□2:1 «ھېرود پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردە» ــ «ھېرود پادىشاھ» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز» ۋە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. «مانا بەزى دانىشمەنلەر مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ...» ــ «دانىشمەنلەر» ــ گرېك تىلىدا «ماگوي» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەسلىدە بۇ سۆز مۇنەججىملەرنى ياكى پىر-ئۇستازلارنى كۆرسىتەتتى؛ دانىيال پەيغەمبەر بابىلدا مۇنداق كىشىلەرگە «پىرلارنىڭ پىرى» بولۇپ يول كۆرسەتكەندىن كېيىن (تەۋرات، «دانىيال» دېگەن قىسىمنى كۆرۈڭ) «ماگوي»لارنىڭ كۆزقاراشلىرى ۋە ھېسابلىرى ئاساسەن خۇراپات بويىچە ئەمەس، بەلكى تەۋراتتىكى بېشارەتلەر بويىچە بولغان بولۇشى مۇمكىن. «مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ...» ــ يېرۇسالېم قەدىمكى ئىسرائىلنىڭ پايتەختى ئىدى.
■2:1 لۇقا 2:4.
□2:2 «چۈنكى بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق» ــ «ئۇنىڭ يۇلتۇزى» ــ دېمەك، «ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغان يۇلتۇزى». «بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق» ــ ياكى «بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنى شەرقتە كۆردۇق».
□2:4 «مەسىھ قەيەردە تۇغۇلۇشى كېرەك؟» ــ «مەسىھ» ــ پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان، خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان، ھامان بىر كۈنى كېلىپ ھەم نىجات كەلتۈرىدىغان ھەم كېيىن مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان قۇتقۇزغۇچى-پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
□2:5 «پەيغەمبەر ئارقىلىق شۇنداق پۈتۈلگەن...» ــ «پەيغەمبەر» مۇشۇ يەردە تەۋراتتىكى مىكاھ پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ («مىك.» 2:5).
■2:6 مىك. 5:1، 2؛ 1سام. 16:1؛ يـۇھ. 7:42.
□2:9 «ئۇلار شەرقتە كۆرگەن ھېلىقى يۇلتۇز» ــ ياكى «ئۇلار ئۇ كۆتۈرلگەندە كۆرگەن ھېلىقى يۇلتۇز».
□2:15 «پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان: «ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى» ــ تەۋرات، «ھوش.» 1:11.
■2:15 ھوش. 11:1.
□2:16 «ھېرود... ئەتراپىدىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۇزدى» ــ دېمەك، ئۇ تۇغۇلغان بالا كۆپ دېگەندە ئىككى ياشقا كىرگەن، دەپ ھېسابلىغانىدى.
□2:18 «راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار» ــ «راماھ يۇرتى» ياكى «راماھ شەھىرى» بەيت-لەھەمدىن يىراق ئەمەس. «راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار، ... بالىلىرىنىڭ يوق قىلىۋېتىلگىنى تۈپەيلىدىن، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ» ــ پۈتكۈل بېشارەت «يەر.» 15:31دە تېپىلىدۇ.
■2:18 يەر. 31:15
□2:23 «ئۇ ناسارەتلىك دەپ ئاتىلىدۇ» ــ بۇ مۇھىم بېشارەتلىك سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■2:23 يەش. 11:1؛ 60:21؛ زەك. 6:12.