□12:1 «پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار» ــ «مات.» 1:16-12نىمۇ كۆرۈڭ. مۇقەددەس يازمىلاردا ئېچىتقۇ (خېمىرتۇرۇچ) كۆپ يەرلەردە تەكەببۇرلۇق ۋە ساختىپەزلىككە سىمۋول قىلىنىدۇ.
■12:1 مات. 16:16؛ مار. 8:15.
■12:2 ئايۇپ 12:22؛ مات. 10:26؛ مار. 4:22؛ لۇقا 8:17.
□12:3 «خۇپىيانە پىچىرلاشقانلىرىڭلار» ــ گرېك تىلىدا «قۇلاققا ئېيتقىنىڭلار».
■12:4 يەش. 51:7؛ يەر. 1:8؛ مات. 10:28.
□12:6 «بەش قۇشقاچ ئىككى تىيىنگە سېتىلىدىغۇ؟» ــ «تىيىن» گرېك تىلىدا «ئاسسارىيون». «ئىككى تىيىن» ــ شۇ دەۋردىكى بىر ئىشچىنىڭ كۈنلۈك ھەققى بولغان «دىنارىئۇس»نىڭ 1/8 قىسمى ئىدى.
■12:6 مات. 10:29.
■12:7 1سام. 14:45؛ 2سام. 14:11؛ 1پاد. 1:52؛ لۇقا 21:18.
■12:8 مات. 10:32.
■12:9 مات. 10:33؛ مار. 8:38؛ لۇقا 9:26؛ 2تىم. 2:12؛ 1يۇھ. 2:23.
□12:10 «مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلىش» ــ ياكى «مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلىش» دېگەن گۇناھ توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.
■12:10 1يۇھ. 5:16.
■12:11 مات. 10:19؛ مار. 13:11؛ لۇقا 21:14.
□12:14 «بۇرادەر، كىم مېنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا سوتچى ياكى ئۈلەشتۈرگۈچى قىلدى؟» ــ «مىس.» 14:2نى كۆرۈڭ. مەسىھ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ رولىنى رەت قىلدى. بۇ مۇھىم ھەقىقەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.
■12:15 1تىم. 6:7.
■12:19 توپ. 11:9؛ 1كور. 15:32؛ ياق. 5:5.
■12:20 زەب. 39:6؛ زەب. 52:7؛ توپ. 2:18، 19؛ يەر. 17:11.
■12:22 زەب. 55:22؛ مات. 6:25؛ فىل. 4:6؛ 1تىم. 6:8؛ 1پېت. 5:7.
■12:24 ئايۇپ 38:41؛ زەب. 147:9.
□12:25 «قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟» ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن بويۇڭغا بىرەر غېرىچ قوشالايسىلەر؟».
■12:25 مات. 6:27.
□12:27 «نېلۇپەرلەر...» ــ ياكى «ياۋا گۈل-گىياھلار...». «سۇلايمان» ــ ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايمان.
□12:29 «...باش قاتۇرماڭلار» ــ گرېك تىلىدا «....(يېمەكلىككە) ئىنتىلمەڭلار».
□12:30 «ھەرقايسى ئەلدىكىلەر...» ــ گرېك تىلىدا «بۇ دۇنيادىكى (يات) ئەللەردىكىلەر». «يات ئەللەر» يەھۇدىي ئەمەس بۇتپەرەسلەر بولۇپ، تىرىك خۇدانى بىلمەيتتى؛ مۇخلىسلار يەھۇدىي بولغاچقا، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەمدە ئۆز خەلقىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بولۇشى كېرەك ئىدى.
■12:31 1تار. 3:13؛ زەب. 37:25.
□12:32 «ئاتاڭلار پادىشاھلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلىشنى خۇش كۆردى» ــ «پادىشاھلىق» بولسا خۇدانىڭ ئۆز پادىشاھلىقى، ئەلۋەتتە.
■12:33 مات. 6:20؛ 19:21؛ لۇقا 16:9؛ 1تىم. 6:19.
■12:35 ئەف. 6:14؛ 1پېت. 1:13.
