9
دانالىقنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى، بۇزۇق خوتۇننىڭ سۆزلىرى
1 دانالىق ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىپ،
ئۇنىڭ يەتتە تۈۋرۈكىنى ئورناتتى.
2 ئۇ ماللىرىنى سويۇپ،
ئېسىل شارابلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ،
زىياپەت داستىخىنىنى يايدى؛
3 دېدەكلىرىنى مېھمان چاقىرىشقا ئەۋەتتى،
ئۆزى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا تۇرۇپ:■ پەند. 8:2
4 «ئى ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار، ــ دەپ چاقىرىۋاتىدۇ؛
نادانلارغا:
5 قېنى، نانلىرىمدىن ئېغىز تېگىپ،
مەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان شارابلاردىن ئىچىڭلار؛
6 نادانلار قاتارىدىن چىقىپ، ھاياتقا ئېرىشىڭلار،
يورۇقلۇق يولىدا مېڭىڭلار»، ــ دەۋاتىدۇ.
7 ھاكاۋۇرلارغا تەنبىھ بەرگۈچى ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ،
قەبىھلەرنى ئەيىبلىگۈچى ئۆزىگە داغ كەلتۈرىدۇ.
8 ھاكاۋۇرلارنى ئەيىبلىمە، چۈنكى ئۇ ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛
ھالبۇكى، دانا كىشىنى ئەيىبلىسەڭ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ.■ مات. 7:6
9 دانا ئادەمگە دەۋەت قىلساڭ، ئەقلى تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ؛
ھەققانىي ئادەمگە دۇرۇس يول كۆرسەتسەڭ،
بىلىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
10 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر،
مۇقەددەس بولغۇچىنى تونۇش يورۇقلۇقتۇر.■ ئايۇپ 28:28؛ زەب. 111:10؛ پەند. 1:7
11 مەن دانالىق سەندە بولسام، كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن،
ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپىيەر.■ پەند. 10:27
12 سەندە دانالىق بولسا، پايدىنى كۆرىدىغان ئۆزۈڭسەن،
دانالىقنى مازاق قىلساڭ زىيان تارتىدىغانمۇ ئۆزۈڭسەن.
13 نادان خوتۇن ئاغزى بىسەرەمجان، ئەقىلسىزدۇر،
ھېچنېمە بىلمەستۇر.■ پەند. 7:11
14 ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ،
شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا ئورۇن ئېلىپ،
15 ئۇدۇل ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا:
16 «كىمكى ساددا بولسا، بۇ يەرگە كەلسۇن!» ــ دەۋاتىدۇ،
ۋە ئەقىلسىزلەرنى:
17 «ئوغرىلىقچە ئىچكەن سۇ تاتلىق بولىدۇ،
ئوغرىلاپ يېگەن نان تەملىك بولىدۇ!» ــ دەپ چارقىۋاتىدۇ.■ پەند. 20:17
18 لېكىن چاقىرىلغۇچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە ياتقانلىقىدىن بىخەۋەردۇر،
ئۇنىڭ بۇرۇنقى مېھمانلىرىنىڭ ئاللىقاچان تەھتىسارانىڭ تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇ سەزمەس.□ «تەھتىسارانىڭ تەگلىرى» ــ «تەھتىسارا» (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول») ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان يەر. ■ پەند. 2:18