17
قۇربانلىق گۆشلىرىگە تولغان جېدەللىك ئۆيدىن،
بىر چىشلەم قۇرۇق نان يەپ، كۆڭۈل تىنچلىقتا بولغان ئەۋزەل. «قۇربانلىق گۆشلىرى» ــ ئىبرانىيلار ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئاتاپ سويغان بەزى قۇربانلىق گۆشلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆيىگە ئەكىلىپ يېيىشكە بولاتتى.   پەند. 15‏:17
خىزمەتكار چېۋەر بولسا، خوجىسىنىڭ نومۇستا قويغۇچى ئوغلىنى باشقۇرار؛
كەلگۈسىدە ئۇ خوجىنىڭ ئوغلى قاتارىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ مىراسنى تەقسىم قىلار.
ساپال قازان كۈمۈشنى تاۋلار، چاناق ئالتۇننى تاۋلار،
بىراق ئادەمنىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگار سىنار. پەند. 27‏:21؛ يەر. 17‏:10
قەبىھ كىشى يامان سۆزلەرگە ئىشىنەر؛
يالغانچى پىتنىچىلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالار.
مىسكىنلەرنى مەسخىرە قىلغۇچى، ئۆزىنى ياراتقۇچىنى ھاقارەتلىگۈچىدۇر؛
باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولغان كىشى جازاسىز قالماس. پەند. 14‏:31
قېرىلارنىڭ نەۋرىلىرى ئۇلارنىڭ تاجىدۇر؛
پەرزەنتلەرنىڭ پەخرى ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىدۇر.
ئەخمەق يارىشىق گەپ قىلسا ئۇنىڭغا ياراشماس؛
مۆتىۋەر يالغان سۆزلىسە ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياراشماس.
پارا ــ ئۇنى بەرگۈچىنىڭ نەزىرىدە ئېسىل بىر گۆھەردۇر؛
گويا ئۇنى نەگىلا ئىشلەتسە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغاندەك. «پارا ــ ...گويا ئۇنى نەگىلا ئىشلەتسە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغاندەك» ــ بۇ ئايەت ھەجۋىي، كىنايىلىك سۆز بولۇپ، ئومۇمىي ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەلۋەتتە، ئۇ بۇ ئىشنى تەرىپلىمەيدۇ.
باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بۇنى نەگىلا ئىشلەتسەم مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىمەن، دەيدۇ».
باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى يوپۇتۇپ كەچۈرگەن كىشى مېھىر-مۇھەببەتنى كۆزلەر؛
كونا خاماننى سورىغان كىشى يېقىن دوستلارنى دۈشمەن قىلار.
10 ئاقىلانىگە سىڭگەن بىر ئېغىز تەنبىھ،
ئەخمەققە ئۇرۇلغان يۈز دەررىدىن ئۈنۈملۈكتۇر.
11 يامانلار پەقەت ئاسىيلىقنى كۆزلەر؛
ئۇنى جازالاشقا رەھىمسىز بىر ئەلچى ئەۋەتىلەر.
12 ئەخمىقانە ئىش قىلىۋاتقان نادان كىشىگە ئۇچراپ قالغاندىن كۆرە،
بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا يولۇقۇپ قالغان ياخشى.
13 كىمكى ياخشىلىققا يامانلىق قىلسا،
ئىشىكىدىن بالايىقازا نېرى كەتمەس. قان. 32‏:35؛ پەند. 20‏:22؛ 24‏:29؛ رىم. 12‏:17؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 3‏:9
14 جېدەلنىڭ باشلىنىشى توسمىنى سۇ ئېلىپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ؛
شۇڭا جېدەل پارتلاشتىن ئاۋۋال تالاش-تارتىشتىن قول ئۈزگىن. پەند. 20‏:3
15 ياماننى ئاقلىغان،
ھەققانىيغا قارا چاپلىغان،
ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر. مىس. 23‏:7؛ پەند. 24‏:24؛ يەش. 5‏:23
16 ئەخمەقنىڭ كۆڭلى دانالىقنى ئەتىۋارلىمىسا،
قانداقمۇ ئۇنىڭ قولىدا دانالىقنى سېتىۋالغۇدەك پۇلى بولسۇن؟ «ئەخمەقنىڭ كۆڭلى دانالىقنى ئەتىۋارلىمىسا،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەقمەقنىڭ ھېچ كۆڭلى يوق تۇرسا،...»
17  ھەقىقىي دوست ھەردائىم ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتەر،
ھەقىقىي قېرىنداش يامان كۈنۈڭ ئۈچۈن ياردەمگە دۇنياغا كەلگەندۇر.
18 ئەقىلسىز كىشى قول بېرىپ،
يېقىنى ئۈچۈن كېپىل بولىدۇ.
19 جېدەلگە ئامراق گۇناھقا ئامراقتۇر؛
بوسۇغىنى ئېگىز قىلغان ھالاكەتنى ئىزدەر. «بوسۇغىنى ئېگىز قىلغان (كىشى)» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىسىنى ئېگىز قىلغان (كىشى)». بۇنداق ئادەم بەلكىم ئۆزىنىڭ باي ئىكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلماقچى بولىدۇ.   پەند. 16‏:18
20 نىيىتى بۇزۇلغان ياخشىلىق كۆرمەس؛
تىلىدا ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغۇچى بالاغا يولۇقار.
21 بالا ئەخمەق بولسا، ئاتا غەم-قايغۇغا پاتار؛
ھاماقەتنىڭ ئاتىسى خۇشاللىق كۆرمەس.
22 شاد كۆڭۈل شىپالىق دورىدەك تەنگە داۋادۇر؛
سۇنۇق روھ-دىل ئادەمنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتار. پەند. 15‏:13
23 چىرىك ئادەم يەڭ ئىچىدە پارىنى قوبۇل قىلار؛
ئۇ ئادالەتنىڭ يولىنى بۇرمىلار. «چىرىك ئادەم يەڭ ئىچىدە پارىنى قوبۇل قىلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «چىرىك ئادەم باغرىدا پارىنى قوبۇل قىلار...» ياكى «چىرىك ئادەم باغىردىن پارىنى ئالار...».
24 دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرار؛
بىراق ئەقىلسىزنىڭ كۆزى خىيالكەشلىك قىلىپ قۇتۇپتا يۈرەر. توپ. 2‏:14؛ 8‏:1
25 گالۋاڭ بالا ئاتىنى ئازابغا سالار؛
ئۇنى تۇغقۇچىنىڭمۇ دەردى بولار. پەند. 10‏:1؛ 15‏:20؛ 19‏:13
26 ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇشقا قەتئىي بولماس؛
ئەمىرلەرنى ئادالەتنى قوللىغىنى ئۈچۈن دۇمبالاشقا بولماس. «جەرىمانە قويۇش» ــ «جەرىمانە قويۇش»نىڭ «جازالاش» دېگەن ئومۇمىي مەنىسىمۇ بولۇشى مۇمكىن. «ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇشقا قەتئىي بولماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇشقا ياخشى ئەمەس».
27 بىلىمى بار كىشى كەم سۆزلۈك بولار؛
يورۇتۇلغان ئادەم قالتىس ئېغىر-بېسىق بولار. «قالتىس ئېغىر-بېسىق بولار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سالقىن روھى بار» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
28 ھەتتا ئەخمەقمۇ ئاز سۆزلىسە دانا ھېسابلىنار؛
تىلىنى تىزگىنلىگەن كىشى دانىشمەن سانىلار.
 