□12:38 «ئەگەر خوجايىن ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى جېسەكتە كەلسىمۇ، چاكارلىرىنىڭ شۇنداق ئويغاقلىقىنى كۆرسە، بۇ ئۇلارنىڭ بەختىدۇر!» ــ يەھۇدىيلار كېچە ۋاقتىنى ھېسابلىغاندا ئۈچ جېسەك، رىملىقلار بولسا تۆت جېسەك دەپ ھېسابلايتتى.
■12:38 مات. 24:42.
□12:39 «ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىدە قايسى ۋاقىتتا كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۇ ئويغاق تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆيگە تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى!» ــ مۇقەددەس يازمىلاردىكى كۆپ يەرلەردە پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ «ئوغرىدەك» (كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا) كېلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.
■12:39 مات. 24:43؛ 1تېس. 5:2؛ 2پېت. 3:10؛ ۋەھ. 3:3؛ 16:15.
■12:40 مات. 24:44؛ 25:13؛ مار. 13:33؛ لۇقا 21:34؛ 1تېس. 5:6.
□12:42 «خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە...» ــ «ئۆيدىكىلەر» مۇشۇ يەردە ئۆيدىكى خىزمەتكارلار ۋە چاكارلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ مۇشۇ يەردە كۆچمە مەنىسى خۇداغا تەۋەدىكىلەر، يەنى بارلىق ئىشەنگۈچىلەر دېگەنلىكتۇر. «خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان ئاشلىقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلەيدىغان ئىشەنچلىك ۋە پەملىك غوجىدار كىم بولىدۇ؟» ــ شۈبھىسىزكى، رەب بۇ تەمسىلنى ھەممىدىن ئاۋۋال پېترۇسنىڭ ئۆز-ئۆزىگە تەتبىقلىشىنى خالىدى، ئاندىن قالغان روسۇللار، ئاندىن خۇدانىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىغا قارىتىپ ئېيتقان.
■12:42 مات. 24:45؛ 25:21؛ 1كور. 4:2.
■12:47 ياق. 4:17.
□12:50 «مەن ئالدى بىلەن بىر چۆمۈلدۈرۈش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشۈم كېرەك ۋە بۇ چۈمۈلدۈرۈلۈشۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە ئىنتايىن قىينىلىمەن!» ــ بۇ ئايەتتىكى «چۆمۈلدۈرۈش» شۈبھىسىزكى ئۇنىڭ ئۆلۈمىدۇر. بۇ توغرۇلۇق «ئەفەسۇسلۇقلارغا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. مۇشۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن كېيىن مۇقەددەس روھنىڭ ئوتى يەر يۈزىدە تۇتۇشتۇرۇلىدۇ. «روس.» 2-بابنى كۆرۈڭ!
■12:50 مات. 20:22؛ مار. 10:38؛ ئەف. 4:5
■12:51 مات. 10:34.
■12:53 مىك. 7:6
■12:57 مات. 5:25-26
□12:59 «ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە» ــ «تىيىن» گرېك تىلىدا «لەپتون» ــ پۇلنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى، شۇ دەۋردىكى بىر ئىشچىنىڭ كۈنلۈك ھەققى بولغان «دىنارىئۇس»نىڭ 1/128 قىسمى ئىدى. «دەۋاگىرىڭ بىلەن بىرگە سوتچى ئالدىغا بارغىنىڭدا، ئۇنىڭ بىلەن يولدا كېتىۋاتقىنىڭدا، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ دوست بولۇشقا ئىنتىلگىن؛ .. بولمىسا... ... ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، شۇ يەردىن ھەرگىز چىقالمايسەن» ــ بۇ كۆپ ئەھۋاللىرىمىزغا ماس كېلىدىغان ئىنتايىن ئەمەلىي نەسىھەت، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ يەردە بەلكىم تەمسىل بولۇشى مۇمكىن؛ چۈنكى مەسىھنىڭ سۆزلىرىدە «ئەگەر... بولسا» دېگەن سۆز يوق. دېمەك، ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە ئەرزى بار ئىدى؛ بۇ ئەرز قىلغۇچى بولسا بەلكىم خۇدا ئۆزىدۇر. ھازىر «ياراشتۇرۇلۇپ دوست بولۇش»نىڭ توۋا قىلىش پۇرسىتى بولسىمۇ، ھەرھالدا ۋاقتى چەكلىكتۇر. تۆۋەندىكى 13-بابنىمۇ كۆرۈڭ.