننىڭ قۇللۇقىدىن (ئۆز قۇربانلىقى ئارقىلىق) قۇتقۇزىدىغان بولىدۇ («1كور.» 1:10-11، ئىزاھاتلىرى ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ).
□9:33 «بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى» ــ بۇ سۆز ۋە پۈتۈن ۋەقە توغرۇلۇق يەنە «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
□9:35 «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر...» ــ ياكى «بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تاللىغىنىم...».
■9:35 قان. 18:19؛ يەش. 42:1؛ مات. 3:17؛ 17:5؛ مار. 1:11؛ 9:7؛ لۇقا 3:22؛ روس. 3:22؛ كول. 1:13؛ 2پېت. 1:17.
■9:37 مات. 17:14؛ مار. 9:17.
□9:39 «مانا، ئۇنى دائىم بىر روھ تۇتۇۋېلىپ، ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى» ــ «روھ» شۈبھىسىزكى يامان روھ، جىننى كۆرسىتىدۇ.
□9:42 «جىن ئۇنى يىقىتىپ،...» ــ ياكى «جىن ئۇنى يىرتىپ...».
■9:44 مات. 17:22؛ مار. 9:31.
□9:45 «بۇنىڭ مەنىسى ئۇلار چۈشىنىپ يەتمىسۇن ئۈچۈن ئۇلاردىن يوشۇرۇلغانىدى» ــ كىم تەرىپىدىن يوشۇرۇلغانلىقى ئېيتىلمايدۇ. شەيتان تەرىپىدىنمۇ، ياكى خۇدا تەرىپىدىنمۇ؟ ياكى پەقەت ئۆز گاللىقى تەرىپىدىنمۇ؟ بىزنىڭچە شەيتان بۇ ئىشنى قىلغۇچى ئىدى؛ چۈنكى مەسىھ ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئۆلۈپ پىدا بولۇشىنى مۇخلىسلارنىڭ چۈشىنىشىنى خالايتتى (44-ئايەتتە).
■9:45 لۇقا 2:50؛ 18:34.
■9:46 مات. 18:1؛ مار. 9:33؛ لۇقا 22:24.
■9:48 مات. 18:5؛ 23:11؛ مار. 9:37؛ لۇقا 10:16؛ 14:11؛ 18:14؛ يـۇھ. 13:20.
■9:49 مار. 9:38.
■9:50 مات. 12:30؛ لۇقا 11:23.
□9:51 «ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۈزىنى يېرۇسالېمغا بېرىشقا قاراتتى» ــ بۇ ئايەتتە مەسىھ ئەيسانىڭ «يېرۇسالېمغا بارىدىغان سەپەر»ى باشلىنىدۇ؛ سەپەرنىڭ «ئاخىرقى نۇقتا»سى بەلكىم 48:19دە تېپىلىدۇ.
■9:51 مار. 16:19؛ روس. 1:2؛ 1تىم. 3:16.
□9:53 «بىراق ئۇ يۈزىنى يېرۇسالېمغا قاراتقانلىقى تۈپەيلىدىن يېزىدىكىلەر ئەيسانى قوبۇل قىلمىدى» ــ سامارىيەلىكلەر ئادەتتە ئادەملەرنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىپ شۇ يەردە ئىبادەت قىلىشىنى ئۆچ كۆرەتتى؛ چۈنكى ئۇلار: «بىزنىڭ سامارىيەمىزدە ھەقىقىي ئىبادەتخانا باردۇر» ــ دەيتتى.
■9:53 يـۇھ. 4:9.
□9:54 «ئى رەب، ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن ئىلىياس پەيغەمبەردەك ئاسماندىن ئوت ييېغىشىنى چىقىرىشىمىزنى خالامسەن؟» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ئىلىياس پەيغەمبەردەك» دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ.
□9:55 «لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ: «سىلەر قانداق روھتىن بولغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر» ــ دېدى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلىدى» دېيىلىدۇ.
■9:56 يـۇھ. 3:17؛ 12:47.
■9:57 مات. 8:19.
□9:59 «رەب، ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويغىلى ئىجازەت بەرگەيسەن» ــ بۇ ئادەمنىڭ سۆزىدە ئۈچ ئىمكانىيەت بار: (1) ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەنىدى، بىراق تېخى يەرلىككە قويۇلمىغان؛ بىزنىڭچە بۇ شەرقتە مۇمكىن ئەمەس، ئادەم ئۆلگەندە دەرھال دەپنە قىلىش كېرەك؛ (2) شۇ دەۋردە يەھۇدىيەدە تۇرغانلار ئارىسىدا، ئۆلگۈچىلەرنى ئۆلۈپ بىر يىلدىن كېيىن، يەنە بىر دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدىغان ئۆرپ-ئادەت بار ئىدى (ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى «يىللىق نەزىر»دەك). بۇ كىشى تېخى بۇ مۇراسىمنى ئۆتكۈزمىگەن؛ (3) ئۇنىڭ ئاتىسى تىرىك. ئۇنداقتا مەنىسى «ئاتام ئۆلۈپ ئۇنى يەرلىككە قويغۇچە كۈتۈپ، ئاندىن ساڭا ئەگىشەيچۇ!» دېگەندەك.
■9:59 مات. 8:21.
□9:60 «ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى كۆمسۇن! بىراق سەن بولساڭ، بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغىن» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مەيلى بۇ كىشى ئاتىسىنىڭ «يىللىق دەپنە»سىنى ئۆتكۈزمەكچى بولسۇن ياكى ئاتىسى تېخى تىرىك بولسۇن، رەبنىڭ بۇ جاۋابىدا «بۇ سېنىڭ ئىشىڭ ئەمەس؛ سەن ئۆزۈڭ «روھىي تىرىك» ئادەم بولساڭلا دېگىنىمدەك قىل، روھىي ھاياتنى يەتكۈزىدىغان خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلا؛ سەن ئېيتقان بۇ ئىش «روھىي ئۆلگەنلەر»نىڭ ئىشى، خالاس» دېگەن ئىچكى مەنە ئېنىق كۆرۈنىدۇ.
■9:60 مات. 8:22.
□9:62 «كىم قولىدا قوشنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەينىگە قارىسا، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ئەمەستۇ» ــ ئادەم قوش ھەيدىگەندە، كەينىگە قارىسا تۈز ھەيدىيەلمەيدۇ.
■9:62 پەند. 26:11؛ فىل. 3:14؛ ئىبر. 6:5؛ 2پېت. 2:20.