«گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە رەزىللىككە ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟» ــ شەرھىمىزچە، بۇ جۈملىدىكى «رەزىللىك» مۇشۇ پۈتكۈل دۇنيادىكى رەزىللىكنى كۆرسىتىدۇ؛ خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە بارلىق تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەردە ھەمدەرد بولىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن تەڭ (ئۇلاردىن ئارتۇقراق، ئەلۋەتتە!) مۇشۇ دۇنيادىكى رەزىللىككە سەۋر-تاقەت قىلىدۇ. خۇدانىڭ رەزىللىككە كۆرسەتكەن ۋە كۆرسىتىدىغان سەۋر-تاقىتىنىڭ پەقەت قىيامەت كۈنىگىچە بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. بۇ تېما ئۈستىدە «كول.» 24:1، «فىل.» 10:3، «ئەف.» 13:3نى ۋە بۇ يازمىلاردىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
بۇ ئىبارىنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرىدىن «ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى بەك كېچىكتۈرەرمۇ؟» دېگەنلەر بار. ■ ۋەھ. 6:10. 8 مەن سىلەرگە ئېيتايكى: ئۇ ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتىپ ناھايىتى تېزلا ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ! لېكىن ئىنسانئوغلى كەلگەندە يەر يۈزىدە ئىمان-ئىشەنچ تاپالامدۇ؟ ــ دېدى.□ «لېكىن ئىنسانئوغلى كەلگەندە يەر يۈزىدە ئىمان-ئىشەنچ تاپالامدۇ؟» ــ دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنى دۇئا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۇئالارغا ئىجابەت قىلىشقا تەييار تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا شۇنچە كۆپ ۋەدە قىلغان يەردە، نېمىشقا ئىمان-ئىشەنچ ئاز بولىدۇ؟ لېكىن دەرۋەقە ئاز بولۇشى مۇمكىن.
■18:1 رىم. 12:12؛ ئەف. 6:18؛ كول. 4:2؛ 1تېس. 5:17.
□18:7 «گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە رەزىللىككە ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟» ــ «دەردىگە يەتمەس» گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە يەنە «ھەققىنى بەرمەس» ياكى «ئادالەتنى يۈرگۈزمەس»نىمۇ بىلدۈرىدۇ. «گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە رەزىللىككە ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟» ــ شەرھىمىزچە، بۇ جۈملىدىكى «رەزىللىك» مۇشۇ پۈتكۈل دۇنيادىكى رەزىللىكنى كۆرسىتىدۇ؛ خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە بارلىق تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەردە ھەمدەرد بولىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن تەڭ (ئۇلاردىن ئارتۇقراق، ئەلۋەتتە!) مۇشۇ دۇنيادىكى رەزىللىككە سەۋر-تاقەت قىلىدۇ. خۇدانىڭ رەزىللىككە كۆرسەتكەن ۋە كۆرسىتىدىغان سەۋر-تاقىتىنىڭ پەقەت قىيامەت كۈنىگىچە بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. بۇ تېما ئۈستىدە «كول.» 24:1، «فىل.» 10:3، «ئەف.» 13:3نى ۋە بۇ يازمىلاردىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. بۇ ئىبارىنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرىدىن «ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى بەك كېچىكتۈرەرمۇ؟» دېگەنلەر بار.
■18:7 ۋەھ. 6:10.
□18:8 «لېكىن ئىنسانئوغلى كەلگەندە يەر يۈزىدە ئىمان-ئىشەنچ تاپالامدۇ؟» ــ دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنى دۇئا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۇئالارغا ئىجابەت قىلىشقا تەييار تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا شۇنچە كۆپ ۋەدە قىلغان يەردە، نېمىشقا ئىمان-ئىشەنچ ئاز بولىدۇ؟ لېكىن دەرۋەقە ئاز بولۇشى مۇمكىن.
■18:11 يەش. 1:15؛ 58:2؛ ۋەھ. 3:17،18.
