19
1 پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان كەمبەغەل،
ھىيلىگەر سۆزلۈك ئەخمەقتىن ياخشىدۇر.
■ 2 يەنە، غەيرىتى بار كىشى بىلىمسىز بولسا بولماس؛
ئالدىراڭغۇ يولدىن چىقار.
□ 3 كىشىنىڭ ئەخمەقلىقى ئۆز يولىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتەر؛
شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ كۆڭلىدە پەرۋەردىگاردىن رەنجىپ ئاغرىنار.
■ 4 بايلىق دوستنى كۆپ قىلار؛
مىسكىنلەر بار دوستىدىنمۇ ئايرىلىپ قالار.
■ 5 يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛
يالغان ئېيتقۇچىمۇ جازادىن قۇتۇلالماس.
□ ■ 6 تولا ئادەم سېخىيدىن ئىلتىپات كۆزلەر؛
سوۋغات بېرىپ تۇرغۇچىغا ھەممە كىشى دوستتۇر.
□ 7 نامراتلاشقاندىن قېرىنداشلىرىمۇ زېرىكەر؛
ئۇنىڭ دوستلىرى تېخىمۇ يىراق قاچار؛
يالۋۇرۇپ قوغلىسىمۇ، ئۇلار تېپىلماس.
■ 8 پەم-پاراسەتكە ئېرىشكۈچى ئۆزىگە كۆيۈنەر؛
نۇرنى ساقلىغان كىشىنىڭ بەختى بولار.
9 يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛
يالغان ئېيتقۇچىمۇ ھالاك بولار.
□ 10 ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس؛
قۇلنىڭ ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس.
■ 11 دانىشمەنلىك ئىگىسىنى ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان قىلار؛
خاتالىقنى يوپۇتۇپ كەچۈرۈش ئۇنىڭ شۆھرىتىدۇر.
12 پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۇۋلىشىغا ئوخشاش دەھشەتلىك بولار؛
ئۇنىڭ شەپقىتى يۇمران ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەك شېرىندۇر.
■ 13 ئەخمەق ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالايىقازادۇر؛
ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ زارلاشلىرى توختىماي تېمىپ چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىنغا ئوخشاشتۇر.
■ 14 ئۆي بىلەن مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىلاردىن مىراستۇر؛
بىراق پەم-پاراسەتلىك خوتۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر.
■ 15 ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇغا غەرق قىلار؛
بىكار تەلەپ ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتار.
■ 16 پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىلغان كىشى ئۆز جېنىنى ساقلار؛
ئۆز يوللىرىدىن ھېزى بولمىغان كىشى ئۆلەر.
□ ■ 17 كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىق قىلغان،
پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەردۇر؛
ئۇنىڭ شەپقىتىنى پەرۋەردىگار قايتۇرار.
18 پەرزەنتىڭنىڭ تەربىيىنى قوبۇل قىلىشىغا ئۈمىدۋار بولۇپ،
ئۇنى جازالاپ تەربىيە بېرىپ تۇرغىن؛
لېكىن ئۇنى ئۆلگۈچە خار بولسۇن دېگۈچى بولما.
□ ■ 19 قەھرلىك كىشى جازا تارتار؛
ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولساڭ، قايتا-قايتا قۇتقۇزۇشۇڭ كېرەك.
20 نەسىھەتنى ئاڭلىغىن، تەربىيەنى قوبۇل قىلغىن،
ئۇنداق قىلغاندا كېيىنكى كۈنلىرىڭدە دانا بولىسەن.
21 كىشىنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن نىيەتلەر بار؛
ئاخىرىدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ دالالەت-ھىدايىتىدىن چىققان ئىش ئاقار.
■ 22 كىشىنىڭ يېقىملىقى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىندۇر؛
مىسكىن بولۇش يالغانچىلىقتىن ياخشىدۇر.
23 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش كىشىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرەر؛
ئۇ كىشى خاتىرجەم، توق ياشاپ، بالايىقازا چۈشۈرۈلۈشىدىن خالىي بولار.
■ 24 ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن،
غىزانى ئاغزىغا سېلىشقىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلار.
■ 25 ھاكاۋۇرغا قىلىنغان تاياق جازاسى ساددىغا قىلىنغان ئىبرەتتۇر؛
يورۇتۇلغان كىشىگە بېرىلگەن تەنبىھ،
ئۇنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلار.
■ 26 ئاتىسىنىڭ مېلىنى بۇلىغان،
ئانىسىنى ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقارغان،
رەسۋالىق، ئىزا-ئاھانەت قالدۇرغۇچى ئوغۇلدۇر.
27 ئى ئوغۇل، نەسىھەتكە قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇۋالساڭ،
ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشقىنىڭدۇر.
□ 28 پەسكەش گۇۋاھچى ئادالەتنى مازاق قىلغۇچىدۇر؛
يامان ئادەمنىڭ ئاغزى رەزىللىكنى يۇتار.
□ 29 ھاكاۋۇرلار ئۈچۈن جازالار تەيياردۇر،
ئەخمەقلەرنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرىدىغان قامچا تەيياردۇر.
□