 

17:1 «قۇربانلىق گۆشلىرى» ــ ئىبرانىيلار ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئاتاپ سويغان بەزى قۇربانلىق گۆشلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆيىگە ئەكىلىپ يېيىشكە بولاتتى.

17:1 پەند. 15‏:17

17:3 پەند. 27‏:21؛ يەر. 17‏:10

17:5 پەند. 14‏:31

17:8 «پارا ــ ...گويا ئۇنى نەگىلا ئىشلەتسە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغاندەك» ــ بۇ ئايەت ھەجۋىي، كىنايىلىك سۆز بولۇپ، ئومۇمىي ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەلۋەتتە، ئۇ بۇ ئىشنى تەرىپلىمەيدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بۇنى نەگىلا ئىشلەتسەم مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىمەن، دەيدۇ».

17:13 قان. 32‏:35؛ پەند. 20‏:22؛ 24‏:29؛ رىم. 12‏:17؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 3‏:9

17:14 پەند. 20‏:3

17:15 مىس. 23‏:7؛ پەند. 24‏:24؛ يەش. 5‏:23

17:16 «ئەخمەقنىڭ كۆڭلى دانالىقنى ئەتىۋارلىمىسا،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەقمەقنىڭ ھېچ كۆڭلى يوق تۇرسا،...»

17:19 «بوسۇغىنى ئېگىز قىلغان (كىشى)» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىسىنى ئېگىز قىلغان (كىشى)». بۇنداق ئادەم بەلكىم ئۆزىنىڭ باي ئىكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلماقچى بولىدۇ.

17:19 پەند. 16‏:18

17:22 پەند. 15‏:13

17:23 «چىرىك ئادەم يەڭ ئىچىدە پارىنى قوبۇل قىلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «چىرىك ئادەم باغرىدا پارىنى قوبۇل قىلار...» ياكى «چىرىك ئادەم باغىردىن پارىنى ئالار...».

17:24 توپ. 2‏:14؛ 8‏:1

17:25 پەند. 10‏:1؛ 15‏:20؛ 19‏:13

17:26 «جەرىمانە قويۇش» ــ «جەرىمانە قويۇش»نىڭ «جازالاش» دېگەن ئومۇمىي مەنىسىمۇ بولۇشى مۇمكىن. «ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇشقا قەتئىي بولماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇشقا ياخشى ئەمەس».

17:27 «قالتىس ئېغىر-بېسىق بولار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سالقىن روھى بار» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.