□18:13 «ئەي خۇدا، مەن مۇشۇ گۇناھكارغا رەھىم قىلغايسەن!» ــ «مۇشۇ گۇناھكار» گرېك تىلىدا «دۇنيادا بىردىنبىر گۇناھكار» دېگەن مەنىنى پۇرىتىدۇ.
□18:14 «...باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ» ــ «كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ» گرېك تىلىدا «ھەققانىي قىلىنىپ» دېيىلىدۇ.
■18:14 ئايۇپ 22:29؛ پەند. 29:23؛ مات. 23:12؛ لۇقا 14:11؛ ياق. 4:6،10؛ 1پېت. 5:5.
■18:15 مات. 19:13؛ مار. 10:13.
■18:16 مات. 18:3؛ 19:14؛ 1كور. 14:20؛ 1پېت. 2:2.
□18:18 «مەلۇم بىر ھۆكۈمدار» ــ «ھۆكۈمدار» ــ رىم ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن يەھۇدىي «ھاكىم». «مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟» ــ گرېك تىلىدا «نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سۆز مەلۇم بىر ئىشنى بىرلا قېتىم قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
■18:18 مات. 19:16؛ مار. 10:17.
■18:20 مىس. 20:12-16؛ قان. 5:17-20؛ رىم. 13:9؛ ئەف. 6:2؛ كول. 3:20.
■18:22 مات. 6:19؛ 19:21؛ 1تىم. 6:19.
■18:24 پەند. 11:28؛ مات. 19:23؛ مار. 10:23.
■18:27 ئايۇپ 42:2؛ يەر. 32:17؛ زەك. 8:6؛ لۇقا 1:37.
■18:28 مات. 4:20؛ 19:27؛ مار. 10:28؛ لۇقا 5:11.
■18:29 قان. 33:9.
■18:30 ئايۇپ 42:12.
■18:31 زەب. 22؛ يەش. 53:7؛ مات. 16:21؛ 17:22؛ 20:17؛ مار. 8:31؛ 9:31؛ 10:32؛ لۇقا 9:22؛ 24:7.
□18:32 « ئىنسانئوغلى يات ئەللەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ» ــ «تاپشۇرۇلىدۇ» دېگەننىڭ «ساتقۇنلۇق قىلىنىدۇ» دېگەن ئىككىنچى مەنىسىمۇ بار.
■18:32 مات. 27:2؛ لۇقا 23:1؛ يـۇھ. 18:28؛ روس. 3:13.
□18:34 «بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇلاردىن يوشۇرۇلغان بولۇپ...» ــ كىمنىڭ تەرىپىدىن يوشۇرۇلغانلىق ئېيتىلمايدۇ. شەيتان تەرىپىدىنمۇ، ياكى خۇدا تەرىپىدىنمۇ؟ ياكى پەقەت ئۆز گاللىقى تەرىپىدىنمۇ؟ بۇ قېتىم سۆزنىڭ مەزمۇنى ئىلگىرىكى قېتىمدىكى سۆزلىرىگە ئوخشاش ئىدى (45:9). بىزنىڭچە يوشۇرغۇچى شەيتان، لېكىن خۇدا شەيتاننىڭ ئالدىشىغا يول قويۇشى بىلەن، ئۇلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى ئارقىلىق ئۆز شان-شەرىپىنى تېخىمۇ روشەن قىلماقچى بولدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.
□18:35 «يېرىخو شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا» ــ ماتتا بۇ ۋەقەنى بايان قىلغاندا («مات.» 29:20) «يېرىخودىن چىققاندا» دەيدى. ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتتا ئىككى «يېرىخو شەھىرى» بار ئىدى، خۇددى قەشقەردىكى «يېڭى شەھەر» ۋە «كونا شەھەر»لەردەك.
■18:35 مات. 20:29؛ مار. 10:46.
□18:38 «ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا،...» ــ «داۋۇتنىڭ ئوغلى» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ (پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرى بويىچە مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولاتتى).