35
لاۋىيلارنىڭ شەھەرلىرى
پەرۋەردىگار يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق ئەمر قىل، ئۇلار مىراس قىلىپ ئېرىشكەن زېمىندىكى بەزى شەھەرلەرنى لاۋىيلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا بەرسۇن؛ ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى يايلاقلارنىمۇ لاۋىيلارغا بەرسۇن. يە. 21‏:2 شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان شەھەرلىرى بولىدۇ ۋە شۇ شەھەرلەرگە تەۋە يايلاقلارغا ئۇلارنىڭ چارپايلىرى، باشقا مال-مۈلۈكلىرى ھەمدە بارلىق ھايۋانلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
سىلەر لاۋىيلارغا بېرىدىغان شەھەرلەردىكى يايلاقلار سېپىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا مىڭ گەز بولسۇن. «گەز» ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز»نى بەلكىم بىر «جەينەك» دېيىشكە توغرا كېلىدۇ ــ يەنى ئادەمنىڭ جەينىكىدىن بارماقلىرىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر). سىلەر يەنە شەھەر سىرتىدىن كۈن چىقىش تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، جەنۇب تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، كۈن پېتىش تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، شىمال تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز ئۆلچەڭلار، شەھەر ئوتتۇرىدا بولسۇن؛ شەھەرلەر ئەتراپىدىكى مۇشۇ يەرلەر ئۇلار ئۈچۈن يايلاقلار بولسۇن. «ئايەتنىڭ شەرھى» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئىككى مىڭ گەز» بەلكىم شۇ يايلاقلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، لاۋىيلارنىڭ ئۇلار تۇرىدىغان شەھەر ئەتراپىدا ئۇلارغا يايلىق قىلىپ ئايرىلغان تۆت پارچە يېرى بار ئىدى؛ ھەربىر پارچە يەر سېپىلغا يانداش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئىككى مىڭ گەز، كەڭلىكى بىر مىڭ گەز كېلەتتى. سىلەر لاۋىيلارغا بەرگەن شەھەرلەر ئىچىدە ئالتە شەھەر «پاناھلىق شەھىرى» بولسۇن؛ سىلەر شۇلارنى ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشىلەرنىڭ شۇ شەھەرلەرگە قېچىپ بېرىۋېلىشىغا بىكىتىڭلار؛ بۇلاردىن باشقا ئۇلارغا يەنە قىرىق ئىككى شەھەر بېرىڭلار. «چۈشەنچىسى» ــ تۆۋەندىكى 10-34-ئايەتلەردىكى قانۇننى كۆرۈڭ.   يە. 21‏:21 سىلەر لاۋىيلارغا بېرىدىغان شەھەرلەر جەمئىي قىرىق سەككىز بولۇپ، شۇ شەھەرلەر بىلەن ئۇلارغا تەۋە يايلاقلار ئۇلارغا بېرىلسۇن. سىلەر ئۇلارغا بېرىدىغان شۇ شەھەرلەر ئىسرائ‍ىللار مىراس قىلغان تەۋەلىكلەردىن بولسۇن؛ ئادىمى كۆپرەك بولغانلاردىن كۆپرەك، ئادىمى ئازراق بولغانلاردىن ئازراق ئېلىڭلار؛ ھەربىر قەبىلە ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان مىراسقا ئاساسەن شەھەرلەردىن بەزىلىرىنى ئېلىپ لاۋىيلارغا تەقسىم قىلىپ بەرسۇن. «پاناھلىق شەھەرلىرى» ــ لاۋىيلار يالغۇز بۇ شەھەرلەردە تۇرغان ئەمەس؛ بىراق بەلكىم ئۆزلىرى شۇ شەھەرلەردىن تۇرۇشقا خالىغان ئۆيلەرنى ئەتراپتىكى قەبىلىدىكىلەردىن ئاۋۋال تاللاش ھوقۇقى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، «ھاك.» 1:9دە «شەقەم» (لاۋىيلارنىڭ بىر شەھىرى)دە يەنە «ئابىمەلەك ۋە قېرىنداشلىرى» تۇراتتى.
 
پاناھلىق شەھىرلىرى •••• «قان.» 1:19-13؛ «يەشۇئا» 1:20-9نىمۇ كۆرۈڭ
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
10 سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كىرگىنىڭلاردا، قان. 19‏:2؛ يە. 20‏:2 11 تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن قېچىپ بېرىۋېلىشىغا بىرنەچچە شەھەر تاللاپ بېكىتىڭلار. 12 شۇنداق قىلغاندا بۇ شەھەرلەر ئادەم ئۆلتۈرگۈچى تاكى جامائەت ئالدىدا سوراققا تارتىلغۇچە، قىساسكارنىڭ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىدىن پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر بولىدۇ. «قىساسكار» ياكى «قىساس ئالغۇچى»» ــ (ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل») مۇشۇ يەردە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ يېقىن بىر تۇغقىنىنى كۆرسىتىدۇ. بىرسى باشقا بىرسىنى (مەيلى قەستەن ياكى قەستەن بولمىسۇن) ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىن بىرسى «قان قىساسى ئالىمەن» دېگەن بىر كىشى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ قېنىنى ئېلىش ھوقۇقى بار ئىدى. «پاناھلىق شەھەرلەر» دېگەن نىزام-تۈزۈم ئۆلتۈرۈش ئىشنىڭ قاتىللىق ياكى تاسادىپىيلىقتىن بولغانلىقىنى ئېنىقلاشقا يىتەرلىك ۋاقىت بولسۇن دېگەن مەقسەت بىلەن بېكىتىلگەن. «گوئېل» توغرۇلۇق يەنە «ئايۇپ» 25:19 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. 13 سىلەر بېكىتكەن بۇ شەھەرلەر سىلەرگە پاناھلىنىدىغان ئالتە شەھەر بولىدۇ. 14 پاناھلىق شەھىرى ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە ئۈچ شەھەر، قانائان زېمىنىدىمۇ ئۈچ شەھەرنى ئايرىپ قويۇڭلار. قان. 4‏:41؛ يە. 20‏:8 15 بۇ ئالتە شەھەر ئىسرائ‍ىللار، يات ئەلدىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارىلىشىپ ئولتۇرغان مۇساپىرلار ئۈچۈن پاناھلىق شەھەرلىرى بولسۇن؛ تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان ھەربىر كىشى شۇ يەرلەرگە قېچىشقا بولىدۇ.
16 — ئەگەر بىراۋ تۆمۈر ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. 17 ئەگەر بىراۋ قول كۆتۈرۈپ ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك تاش بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. 18 ئەگەر بىراۋ ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. 19 قان قىساس ئالغۇچى كىشى شۇ قاتىلنى ئۆلتۈرسۇن؛ ئۇ قاتىلنى ئۇچراتقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن. 20 ئەگەر بىراۋ ئۆچمەنلىك بىلەن بىرسىنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋېتىپ ياكى مۆكۈپ تۇرۇپ بىرەر نەرسە ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، قان. 19‏:11 21 ياكى ئۆچەكىشىپ مۇشت بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئادەم ئۇرغۇچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇ قاتىل بولىدۇ؛ قان قىساس ئالغۇچى كىشى قاتىلنى ئۇچرىغان يەردە ئۆلتۈرۈۋەتسۇن.
22 لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ ئۆچى يوق، تاسادىپىي ئىتتىرىۋېتىش ياكى مەقسەتسىزلا بىرەر نەرسە ئېتىپ، «مەقسەتسىزلا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مۆكۈنگەن ھالدا ئەمەس بولۇپ...». 23 ياكى ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك ھەرقانداق بىر تاشنى ئادەمنى كۆرمەي ئېتىپ سېلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىدە ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئۆچى بولمىسا، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىمۇ بولمىسا؛ 24 بۇنداق ئەھۋالدا، جامائەت شۇ قانۇن-ھۆكۈملەرگە ئاساسەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى بىلەن قان قىساس ئالغۇچى ئوتتۇرىسىدا كېسىم قىلسۇن. 25 جامائەت تاسادىپىي ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى قان قىساس ئالغۇچى كىشىنىڭ قولىدىن جەزمەن قۇتقۇزۇۋالسۇن؛ ئۇلار ئۇنى قېچىپ بېرىۋالغان پاناھلىق شەھىرىگە ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ بەرسۇن؛ ئاندىن مۇقەددەس ماي بىلەن مەسىھلەنگەن باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۇ شۇ شەھەردە تۇرسۇن. 26 لېكىن تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى ئەگەر قېچىپ بېرىۋالغان پاناھلىق شەھىرىنىڭ تەۋەسىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، 27 شۇنداقلا قان قىساس ئالغۇچى كىشى ئۇنى پاناھلىق شەھىرىنىڭ پاسىللىرىنىڭ سىرتىدا ئۇچرىتىپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، ئۇنداقتا قان قىساس ئالغۇچى قان تۆكۈش گۇناھىنى تارتمايدۇ؛ 28 چۈنكى تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى ئەسلىدە باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكۈچە پاناھلىق شەھىرىدە تۇرۇشى كېرەك ئىدى؛ باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆز تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا قايتىپ بارسا بولىدۇ.
29 — بۇلار سىلەر تۇرۇشلۇق ھەممە يەردە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قانۇن-بەلگىلىمىلەر بولسۇن.
30 باشقا بىرسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بولسا، بىرنەچچە گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن كېيىن ئاندىن ئۆلتۈرۈشكە بولىدۇ؛ لېكىن پەقەت بىرلا گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا، ئۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈشنىڭ سەۋەبى بولمايدۇ. قان. 17‏:6؛ 19‏:15
31 ئۆلۈمگە لايىق گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە، يەنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ئۈچۈن سىلەر ھېچقانداق تۆلەم پۇلىنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭلار؛ ئۇنداق كىشى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. 32 شۇنىڭدەك پاناھلىق شەھەرگە قېچىپ بېرىۋالغان كىشى ئۈچۈن باش كاھىن ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئۆز يېرىگە قايتىپ كېلىۋېلىشىغا ھېچقانداق تۆلەم پۇلىنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭلار.
33 شۇنداق قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار تۇرغان زېمىننى بۇلغىغان بولمايسىلەر، چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ؛ زېمىندا تۆكۈلگەن قانغا دەل شۇ قاننى تۆككەن كىشىنىڭ ئۆز قېنىدىن باشقا ھېچقانداق كافارەت كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ. 34 ئۆزۈڭلار ئولتۇرغان زېمىننى، يەنى مەن ئۆزۈم ماكان قىلغان زېمىننى بۇلغىماڭلار؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئىسرائ‍ىللار ئارىسىدا ماكان تۇتقۇچىدۇرمەن.
 
 

35:2 يە. 21‏:2

35:4 «گەز» ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز»نى بەلكىم بىر «جەينەك» دېيىشكە توغرا كېلىدۇ ــ يەنى ئادەمنىڭ جەينىكىدىن بارماقلىرىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر).

35:5 «ئايەتنىڭ شەرھى» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئىككى مىڭ گەز» بەلكىم شۇ يايلاقلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، لاۋىيلارنىڭ ئۇلار تۇرىدىغان شەھەر ئەتراپىدا ئۇلارغا يايلىق قىلىپ ئايرىلغان تۆت پارچە يېرى بار ئىدى؛ ھەربىر پارچە يەر سېپىلغا يانداش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئىككى مىڭ گەز، كەڭلىكى بىر مىڭ گەز كېلەتتى.

35:6 «چۈشەنچىسى» ــ تۆۋەندىكى 10-34-ئايەتلەردىكى قانۇننى كۆرۈڭ.

35:6 يە. 21‏:21

35:8 «پاناھلىق شەھەرلىرى» ــ لاۋىيلار يالغۇز بۇ شەھەرلەردە تۇرغان ئەمەس؛ بىراق بەلكىم ئۆزلىرى شۇ شەھەرلەردىن تۇرۇشقا خالىغان ئۆيلەرنى ئەتراپتىكى قەبىلىدىكىلەردىن ئاۋۋال تاللاش ھوقۇقى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، «ھاك.» 1:9دە «شەقەم» (لاۋىيلارنىڭ بىر شەھىرى)دە يەنە «ئابىمەلەك ۋە قېرىنداشلىرى» تۇراتتى.

35:10 قان. 19‏:2؛ يە. 20‏:2

35:12 «قىساسكار» ياكى «قىساس ئالغۇچى»» ــ (ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل») مۇشۇ يەردە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ يېقىن بىر تۇغقىنىنى كۆرسىتىدۇ. بىرسى باشقا بىرسىنى (مەيلى قەستەن ياكى قەستەن بولمىسۇن) ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىن بىرسى «قان قىساسى ئالىمەن» دېگەن بىر كىشى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ قېنىنى ئېلىش ھوقۇقى بار ئىدى. «پاناھلىق شەھەرلەر» دېگەن نىزام-تۈزۈم ئۆلتۈرۈش ئىشنىڭ قاتىللىق ياكى تاسادىپىيلىقتىن بولغانلىقىنى ئېنىقلاشقا يىتەرلىك ۋاقىت بولسۇن دېگەن مەقسەت بىلەن بېكىتىلگەن. «گوئېل» توغرۇلۇق يەنە «ئايۇپ» 25:19 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.

35:14 قان. 4‏:41؛ يە. 20‏:8

35:20 قان. 19‏:11

35:22 «مەقسەتسىزلا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مۆكۈنگەن ھالدا ئەمەس بولۇپ...».

35:30 قان. 17‏:6؛ 19‏:15